ئالىم بىز بلوگى

مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرايلى

بۇھەجەر مۇھەممەد

 

             21- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى 20 يىلى ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلى، شۇنداقلا مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدۇر. شۇڭا بىز كۈچلۈك پۇرسەت ئېڭى ۋە تەرەققىيات ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، تەرەققىيات تەسەۋۋۇرىنى كېڭەيتىپ، مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپىنى يۈكسەلدۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

             بىرىنچى، جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، خەلقنىڭ ئاساسىي مەدەنىيەت ھوقۇق – مەنپەئىتىنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرۈشىمىز لازىم. جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرىدىكى مەدەنىيەت ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنى قاپلىغان مۇكەممەل جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسى ئورنىتىشنى تېزلىتىش – خەلقنىڭ ئاساسىي مەدەنىيەت ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداشتىكى ئاساسلىق يول. بۇنىڭدا ھۆكۈمەتنىڭ باشلامچىلىقىدا چىڭ تۇرۇپ، جامائەت پاراۋانلىقى مەدەنىيەت ئىشلىرىغا بولغان سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى جامائەت پاراۋانلىقى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا، مەبلەغ سېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، مۇلازىمەت يوللىرىنى كېڭەيتىپ، جامائەت مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش ۋە مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈشىمىز؛ ئاخبارات، نەشرىيات، رادىيو – كىنو – تېلېۋىزىيە، ئەدەبىيات – سەنئەت ئىشلىرىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم ئاخبارات، نەشرىيات ئورۇنلىرى بىلەن ئىجتىمائىي پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنى نۇقتىلىق قوللاپ، مىللىي خاسلىقنى گەۋدىلەندۈرىدىغان مەدەنىيەت تۈرلىرى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە مۇنەۋۋەر خەلق سەنئەتلىرىنى قوغداشنى كۈچەيتىشىمىز؛ شەھەر – يېزا، رايونلارنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەدەنىيەت تۈرلىرىنى ئېتىبار بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، رادىيو – تېلېۋىزىيەنى كەنتلەرگە يەتكۈزۈش، مەدەنىيەت ئۇچۇر بايلىقلىرىدىن ئورتاق پايدىلىنىش، يېزىلاردا كىنو قويۇش قاتارلىقجامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمەت قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكىلەرنىڭ، بولۇپمۇ دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىتاب ئوقۇشى، كىنو – تېلېۋىزور كۆرۈشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىمىز لازىم.

                ئىككىنچى، مەدەنىيەت كەسىپلىرىنى يېڭىدىن جايلاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ كۆپ قاتلاملىق، كۆپ تەرەپلىك، كۆپ خىل مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشىمىز لازىم. تىجارەت خاراكتېرلىك مەدەنىيەت كەسىپلىرىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىك تەڭ راۋاجلىنىدىغان مەدەنىيەت كەسىپلىرى ئەندىزىسى بىلەن مىللىي مەدەنىيەتنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، چەت ئەلنىڭ ئىلغار مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىدىغان مەدەنىيەت بازىرى ئەندىزىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇشىمىز؛ بازارنى يېتەكچى قىلىپ، ئاكتىپ كەسىپ سىياسىتى تۈزۈپ ۋە تەرتىپلىك بازار ھەرىكىتى ئارقىلىق مەدەنىيەت كارخانىلىرىنىڭ تايانچلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پۇقراۋىي كارخانىلارنىڭ مەدەنىيەت كەسىپلىرىگە مەبلەغ سېلىش قىزغىنلىقىنى قوزغاپ ۋە ئۇلارغا ياخشى يېتەكچىلىك قىلىپ، مەدەنىيەت كەسىپلىرىنىڭ كۆلىمىنى زورايتىپ، مەدەنىيەت كەسىپلىرىنىڭ خەلق ئىگىلىكىدە ئىگىلەيدىغان نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش ئاساسىدا، خەلقئارا رىقابەت كۈچىنىمۇ كۈچەيتىشىمىز؛ لاياقەتلىك بازار سۇبيېكتى يېتىلدۈرۈشنى مەدەنىيەت كەسىپلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى تەخىرسىز ۋەزىپە، دەپ بىلىپ، مەدەنىيەت كەسىپلىرىنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ۋە مۈلۈكنى قايتا تەشكىللەشنى تېزلىتىپ، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بىر تۈركۈم مەدەنىيەت كارخانىلىرىنى زورايتىشىمىز؛ مەدەنىيەت كەسىپلىرى بازىسى ۋە رايون مەدەنىيەت كەسىپلىرى توپى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يادرولۇق رىقابەت كۈچى بار مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنىڭ مۇۋاپىق يۈرۈشۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز لازىم.

                 ئۈچىنچى، ئىككى خىل بايلىق، ئىككى بازاردىن ئوبدان پايدىلىنىپ، مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى ۋە مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشىگە تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇشىمىز لازىم. ئىقتىساد يەرشارىلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئېلىمىز مەدەنىيىتىنىڭ ئۇلۇغ تەرەققىياتى ۋە ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى ئىككى خىل بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىچكى – تاشقى بازارنى ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز؛ مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى ئېكسپورت قىلىشقا مەدەت بېرىدىغان سىياسەت – تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىرتقا يۈزلەنگەن مەدەنىيەت كارخانىلىرى بىلەن ۋاسىتىچى ئاپپاراتلارنى يېتىلدۈرۈپ، تاشقى مەدەنىيەت سودىسىنى جانلاندۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن مۇلازىمىتىنىڭ خەلقئارا مەدەنىيەت بازىرىدىكى ئورنىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈشىمىز؛ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكى روشەن كىنو – تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرى، نەشر بۇيۇملىرى، مىللىي ناخشا – ئۇسسۇل، سېرك قاتارلىق مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىشنى كۈچەيتىپ، چەت ئەللەر بىلەن بولغان مەدەنىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەتنىڭ تارقىلىش دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىشىمىز كېرەك.

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرايلى

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-05-08
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: مەدەنىيەت - تارىخ
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: