ئالىم بىز بلوگى

خەلقئارا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈنى

     9- دېكابىر ب د ت بىكىتكەن خەلقئارا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈنى. چىرىكلىك ئىقتىسادىي مەسىلە بۇلۇپلا قالماستىن، يەنە سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلە. ئۇ بىر دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقىغا ئېغىر تەھدىت شەكىللەندۈرىدۇ، شۇنداقلا جەمىيەتتە ئومۇميۈزلۈك چىرىتىش رولىنى ئوينايدىغان «يۇشۇرۇن ھەم ساقايماس كېسەل». چەىرىكلىشىش قىلمىشى قانۇن بۇيىچە ئىدارە قىلىشقا بۇزغۇنچىلىق قىلىپلا قالماي، ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنلۇقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە ھۆكۈمەتنىڭ ئىجرا قىلىش كۈچىنىمۇ ئاجىزلاشتۇرىۋىتىدۇ. چەرىكلىك يەنە مەبلەغ سېلىشنىڭ ئازىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەم تەشكىللىك جىنايەت ۋە تېرورلۇقنى مۇنبەت زىمىن بىلەن تەمىنلەيدۇ.

     2003- يىلى 31- ئۆتەبىر 58- نۆۋەتلىك ب د ت كېڭىشى «ب د ت نىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى» نى ماقۇللىغان. شۇ يىلى 9- دېكاربىردىن 11- دېكابىرغىچە ب د ت مېكسىكىنىڭ مېرىدا شەھرىدە خەلقئارا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش يۇقۇرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، «ب د ت نىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى» نى رەسمىي ئىمزالىغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ئەھدىنامىنىڭ ئىمزالانغانلىقىنى خاتىرلەش، خەلقئارا جەمىيەتنى چىرىكلىشىش مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بىرىش ۋە دىققەت قىلىشقا چاقىرىش ئۈچۈن، ب د ت ھەر يىلى 9- دېكابىرنى خەلقئارا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈنى قىلىپ بىكىتتى.

     2005- يىلى 14- دېكابىر «ب د ت نىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى» رەسمىي كۈچكە ئىگە بۇلۇپ، ب د ت تارىخىدىكى خەلقئارا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرۈشىگە يىتەكچىلىك قىلىدىغان تۈنجى قانۇن ھۆججىتىگە ئايلىنىپ، دۇنيا خەرەكتىرلىك چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرۈشى ھەم خەلقئارا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى قانۇنىي ئاساس ۋە كاپالەتكە ئىگە قىلدى. ھازىر دۇنيادىكى 140 نەچچە دۆلەت بۇ ئەھدىنامىگە ئىمزا قويدى. جوڭگۇ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومېتىتى 2005- يىلى 27- ئۆتەبىر بۇ ئەھدىنامىگە قاراپ چىقتى ھەم ئۇنى تەستىقلىدى.

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: خەلقئارا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈنى

<

تۆۋەندىكى يازمىلار تېخىمۇ ئىسىل

ۋاقىت: 2012-01-07
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: نام - ئاتالغۇلار
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: