ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت >> ئۇنىۋېرسال يازمىلار >> تەپسىلاتى

يۇرت–ماكانىمىزنى گۈزەل قىلىش ئۈچۈن كىتاب ئوقۇيلى

    لى داۋجۇڭ

     ھەممە يەر يېشىللىققا پۈركەنگەن ماي ئېيىدا شىنجاڭ 6 – نۆۋەتلىك ‹‹تەڭرىتاغ كىتاب ئوقۇش بايرىمى››نى كۈتۈۋالدى. ئاتاقلىق يازغۇچى ۋاڭ مېڭنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا بېيجىڭدىن مەخسۇس كېلىپ قاتنىشىپ، سېتىلىدىغان كىتابلارغا ئىمزا قويۇپ بېرىشى بۇ قېتىملىق كىتاب ئوقۇش بايرىمىنىڭ يارقىن نۇقتىسىغا ئايلاندى. جاپالىق يىللاردىكى كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى ئوڭۇشسىزلىق ئىچىدە داۋاملاشقان بولسىمۇ، بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن كىتاب يازغان بۇ مويسىپىت كىشىنى ‹‹ئاجايىپ كەڭ قورساق، مېھرىبان›› قىلىپ يېتىشتۈرگەن ئىدى.

     كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر بىر ئۆمۈر خۇشال ئۆتىدۇ. يازغۇچى ۋە پېداگوگ ئا لېي بېلەت سېتىش ئىشچىسى بولغان چاغلىرىدا كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرەتتى، ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن لۇ شۈننىڭ كىتابىنى ئازراق كۆرۈۋالسا، بىر كۈنلۈك چارچاشلىرىدىن ئەسەرمۇ قالمايتتى.

     كىتاب ئوقۇمايدىغان كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى مۇكەممەل بولمايدۇ. رۇسىيەنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى چېخوپ: ‹‹ئادەمدە ئۈچ مېڭە بولۇشى كېرەك، بۇنىڭ بىرىنچىسى تۇغما بولىدۇ، ئىككىنچىسى كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق ئېرىشكەن بولىدۇ، ئۈچىنچىسى تۇرمۇشتىن ئېرىشكەن بولىدۇ›› دېگەنىدى. كىتاب ئوقۇمايدىغان كىشىلەر ۋاسىتىلىك تەجرىبىگە ئېرىشىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ.

     كىتاب ئوقۇيدىغان كىشى ھەر ۋاقىت ئالغا باسىدۇ، كىتاب ئوقۇش كىشىگە ئۆزىنىڭ بىلىش جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكىنى تونۇتىدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇ كىتاب ئوقۇش ۋە ئوقۇغاننى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش جەھەتتە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئېرىشەلەيدۇ. كىتاب ئوقۇيدىغان كىشى دائىم ئۆتكەن كۈنلەردىكى نادانلىقىنى بىلىپ تۇرىدۇ، تارىخنى بىلىش كىشىنى ئاقىلانە قىلسا، شېئىر ئوقۇش كىشىنى ئەقىللىق قىلىدۇ، كىتابتىكى بىلىملەر كۈندە كىتاب ئوقۇغۇچىغا خاراكتېر ئاتا قىلىدۇ.

     كىتاب ئىنسانلارنىڭ ئىلگىرىلىشىدىكى پەلەمپەي. ئىنسانلارنىڭ كائىناتنىڭ خوجايىنىغا ئايلىنالىشىنى ئۇلارنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى كىتاب شەكىلدە تارقىتىپ، داۋاملاشتۇرۇشى بەلگىلىگەن.

     ياخشى كىتابنىڭ جەڭگىۋار تەشكىلات قۇرۇپ، ئۇنى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىش قۇدرىتى بار. ‹‹كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى›› دەل مىڭلىغان – تۈمەنلىگەن كومپارتىيە ئەزاسىنىڭ غايىسى ۋە ئىشەنچىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، كىشىلەرنى ھاياجانغا سالغان.

     ياخشى كىتاب جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، كىشىلەرنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش مىزانىغا ئايلانغان. ‹‹مۇھاكىمە ۋە بايان›› جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئېسىل خىسلىتىنى داۋاملىق ساقلىشىغا تۈرتكە بولغان.

     كىتاب ئوقۇش قۇرامىغا يەتكەنلەرنى ۋىجدانلىق بولۇشقا، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى غايىسىنى قاناتلاندۇرۇشقا ئۈندەيدۇ.

     جاھاندارچىلىقتا ئۆگىنىشنى، ئۆگىنىشتە كىتاب ئوقۇشنى ئاساس قىلىش كېرەك. ياشلار ياخشى كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەندىن سىرت، قۇرامىغا يەتكەنلەرمۇ ياخشى كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.

     «تەڭرىتاغ كىتاب ئوقۇش بايرىمى›› تېپىلغۇسىز ياخشى پۇرسەت، مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى – شىمالىدا كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى ئارقىلىق يۇرت – ماكانىمىزنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقايلى!

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.
【ئالدىنقى يازما】
【كىيىنكى يازما】

2 نەپەر تورداش باھا يازدى ئىنكاس يىزىپ ئىزىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ

  1. مىللەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى-شۇ مىللەتنىڭ پەن-تېخنىكىسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.كىتاپ شۇ پەن-تېخنىكىنى ئۆگۈتىدىغان يەنە بىر مەكتەپ.

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

  2. كىتاب ئوقۇش ياخشى ئىش، ياخشى كىتاب ئوقۇش تېخىمۇ ياخشى ئىش.
    لېكىن، كىتابنى سىز ئوقۇماي، كىتاب سىزنى ئوقۇپ سېلىشتىن خۇدا ساقلىسۇن.

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

جاۋاب بىرىپ قوياي ھونزادە