ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، شىنجاڭچە روھنى ئەۋج ئالدۇرايلى

زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، شىنجاڭچە روھنى ئەۋج ئالدۇرايلى

2011-11-15 5:32     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ مەزمۇنى ۋە ئالاھىدىلىكى توغرىسىدا نيۇ رۇجى        زامانىۋى مەدەنىيەت دېگەن نېمە؟      بىز زامانىۋى مەدەنىيەتكە مۇنداق تەبىر بېرىمىز: زامانىۋى مەدەنىيەت كىشىلەر زامانىۋىلىشىشن....

زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ مەزمۇنى ۋە ئالاھىدىلىكى توغرىسىدا

نيۇ رۇجى

 

     زامانىۋى مەدەنىيەت دېگەن نېمە؟

     بىز زامانىۋى مەدەنىيەتكە مۇنداق تەبىر بېرىمىز: زامانىۋى مەدەنىيەت كىشىلەر زامانىۋىلىشىشنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپىگە ماسلاشتۇرغان مەدەنىيەتنى كۆرسىتىدۇ. زامانىۋى مەدەنىيەت بەرپا قىلىشنىڭ ۋەزىپىسى مەدەنىيەتنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.

     مەدەنىيەت روھى ئىجتىمائىي تەرەققىيات، ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولۇپ، مەدەنىيەت روھىنىڭ زامانىۋىلىشىش بويىچە شەكلىنى ئۆزگەرتىش دەرىجىسىنىڭ قانداق بولۇشى زامانىۋىلىشىشنىڭ تارىخىي مۇساپىسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. زامانىۋىلىشىش مەدەنىيەتنىڭ زامانىۋىلىشىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، مەدەنىيەتنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا ئادەمنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئاچقۇچ. ئاتالمىش ئادەمنىڭ زامانىۋىلىشىشى دېگەندە ماھىيەت جەھەتتە ھەر بىر كىشىنىڭ ‹‹زامانىۋى ئادەم›› بولۇش پەزىلىتىنى يېتىلدۈرۈشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ دېگەنلىك بىرىنچى، يېڭى شەيئىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، كونا قاراشنى ئۆزگەرتەلەيدىغان بولۇش؛ ئىككىنچى، زامانىۋى پەن – تېخنىكا بىلىملىرىنى ئۆگىنىش ۋە ئىگىلەشكە ماھىر بولۇش، يېڭىلىق يارىتىش روھى بولۇش؛ ئۈچىنچى، كۆڭلى – كۆكسى كەڭ، ئوچۇق – يورۇق بولۇش؛ تۆتىنچى، زامانىۋى تۈزۈم مەدەنىيىتى ۋە مەنىۋى مەدەنىيەتنى سەگەكلىك بىلەن قوبۇل قىلالايدىغان ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلالايدىغان بولۇشنى كۆرسىتىدۇ. زامانىۋى ئادەمدە بولۇشقا تېگىشلىك يۇقىرىقى پەزىلەتلەر دەل زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ ھەقىقىي مەزمۇنى ھېسابلىنىدۇ.

 

زامانىۋى مەدەنىيەت ئارقىلىق يېتەكلەشنى ئىلگىرى

سۈرۈشنىڭ ئەمەلىي يولى

 

     بىزنىڭ قارىشىمىزچە، زامانىۋى مەدەنىيەت ئارقىلىق يېتەكلەش زامانىۋى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئاممىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكلەپ، ئاممىۋى مەدەنىيەتنى ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭدۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق مەدەنىيەتنىڭ تەدرىجىي زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. مەدەنىيەتنىڭ زامانىۋىلىشىشى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ بىر قىسمىنىڭ چېكىنىپ چىقىشى ياكى يوقىلىشى، بىر قىسمىنىڭ ئىنكار قىلىنىشى ياكى شەكلىنى ئۆزگەرتىشى، بىر قىسمىنىڭ ۋارىسلىق قىلىنىشى ياكى راۋاجلىنىشىدىن ئىبارەت.

     مەدەنىيەتنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا، مەدەنىيەت تۇرمۇشىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى قۇرۇلۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، مەدەنىيەت مەزمۇنىنىڭ زامانىۋىلىشىشى ۋە مەدەنىيەت رىقابىتىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مەدەنىيەت تۇرمۇشىنىڭ زامانىۋىلىشىشى جەھەتتە مەدەنىيەت قارىشى، مەدەنىيەت بىلەن تەمىنلەش ۋە مەدەنىيەت ئىستېمالىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مەدەنىيەت بىلەن تەمىنلەشنىڭ زامانىۋىلىشىشى جەھەتتە: بىرىنچى، مەدەنىيەت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيەت بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئاساسىنى پۇختا سېلىش كېرەك. ئىككىنچى، مەدەنىيەت تارقىتىشنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، مەسىلەن: ئاممىۋى مەدەنىيەت ۋە مودا مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، مەدەنىيەت بىلەن تەمىنلەش يوللىرىنى كېڭەيتىش كېرەك. ئۈچىنچى، مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چېنىقىش سارايلىرىنى سېلىش، ساغلاملىققا دائىر لېكسىيە سۆزلەش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق، مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ تاللىنىشچانلىق ۋە قاتنىشىشچانلىق دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك. تۆتىنچى، مەدەنىيەت سىياسىتىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەدەنىيەت بىلەن تەمىنلەشنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. مەدەنىيەت ئىستېمالىنىڭ زامانىۋىلىشىشى جەھەتتە: بىرىنچى، مەدەنىيەت ئېھتىياجىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساغلام مەدەنىيەت ئىستېمال قارىشى تۇرغۇزۇش كېرەك. ئىككىنچى، مەدەنىيەت ئىستېمال ئەندىزىسىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيەت تۇرمۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. مەدەنىيەت مەزمۇنىنىڭ زامانىۋىلىشىشى ئاساسلىقى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش، مەدەنىيەت بەرپا قىلىش ۋە مەدەنىيەت ئالاقىسى قىلىش جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. مەدەنىيەت رىقابەت ئىقتىدارى مەدەنىيەت ئىختىساسلىقلىرى، مەدەنىيەت كەسپى ۋە مەدەنىيەت سودىسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى كۆرسىتىدۇ.

 

شىنجاڭچە روھنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىناق تەرەققىي

قىلىشنى ئىلگىرى سۈرەيلى

 دىلمۇرات ئۆمەر

 

     جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ شىنجاڭچە روھنى مۇجەسسەملىشىگە ئاساسەن، شىنجاڭدىكى قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى، تارىخى ۋە ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا، شىنجاڭچە روھ ۋە ئۇنىڭ مەنىسىنى تۆۋەندىكى سەككىز نۇقتىدىن يىغىنچاقلىدۇق.

     بىرىنچى، ۋەتەننى، شىنجاڭنى سۆيۈش، خالىس تۆھپە قوشۇش روھى

     شىنجاڭلىقلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى ئەزەلدىن قۇرۇق شوئار بولغان ئەمەس، تارىختىن بۇيانقى مەركىزىي ھۆكۈمەتنى ھىمايە قىلىشتىن تارتىپ، چەت ئەللىكلەرنىڭ خورلىشىغا ئورتاق قارشى تۇرغانغا قەدەر شىنجاڭلىقلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى نامايان بولدى. بۈگۈن بىز تىلغا ئېلىۋاتقان ‹‹ئېتىراپ قىلىش›› دەل ۋەتەننى ئېتىراپ قىلىشتۇر؛ بىز دەۋاتقان ‹‹باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆز ئارا ياردەم بېرىش، ئىناق ئۆتۈش››تىن ئىبارەت سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئالدىنقى شەرتى دەل ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىدۇر.

     ئىككىنچى، ۋەتەندىن مىننەتدار بولۇپ، جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇش روھى

     مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى شىنجاڭغا يەنە بىر قېتىم ياخشى پۇرسەت ئېلىپ كەلدى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۇرمۇشىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى. شىنجاڭ خەلقى مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى، ۋەتەنگە، جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇشنى بىلىدۇ.

     ئۈچىنچى، كەڭ قورساق، ئوچۇق – يورۇق بولۇش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش روھى

     شىنجاڭ يىپەك يولىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان، تارىختىن بۇيان ھەر قايسى تەرەپلەر مەدەنىيىتى بىرلەشكەن جاي بولۇپ كەلدى. شىنجاڭنىڭ تارىختىن بۇيان شەكىللەنگەن كۆپ مەنبەلىك ئالاھىدىلىكى تەبىئىيلا شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتە كەڭ قورساق، ئوچۇق – يورۇق بولۇش، بىر گەۋدە ئىچىدە كۆپ مەنبەلىك بولۇش روھىنى شەكىللەندۈردى. بۇنداق روھنىڭ تەسىرىدە، شىنجاڭلىقلار ئوچۇق – يورۇق ۋە ئۆگىنىشكە ھېرىسمەن بولۇشتەك پەزىلەتنى يېتىلدۈردى.

     تۆتىنچى، ئىشچان، باتۇر، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش روھى

     شىنجاڭنىڭ جۇغراپىيەلىك دائىرىسى ناھايىتى چوڭ بولسىمۇ، لېكىن ئىنسانلارنىڭ ياشىشىغا باپ كېلىدىغان جاي بىر قەدەر ئاز. چۆل – باياۋان، بوستانلىقتا ھاياتلىقنىڭ داۋاملىشىشى، شەرق بىلەن غەربنى تۇتاشتۇرىدىغان يىپەك يولى، ئىنسانىيەت مۆجىزىلىرىدىن بىرى بولغان كارىز سۈيى ئارقىلىق سۇغىرىش سىستېمىسى… مانا بۇلار شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىشچان، باتۇر، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، ئېگىلمەس – سۇنماس روھىنىڭ نامايەندىسىدۇر.

     بەشىنچى، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق – ئېجىل ئۆتۈش روھى

     مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى. ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەمەلىيىتىدىن ئۆتكەن ھەقىقىي تەسىراتتۇر. ئۇ، شىنجاڭدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ‹‹ئىتتىپاقلىق›› كاپالىتى بىلەن تەمىن ئەتتى.

     ئالتىنچى، ئۈمىدۋار، مەردانە بولۇش، تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەش روھى

     ئەجدادلىرىمىز ناچار مۇھىتتا ئارقىغا چېكىنمەي، مەيۈسلەنمەي، ناخشا – ئۇسسۇللىرى، يومۇرىستىك خاراكتېرى ئارقىلىق تۇرمۇشقا بولغان قىزغىن مۇھەببىتى، ھاياتقا بولغان مەدھىيەسىنى بايان قىلىپ كەلگەن، يۇمۇرىستىك، ئۈمىدۋار، خۇشخۇي بولۇش شىنجاڭلىقلارنىڭ قان – قېنىغا سېڭىپ كەتكەن، بۇنى جاھان ئەھلى ئېتىراپ قىلغان.

     يەتتىنچى، تەبىئەتنى سۆيۈش، ئىناقلىقنى قەدىرلەش روھى

     ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتۈش ئىدىيەسى شىنجاڭلىقلارغا يېڭىلىق تۇيۇلمايدۇ. شىنجاڭدا ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ياشاپ كەلگەن ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسىدە ‹‹تەبىئەتكە چوقۇنۇش››، ‹‹تەبىئەتنى سۆيۈش›› توغرىسىدا مەزمۇنلار خاتىرىلەنگەن.

     سەككىزىنچى، ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئورتاق ئالغا ئىلگىرىلەش روھى

بۈگۈنكى شىنجاڭدا قېرىنداش مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئورتاق تارىخىي ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلدى ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇردى، شىنجاڭنىڭ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى، شىنجاڭ جەمئىيىتىنىڭ ئالغا بېسىشى ۋە گۈللىنىشى ھەر مىللەت خەلق ئۆز ئارا ھۆرمەتلىشىپ، بىر – بىرىدىن ئۆگىنىش جەريانىدا ئەمەلگە ئاشقان.

 

زامانىۋى جەمئىيەت باشقۇرۇشتا زامانىۋى مەدەنىيەتنى

يېتەكچى قىلىش كېرەك

ئۆركەش خۇرمانبېك

 

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ‹‹زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىش››نى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئەمەلىيەتتە مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش ئۈچۈن يېتەكچى يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەرگەنلىك. بۇ، مەدەنىيەت ئارقىلىق تەرەققىيات ۋە مۇقىملىققا يېتەكچىلىق قىلىش ئىدىيەسىنىڭ شىنجاڭدا تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى. بۇ يېڭى، ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە ئىلغار ئىدىيە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىق، جەمئىيەت تەرەققىياتى، ھازىرقى زامان مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە ياخشىلاش قاتارلىق شىنجاڭنىڭ ئوبيېكتىپ ئەمەلىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلىگەنلىكىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يېڭى تارىخىي شارائىتتىكى يۈكسەك مەدەنىيەت ئاڭلىقلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى.

     ھازىرقى جەمئىيەت پۇقرالار جەمئىيىتى، ھۆكۈمەت پۇقرالار جەمئىيىتىنى باشقۇرۇشتا سىياسىي بىلەن قانۇننىڭ بىردەكلىكىنى تەكىتلىدى، زامانىۋى جەمئىيەت باشقۇرۇشتا ئومۇمىي خەلقنىڭ جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىدىكى بارلىق مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىشىنى تەلەپ قىلدى ھەم ئىقتىساد گۈللەنگەن، مەدەنىيەت راۋاجلانغان، تۈزۈملەر مەدەنىي بولغان جەمئىيەتنى ئورتاق بەرپا قىلىشتا، جەمئىيەتنىڭ ئادىل، ھەققانىي ۋە قانۇن – تۈزۈملەشكەن بولۇشىدىن ئىبارەت ئورتاق نىشانغا يېتىشتە زامانىۋى جەمئىيەت باشقۇرۇش ئىدىيەسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

     زامانىۋى جەمئىيەت باشقۇرۇش ئىدىيەسى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت، شۇنداقلا باشقا ئىجتىمائىي ئاساسىي گەۋدىلەرنىڭ قانۇن – نىزام، سىياسەت، ئەخلاق، قىممەت قارىشى قاتارلىق ئىجتىمائىي قائىدە سىستېمىسىنى تەتبىقلاش بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئوخشىمىغان ساھەلىرى ۋە ھەر قايسى ھالقىلارغا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىق مۇلازىمەت قىلىش، ماسلاشتۇرۇش، تەشكىللەش، نازارەت قىلىش جەريانى ۋە پائالىيىتى ھېسابلىنىدۇ، ئۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش ۋە ئېكولوگىيەلىك قۇرۇلۇش بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولۇپ، بارلىق جەمئىيەت ئەزالىرىنى باشقۇرىدۇ ۋە ئۇلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ. ئۇ زامانىۋى مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇپ، زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. زامانىۋى مەدەنىيەت ئۇسۇلىنى قوللانغاندا، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق، جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ خاتىرجەم بولىدۇ. بۇ، جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ رېئال تەلىپى. زامانىۋى جەمئىيەت باشقۇرۇش مەنىسىدىن ئېيتقاندا، ھۆكۈمەتنىڭ ئومۇمىي خەلقنىڭ پۇقرالىق ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پۇقرالار مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىش مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ ئىناق بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى.

 

شىنجاڭچە روھنى ئەۋج ئالدۇرۇش ۋە يېتىلدۈرۈش يولى

مۇرات غەنىيات

 

     شىنجاڭچە روھ جۇڭخۇا مىللەتلەر روھىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ۋە ئالاھىدە ئىپادىلىنىش شەكلى، ئۇ ھەم جۇڭخۇا مىللەتلەر روھىنىڭ ئومۇمىيلىقىنى نامايان قىلىدۇ، ھەم شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەدەنىيىتى ۋارىسلىقىنىڭ خاسلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا، شىنجاڭچە روھنى ئەۋج ئالدۇرۇش ۋە يېتىلدۈرۈشتە شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئومۇمىي پىلاننى يۈرگۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ.

     بىرىنچى، يېتەكچى ئىدىيەنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، شىنجاڭچە روھنى ئەۋج ئالدۇرۇش ۋە يېتىلدۈرۈشنى ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپە ئىچىدە پۇت تىرەپ تۇرغۇزۇپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەتنى كەسىپلەشتۈرۈش ئىستراتېگىيەلىك پىلانى ئىچىگە كىرگۈزۈپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك يېتىلدۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىش كېرەك.

     ھازىر ئېلىمىزدىكى 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتىدۇ، بۇ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلدى. ئەمما، شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ئۇزاققىچە تەرەققىي قىلىش – قىلالماسلىقىدىكى كۈچلۈك تايانچ كۈچ يەنىلا شىنجاڭلىقلارنىڭ ئۆزىدە. شىنجاڭچە روھنى ئەۋج ئالدۇرۇش ۋە يېتىلدۈرۈشتە قارىسىغا ئىش قىلىشقا بولمايدۇ، چوقۇم شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى تاماملاشقا ئاتلانغان ھازىرقى ئۇلۇغۋار ئىجتىمائىي ئەمەلىيىتىگە سىڭىپ كىرىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى ۋە خىزمىتىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، شىنجاڭچە روھنى ئەۋج ئالدۇرۇش ۋە يېتىلدۈرۈشنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا خۇشاللىق بىلەن تىلغا ئالىدىغان پاراڭ تېمىسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

     ئىككىنچى، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇش ئاساسىدا، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىنى تاماملاپ، شىنجاڭچە روھنى ئەۋج ئالدۇرۇش ۋە يېتىلدۈرۈشنى ئاساسىي نۇقتا، كەيپىيات ۋە سۇبيېكتىپ كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

     شىنجاڭچە روھنى ئەۋج ئالدۇرۇش ۋە يېتىلدۈرۈشتە، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ تارىخىي بايلىقىنى چوڭقۇر قېزىپ ۋە رەتلەپ، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر ھازىرغىچە ئېتىراپ قىلىپ كەلگەن ھەم پائال، ساغلام قىممەت بايلىقى بىلەن تەمىنلىيەلەيدىغان مىللىي مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، ‹‹قەدىمقىنى ھازىرقى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش››نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. شىنجاڭچە روھ بىلەن ئۆز ئارا جىپسىلىشىدىغان مەزمۇنلارنى رەتلەپ توپلام قىلىپ، قوش تىلدا كەڭ تەشۋىق قىلىش كېرەك. بۇنىڭدا ھەم شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بىر – بىرىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى چۈشەندۈرگىلى، ھەم شىنجاڭچە روھنىڭ شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ مەركەزلىك ئىنكاسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگىلى بولىدۇ. ئەمما، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن زامانىۋىلاشقان سانائەت جەمئىيىتى ئېھتىياجلىق بولغان زامانىۋى مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەك. زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن ئىجتىمائىيلاشقان ئىشلەپچىقىرىش، بازار ئىگىلىكى، زامانىۋى تېخنىكا ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈلگەن زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئارقىلىقلا، ئاندىن سانائەت جەمئىيىتى بىلەن ماسلاشقان بىلىم، ئىدىيە، ئۈنۈم، رىقابەت ۋە تۈزۈم قارىشىنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ.

     ئۈچىنچى، شىنجاڭنىڭ ‹‹ئالتە تارىخ›› تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنى ۋاسىتە قىلىپ، شىنجاڭچە روھنى شەكىللەندۈرىدىغان ئىدىيەۋى ئاساسنى تۇرغۇزۇش؛ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىسى، زامانىۋى ئاخبارات ۋاسىتىسى، ئىلغار تىپلار قاتارلىق تۈرلۈك ۋاسىتىلەرنىڭ شىنجاڭچە روھنى يېتىلدۈرۈشتىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

     «ئالتە تارىخ›› تەربىيەسى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىسى شىنجاڭنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، پەن – تېخنىكا قاتارلىق ساھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، مەزمۇنى ئىنتايىن مول، ئۇنىڭدا جانلىق، يېڭى شىنجاڭچە روھ مۇجەسسەملەنگەن ۋە نامايان قىلىنغان. ‹‹ئالتە تارىخ›› تەربىيە پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭچە روھنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى تۇرغۇزۇش كېرەك.

     تۆتىنچى، شىنجاڭچە روھنى ئەۋج ئالدۇرۇش ۋە يېتىلدۈرۈشنى ئومۇمىي خەلق تەربىيەسى قاتارىغا كىرگۈزۈپ، مەكتەپ تەربىيەسى، ئائىلە تەربىيەسى ۋە جەمئىيەت تەربىيەسى بىر گەۋدە قىلىنغان تەربىيە ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

     تەربىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش جەريانىدا، شىنجاڭچە روھ تەربىيەسىنىڭ شىنجاڭنىڭ تەربىيە خىزمىتىنىڭ ھەر بىر ھالقىسىدىكى جىپسىلىشىشىنى كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك، كۆپ قاتلاملىق شىنجاڭچە روھ تەربىيە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش ھەم شىنجاڭچە روھنى يېتىلدۈرۈشنى تەدرىجىي تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك.

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter