ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ئىلمىي تەرەققىياتقا يېڭىلىق يارىتىش ئىستراتېگىيەسى نۇقتىسىدىن قاراش كېرەك

ئىلمىي تەرەققىياتقا يېڭىلىق يارىتىش ئىستراتېگىيەسى نۇقتىسىدىن قاراش كېرەك

2013-02-04 10:31     كۆرۈلۈشى: 1467 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:      تارىخ سائىتىنىڭ ئىستىرىلكىسى 21 – ئەسىرنى كۆرسەتكەندە، 20 نەچچە يىللىق تېز سۈرئەتلىك تەرەققىيات مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتكەن جۇڭگو يېڭى بىر باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتاتتى. دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇ....

     تارىخ سائىتىنىڭ ئىستىرىلكىسى 21 – ئەسىرنى كۆرسەتكەندە، 20 نەچچە يىللىق تېز سۈرئەتلىك تەرەققىيات مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتكەن جۇڭگو يېڭى بىر باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتاتتى. دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسىتىگە قارىتا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىلمىي قارار چىقىرىپ، مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى دۆلەت قۇرۇش يولىنى تاللىدى.

     مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش، مۇھىم نۇقتىدا ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن تارتىپ تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، كەلگۈسىنى كۈتۈۋېلىشقىچە يېڭىلىق ياراتقۇچى كۈچلەر مۇقەددەس جۇڭخۇا زېمىنىدا توختىماي تىرىشتى. يېڭىلىق يارىتىش ئىستراتېگىيەسى ئىلمىي تەرەققىياتنىڭ چەكسىز ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ۋە خەلقئارالىق رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى.

     ھالقىلىق مەزگىلدىكى تارىخىي تاللاش مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتكە قارىتا مۇقەددەس جۇڭخۇا زېمىنىدا يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى دۆلەت قۇرۇش مارشى ياڭرىدى.

     2012- يىلى 6 – ئاي تارىخ بېتىدە مەڭگۈ ساقلىنىدۇ. ‹‹خاسىيەتلىك كېمە 9›› ئالەم بوشلۇقىدا پەرۋاز قىلدى، ‹‹سۇ ئەجدىھاسى›› چوڭقۇر دېڭىز ئاستىغا شۇڭغۇدى، جۇڭگو پۈتۈن دۇنياغا ئۆزىنىڭ ئىلىم – پەن تەرەققىيات نەتىجىسىنى نامايان قىلدى. جۇڭگولۇقلار بۇنىڭدىن ئىنتايىن پەخىرلەندى، دۇنيا خەلقى بۇنىڭدىن ھەيران قالدى.

     «سۇ ئەجدىھاسى›› ناملىق ئادەملىك چۆكمە ئەسۋابى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئوخشاش تۈردىكى چۆكمە ئەسۋابلىرى 60 يىلدا بېسىپ ئۆتكەن تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئون يىلدىلا تاماملىدى. شۇنىڭدەك ئون يىل كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، ئالەم بوشلۇقىدا ‹‹ئادەملىك›› ئۇچۇش ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، قاتناشقان ئادەم سانى كۆپ بولۇش، ئالەم بوشلۇقىدا تۇرغان ۋاقتى ئۇزاق بولۇش، بوشلۇقتا تۇتاشتۇرۇش بويىچە تۇنجى قېتىملىق تارىخىي ھالقىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

     بۇ ئون يىل ئاجايىپ نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن ئون يىل بولدى. بۇ ئون يىلدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش يولى، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى دۆلەت قۇرۇش ئىستراتېگىيەسىگە قارىتا قەدەممۇ قەدەم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىنىپ، كۈچلەر ئۈزلۈكسىز توپلىنىپ، يېڭىلىق يارىتىش بارغانسېرى ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ‹‹ياردەمچىسى›› ۋە ‹‹ھەرىكەتلەندۈرگۈچىسى›› بولۇپ قالدى.

     پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن پۇرسەت ۋە خىرىسقا قارىتا يىراققا نەزەر تاشلاپ، ھالقىلىق مەزگىلدە تۇرۇۋاتقان جۇڭگوغا مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش شەكلىنى ئۆزگەرتىش ۋە دۆلەتنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشنىڭ مەركىزىي ھالقىسى قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى دۆلەت قۇرۇشنى كەلگۈسىگە يۈزلىنىشتىكى زور ئىستراتېگىيە قىلىش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

     16- قۇرۇلتايدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىدى. 2006 – يىلى 1 – ئايدا، رەئىس خۇ جىنتاۋ مەملىكەتلىك پەن – تېخنىكا يىغىنىدا مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى دۆلەت قۇرۇشتىن ئىبارەت زور ئىستراتېگىيەلىك نىشاننى ئوتتۇرىغا قويدى.

     ئارقىدىنلا دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئۇزاق مەزگىللىك پەن – تېخنىكا تەرەققىيات پىلانى تىزىسى ئېلان قىلىندى. كەلگۈسىدىكى خەلقئارالىق پەن – تېخنىكا رىقابىتىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەش ئۈچۈن، چوڭ تىپتىكى ئايروپىلان، ئالىي دەرىجىلىك رەقەملىك كونترول قىلىنىدىغان ئىستانوك قاتارلىق 16 زور پەن – تېخنىكا مەخسۇس تۈرى بىر – بىرلەپ يولغا قويۇلدى.

      مۇقەددەس جۇڭخۇا زېمىنىدا بۇ يىل 7 – ئايدا يەنە بىر قېتىم يېڭىلىق يارىتىش مارشى ياڭرىدى، مەملىكەتلىك پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنىدا پەن – تېخنىكا تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىستېما قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش توغرىسىدا قارار چىقىرىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسى باشلاندى.

     ئىزدىنىش مېخانىزمى ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتتى جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە دۆلەت يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى پۇختا قەدەمدە ئىلگىرىلىدى، مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش قەدىمى مەردانە تاشلاندى.

     «خۇاۋېي›› تېخنىكا چەكلىك شىركىتى 20 يىل ئىلگىرى رويخەتكە ئالدۇرغان، 20 نەچچە مىڭ يۈەنلا مەبلىغى بار كىچىك شىركەت ئىدى. مەزكۇر شىركەت تەتقىقاتقا زور كۈچ سەرپ قىلىش، مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق چەت ئەلدىكى خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى ماگناتلىرىنىڭ مونوپولىنى بۇزۇپ تاشلاپ، خەلقئارا بازاردا نۇرغۇن رەقىبىنى يېڭىپ، جۇڭگوغا شان – شەرەپ كەلتۈردى.

     «جۇڭشىن›› خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى پاي چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو ‹‹داتاڭ›› گۇرۇھ شىركىتى ۋە ‹‹خەيئېر›› شىركىتى قاتارلىق ‹‹خۇاۋېي›› غا ئوخشاش يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە بىر تۈركۈم كارخانا كەسىپتە باشلامچى بولدى ھەم خەلقئارا بازاردا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىدى.

     كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى كەڭ كۆلەمدە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈش بىلەن بىللە يەنە دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىدىكى باشقا جەھەتلەردىكى قۇرۇلۇشلارمۇ پۇختا قەدەمدە ئىلگىرىلىدى.

     مەملىكەت بويىچە 1000دىن كۆپرەك پەن تەتقىقات ئورنى كارخانىلىشىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى تاماملاپ، ئاساسلىق ئىقتىسادىي جەڭگاھتىن قۇتۇلۇپ چىقتى.

     1000 كىشىلىك پىلان،  100 كىشىلىك پىلان، ‹‹چاڭجياڭ ئالىملار مۇكاپات پىلانى›› قاتارلىقلار يولغا قويۇلۇپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان توسالغۇلار ئۈزلۈكسىز يوقىتىلدى. دۆلىتىمىزدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ سانى ھازىر 2 مىليون 800 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.

     پائال ئىزدىنىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق سىياسىي، ئىشلەپچىقىرىش، ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش ۋە ئىشلىتىش ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن دۆلەت يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، پۈتكۈل جەمئىيەت دائىرىسىدە يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى تېخىمۇ تولۇق ئۇرغۇتۇلدى.

     پەن تەتقىقات نەتىجىلىرى كۆپىيىپ، ئىلمىي ماقالىلەرنىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتى ئۆسۈپ، دۇنيا بويىچە 7 – ئورۇنغا ئۆتتى. 2011 – يىلى كەشپىيات پاتېنت ھوقۇقى سانى 172مىڭغا يېتىپ، دۇنيادا 3 – ئورۇندا تۇردى.

     پۈتكۈل جەمئىيەت دائىرىسىدىكى تەتقىقات ۋە ئېچىش خىراجىتى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، 2011 – يىلى 861 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %1.83ىنى ئىگىلەپ، دۇنيادا 3 – ئورۇندا تۇردى.

     ئىلىم – پەندە يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، بىرتۈركۈم يۇقىرى سەۋىيەلىك ئاساسىي بىلىم ۋە 1 – دەرىجىلىك تېخنىكا تەتقىقات بازىلىرى قەدەممۇ قەدەم شەكىللىنىپ، دەرىجىدىن تاشقىرى سېپىرلىق ھېسابلاش ماشىنىسى، گېن تەكشۈرۈش تەرتىپى قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇھىم پەن – تېخنىكا تۈرلىرىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىندى.

     تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى كەڭ كۆلەمدە ئۆسۈپ، بىرتۈركۈم مۇھىم، زور تېخنىكىلار بارلىققا كېلىپ، سەنشيا قۇرۇلۇشى، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش، چىڭخەي – شىزاڭ تۆمۈريولى قاتارلىق مۇھىم قۇرۇلۇشلار شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

     يېڭىلىق يارىتىش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى ئاشتى. يېڭىلىق يارىتىش ئىستراتېگىيەسى جۇڭگونى ئىلمىي تەرەققىيات يولىدا چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەشكە يېتەكلىدى.

     دېلتا رايونىغا جايلاشقان سۇجۇ سانائەت باغچىسى دۆلەت ھالقىغان كارخانىلارنىڭ نەزەرىدە جۇڭگودىكى ئەڭ جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە تەرەققىيات رايونىنىڭ بىرى، بۇ رايون تەرەققىيات بوشلۇقى ۋە مۇھىت سىغىمى قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن مەسىلىگە دۇچ كەلگەن .

     2006- يىلى، بىيو دورىلار، يېڭى ماتېرىياللار قاتارلىق گۈللەنمە كەسىپلەرگە نىسبەتەن زور باشلامچىلىق رولىغا ئىگە بولغان ‹‹نامو›› تېخنىكىسى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. بىر قانچە يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق سانائەت باغچىسىدا ‹‹نامو›› يېڭى ماتېرىيالى، ‹‹نامو›› فوتوئېلېكتىرون، ‹‹نامو›› بىيو دورا قاتارلىق كەسىپلەر بارلىققا كېلىپ، 100دىن كۆپرەك مۇناسىۋەتلىك كارخانا بۇ جايغا ماكانلاشتى.

     ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى ئاشۇرۇش يولىدا مېڭىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ كىرىزىسقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن چىقارغان قارارى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى ئۇزاق مەزگىللىك سىياسەتتۇر.

     ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جەھەتتە ئالدىدا مېڭىپ كېلىۋاتقان شېنجېن شەھىرىدە 2008 – يىلى مەملىكەت بويىچە تۇنجى دۆلەتلىك يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى شەھەر سىناق نۇقتىسى خىزمىتى قانات يايدۇرۇلدى. ھازىر مەملىكەت بويىچە 42 شەھەردە يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى شەھەر سىناق نۇقتىسى بار بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى.

     شاڭخەيدىكى ‹‹جاڭجياڭ›› يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر باغچىسى، بېيجىڭدىكى ‹‹جۇڭگۇەنسۈن››، ۋۇخەندىكى ‹‹دۇڭخۇ›› يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىنى ۋەكىل قىلغان دۆلەت دەرىجىلىك 88 يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونىمۇ يېڭىلىق يارىتىش يولىدىكى ئاۋانگارتقا ئايلىنىپ، بىر تۈركۈم ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەر بارلىققا كېلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ گۈللەنمە كەسىپلەر ساھەسىدىكى خەلقئارالىق رىقابەت كۈچى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

     يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى، پۇقرالار نەپكە ئېرىشتى، يېڭىلىق يارىتىش جۇڭگونىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش يولىنى يورۇتتى. رەقەملىك تېلېۋىزوردىن تارتىپ يېرىم ئۆتكۈزگۈچلۈك چىراغقىچە، يېڭى دورىلارنى تەتقىق قىلىپ ئىشلەشتىن تارتىپ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگىچە، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولدىن تارتىپ ئەقلىي ئىقتىدارلىق قاتناشقىچە … مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنىڭ ئۆسۈشى كۆرگىلى ۋە تۇتقىلى بولىدىغان ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلدى. ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىۋاتقان پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرى تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ياراتقۇسى!

 

     (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter