ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> مىللىي مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىغا ھۆرمەت قىلايلى

مىللىي مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىغا ھۆرمەت قىلايلى

2012-11-10 11:12     كۆرۈلۈشى: 1516 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: جاڭ مېييىڭ (مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1– مۇئاۋىن رەئىسى)        يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەدەنىيەت تەرەققىياتى ھەققىدە ئىزچىل ئوي....

جاڭ مېييىڭ

(مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى

مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1– مۇئاۋىن رەئىسى)

 

     يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەدەنىيەت تەرەققىياتى ھەققىدە ئىزچىل ئويلىنىۋاتىمەن. بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز ھازىر تەڭپۇڭسىزلىق، ماسلاشماسلىق، سىجىل بولماسلىقتەك بىرمۇنچە مەسىلىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. مەسىلەن: ئىقتىساد بىلەن مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتى مۇۋازىنەتلىك (تەڭپۇڭ) بولمايۋاتىدۇ، دېگەندەك. مېنىڭچە، تەرەققىيات داۋامىدا دۇچ كەلگەن مەملىكەت ئىچى، خەلقئارادىكى خىلمۇ خىل گاڭگىراشلار ۋە توسالغۇلار كۆپ ھاللاردا ئىقتىسادىي كۆلەمگە ماسلىشالايدىغان مەدەنىيەت سىستېمىسىنى ئورنىتالمىغانلىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك. جۇڭگو تارىخىدا ئۆتكەن سۇلالىلەر خەلقنى سۈر – ھەيۋە ۋە ھىممەت – شاپائەت ئارقىلىق قايىل قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان ۋە بۇ ئۇسۇلنى ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ ئۇسۇلى، دەپ قارىغان. بۇلاردا ئەينى زاماندىكى ئوخشاشمىغان مەدەنىيەتلەرگە بولغان كەڭ قورساقلىق، يەنى فېي شىياۋتۇڭ ئەپەندى ئېيتقان مەدەنىيەت ئېڭى ئەكىس ئەتكەن. ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتلەرگە قانداق پوزىتسىيە تۇتۇش كېرەك؟ مېنىڭچە، بۇنىڭدا، بىرىنچىدىن، چەتكە قېقىش، ئىككىنچىدىن، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش، ئۈچىنچىدىن، باشقىلارنىڭكىنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يەنى بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ ۋايىغا يېتىشتەك ئۈچ خىل ئالىي مەنزىل بولۇشى كېرەك. مۇنداق مەنزىلگە يېتەلمىسەك، مەدەنىيەت چوڭ دۆلىتىلىك سالاپىتىمىزنى يوقىتىپ قويىمىز، ئوخشاشمىغان مەدەنىيەتلەرگە كەڭ قورساقلىق قىلىش ۋە ئۇنى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىمىزنى يوقاتساق ئەمەلىي كۈچىمىز ئاجىزلاپ كېتىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، مەركەزنىڭ مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، گۈللەندۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويۇشى دەل ۋاقتىدا بولغان. بۇنى يىراق كەلگۈسىگە نەزەر تاشلاش ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈپتىن تۈزەش تەدبىرى دېسەكمۇ بولىدۇ. بۇ جۇڭخۇا مىللەتلىرى مەدەنىيەت ئېڭى دەۋرىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

     يېقىندا يۈننەندە تەكشۈرۈشتە بولدۇم. بۇ جەريان مەندە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرات قالدۇردى. مەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىن بالقىۋاتقان پۈتمەس – تۈگىمەس سېھرىي كۈچ قۇدرەتتىن تەسىرلىنىش بىلەن بىللە، يەنە شۇنىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدىمكى، ئېلىمىزدىكى 56 مىللەتنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى دۆلەتنىڭ ھەر بىر غېرىچ تۇپرىقىنى پارچىلىۋەتكىلى بولمىغانغا ئوخشاش بىر – بىرىدىن ئايرىۋەتكىلى بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى جۇڭخۇا مىللەتلىرى مەدەنىيىتىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان تەركىبىي قىسمىدۇر. ئۇلار ئۆزگىچە مەنە ۋە قىممەتكە ئىگە بولۇپ، ھۆرمەت قىلىنىشى، قوغدىلىشى ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىنىشى كېرەك.

     مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى ئېسىل ۋە ناچار دەپ ئايرىلمايدۇ، بەلكى ئىلغار ۋە قالاق، دەپ ئايرىلىدۇ، مېغىزى بىلەن شاكىلى پەرقلەندۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭ ھازىرقى زامان جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشىش ياكى ماسلىشالماسلىق مەسىلىسىنى ئەستايىدىل پەرقلەندۈرۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. مەدەنىيەت ئۈزۈلمەس ئېقىنغا ئوخشايدۇ. ئۇنى ئايرىۋەتكىلى، پارچىلىۋەتكىلى بولمايدۇ. ئۇ پەقەتلا ئۆزگەرمەيدىغان نەرسىمۇ ئەمەس. ھازىر يەر شارىلىشىش قەدىمى تېزلىشىۋاتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، مەلۇم بىر مىللەتنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قالاتتىم، دەپلا ساقلاپ قالغىلىمۇ بولمايدۇ. ‹‹ئەنئەنە›› مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك، ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى، قانداق قىلغاندا ئۇنىڭ مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ‹‹يىلتىزى›› بىلەن ‹‹جېنى››نى قوغداپ قالغىلى، ھەم ئۇنى يېڭى مۇھىتتىكى ئۆزگىرىشلەرگە ئۈزلۈكسىز ماسلاشتۇرغىلى بولىدۇ، دېگەندىن ئىبارەت. مىللىي مەدەنىيەتنى ئەڭ ياخشى قوغداش، يەتكۈزۈش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشتا، باشقا مىللىي مەدەنىيەتنى، چەت ئەلنىڭ ياكى باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى پائال قوبۇل قىلىپ، مەدەنىيەتنى قايتا يارىتىشتا ئىپادىلىنىدۇ. بۇنداق ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ئۇل قىلغان تەرەققىيات ۋە يارىتىش ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ داۋاملىشىشى، كېڭەيتىلىشى ۋە بېيىتىلىشى بولۇشى كېرەككى، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتتىن ئايرىلغان مەدەنىيەت ئالمىشىشى بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. ئەنئەنە بىلەن تەرەققىيات، يەتكۈزۈش – ۋارىسلىق قىلىش بىلەن يارىتىش قارىمۇ قارشى ۋە كېلىشتۈرگىلى بولمايدىغان مۇناسىۋەت ئەمەس، بەلكى قارىمۇ قارشىلىقنىڭ بىرلىكى مۇناسىۋىتىدۇر. تۈنۈگۈنكى يېڭىلىق بۈگۈنكى ئەنئەنە بولۇپ قالىدۇ، بۈگۈنكى ھەرقانداق يېڭىلىق ئەتىكى ئەنئەنىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. مەدەنىيەت ۋارىسلىق قىلىنغان، راۋاج تاپقان، ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىق بىرلەشكەن چاغدىلا ھاياتىي كۈچكە تولىدۇ. يەتكۈزۈش، ۋارىسلىق قىلىش داۋامىدا تەرەققىي قىلغىلى، تەرەققىيات داۋامىدا يېڭىلىق ياراتقىلى، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرغىلى، گۈللەپ ياشنىغىلى بولىدۇ.

     ئوبيېكتىپ جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئېلىمىزدىكى نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى تېخى كەسىپلەشتۈرۈلۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، پايدىلىنىش شەرتىنى ھازىرلىيالمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تاشقى كۈچلۈك مەدەنىيەتنىڭ زەربىسىگە ئۇچراۋاتىدۇ. ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ يوقىلىش، تارىخىي بۇزۇلۇش (سورۇلۇپ كېتىش) ھادىسىسى ئىنتايىن ئېغىر بولۇۋاتىدۇ. نامراتلىق پەيدا قىلغان خىلمۇ خىل بېسىمغا بەرداشلىق بېرىش تۈپەيلى، مەدەنىيەتنىڭ ياراتقۇچىلىرى ۋە ئىگىلىرى بار دېگەن تەقدىردىمۇ، مەدەنىيەتنى قوغداشنىڭ زۆرۈر ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ئېڭى كەمچىل بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى قوغداشتا ئاۋۋال يەرلىك خەلقنىڭ نامراتلىقىنى تۈگىتىش، تۇرمۇشنى ياخشىلاش ۋە ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەك. ئىقتىساد ئاساس، ئىقتىساد تەرەققىي قىلغاندىلا، شەرت – شارائىت ھازىرلىنىدۇ – دە، مەدەنىيەتنى تېخىمۇ ياخشى قوغدىغىلى بولىدۇ. ئىقتىساد بىلەن مەدەنىيەت سۈپەتلىك ئايلىنىدىغان تەرەققىيات مېخانىزمىنى ئورناتقاندىلا، مەدەنىيەتنىڭ قوغدىلىشى پۇختا ئاساس ۋە ئىشەنچلىك كاپالەتكە ئىگە بولالايدۇ.

     شۇڭا، مەدەنىيەتتىن بايلىق سۈپىتىدە پايدىلىنىش بازار ئىگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسىدۇر. مىللىي مەدەنىيەتنى قوغداشتا پۇل بولمىسا بولمايدۇ، ئەمما پۇلنىڭ غەلۋىسىنى قىلىۋېرىشمۇ دۇرۇس ئەمەس. مىللىي مەدەنىيەت بىلەن بايلىقنى قوغداش، تەرەققىي قىلدۇرۇشتا قوغداش ئاساس، پايدىلىنىش ۋاسىتە، تەرەققىيات مەقسەت قىلىنىدۇ. مىللىي مەدەنىيەتنى قوغداش يەرلىك ئاممىنىڭ پائال قاتنىشىشىغىلا ئەمەس، مۇتەخەسسىسلەر، ئالىملارنىڭ يېتەكچىلىكى، تېخىمۇ مۇھىمى، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ مەدىتى ۋە مەبلەغ سېلىشىغا موھتاج. مەدەنىيەت بايلىقىنى كۆپەيتىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشتا، داۋاملىق پايدىلىنىش بىلەن سىجىل تەرەققىياتنى تۈپ شەرت قىلىش كېرەك. قايتا ھاسىل بولمايدىغان مەدەنىيەت بايلىقىغا نىسبەتەن قوغداشنى ئاساس قىلىش كېرەك. مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، گۈللەندۈرۈش شوئارىدا يېڭىدىن پەيدا بولۇش ئېھتىمالى بار مەدەنىيەت بالايىئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى مەدەنىيەت بايلىقىنى خانىۋەيران قىلىشقا تېگىشىۋېتىشتەك كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنىلا كۆزلەيدىغان ئىشنى قەتئىي تۈزىتىش كېرەك.

     مىللىي مەدەنىيەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى داۋامىدا مەدەنىيەتنىڭ ياراتقۇچىلىرى ۋە ئىگىلىرى ھېسابلىنىدىغان ئاز سانلىق مىللەتلەر زادى قانداق ئورۇندا تۇرۇشى كېرەك؟ بۇ، مۇتەخەسسىسلەر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان ۋە ئىنكاس كۈچلۈك بولغان مۇھاكىمە تېمىلىرىنىڭ بىرى. چۈنكى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ تولىسى يەر سېتىشقا بېرىلىپ كەتتى، ساياھەت ئورۇنلىرىدىكى ھۆكۈمەت تارماقلىرىمۇ ساياھەت بايلىقى ۋە تىجارەت ھوقۇقىنى سېتىشقا قىزىقىپ كەتتى. مەلۇم جاينىڭ مەدەنىيەت ساياھەت، كەسىپلەشتۈرۈپ ئېچىش قىممىتى بولسىلا، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر پائال تۈردە سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلدى، سودىگەرلەر نەپنى دەپ ئاچ كۆزلۈك قىلىپ، سودىدا تېز ۋە ئاسانلا پۈتۈشتى. يەرلىك خەلق ئاتا – بوۋىسىدىن قالغان ھويلا – ئاراننى، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئىلكىدە تۇرۇپ كېلىۋاتقان مىراسلىرىنى دېگەن باھاغا سەل يېقىنلاشسىلا سېتىۋەتتى ۋە ئۆتۈنۈپ بەردى. خەقنىڭ مال–مۈلكىنى ‹‹خوجايىن›› دېگەن نام بىلەن ئەرزان باھادا مەجبۇرىي سېتىۋالىدىغان بۇنداق قىلمىشتا مەدەنىيەت سۇبيېكتىغا بولغان ئەقەللىي ھۆرمەتمۇ كەمچىلدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان جەمئىيەتنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىگىمۇ ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. بۇنداق سودىغا پايدا – زىيان توقۇنۇش خەۋپىنىڭ يوشۇرۇنغانلىقى تۇرغانلا گەپ.

     بۇلاردىن مەدەنىيەتنىڭ ياراتقۇچىلىرى ۋە ئىگىلىرىگە نىسبەتەن ئەقەللىي ھۆرمەتنىڭمۇ كەمچىللىكىنى، بۇنىڭ يىلتىزى مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ قانۇنىيىتىنى توغرا تونۇيالماسلىق ۋە توغرا ئىگىلىيەلمەسلىكتە ئىكەنلىكىنى چۈشىنەلەيمىز. شۇڭا تۈرلۈك شەكىللەردىن پايدىلىنىپ مەنسەپدارلار بىلەن ئالىملارنى ئۆزئارا ئۆتۈشتۈرۈپ تۇرىدىغان ۋە پىكىر ئالماشتۇرىدىغان سەھنە ھازىرلاپ، ‹‹ئامما يېتەكچى كۈچ بولغان، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئالىملار يېتەكچىلىك قىلىدىغان›› تەشكىللىك ھەرىكەتنىڭ ئۇزاق، ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈپ، تەدبىر بەلگىلەشنى دېموكراتىيەلەشتۈرۈش، ئىلمىيلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ‹‹مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە مەدەنىيەت بايلىقىنى قوغداش قانۇنى››نى تۈزۈپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىنى قوغداشنى ئاساسلىنىدىغان قانۇنغا ئىگە قىلىپ، مەدەنىيەت ئىگىلىرىنىڭ ھوقۇق – مەنپەئەتىگە ۋە مەدەنىيەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا خالىغانچە دەخلى – تەرۇز قىلىش ھادىسىلىرىنى توسۇش كېرەك.

     مەدەنىيەتنى قوغداش، يەتكۈزۈش ۋە ۋارىسلىق قىلىش مەلۇم بىر مىللەتنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە بۇلاق، شۇنداقلا مەلۇم بىر دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئاساسى. بىز ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىشنى تەكىتلەش بىلەن بىللە، مەدەنىيەت قورۇلۇشنى ئىدىيە–روھىيەت ئاساسى قىلىشىمىز كېرەك. بۇمۇ ئىلمىي تەرەققىياتنىڭ ئىچكى تەلىپى.

无觅相关文章插件,快速提升流量

خەتكۈچ:
تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter