ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم قۇرۇش نەزەرىيەسىنىڭ ئەھمىيتى

جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم قۇرۇش نەزەرىيەسىنىڭ ئەھمىيتى

2013-04-22 11:56     كۆرۈلۈشى: 1243 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم قۇرۇش نەزەرىيەسىنىڭ ئەھمىيتىنى  يەنىمۇ چوڭقۇر ئىگىلەش لازىم   ئىمىن قارى قەييۇم        پارتىيەنىڭ 18 – قۇرۇلتىيىدا: ‹‹ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەن 30 نەچچە يىلل....

جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم قۇرۇش نەزەرىيەسىنىڭ ئەھمىيتىنى

 يەنىمۇ چوڭقۇر ئىگىلەش لازىم

 

ئىمىن قارى قەييۇم

 

     پارتىيەنىڭ 18 – قۇرۇلتىيىدا: ‹‹ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەن 30 نەچچە يىللىق ئىزچىل ئىزدىنىش جەريانىدا، بىز جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى قەتئىي ئېگىز كۆتۈرۈپ، بېكىنمە ۋە قاتمال كونا يولدا ماڭمىدۇق، بايراق ئالماشتۇرىدىغان ئەگرى يولدىمۇ ماڭمىدۇق. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسى سىستېمىسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈزۈم پارتىيە ۋە خەلقنىڭ 90 نەچچە يىللىق كۈرىشى، ئىجادىيىتى، جۇغلانمىسى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن ئاساسىي مۇۋەپپەقىيەت، ئۇنى ھەسسىلەپ قەدىرلەش، باشتىن – ئاخىر داۋاملاشتۇرۇش، ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇش شەرت››دەپ ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنىڭ ئىلمىي ئەھمىيىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇر شەرھلەپ بەردى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى ماركسىزم – لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى بىلەن تومۇرداش بولغان، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان نەزەرىيەۋى سىستېمىدۇر. شۇڭا، نۆۋەتتىكى شارائىتتا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنىڭ ئەھمىيىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئىگىلەش جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشىمىزدا رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە.

     بىرىنچى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى پارتىيەمىزنىڭ ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشتەك يېڭى تارىخىي ئەمەلىيىتى جەريانىدا شەكىللەنگەن ئىلمىي نەزەرىيە سىستېمىسىدۇر. ئۇ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ۋە‹‹ ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدىن ئىبارەت زور ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەلەر بىلەن ئۆزئارا تومۇرداش بولغان، ئورگانىك پۈتۈنلىككە ئىگە بولغان، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان نەزەرىيەۋى سىستېما بولۇش سۈپىتى بىلەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنىڭ ئىلمىي مەزمۇنىنى شەكىللەندۈرگەن. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى نەچچە ئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، بوشاشماستىن ئىزدىنىش ئەمەلىيىتىنىڭ مەھسۇلى. شۇڭا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى روشەن جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ۋە دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان تەرەققىي قىلىۋاتقان ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى مۇۋەپپەقىيىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

     ئىككىنچى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى نەزەرىيە ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەر ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش ۋە جاۋاب بېرىش ئاساسىدا بىر قاتار يېڭى نەزەرىيەۋى نۇقتىئىنەزەر ۋە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ زور نەزەرىيەۋى نۇقتىئىنەزەر ۋە زور ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەلەر پارتىيەمىزنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتى، سوتسىيالىزم قۇرۇش قانۇنىيىتى، ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنى يېڭى نەزەرىيە يۈكسەكلىكىگە كۆتۈردى.

     ئۈچىنچى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىدىغان نەزەرىيە سىستېمىسىدۇر. جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخىي مۇساپىسىدە ماركسىزم – لېنىنىزم ئاساسىي قائىدىلىرى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلۈپ، ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدىن ئىبارەت زور ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەلەرنى مەيدانغا كەلتۈردى. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنىڭ بېيىتىلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى. ئۇ، ئېلىمىز ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم يېتەكچى فاڭجېنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا قەتئىي چىڭ تۇرۇلىدىغان ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلىدىغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەدۇر. مەيلى ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى بولسۇن ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بولمىغان تارىخىي مەزگىللەردە شەكىللەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار تومۇرداش بولغان، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان ئىلمىي نەزەرىيەلەردۇر. قىسقىسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئېلىپ بېرىلغان يېڭى تارىخىي شارائىتتا پارتىيەمىزنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى بولۇپ، ئۇلار ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئەمەلىيىتىدە يارىتىلدى، ھەمدە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئېلىپ بېرىلغان يېڭى تارىخىي شارائىتتا ئۈزلۈكسىز بېيىتىلدى ۋە تەرەققىي قىلدى.

     ئەمەلىيەتنىڭ چېكى بولمىغاندەك نەزەرىيەنىڭمۇ مەڭگۈ چېكى بولمايدۇ. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئەمەلىيىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى ۋە چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىمۇ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىدىغان نەزەرىيەۋى سىستېما. تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ماركسىزم تەرەققىيات تارىخىدىكى ھەر بىر زور نەزەرىيەۋى مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ ھەممىسى ئىلگىرىكى نەزەرىيەلەرگە ئۈزلۈكسىز تۈردە تەنقىدىي ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىشتەك تەرەققىيات جەريانىدۇر. نۆۋەتتە، كۆز ئالدىمىزدا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەر بار. بىز نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى ئۈزلۈكسىز بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا، يېڭى مەسىلىلەرنى ئىجادچانلىق بىلەن تەتقىق قىلىش ۋە ھەل قىلىش ئارقىلىق ماركسىزم تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز بەرپا قىلىشىمىز لازىم.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter