ئالىم بىز بلوگى

جوڭگۇ سوۋېت ئىتتىپاقىغا نىمە ئۈچۈن قەرز بۇلۇپ قالغان؟

    

     ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىنىڭ باشلىرىدا جوڭگۇ بىلەن سوۋت ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋىتى يامانلاشقان ۋە قەھەتچىلىك كۆرۈلگەندىن كېيىن، دۆلىتىمىزدە كادىرلار تەشۋىق قىلىش ۋە ئامما ئارىسىدا تارقىلىش شەكلىدە «جوڭگۇ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە يارىدەم بىرىشتە سوۋېتكە قەرز بۇلۇپ قالغانلىقتىن، ھازىر سوۋېت شيۇجېڭجۇيىچىلىرى قەرز سۈيلەپ ئاچارچىلىق پەيدا قىلدى» دەيدىغان گەپلەر تارقىلىپ، نۇرغۇن كىشىلەردە خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلدى.

     ئەمما جوڭگۇ ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشكارا ھۆججەتلىرى ۋە جوڭگۇ – سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ «ئەلەم كۆرۈشى» ۋاقتىدىكى ماقالە، ئاشكارا خاتىرىلەرنى ۋاراقلايدىغان بولساق، بۇلاردا قەرز سۈيلەشتىن ئىبارەت بۇ ئىش ئەزەلدىن تىلغا ئېلىنىپ باقمىغان. ئىسلاھات – ئېچىۋىتىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، دۆلەت ئېلان قىلغان ئىقتىساد توغرىسىدىكى سىتاتىستىكا سانلىق مەلۇماتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان بولساق، ئەينى يىللاردا جوڭگۇنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قەرز بولغان پۇل سوممىسىنىڭ ئانچە كۆپ ئەمەسلىكىنى، ئۈچ يىللىق قىيىنچىلىق ۋاقتىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جوڭگۇنىڭ قەرز قايتۇرۇش ۋاقتىنى كىچىكتۈرسە بۇلىدىغانلىقىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوتتۇرغا قويغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز.

 

جوڭگۇ سوۋېت ئىتتىپاقىغا زادى قانچىلىك

 قەرز بۇلۇپ قالغان؟

 

     1949- يىلى 12- ئايدا ماۋزېدوڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدا زىيارەتتە بولغاندا سىتالىن بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تۈنجى تۇركۈمدە جوڭگۇغا 300 مىليۇن ئامېرىكا دوللىرىلىق قەرز بىرىشى توغرىسىدا كېلىشتى.

     1950- يىلى ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە يارىدەم بىرىش ئۇرۇشى باشلانغاندىن كېيىن، جوڭگۇ زور مىقداردىكى قورال – ياراقلارغا جىددىي ئىھتىياجلىق بولدى. سوۋېت ئىتتىپاقى قورال – ياراغ بىلەن تەمىنلەشكە قوشۇلغان بولسىمۇ، لېكىن چاۋشيەنگە يارىدەم بىرىشنى «ئورتاق ئۈستىگە ئېلىش» نامىدا جوڭگۇ – سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەننەرخ باھاسىنى يېرىمىدىن چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى.

     ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە يارىدەم بىرىش ئۇرۇشى مەزگىلىدە جوڭگۇ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قەرىزبولغان قورال – ياراق، ئوق – دورا قەرزى 3 مىليارد يۇەن خەلق پۇلىغا يەتتى. 1955- يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسى لۈشۈندىن چېكىنگەندە 980 مىليۇن يۇەن خەلق پۇلى قىممىتىدىكى قورال – ياراقنى تاپشۇرۇپ بەردى. جوڭگۇنىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە، سوۋېت ئىتتىپاقى ئېلىمىزگە يارىدەم بەرگەن «156 تۈر» ئىچىدە سانائەت ئەسلىھەلىرى قۇرلۇشى مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيتتى. بۇ تۈرلەرنىڭ ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرىگە مال سودىسى ئارقىلىق پۇل تۆلىنەتتى، ھەرگىزمۇ قەرز ئارقىلىق تۆلەنمەيتتى.

     1958- يىلى جوڭگۇدا «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش» باشلانغاندىن كېيىن، دۆلەت ئىچىدە قوشۇمچە يىمەكلىكلەر بىلەن تەمىنلەش قىس ۋە سېتىۋېلىش قىيىن بولغانلىقتىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا سودا توختامى بۇيىچە مال تاپشۇرالماي، 1959-، 1960- يىللىرى يەنە 2 مىليارد 500 مىليۇن روبلى قەرز بۇلۇپ قالدى. ئەينى يىلى مالىيەگە ئاساسلىق مەسئۇل بولغان مۇئاۋېن زوڭلى لى شيەننەن «1961- ۋە 1962- يىللىق دۆلەت راسچوتى توغرىسىدىكى دوكلات» تا كۆرسەتكەن سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 1950- يىلىدىن بۇيان ئېلىمىز سوۋېت ئىتتىپاقىغا قەرز بولغان پۇل ۋە تۆلەشكە تېگىشلىك ئۈسۈمنى خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 5 مىليارد 743 مىليۇن يۇەنگە يەتكەن.

 

ماۋزېدوڭ قەرزنى مۇددەتتىن بۇرۇن تۆلەشنى قارار قىلغان

 

     1959- يىلى جوڭگۇ – سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ئارىسىدا بىر قاتار تالاش – تارتىشلار بۇلۇپ، ئىككى پارتىيە ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت يامانلاشتى. 1960- يىلى 6- ئايدا جوڭگۇ- سوۋېت ئىتتىپاقى پارتىيە ۋەكىللىرى ئۆمۈكىدىكىلەر بۇ خارېستتىكى يىغىندا يەنە قاتتىق جىدەللىشىپ قالدى. خروششىۋ بېسىم ئىشىلتىش ئۈچۈن، شۇ يىلى 7- ئاينىڭ 16- كۈنى ھۆكۈمەت نامىدىن جوڭگۇغا جوڭگۇدىكى بارلىق مۇتىخەسىسلەرنى قايتۇرۇپ كىتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى ھەمدە توختامغا خىلاپلىق قىلىپ، نۇرغۇنلىغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە لازىملىق ئەسلىھەلەر بىلەن تەمىنلەشنى توختاتتى.

     سوۋېت ئىتتىپاقى جوڭگۇغا مۇتىخەسىسلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كىتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇش قىلغاندا، ج ك پ مەركىزىي كومېتىتى بېي دەيخېدا يىغىن ئېچىپ، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقنى قانداق ھەل قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىۋاتاتتى.

     خروششىۋ بېسىم ئىشلىتىۋاتقان ۋەزىيەتتە، يىغىن قاتناشچىلىرىدا بىر خىل جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، قەرزنى ئىنكان قەدەر تېزراق قايتۇرۇش كەيپىياتى شەكىللەندى. شۇنىڭ بىلەن بەزىلەر يىغىندا ئۆزىنى كۆرسىتىپ «كىلەر يىلىلا قەرزنى قايتۇرۇۋېتىمىز» دېسە، يەنە بەزىلەر «بىرلىكتە ۋەتەننى قۇتقۇزۇشقا ئاتلىنىپ، پۇلى بارلار پۇل، كۈچى بارلار كۈچ چىقىرىمىز» دېدى. ماۋزېدوڭمۇ قەتئىي تەلەپپۇزدا: كېلەر يىلى بۇ قەرزنى تۈگۈتىمىز دېدى ھەمدە شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۈتۈشتە باشلامچى بۇلۇش ئۈچۈن بىر قانچە ئاي گۆش يىمىدى.

 

سوۋېت ئىتتىپاقى قەرز قايتۇرۇش ۋاقتىنى بەش يىل

 كىچىكتۈرۈشكە قوشۇلغان

 

     1961- يىلىمۇ 1960- يىلىغا ئوخشاشلا جوڭگۇنىڭ ئىقتىسادى ئەڭ قىيىنچىلىقتا قالغان يىل ئىدى. شۇ يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا سوۋېت ئىتتىپاقى جوڭگۇغا قاراتقان دۆلەت مۇداپىيەسى ۋە ئىقتىساد جەھەتتىكى يارىدەمنى قىسمەن ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە باشلىدى. 1961- يىلى 2- ئايدا خروششىۋ جۇ ئېنلەيگە خەت يېزىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جوڭگۇنى تەمىنلىگەن ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ھەربىي ئىشلار يارىدىمى سۈپىتىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ ئىلغار مىكى – 21 تىپلىق كۈرەشچى ئايۇرۇپىلاننىڭ ئەۋرىشكىسى ۋە بارلىق تېخنىكىلىق ماتىرىياللار بىلەن تەمىنلەشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇ يىلى 2- ئاينىڭ 27- كۈنى خروششىۋ يەنە ماۋزېدوڭغا خەت يېزىپ جوڭگۇنى ئۆتنە بىرىپ تۇرۇش شەكلىدە بىر مىليۇن توننا ئاشلىق ۋە 500 مىڭ توننا كۇبا شىكىرى بىلەن تەمىنلەشنى خالايدىغانلىقىنى، 3- ئاي مەزگىلىدە سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى يەنە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودىدا جوڭگۇ قەرز بولغان بىر مىليارد روبلى تەتۈر پەرقنى بەش يىلغا بۆلۈپ قايتۇرسا بۇلىدىغانلىقىنى، ئۈسۈم ئالمايدىغانلىقىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوتتۇرغا قويدى. جوڭگۇمۇ بۇنى خۇشاللىق بىلەن قۇبۇل قىلدى.

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: جوڭگۇ سوۋېت ئىتتىپاقىغا نىمە ئۈچۈن قەرز بۇلۇپ قالغان؟

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-12-06
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: ۋەقە ۋە مۇلاھىزە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: