باشقۇرۇش قارىشىنى ئۆزگەرتىپ ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزەيلى
دى ليۇۋېنجې
مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ ئۈنۈم قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇش ئىشلىرىدا يېڭىلىق يارىتىش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنىڭ رېئال ئېھتىياجى.
ئورگانلاردا مەمۇرىيەت ئۈنۈمى قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇشتىكى مەقسەت ئورگاننىڭ باشقۇرۇش بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئورگاننىڭ باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، ئورگاننىڭ باشقۇرۇش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، خىزمەت ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، ئۈنۈم قۇرۇلۇشىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگىنىنىڭ ئىجرا قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ۋەزىيىتىگە ماسلىشىش ئۈچۈندۇر.
بىرىنچى، باشقۇرۇش ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، ئۈنۈم ئېڭىنى تۇرغۇزۇشىمىز كېرەك. بىرىنچىدىن، ‹‹ئادەمنى ئاساس قىلىش›› ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇشىمىز كېرەك، ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇش ئىشلىرىدا ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇش ئۈچۈن، <;<تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلەش، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلقنى تەڭ بەھرىمەن قىلىش>>تەك ھۆكۈمەتنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قارىشىنى تىكلىشىمىز؛ ئىككىنچىدىن، ئۈنۈمنى يېتەكچى قىلىش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇشىمىز؛ ئۈچىنچىدىن، پاك بولۇش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇشىمىز كېرەك.
ئىككىنچى، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈنۈمنى باھالاشنى قېلىپلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. بىرىنچىدىن، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان كونكرېت، قوللىنىشچان سىياسەتلەرنى تۈزۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاش مېخانىزمىدا ساقلانغان مەسىلىلەرنى تېزدىن ھەل قىلىشىمىز؛ئىككىنچىدىن، ئۈنۈم باھالاش ئورۇنلىرىنىڭ تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ياخشىلاپ، مەمۇرىي ئورگانلار ئۈنۈمىنى باھالاشنى تۈزۈملەشتۈرۈشىمىز؛ ئۈچىنچىدىن، قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.
ئۈچىنچى، مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، شەخسلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. كادىرلار تۈزۈمى ۋە مەمۇرلار تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ۋە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغان تەشكىلىي ئورگان ۋە ئىختىساسلىقلار قۇرۇلۇشى سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك.
يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: باشقۇرۇش قارىشىنى ئۆزگەرتىپ ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزەيلى
يېقىندا ئىنكاس قالدۇرغان مىھمانلار