ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ ناماياندىسى − «تۆتنى تونۇش»

ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ ناماياندىسى − «تۆتنى تونۇش»

2013-04-08 10:09     كۆرۈلۈشى: 1402 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: كېرىم تۇردى        «تۆتنى تونۇش ››  − ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنىڭ يېڭى تارىخىي دەۋرىدىكى يەنە بىر ناماياندىسى، ئۇنىڭ مەزمۇنى ‹‹ ئۇلۇغ ۋەتەننى تونۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تونۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنى ت....

كېرىم تۇردى

 

     «تۆتنى تونۇش ››  − ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنىڭ يېڭى تارىخىي دەۋرىدىكى يەنە بىر ناماياندىسى، ئۇنىڭ مەزمۇنى ‹‹ ئۇلۇغ ۋەتەننى تونۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تونۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنى تونۇش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تونۇش››تۇر. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8 – قۇرۇلتىيىدا بەرگەن دوكلاتىدا: ‹‹پۈتكۈل جەمئىيەتتە، بولۇپمۇ ھەر مىللەت ياشلار – ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا كۆپ خىل شەكىلدىكى تەشۋىق – تەربىيەنى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭ تارىخى، جۈملىدىن مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات تارىخى ۋە دىنلارنىڭ ئۆزگىرىش تارىخىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، ‹‹تۆتنى تونۇش›› تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارنى مىللەت بىلەن دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا تونۇيدىغان، دۆلەتنىڭ ئالىي مەنپەئەتى، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئاڭلىق قوغدايدىغان قىلىش كېرەك ›› دەپ كۆرسەتتى.

     ۋەتەنپەرۋەرلىك − جۇڭخۇا مىللەتلىرى روھىنىڭ يادروسى بولغاچقا ، ئۇلۇغ ۋەتەننى تونۇش ھەر بىر جۇڭخۇا پەرزەنتىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى. نۆۋەتتە 19 ئۆلكە ۋە شەھەرنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى چوڭقۇرلىشىۋاتقان، ‹‹ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش››، ‹‹ ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش›› قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭىچە شەھەرلىشىش ، يېڭىچە سانائەتلىشىش ۋە شەھەر ، يېزا كىشى بېشى كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن تىرىشىۋاتقان شارائىتتا، كىشىلەرنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەتكە بولغان مىننەتدارلىقى ھەسسىلەپ ئاشماقتا.

     جۇڭخۇا مىللىتىنى تونۇشتا ئالدى بىلەن ھەر مىللەت خەلقنىڭ تارىختىن بۇيان جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ بىپايان زېمىندا بىرلىكتە ياشاپ، گۈللىنىپ، تەرەققىي قىلىپ، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىرگە بولۇپ، ۋەتەننىڭ رەڭگارەڭ مول مەدەنىيەت خەزىنىسىنى بىرلىكتە بېيىتقانلىقىدىن ئىبارەت بۇ تارىخىي پاكىتنى توغرا تونۇش، شۇنداقلا نۆۋەتتە تەكىتلىنىۋاتقان ‹‹ باراۋەر، ئىتتىپاق، ئىناق، ئۆزئارا ياردەم›› بېرىدىغان سوتسىيالىستىك يېڭىچە مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەش كېرەك.

     جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تونۇش − جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى جاپالىق ئىزدىنىشىنىڭ نەتىجىسى. جۇڭگو تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ماركسىزم، لېنىنىزمنى، ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسىنى پۈتۈن پارتىيەنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى قىلىپ، خەلقنى ئۈزۈل – كېسىل ئازادلىققا ئېرىشتۈردى.

     1982- يىلى 9 – ئايدا چاقىرىلغان پارتىيە 12 – قۇرۇلتىيىدا يولداش دېڭ شياۋپىڭ: ‹‹جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش›› نەزەرىيەسىنى تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، ماركسىزم، لېنىنىزمنىڭ ئومۇمىي ھەقىقىتىنى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى ۋە دەۋر ئالاھىدىلىكى بىلەن بىرلەشتۈردى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش يولى ماركسىزم، لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسىنىڭ يېڭى تارىخىي شارائىتىدىكى داۋامى ۋە راۋاجى. شۇنداقلا پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى. ۋەتىنىمىز جۇڭگودا مانا مۇشۇ بايراق بولغاچقىلا، پارتىيەمىز تېخىمۇ قۇدرەتلىك ئۇيۇشۇش كۈچىگە ئىگە بولالىدى. شۇڭا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم يولى جۇڭگونى قۇدرەت تاپقۇزىدىغان، مىللەتنى ئىناقلىققا، بېيىشقا، دېموكراتىيەگە يېتەكلەيدىغان توغرا يول.

     جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تونۇشتا ئالدى بىلەن مەدەنىيەت ئۇقۇمىنى چۈشىنىش زۆرۈر. مەدەنىيەت − مىللەت ۋە خەلقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا شەكىللەنگەن بايلىقى. كونكرېت ئېيتقاندا، بىر دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئۆرپ – ئادىتى، تارىخى، تۇرمۇش ئۇسۇلى، ئەدەبىيات – سەنئىتى، ھەرىكەت مىزانى، تەپەككۇر شەكلى، قىممەت قارىشى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.

     جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ سادىق ۋارىسى ۋە ئەۋج ئالدۇرغۇچىسى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئىلغار مەدەنىيىتىنىڭ ئاكتىپ تەشەببۇسچىسى، راۋاجلاندۇرغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاممىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىپ، دەۋرنىڭ تەرەققىيات تەلىپىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ئاساس سالدى. ج ك پ 17 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6 – ئومۇمىي يىغىنىدىمۇ مەدەنىيەتنىڭ بارغانسېرى مىللەتنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى، ئىجادچانلىقىنىڭ مۇھىم بەلگىسىگە، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى رىقابىتىدىكى مۇھىم ئامىلغا، ئىقتىسادىي، ئىجتمائىي تەرەققىياتنىڭ مۇھىم بەلگىسىگە ئايلىنىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى. شۇڭا، نۆۋەتتە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇزاق تارىخىدا شەكىللەنگەن ۋەتەنپەرۋەرلىكنى مەركەز قىلغان، بىردەك ئىتتپاقلىشىپ تىنچلىقنى سۆيۈش، ئەمگەكچان، باتۇر بولۇش، توختىماي ئالغا بېسىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار روھى ۋە ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى يادرو قىلغان دەۋر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كىشىلەر ئارىسىدا قانۇن – بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىدىغان، سەمىمىي، لەۋزىدە تۇرىدىغان ياخشى كەيپىياتنى جارى قىلدۇرۇپ، بىر دۆلەت ۋە رايوننىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچىنىڭ يالغۇز ماددىي بايلىق بىلەن ئۆلچەنمەيدىغانلىقىنى، مۇھىمى ئۇنى شۇ دۆلەت، شۇ رايوندىكى كىشىلەرنىڭ مەنىۋى ساپاسى بىلەن بىرلەشتۈرۈشنىڭ دەۋرنىڭ ئېھتىياجى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، 18 – قۇرۇلتايدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ‹‹مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش›› ئۈچۈن ئاساسىمىزنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىشىمىز لازىم.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter