ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى

جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى

2012-09-10 10:59     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى  مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدا مۇلاھىزە    رېن لىشۇەن        تۈزۈم تۈپ خاراكتېرگە، ئومۇمىيلىققا، مۇقىملىققا ۋە ئۇزاق مۇددەتلىككە ئىگە. تۈزۈم مەسىلىسى پا....

جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى

 مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدا مۇلاھىزە

  

رېن لىشۇەن

 

     تۈزۈم تۈپ خاراكتېرگە، ئومۇمىيلىققا، مۇقىملىققا ۋە ئۇزاق مۇددەتلىككە ئىگە. تۈزۈم مەسىلىسى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە چېتىلىدۇ.

     ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلدى، بۇنىڭدا تۈزۈمنىڭ رولى زور بولدى. تارىخنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشتە تۈزۈمنىڭ تۈپ كاپالىتى بەكمۇ مۇھىم. پارتىيە ۋە خەلق ئۇنى ھەسسىلەپ قەدىرلىشى، ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇشى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك.

     جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى پارتىيەمىزنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادىي، سىياسىي، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي ساھەلەردە شەكىللەندۈرگەن ئۆزئارا جىپسىلاشقان، ئۆزئارا باغلانغان تۈزۈم سىستېمىسىنىڭ يۈكسەك يىغىنچاقلىنىشىدۇر. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۇمى بىر نەچچە ئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ بوشاشماي ئىزدەنگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكى مەركەزلىك ئەكس ئەتكەن. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز بەرپا قىلىشتا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە باشتىن–ئاخىر چىڭ تۇرۇشىمىز ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

 

جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى ئۆزئارا جىپسىلاشقان، ئۆزئارا

باغلانغان بىر يۈرۈش تۈزۈم سىستېمىسى

 

    ئۇزاق مۇددەتلىك ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات مۇساپىسىدە، پارتىيەمىز ماركسىزمنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئېلىمىزنىڭ ئەھۋالىنى چوڭقۇر تونۇش، كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش قانۇنىيىتى، ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەش ئاساسىغا قۇرۇپ، قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچكە ئىگە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى شەكىللەندۈردى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى بىر يۈرۈش تۈزۈم سىستېمىسى بولۇپ، تۈپ قاتلاملىق تۈزۈم، ئاساسىي قاتلاملىق تۈزۈم، كونكرېت قاتلاملىق تۈزۈم ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىدىن تەركىب تاپقان. ئوخشىمىغان قاتلامدىكى تۈزۈملەر ئوخشىمىغان ئورۇن ۋە ئوخشىمىغان رولغا ئىگە بولۇپ، ئۇلار ئۆزئارا جىپسىلاشقان، ئۆزئارا باغلانغان بىر يۈرۈش تۈزۈم سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەن.

     خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى تۈپ قاتلاملىق تۈزۈم بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ خاراكتېرى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ماھىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. تۈپ قاتلاملىق تۈزۈم بىر يۈرۈش تۈزۈم سىستېمىسىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان تۈزۈم بولۇپ، ئۇ بىر خىل تۈزۈم سىستېمىسىنىڭ باشقا تۈزۈم سىستېمىلىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرۇشىنىڭ ئاساسىي بەلگىسىدۇر. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈم سىستېمىسىدا تۈپ سىياسىي تۈزۈم بولغان خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى تۈپ قاتلاملىق تۈزۈمدۇر. خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى ماركسىزملىق دۆلەت تەلىماتىنى ئېلىمىزنىڭ سىياسىي ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرگەن بۈيۈك ئىجادىيەتتۇر، يېقىنقى زاماندىكى ئېلىمىز سىياسىي تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسىدۇر، ئېلىمىز خەلقىنىڭ ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇشىنىڭ تۈپ يولى ۋە ئالىي ئىشقا ئېشىش نوقتىسىدۇر.

     ئاساسىي سىياسىي تۈزۈم بىلەن ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈم ئاساسىي قاتلاملىق تۈزۈم بولۇپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشى، ئىقتىسادىي تۇرمۇشىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىنى بەلگىلەيدۇ. ئاساسىي قاتلاملىق تۈزۈم بىر يۈرۈش تۈزۈم سىستېمىسنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا مۇھىم تەسىر كۈچكە ئىگە. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈزۈم سىستېمىسىدا ئاساسىي قاتلاملىق تۈزۈم ئاساسىي سىياسىي تۈزۈم بىلەن ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاساسىي سىياسىي تۈزۈم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلاشقان ۋە سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش تۈزۈمى، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى ھەم ئاساسىي قاتلام ئاممىسىنىڭ ئۆزىنى ئىدارە قىلىش تۈزۈمى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈم ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئاساس قىلىنغان، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىك ئورتاق راۋاجلاندۇرۇلىدىغان ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈم بولۇپ، ئۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئېلىمىز تەرەققىياتىدا مۆجىزە يارىتىلىشىنىڭ مۇھىم كاپالىتىدۇر. سوتسىيالىستىك دۆلەتنىڭ تۈپ ماھىيىتى ئېلىمىزنىڭ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىشتا باشتىن–ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك ئىگىلىك ئاساسىنى ۋە خەلقنىڭ ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ماددىي ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەكلىكىنى بەلگىلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ئەھۋالى ئوبيېكتىپ جەھەتتە كۆپ خىل مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنى ئورتاق راۋاجلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئېلىمىزنىڭ ئاساسىي سىياسىي تۈزۈمى، ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمى دۆلىتىمىزنىڭ ماھىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. بىز ئاساسىي سىياسىي تۈزۈم جەھەتتە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلاشقان ۋە سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇشىمىز، ئىقتىسادىي ئاساسىي تۈزۈم جەھەتتە سوتسىيالىستىك ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنى ئاساس قىلىش، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنى ئورتاق راۋاجلاندۇرۇش بىلەن خۇسۇسىيلاشتۇرۇش ۋە نوقۇل ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنى يولغا قويۇش ئوتتۇرىسىدىكى چېگرانى ئېنىق ئايرىشىمىز كېرەك.

     ئىقتىسادىي تۈزۈلمە، سىياسىي تۈزۈلمە، مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى، ئىجتىمائىي تۈزۈلمە كونكرېت قاتلاملىق تۈزۈم بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك، ماس قەدەملىك، سىجىل تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. كونكرېت قاتلاملىق تۈزۈم تۈپ قاتلاملىق تۈزۈم ۋە ئاساسىي قاتلاملىق تۈزۈمنىڭ ھاسىلى بولۇپ، ئۇ تۈزۈملەرنىڭ نامايان بولۇش ۋە ئىشقا ئېشىش شەكلىدۇر. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈزۈم سىستېمىسىدا كونكرېت قاتلاملىق تۈزۈم، تۈپ سىياسىي تۈزۈم، ئاساسىي سىياسىي تۈزۈم، ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈم ئاساسىغا قۇرۇلغان ئىقتىسادىي تۈزۈلمە، سىياسىي تۈزۈلمە، مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى، ئىجتىمائىي تۈزۈلمىلەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ كونكرېت قاتلاملىق تۈزۈملەر ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى، سىياسىي قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشى جەھەتلىرىدە مۇھىم رول ئوينايدىغان بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك، ماس قەدەملىك، سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە بىز ئەمەلىي تەرەققىيات جەريانىدا كونكرېت قاتلاملىق تۈزۈملەرنىڭ زامانغا ماس كەلمەيدىغان بەزى مەزمۇنلىرىنى ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىساق بولىدۇ. كونكرېت قاتلاملىق تۈزۈم ئەمەلىي تەرەققىيات جەريانىدا دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىيەلمىسە، ئۇ تۈپ سىياسىي تۈزۈم، ئاساسىي سىياسىي تۈزۈم ۋە ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن.

     جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسى قانۇنىي شەكىل ئارقىلىق ئورنىتىلغان تۈزۈم، ئۇ قېلىپلاشتۇرۇلغان تۈرلۈك قانۇن–نىزاملار ئارقىلىق ئوخشىمىغان قاتلامدىكى تۈزۈملەرنىڭ ئىزچىللىشىشى ۋە ئەمەلىيلىشىشىنى ياخشى قانۇنىي ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۇزاق مۇددەت بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىش نەتىجىسىدە، ئېلىمىز دۆلىتىمىز ئەھۋالى ۋە ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلغان، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلاشقان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە ئېلىمىز خەلقىنىڭ ئىرادىسىنى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرگەن جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسى ئاساسىي قانۇننى يېتەكچى، قانۇننى غول لىنىيە، مەمۇرىي قانۇن–بەلگىلىمىلەر ۋە يەرلىك قانۇن–بەلگىلىمىلەرنى مۇھىم تەركىبىي قىسىم قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى، سىياسىي قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشى ھەم ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى ئاساسلىنىدىغان قانۇنغا ئىگە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلدى. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىك ئورنىنى، ئىشچىلار سىنىپى رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئىشچى–دېھقانلار ئىتتىپاقى ئاساسىدىكى خەلق دېموكراتىك دىكتاتۇرلۇقىدىكى دۆلەت گەۋدىسىنى، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدىكى سىياسىي گەۋدىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلاشقان ۋە سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش تۈزۈمىنى، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى ۋە ئاساسىي قاتلام ئاممىسى ئۆزىنى ئىدارە قىلىش تۈزۈمىنى، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئاساس قىلىنغان، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىك ئورتاق راۋاجلاندۇرۇلىدىغان ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈم ۋە ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىش ئاساس، كۆپ خىل تەقسىمات شەكلى قوشۇمچە قىلىنغان تۈزۈملەرنى بېكىتتى. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپىنى، خەلقنىڭ تۈپ ئىرادىسى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىپ، تۈرلۈك قانۇن ئۆلچەملىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئوخشىمىغان قاتلاملىق تۈزۈملەرنىڭ ئىزچىللىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىنى ياخشى قانۇن – تۈزۈم مۇھىتى بىلەن تەمىنلىدى.

 

جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى زور ئەۋزەللىككە

 ۋە قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچكە ئىگە

 

     جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى دۆلىتىمىزنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ، ئۇ ئېلىمىز جەمئىيىتىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئۇزاق مۇددەت سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇشىدەك ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلغان، سوتسىيالىزمنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرغان ھەم روشەن جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكنى نامايان قىلغان؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ، ئۇ دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىش، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىش تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى چىقىش قىلىپ، تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىقتىن ئىبارەت دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ، ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ مۇنەۋۋەر مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئۆرنەك قىلغان. دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى غايەت زور ئەۋزەللىككە ۋە قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچكە ئىگىدۇر.

     بۇ تۈزۈم پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ، خەلقنىڭ ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى قوزغاشقا پايدىلىق. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈزۈم ئادەمنى ئاساس قىلىشتا، پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلقنىڭ ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇشى، دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى جانلىق بىرلەشتۈرۈشتە، خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى كاپالەتلەندۈرۈش، قوغداش، تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرىدۇ.

     بۇ تۈزۈم ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنى سىجىل، تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پايدىلىق. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئىنسانلار جەمئىيىتى تەرەققىياتىنىڭ تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. سوتسىيالىزمنىڭ باش ۋەزىپىسى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتۇر. پارتىيەمىزنىڭ بارلىق كۈرەشلىرى يىغىپ ئېيتقاندا ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى سوتسىيالىزم بىلەن بازار ئىگىلىكىنى ئىجادىي يوسۇندا جانلىق بىرلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى زور دەرىجىدە ئازاد قىلدى ۋە راۋاجلاندۇردى. پارتىيەمىز ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىغا ئۇيغۇنلاشقان ھالدا، سىياسىي تۈزۈلمە، مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى، ئىجتىمائىي تۈزۈلمە جەھەتلەردىكى ئىسلاھاتنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈلمىسىنى تولۇپ – تاشقان ھاياتىي كۈچكە، جەلپ قىلىش كۈچىگە ۋە ئۇيۇشۇش كۈچىگە ئىگە قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

     بۇ تۈزۈم ئىجتىمائىي ئادىللىقنى قوغداپ، خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پايدىلىق. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى ئىجتىمائىي ئادىللىقنى باشتىن–ئاخىر قوغداپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ ئىسلاھات ، تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قىممەت يۈزلىنىشى قىلدى. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈزۈم تۈرلۈك تۈزۈملەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئارقىلىق، خەلقنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

     بۇ تۈزۈم كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ زور ئىشلارنى قىلىپ، ئالغا ئىلگىرىلەش داۋامىدىكى تۈرلۈك خەۋپ–خەتەر خىرىسلىرىغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشقا پايدىلىق. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىر–تەكلىپلىرىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشنى تەكىتلەيدۇ ھەم توغرا مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسەتلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنىڭ تېز، ئۈنۈملۈك ئىزچىللىشىپ ئىجرا قىلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. بۇنداق تۈزۈم ئەۋزەللىكى مەركەزنىڭ سىياسىي پەرمانلىرىنىڭ بىرلىككە كېلىشىگە، مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ھەرىكەتكە كېلىپ، چوڭ ئىشلارغا تۇتۇش قىلىشقا، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ ئۈنۈملۈك تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق.

     بۇ تۈزۈم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداشقا پايدىلىق. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈزۈم باشتىن–ئاخىر خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىپ، ئوخشىمىغان مىللەت، ئوخشىمىغان سىنىپ، ئوخشىمىغان ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى تەڭ نەزەرگە ئېلىپ، ئىناقلىق ئامىلىنى ئەڭ زور دەرىجىدە زورايتىپ، ئىناقسىز ئامىللارنى ئەڭ زور دەرىجىدە كېمەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغدىدى. مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى دۆلەتنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ باراۋەر ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەتنىڭ باراۋەر بولغان ئىقتىسادىي، سىياسىي، مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئورتاق قوغدىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

 

جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈزۈمىدە باشتىن–ئاخىر چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى

 ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك

 

     يولداش خۇ جىنتاۋ ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان سۆزى››دە: ‹‹90 يىللىق كۈرەش، ئىجادىيەت، تەجرىبە توپلاش جەريانىدا، پارتىيەمىز ۋە خەلقىمىز چوقۇم ھەسسىلەپ قەدىرلەشكە، ئۇزاق مۇددەت چىڭ تۇرۇشقا ۋە ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تېگىشلىك مۇۋەپپەقىيەت شۇ بولىدۇكى، بىز جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى ئېچىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى ئورناتتۇق›› دەپ كۆرسەتتى. بۇ مۇھىم باياندا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ئۇقۇم ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ مەزمۇنى يەنىمۇ بېيىتىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى بىلەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنىڭ بىر– بىرىنى تولۇقلايدىغان، ئورگانىك بىردەكلىككە ئىگە مۇناسىۋىتى چوڭقۇر شەرھلىنىپ، يېڭى تارىخىي شارائىتتا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇشىمىز ۋە ئۇنى مۇكەممەلەشتۈرۈشىمىزنىڭ يۆنىلىشى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى.

     جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى بېيىتىش داۋامىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇشىمىز ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز كېرەك. تۈزۈم بىلەن نەزەرىيە بىر – بىرىدىن ئايرىۋېتىشكە بولمايدىغان مۇناسىۋەتكە ئىگە. تۈزۈمنىڭ شەكىللىنىشى مۇئەييەن ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىدۇ ھەم مۇئەييەن نەزەرىيەنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشىغا موھتاج بولىدۇ. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئورنىتىلىشى ماركسىزم–لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدىن ئايرىلالمايدۇ. بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، پارتىيەمىز ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىسىنى ئېلىمىزنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى ۋە دەۋر ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى قاتارلىق زور ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى جۇڭگودىن ئىبارەت 1مىليارد نەچچە يۈز مىليون نوپۇسقا ئىگە تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتتە قانداق سوتسىيالىزم قۇرۇش، سوتسىيالىزمنى قانداق قۇرۇش، قانداق پارتىيە قۇرۇش، پارتىيەنى قانداق قۇرۇش، قانداق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش، قانداق تەرەققىي قىلىشتەك بىر قاتار زور مەسىلىلەرگە سىستېمىلىق جاۋاب بەردى. يېڭى تارىخىي شارائىتتا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن، نەزەرىيەنىڭ تۈزۈم قۇرۇلۇشىغا بولغان يېتەكچىلىك رولىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنى يېتەكچى قىلىشتا باشتىن–ئاخىر چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك.

     جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە ئۈزلۈكسىز چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئاڭلىقلىقىمىز، قەتئىيلىكىمىزنى داۋاملىق ئاشۇرغاندىلا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىمىز جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدۇ، جۇڭگوچە نەزەرىيە سىستېمىمىز تېخىمۇ بېيىپ مۇكەممەللىشىدۇ، ھازىرقى زامان ئېلىمىز تەرەققىياتى تۈپ تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە بولىدۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىمىزنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى ئۈزلۈكسىز يارىتىلىدۇ.

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter