ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ئۇيغۇرلاردىكى 2012- يىللىق 10 چوڭ بىلوگنى باھالاش پائالىيىتى

ئۇيغۇرلاردىكى 2012- يىللىق 10 چوڭ بىلوگنى باھالاش پائالىيىتى

2012-08-06 11:31     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: «ئۇيغۇرلاردىكى 2012-يىللىق 10 چوڭ بىلوگنى باھالاش پائالىيىتى» ھەققىدە  دەسلەپكى لايىھە (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)          ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك تورداش!       بىلوگدىن ئىبارەت بۇ يېڭى شەيئى ئار....

«ئۇيغۇرلاردىكى 2012-يىللىق 10 چوڭ بىلوگنى باھالاش پائالىيىتى» ھەققىدە

 دەسلەپكى لايىھە (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)

 

 

     ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك تورداش!

      بىلوگدىن ئىبارەت بۇ يېڭى شەيئى ئارىمىزدا قانچىلىك تېز پەيدا بولغان بولسا، شۇنچىلىك تېز تەرەققىي قىلدى. ھەش–پەش دېگۈچە ئۇيغۇر بىلوگگىرلار قوشۇنىمۇ تېز زورايدى. كۆركەم لايىھەلەنگەن، مەزمۇنى رەڭدار، پايدىلىقلىقى يۇقىرى بىلوگلار ئارقا – ئارقىدىن بارلىققا كەلدى. بىلوگ بىزگە يېڭىچە ياشاش، ئۆگىنىش، خىزمەت قىلىش ئۇسۇلى ئاتا قىلىپ، ئۆزىمىزنى ئىپادىلەيدىغان، ئۆز–ئارا پىكىر ئالماشتۇرىدىغان، ھەمكارلىشىدىغان يېڭىچە سورۇنىمىز بولۇپ قالدى. بىلوگ بارغانسېرى كۆپ كىشىلەرنىڭ قوبۇل قىلىشى ۋە ئالقىشىغا ئېرىشىپ، ھاياتىمىزغا ئۈزلۈكسىز تەسىر كۆرسەتمەكتە. قىسقىسى، بىلوگ ھاياتىمىزغا تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ سىڭىپ كىرمەكتە.

 

 

     كۆپچىلىكنىڭ ئېسىدە بولغىنىدەك، يۈكسەل بىلوگى 2008–يىلىدىن بۇيان «ئۇيغۇرلاردىكى يىللىق 10 چوڭ بىلوگنى باھالاش پائالىيىتى»نى تەشكىللەپ، بىلوگنى ئۇيغۇر تورداشلارغا تونۇشتۇرۇش، تېخىمۇ كۆپ ئوقۇرمەننى ئۇيغۇر بىلوگلىرىغا جەلپ قىلىش، ئۇيغۇر بىلوگلىرىنىڭ ئۆزىنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇشقا ئوخشاش بىر قاتار ئىجابىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى.

     بىز بۇ يەردە يۈكسەل بىلوگىنىڭ نەچچە يىللىق پائالىيەتنى ناھايىتى ئۇتۇقلۇق ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىمىز ۋە يۈكسەل ئەپەندىگە ئېھتىرام بىلدۈرىمىز.

     بۇ پائالىيەتنى بۇ يىلدىن باشلاپ، شىركىتىمىز تەشكىللەپ ئۇيۇشتۇرىدۇ. بىز پائالىيەتنى تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزۈش يولىدا ئىزدىنىۋاتىمىز. دانالارنىڭ «كېڭەشلىك ئىش بۇزۇلماس» دېگەن ھېكمىتىنىڭ روھى بويىچە، ئۆزىمىزنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئوتتۇرىغا تاشلاپ، تورداشلار جۈملىدىن بىلوگگىرلاردىن پائالىيەت ھەققىدە تەكلىپ–پىكىر قوبۇل قىلماقچىمىز.

 

بىرىنچى. بۇ پائالىيەت ھەققىدە دەسلەپكى ئويىمىز:

 

     1. شىركىتىمىز مەزكۇر پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچى سۈپىتىدە خىزمەت قىلىدۇ، پائالىيەتنىڭ ھەقىقىي، ئادىل ۋە نوپۇزلۇق بولۇشىنى كۆزدە تۇتۇپ، شىركەت مەسئۇلىنىڭ خاس بىلوگى (قىسمەت بىلوگى) بۇ پائالىيەتكە قاتناشمايدۇ.

     2. مۇئەييەن نوپۇزغا ئىگە، لىللا مەيداندا تۇرۇپ ئىش قىلىدىغان 10 كىشى تاللىنىپ، «2012-يىللىق ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بىلوگنى باھالاش ھەيئىتى» تەشكىللىنىدۇ. تورداشلار كۆرسەتكەن نامزات بىلوگلار ئىچىدىن ئالدىنقى قاتاردىكى 20 بىلوگ تاللاپ چىقىلىدۇ ۋە پائالىيەتنىڭ باش-ئاخىرى نازارەت قىلىنىدۇ.

     3. باھالاش ھەيئىتى ئۇنىۋېرسال باھالاش ئارقىلىق تاللاپ چىققان 20 بىلوگ تورداشلار ئاۋازىغا قويۇلىدۇ.

     4. تورداشلارنىڭ بېلەت تاشلاپ تاللىشى ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرىدا ئېرىشكەن ئاۋازىغا قاراپ 10 چوڭ بىلوگ تاللىۋېلىنىدۇ.

     5. بىلوگلارنى نامزاتلىققا كۆرسىتىش، تاللاش، بېلەت تاشلاش، بېكىتىش سورۇنى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تورىدا بولىدۇ.

     6. باھالاپ چىقىلغان بىلوگلارغا مۇئەييەن ئىقتىسادىي، ماددىي مۇكاپات بۇيۇمى تارقىتىپ بېرىلگەندىن سىرت، ئالدىنقى ئۈچ بىلوگ مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسى، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى، «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى ۋە كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تورىدا سۈرەتلىك تونۇشتۇرۇلىدۇ.

     7. مۇكاپات سوممىسى ۋە باشقا تەپسىلاتلار 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى ئېلان قىلىنىدىغان «< ئۇيغۇرلاردىكى 2012-يىللىق 10 چوڭ بىلوگنى باھالاش پائالىيىتى >  باشلاندى» ناملىق تېمىدا ئاشكارىلىنىدۇ.

     ئەسكەرتىش: ئېنىق بولسۇنكى، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ماددىي ۋە ئىجتىمائىي مۇكاپات سوممىسى ئىلگىرىكى پائالىيەتلەردىن چوڭ بولىدۇ.

 

ئىككىنچى. ھەمكارلىق ھەققىدە:

 

     1. بۇ پائالىيەتنى ئىدارە-ئورۇن، شىركەت-كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۆتكۈزۈپ، پائالىيەتنىڭ نوپۇزىنى تېخىمۇ كۆتۈرۈش ئويىمىز بار. پائالىيەتكە ھەمكارلىشىش ئىستىكى بار شىركەت–كارخانىلارنىڭ بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

     2. قوللىغان شىركەت، ئىدارە-ئورۇن ۋە شەخسلەر «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىدا ۋە كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تورىدا تىلغا ئېلىنىدۇ.

     3. قوللىغان شىركەت، ئىدارە-ئورۇن ۋە شەخسلەر تەمىنلىگەن ئىقتىساد ۋە ماددىي بۇيۇمنى شىركىتىمىز 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن بۇرۇن تاپشۇرۇۋالىدۇ ۋە تاپشۇرۇپ ئالغانلىق ئىسپاتى چىقىرىپ بېرىدۇ.

     4. پائالىيەت ئاخىرلاشقاندا ئىقتىساد ۋە ماددىي بۇيۇملارنىڭ ئىشلىتىلىش تەپسىلاتى «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىدا ۋە كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تورىدا ئاشكارىلىنىدۇ.

     5. قوللىغان شىركەت ۋە ئورۇنلار تىزىملىكى:

     (1) بىلكان ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ماددىي مۇكاپات بۇيۇملىرى بىلەن قوللىدى.

     (2) ئۇيغۇرسوفت كومپيۇتېر چەكلىك شىركىتى ماددىي مۇكاپات بۇيۇملىرى بىلەن قوللىدى.

     (3) مۇئەللىم ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ماددىي مۇكاپات بۇيۇملىرى بىلەن قوللىدى.

     (4) مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسى تەشۋىقات جەھەتتىن قوللىدى.

     (5) شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى تەشۋىقات جەھەتتىن قوللىدى.

     (6) «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى تەشۋىقات جەھەتتىن قوللىدى.

     (7) ئۇلىنىش خەلقارا سودا چەكلىك شىركىتى (ulinix.cn) تەشۋىقات جەھەتتىن قوللىدى.

     (8) ياخشى تور پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى (izda.com ئارقىلىق) تەشۋىقات جەھەتتىن قوللىدى.

     ھەمكارلىشىش ئويى بار شىركەت، ئىدارە-ئورۇن ۋە شەخسلەرنى داۋاملىق قارشى ئالىمىز.

 

ئۈچىنچى. پائالىيەت قەدەم-باسقۇچلىرى:

 

     پائالىيەت ئۈچ باسقۇچ بويىچە ئېلىپ بېرىلىپ، نەتىجىسى 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش » ژۇرنىلى ۋە كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تورىدا رەسمىي ئېلان قىلىنىدۇ.

     بىرىنچى باسقۇچ: بىلوگ نامزاتلىرىنى كۆرسىتىش باسقۇچى بولۇپ، بىلوگگىرلار ياكى تورداشلار ئۆز بىلوگىنى ياكى ئۆزلىرى ياقتۇرىدىغان بىلوگلارنى مەزكۇر پائالىيەتكە قاتنىشىش نامزاتلىقىغا كۆرسىتىدۇ.

     بۇ باسقۇچ 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ.

     ئىككىنچى باسقۇچ: دەسلەپكى 20 بىلوگنى تاللاش باسقۇچى. بۇ باسقۇچتا باھالاش ھەيئىتى نامزات بىلوگلار ئىچىدىن 20 بىلوگنى تاللاپ چىقىدۇ. بۇ باسقۇچ 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ.

     ئۈچىنچى باسقۇچ: 10 چوڭ بىلوگنى بېكىتىپ چىقىش باسقۇچى. بۇ باسقۇچتا دەسلەپكى تاللاپ چىقىلغان 20 بىلوگقا تورداشلار بېلەت تاشلاپ، 10 چوڭ بىلوگ تاللاپ چىقىلىدۇ. بۇ باسقۇچ  2012-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ.

     2012- يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى «ئۇيغۇرلاردىكى 2012–يىللىق 10 چوڭ بىلوگ» بىرلا ۋاقىتتا «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى، كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تورى ۋە ئۇزبىلوگ ئۇلىنىش بېتىدە ئېلان قىلىنىدۇ.

 

تۆتىنچى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە سىزنىڭ تەكلىپ–پىكىرىڭىز:

 

     1. يىللىق 10 چوڭ بىلوگنى باھالاشنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟

     2. 10 چوڭ بىلوگنى باھالاش پائالىيىتىنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى قانداق بولسا مۇۋاپىق؟

     3. پائالىيەتنى ئىقتىسادىي، ماددىي ۋە تەشۋىقات جەھەتتىن قوللاپ بېرەلەمسىز؟ قوللىسىڭىز قايسى شەكىلدە، قانداق قوللايسىز؟

     4. مەزكۇر پائالىيەتنىڭ باھالاش نەتىجىسى قانداق بولغاندا تېخىمۇ نوپۇزلۇق ۋە قايىل قىلارلىق بولىدۇ؟

     5. باھالاش كۆرسەتكۈچلىرى قانداق بولۇشى كېرەك؟

      ………………………….

     يۇقىرىقى سوئاللارغا ئائىت ۋە ياكى مەزكۇر پائالىيەتكە ئالاقىدار ھەرقانداق تەكلىپ–پىكىرىڭىز بولسا، دادىل ئوتتۇرىغا قويۇشىڭىزنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز. سىزنىڭ يول كۆرسىتىشىڭىز ۋە قاتنىشىشىڭىز بولغاندىلا، بۇ پائالىيەت تېخىمۇ ئادىل، تېخى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەشكىللەنگۈسى!

 

بەشىنچى. ئاخىرقى سۆز:

 

     بۇ پائالىيەتنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە، چامىڭىز يەتكەن دائىرىدە تەشۋىق قىلىپ قويۇشىڭىزنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۈمىد قىلىمىز. ئەلۋەتتە، بىلوگگىرلاردىن ئۈمىدىمىز تېخىمۇ چوڭ.

     زۆرۈر بولسا، شىركىتىمىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

     تېلېفون نومۇرى: 8554813-0991

     تور بېكەت: http://www.xjcfan.com

     ئېلخەت: xjcfan@sina.com

     ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولى 154-نومۇر جىلى سودا ئىشلىرى بازىسى 3-قەۋەت 37-ئىشخانا

 

                                                                                       كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتى

                                                                                              2012- يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 جەمئىي 1 دانە ئىنكاس قالدۇرۇلدى
  1. دىۋان
    2012-08-06 11:52 تۇران تېكىن 

    بۇ يازمىنىڭ ئەسلى مەنبەيىنى تۆۋەندىكى مەنزىلدىن كۆرگەيسىز:
    http://bbs.xjcfan.com/thread-2977-1-1.html

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    [جاۋاب]

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter