ئالىم بىز بلوگى

تاشۋاي

             تاشۋاي 19- ئەسىردە ياشىغان ئاتاقلىق مۇزىكانت ۋە خەلق سەنئەتكارى. ئۇ 1864- يىلى قەشقەر كونا شەھەرنىڭ ئاللاكۇ يېزىسىدا نامرات ئەمگەكچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. كىچىك چېغىدىلا ئاتا-ئانىسىدىن يىتىم قېلىپ، ئاچ- يالىڭاچلىق ۋە موھتاجلىق ئىچىدە سەرگەردانلىق تۇرمۇشىنى كۆچۈرۈشكە مەجبۇر بولغان. لېكىن ئۇ تۇرمۇشىنىڭ ئېغىر بولۇشىغا قارىماي، سەنئەتكە بولغان ھەۋەس- ئىشتىياقىنى قىلچە بۇشاشتۇرمىغان. ئاتىسىدىن قالغان بىردىن- بىر مىراسى – راۋابنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ، تىرىشىپ خەلق ناخشا مۇزىكىلىرىنى ئۆگەنگەن . شۇ ئاساستا ”قادىر مەۋلان“، ”مۇناجات“، ”ئاشناجان“، ”يار مۇرادىغا يەتتى“، ”ئەجەم تەلقىسى“ قاتارلىق خەلق مۇزىكىلىرىنى پىششىق ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىجادى يوسۇندا رەتلەپ چىققان.

              تاشۋاي ئۆز ھاياتىدا تۇرمۇش يولى ئىزلەپ، ئەنجان قاتارلىق جايلارغا بارغان. لېكىن ئۆز ۋەتىنىگە بولغان چوڭقۇر ئىشتىياقى ئۇنى يەنە كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئانا يۇرتىغا ئېلىپ كەلگەن. جامائەت يىغىلغان سورۇنلاردا راۋاب چېلىپ، ناخشا ئۇقۇپ جاپاكەش خەلقنىڭ يۈرەك دەردىگە مەلھەم بەرگەن. جاھىل، مۇتەئەسسىپ كۈچلەرنىڭ زىيانكەشلىكى بىلەن زىندانغا چۈشۈپ، بىر مەزگىل مەھبۇسلۇق تۇرمۇشىنى باشتىن كەچۈرگەن.

              تاشۋاي ئەنە شۇ ئېچىنىشلىق ھايات سەرگۈزەشتىللىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، ”كاۋابى سەھرا“، گۇندىپايⅠ“، ”گۇندىپايⅡ“، ”تاشۋاي“ قاتارلىق نادىر مۇزىكىلارنى ئىجاد قىلغان. بولۇپمۇ ”تاشۋاي“ مۇزىكىسىدا ئۆزىنىڭ ۋە ئۆزىگە ئوخشاش مىليونلىغان ئەمگەكچى خەلقنىڭ پاجىئەلىك كەچۈرمىشلىرى، ئەركىنلىككە بولغان تەلپۈنۈشلىرىنى مۇكەممەل ۋەقەلىك ئاساسى بىلەن ئوبرازلاشتۇرۇپ ئىپادىلىگەن. ”تاشۋاي“ مۇزىكىسى دۇنياغا كېلىپلا خەلق ئارىسىغا كەڭ تارقىلىش بىلەن ئىنتايىن زور تەسىر قوزغىغان.

             تاشۋاي يېڭىدىن – يېڭى ئاھاڭلارنى ئىجاد قىلىپ ۋە ئۇنى تاكامۇللاشتۇرۇش، خەلق ئاممىسىنىڭ يۈكسەك ئىززەت-ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن كۈنلەردە، ھەسەتخور رەقىبلەر ئۇنى كۆزدىن يۇقۇتىش قەستىگە چۈشىدۇ. قەشقەردە تۇرۇشلۇق مانجۇ ئەمەلدارىنىڭ قول چومىقى، لۈكچەكلەر شايكىسىنىڭ باشلىقى جۈمەك «ھەزرەت سەيلەسى » كۈنى «شەربەت كۆل» نىڭ بۇيىدا راۋاب چېلىپ ئولتۇرغان تاشۋاينىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭ راۋابىنى تارتىۋالىدۇ ۋە ‹غۇجاكاڭغا گەپ ياندۇرغۇچى بولدۇڭمۇ؟› دەپ تاشۋاينى ئۇرۇپ-تېپىشكە باشلايدۇ. بۇ زورلۇققا چىداپ تۇرالمىغان تاماشىچىلار تاشۋايغا بولۇشۇپ ، چىرىكلەر بىلەن تۇتۇشۇپ قالىدۇ. شۇ ئارىدا چېرىكلەر توپى كۆپىيىپ، ‹ئۇر-چاپ› باشلىنىدۇ. تاشۋاينىڭ باش-كۈزى قانغا بويىلىدۇ. بىر قانچە دوستلىرى ئۇنى ھوشسىز ھالەتتە ھارۋىغا سېلىپ ئۇ يەردىن ئېلىپ كېتىدۇ. تاشۋاي ئاستا-ئاستا ھوشىغا كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن لۈكچەكلەرنىڭ تۆمۈر چومىقى تاشۋاينىڭ مېڭىسىگە قاتتىق تەگكەنلىكى ئۈچۈن كېسىلى ئېغىرلىشىپ ئورنىدىن قايتا تۇرالمايدۇ. ئۇ شۇ ياتقىنىچە مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كېتىدۇ.

               خەلق ئارىسىدىن يېتىشكەن زور تالانت ئىگىسى تاشۋاي- تېخى ئون گۈلىنىڭ بىرى ئېچىلماي تۇرۇپ، 1898- يىلى 34 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. خەلق بۇ سۆيۈملۈك سەنئەتكارىنى قايغۇ ئىچىدە دەپنە قىلىشقان. راۋاب ھەۋەسكارلىرى بىر يىلغىچە تاشۋاينىڭ قەبرىسىدە ئىستىقامەت قىلىپ، نەزىر- چىراغ بېرىشكەن. تاشۋاينىڭ ئىجاد قىلغان مۇزىكىلىرى تا ھازىرغىچە خەلق ئارىسىدا كەڭ ئومۇملاشقان نادىر مۇزىكىلار قاتارىدا چېلىنىپ، قىممەتلىك مىراس سۈپىتىدە ساقلىنىپ كەلمەكتە.

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: تاشۋاي

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-04-08
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: شەخىسلەر ھاياتى
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: