ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت >> سىياسىي- نەزەرىيە >> تەپسىلاتى

سىياسىدىن قىسقىچە ساۋات

1. سىياسىي

           سىياسى بىر خىل تارىخىي ھادىسە. سىاسى دېگەن ئۇقۇمنىڭ سىنىپىي ۋە تارىخىي كاتېگورىيىسى بار، سىنىپىيلىك ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم، ئەڭ بىۋاستە مۇئەييەنلىكى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ. سىياسىي ئۈستىقۇرۇلمىغا مەنسۇپ. ئۇ ئىقتىسادنىڭ مەركەزلەشكەن ئىپادىسى بۇلۇپ، ئۈستىقۇرۇلمىدا يىتەكچى ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. دۆلەت ھاكىمىيەت ئورگانلىرى سىياسىنىڭ ئەڭ تۈپ مەزمۇنى، سىياسىي يەنە ھەرقايسى سىنىپلارنىڭ ئۆز مەنپەتى ئۈچۈن قىلغان پائالىيەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سىياسىي يەنە دۆلەت ھاكىمىيىتى مەسىلىسىنى تېما قىلىپ، ھەرقايسى سىنىپلارنىڭ سىياسىي مۇناسىۋىتىنى ھەل قىلىشتىكى نەزىرىيە ۋە ئىدىيە سېستىمىسىنى ئىپادىلەيدۇ.

2. سىياسەت

          سىياسەت پارتىيە ياكى دۆلەتنىڭ مەلۇم تارىخى مەزگىلدىكى ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش ئۈچۈن تۈزۈپ چىققان ئىچكى – تاشقى ھەركەت پىرىنسىپى، تەدبىرلىرىنى كۆرسىتىدۇ. پۇرۇلتاريات پارتىيىسىنىڭ سىياسىتى پۇرۇلتاريات ئىنقىلاۋى ھەركىتىنىڭ ھەركەت قىبلىنامىسى بۇلۇپ، ئۇ نەزىرىيىنىڭ ئەمىلىيەتكە ئايلىنىشىدىكى بىې ھالقا ھىسابلىنىدۇ. سىياسى لۇشيەن سىياسەتنى بەلگۈلەيدۇ، سىياسەت سىياسىي ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.

3. سىياسىي قىياپەت

         سىياسىي قىياپەت شەخسنىڭ سىياسىي مەيدانى، نۇقتىئىنەزىرى، ھەركىتى گۇرۇھ  ۋە تەشكىلاتلارغا قاتنىشىش ئەھۋالى، سىياسىي مۇناسىۋەت ئەھۋالى ۋە تارىخىي ئومۇمىي ئەھۋالىنى كۆرسىتىدۇ. بىر ئادەمنىڭ سىياسى قىياپىتىگە ھۆكۈم قىلىشتا ئاساسلىقى ئۇنىڭ ئەمەلىيىتىنىڭ زادى قايسى سىنىپنىڭ مەنپەتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىغا قارىلىدۇ.

4. سىياسىي زىيانكەشلىك

          زىياسى زىيانكەشلىك ئەكسىيەتچى ھۆكۈمران سىنپلار ياكى ئەكسىيەتچى گۇرۇھلارنىڭ دۆلەت ماشىنىسىدىن پايدىلىنىپ، تۈرلۈك ۋاستىلەر ئارقىلىق ئىنقىلاۋى تەشكىلاتلار ۋە ئىنقىلاپچىلارغا، شۇنىڭدەك ئىلغار زاتلارغا سىياسى جەھەتتە يۈرگۈزگەن بېسىمى ۋە زىيانكەشلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ كىشىلەرنىڭ سىياسىي پىكىر قىلىش ھوقۇقى ۋە ھەركەت ھوقۇقىنى چەكلەش، تەھدىت سېلىش، قورقۇتۇش، قورشاپ ھۇجۇم قىلىش، تارتىپ چىقىرىپ كۈرەش قىلىش، ھەتتا چولغا ئېلىش، نەزەربەنت قىلىش ۋە قىرغىن قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.
【ئالدىنقى يازما】
【كىيىنكى يازما】

تورداشلا تېخى باھا يازمىدى ئىنكاس يىزىپ ئىزىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ

مەن قارىشىمنى دەپ باقاي: