ئالىم بىز بلوگى

ئۆگىنىش ئىستىلىغا ئەھمىيەت بېرىش–پارتىيەمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى

مىجىت تۇرسۇن

 

     پارتىيەمىز قۇرۇلغان 90 يىلدىن بۇيان ئۆگىنىش ئىستىلى مەسىلىسىگە ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. چۈنكى ئۆگىنىش ئىستىلى پارتىيە ئىستىلى، سىياسىي ئىستىل ۋە كادىرلار ئىستىلىنىڭ مۇھىم گەۋدىلىنىشى. پارتىيەنىڭ ئۆگىنىش ئىستىلىنىڭ قانداقلىقى پارتىيەنىڭ سىياسەت، فاڭجېنلىرىنىڭ ئىزچىل ئىجرا قىلىنىش – قىلىنماسلىقىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا ئۆگىنىش ئىستىلىغا ئەھمىيەت بېرىش ئېلىمىزنىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنى كۈچلۈك ئىستىل كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

     پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيىدا ‹‹ئۆگىنىش تىپىدىكى پارتىيە، ئۆگىنىش تىپىدىكى دۆلەت، ئۆگىنىش تىپىدىكى جەمئىيەت بەرپا قىلىش›› ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئەگەر پارتىيە ئەزالىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بەرمەي، كونا قائىدىلەرگە ئېسىلىۋالسا، تەرەققىيات پۇرسىتىنى تۇتۇش ۋە تۈرلۈك خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشى تەسكە چۈشىدۇ. ئۆگىنىش ئىستىلى مەسىلىسى پارتىيە ئىستىلى ۋە جەمئىيەتنىڭ سىياسىي كەيپىياتىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.

     بىرىنچى، ئۆگىنىش ئىستىلى مەسىلىسى پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشىنىڭ ئىزچىل ئەمەلىيلىشىشىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك. 90 يىلدىن بۇيان ئېلىمىزدە ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جەريانىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەزەرىيەۋى مۇۋەپپەقىيەتلەر ماركسىزمنىڭ جۇڭگوچىلىشىشىدىكى ئەڭ يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەر بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. پارتىيەنىڭ نەزەرىيەۋى جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىشى كىشىلەرنى نەزەرىيە ئۆگىنىشكە يېتەكلەپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللاندۇرۇپ، ئىلمىي نەزەرىيەنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ، كومپارتىيە ئەزالىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ماركسىزملىق ئۆگىنىش ئىستىلىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇشىغا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى. كومپارتىيە ئەزالىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار پەقەت ئۆگىنىش ئىستىلىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ماركسىزمنىڭ جۇڭگوچىلىشىشىدىكى ئەڭ يېڭى نەزەرىيە مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئاساسىي مەزمۇن قىلىپ، نەزەرىيە ئۆگىنىش، نەزەرىيەنى قوللىنىش، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتەك ياخشى كەيپىيات شەكىللەندۈرگەندىلا، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئىشلار ۋە ئىقتىسادنىڭ ھەم تېز، ھەم ياخشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. ئەگەر جاپاغا چىداپ ئۆگىنىشتەك ياخشى ئىستىل بولمىسا، نەزەرىيەنىڭ ئەمەلىيەتكە بولغان يېتەكچىلىكى قۇرۇق گەپ بولۇپ قالىدۇ.

     ئىككىنچى، ئۆگىنىش ئىستىلى مەسىلىسى پارتىيەنىڭ ئوبرازى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك. نۆۋەتتە، كۆپ ساندىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۆگىنىش ئىستىلى ياخشى. ئەمما ئاز ساندىكى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۆگىنىش ئىستىلىدا ئۆگەنگىنىنى ئىشلەتمەسلىك، سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك بولماسلىق، كۆپتۈرمىچىلىك قىلىش قاتارلىق ئىللەتلەر ساقلانماقتا. شۇنى چوڭقۇر تونۇش كېرەككى، ئۆگىنىش ئىستىلىدىكى شەكىلۋازلىق مەسىلىسى ئىجتىمائىي ئىشلار ۋە ئىقتىسادنىڭ ھەم تېز، ھەم ياخشى تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولماقتا. بۇنداق دۇرۇس بولمىغان ئۆگىنىش ئىستىلى پارتىيەنىڭ ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. شۇڭا يېڭى ۋەزىيەتتە، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۆگىنىش ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئۆگىنىش ئىستىلى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە جىددىيلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك.

     نۆۋەتتە، پارتىيە ئەزالىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۆگىنىش ئىستىلىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشتىكى ئاچقۇچ – ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىپ، ئۆگەنگىنىنى ئىشلىتىپ، ئۆمۈرۋايەت ئۆگىنىش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى زىچ بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ماركسىزملىق ئۆگىنىش ئىستىلىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىشچان پارتىيە ۋە ئۆگىنىشچان جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە ئىلغارلىق ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن:

     (1) ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىش ئادىتى يېتىلدۈرۈش لازىم. يېڭى ئەسىر، يېڭى باسقۇچتا، پۇرسەت ۋە خىرىسلار تەڭلا مەۋجۇت. پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتا پارتىيە ئەزالىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار چوقۇم ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەرگە بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى لازىم. پارتىيە ئەزالىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار ئاڭلىق ھالدا ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىپ، ئۆگەنگىنىنى ئەمەلىيەتتە قوللانغاندىلا، ئۆگىنىشچان پارتىيە ۋە ئۆگىنىشچان جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ، خاتالىقلارنى تۈزىتەلەيدۇ.

     (2) پارتىيە ئەزالىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىللە، تەدبىقلاشقىمۇ ماھىر بولۇشى لازىم. بۈگۈنكى دەۋردە يېڭى شەيئى، يېڭى بىلىم ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىپ، كىشىلەردىن ئۆگىنىشنى ھەقىقىي كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلماقتا. شۇڭا پارتىيە ئەزالىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ياخشى ئۆگىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى ساپاسى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تۈپ يولى. ئۆگىنىشتىكى مەقسەت ئۇنى ئەمەلىيەتكە تەتبىقلاشتۇر.

     (3) شەكىلۋازلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇش لازىم. نۆۋەتتە، ماركسىزملىق ئۆگىنىش ئىستىلىنى كۈچەيتىپ، شەكىلۋازلىقتىن ئىبارەت ئۆگىنىش ئىستىلىغا قارشى تۇرۇشتا، پارتىيە ئەزالىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى زىچ بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ماركسىزملىق ئۆگىنىش ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇشتا باشلامچى بولۇشى لازىم. ئۆگىنىش ئىستىلى كۈچەيتىلمىسە، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولمايدۇ. شۇڭا پارتىيە ئەزالىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىپ، ئۆگەنگىنىنى ئىشلىتىپ، ئىلمىي تەرەققىيات نۇقتىئىنەزەرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ماركسىزملىق ئۆگىنىش ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇشى، ھەرگىز شەكىلۋازلىق قىلماسلىقى كېرەك.

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: ئۆگىنىش ئىستىلىغا ئەھمىيەت بېرىش–پارتىيەمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-10-18
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: سىياسىي- نەزەرىيە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: