ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> «ئىككى نىشان›› يېڭى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئابىدە

«ئىككى نىشان›› يېڭى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئابىدە

2013-02-04 10:23     كۆرۈلۈشى: 1469 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:     ئەھەد مۇھەممىدۇللا        پارتىيەنىڭ 18 – قۇرۇلتىيىدا ئىككى تۈرلۈك 100 يىللىق كۈرەش قىلىش نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىدا ئومۇميۈزلۈك ھ....

    ئەھەد مۇھەممىدۇللا

 

     پارتىيەنىڭ 18 – قۇرۇلتىيىدا ئىككى تۈرلۈك 100 يىللىق كۈرەش قىلىش نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش؛ يەنە بىرى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىدا باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىيەتلىك، ئىناق بولغان سوتسىيالىستىك زامانىۋى دۆلەت بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت. بۇ ئىككى نىشان بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان، لېكىن، پارتىيەنىڭ 18 – قۇرۇلتىيىدا يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى تارىختىن بۇيان جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بۈيۈك گۈللىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئەڭ يېقىنلاشقان مۇھىم بىر تارىخىي پەيتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ بەردى. پارتىيەمىز ھەر قېتىمقى بەش يىللىق پىلانلىرىدا ئۆز ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ كەلدى. بىز پارتىيەمىزنىڭ ئۆز نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا قەتئىي بوشاشماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغانلىقىدىن، خەلققە بەرگەن ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا بوشاشماي كۈرەش قىلىدىغانلىقىدىن پەخىرلىنىشىمىز كېرەك. شۇنداق دېيىشكىمۇ بولىدۇكى، بۇ ئىككى تۈرلۈك 100 يىللىق نىشان جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئىككى بۈيۈك ئابىدە. ئىشىنىمىزكى، يېقىن كەلگۈسىدە، بۇ ئابىدىلەر بارلىق جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ قەلبىدە چوقۇم مەڭگۈلۈك ئابىدىگە ئايلىنىدۇ.

     ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ نىشان تەلەپلىرى ‹‹بەش جەھەت››تىن تولۇقلىنىپ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى

     ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ نىشان تەلەپلىرى ئىقتىساد سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىش؛ خەلق دېموكراتىيەسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش؛ مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇش؛ خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش؛ بايلىق تېجەيدىغان، مۇھىتنى ئاسرايدىغان جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت. دوكلاتتا كىشىنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغان نىشان 2020–يىلىغا بارغاندا، ‹‹ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ۋە شەھەر–يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمىنى 2010–يىلىدىكىدىن بىر قاتلاش›› بولۇپ، ئۇ چاغقا بارغاندا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى پۇقرالارنىڭ كىيىنىش، يېيىش–ئىچىش، يۈرۈش–تۇرۇش سەۋىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئۆسىدۇ، ئاممىۋى مۇلازىمەتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئومۇمىي جەھەتتىن ئىشقا ئېشىپ، پۈتۈن خەلقنىڭ تەربىيەلىنىش دەرىجىسى ۋە يېڭىلىق يارىتىدىغان ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش سەۋىيەسى روشەن يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. شەھەر–يېزىلاردىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرى كېڭىيىدۇ، كىرىم تەقسىمات پەرقى كىچىكلىتىلىپ، ئوتتۇرا ھال كىرىملىق ئامما بارغانسېرى كۆپىيىپ، نامراتلىق بارغانسېرى ئازىيىدۇ. يېزىلاردىكى دېھقانلارنىڭ شەھەرلىشىش قەدىمى تېزلىشىدۇ، شەھەر–بازارلاردىكى ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇسنى تولۇق قاپلاش ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، ھەممە ئادەم ئاساسىي داۋالىنىش، سەھىيە مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، تۇرالغۇ مۇھىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىدۇ، تۇرالغۇ ئۆي كاپالەت سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللىنىدۇ. پۇقرالارنىڭ سوتسىيالىستىك جۇڭگودا ياشاش بەخت تۇيغۇسى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلىدۇ.

     سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى 24 خەت بىلەن ئۈچ قاتلامغا يىغىنچاقلىدى

     پارتىيەنىڭ 18–قۇرۇلتاي دوكلاتىدا، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى 24 خەت ئارقىلىق دۆلەت، جەمئىيەت ۋە شەخس قاتلىمىدىن تۇرۇپ شەرھلىدى.

     دۆلەت نۇقتىسىدىن، باي–قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىيەتلىك، ئىناق بولۇش؛ جەمئىيەت نۇقتىسىدىن، ئەركىن، باراۋەر، ئادىل، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش؛ پۇقرا نۇقتىسىدىن، ۋەتەننى سۆيۈش، كەسىپچان، سەمىمىي، دوستانە بولۇشتىن ئىبارەت. يولداش ماۋ زېدۇڭ دۆلەت، كوللېكتىپ، شەخستىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپ مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەكلىكىنى ئىزچىل تەكىتلەپ ئۆتكەنىدى. بۇ ئۈچ قاتلاملىق سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشىمۇ، ئوخشاش ئىدىيەۋى ئۇسۇلنى نامايان قىلدى. شۇڭا، مۇشۇ ئاساستا سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى پائال يېتىشتۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم.

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

خەتكۈچ:
تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter