ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ئىلمىي تەرەققىياتقا يېتەكلەيدىغان ‹‹سەرخىل قوشۇن›› بەرپا قىلىندى

ئىلمىي تەرەققىياتقا يېتەكلەيدىغان ‹‹سەرخىل قوشۇن›› بەرپا قىلىندى

2013-02-04 10:19     كۆرۈلۈشى: 1413 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: ئون يىللىق رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە رەھبىرىي كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى توغرىسىدا تەھلىل     پارتىيەۋىلىك، پارتىيە ئىستىلىنى تاۋلاپ، ئەخلاق باھالاشقا ئەھمىيەت بېرىلدى        جايلار رەھبەرلىك سەۋىيەسى ۋە....

ئون يىللىق رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە رەھبىرىي كادىرلار

قوشۇنى قۇرۇلۇشى توغرىسىدا تەھلىل

 

 

پارتىيەۋىلىك، پارتىيە ئىستىلىنى تاۋلاپ، ئەخلاق

باھالاشقا ئەھمىيەت بېرىلدى

 

     جايلار رەھبەرلىك سەۋىيەسى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى يادرو قىلىپ، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، توغرا ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشى تۇرغۇزۇش، رەھبەرلىك ئىستىلىنى ياخشىلاشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئىدىيەۋى–سىياسىي قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، كارخانىلار، كەسپىي ئورۇنلار قاتارلىق ساھەلەردىكى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئىدىيەۋى–سىياسىي قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، تەڭ ئۆستۈرۈشتەك ياخشى ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈردى.

     غايە، ئېتىقاد تەربىيەسى رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشىغا باشتىن–ئاخىر سىڭدۈرۈلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا يېڭىدىن كىرگەن 176 ئەزا، كاندىدات ئەزا ۋە ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك 2000 دىن كۆپرەك رەھبىرىي كادىر مەركەز ئويۇشتۇرغان ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى ۋە 16–قۇرۇلتاي روھى مەخسۇس تېمىسىدىكى مۇھاكىمە كۇرسىغا قاتناشتى. 2003–يىلىدىن باشلاپ، مەركىزىي كومىتېت ئۇدا ئون يىل مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارغا مەخسۇس تېمىدا مۇھاكىمە كۇرسى ئېچىپ، رەھبىرىي كادىرلارغا ئۆگەنگەنلىرىنى بايان قىلدۇردى، ئۆگەنگەنلىرىگە باھا بەرگۈزدى، ئۆگەنگەنلىرىدىن ئىمتىھان ئالدى. ‹‹پارتىيەۋىلىك، ئەخلاققا ئەھمىيەت بېرىش، ئۈلگە كۆرسىتىش›› پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇردى. مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى ‹‹كادىرلار ئەخلاقىنى باھالاشنى كۈچەيتىش توغرىسىدا پىكىر››نى تۈزۈپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ سىياسىي پەزىلىتى ۋە ئەخلاقىنى باھالاشنى كۈچەيتتى.

     رەھبىرىي كادىرلار قوشۇنىنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلدى. مەركىزىي كومىتېت پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ‹‹ئىككى بولۇش››نى ئېسىدە مەھكەم ساقلاپ، ‹‹سەككىزدە چىڭ تۇرۇش، سەككىزگە قارشى تۇرۇش››نىڭ تەلەپلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە باغلاش، ئامما بىلەن قويۇق ئالاقىلىشىش، تەنقىد ۋە ئۆز – ئۆزىنى تەنقىد قىلىشتەك ئېسىل ئەنئەنىنى زور كۈچ بىلەن جارى قىلدۇرۇپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك ئار – نومۇس قارىشىنى ئەمەلىيەتتە ئاڭلىق كۆرسىتىپ، خەلقپەرۋەر، ئەمەلىيەتچىل، پاك – دىيانەتلىك، ئېسىل پارتىيە ئىستىلى ئارقىلىق، ھۆكۈمەت ئىستىلىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق ئىستىلىغا تۈرتكە بولۇشىنى تەلەپ قىلدى.

     دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى تەربىيەسى كۈچەيتىلىپ، رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئىشلارنى مۇھاكىمە قىلىش، تەدبىر بەلگىلەش سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلدى. جايلار پارتكوم مۇھىم مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىپ قارار چىقىرىش ۋە مۇھىم كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەشنى ئاۋازغا قويۇپ بېكىتىش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى، يەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي كېڭەيتىلگەن يىغىنغا خىزمەتنى قەرەللىك دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇمىي كېڭەيتىلگەن يىغىن دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىغا قارىتا دېموكراتىك باھالاش تۈزۈمى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدەندى. دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى باھالاش تۈزۈمىنى ئورناتتى ۋە يولغا قويدى. رەھبەرلىك بەنزىسى ئىچىدە سىردىشىش، يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەر تۆۋەن دەرىجىلىك رەھبەر بىلەن سۆھبەتلىشىش، ئاگاھلاندۇرۇش سۆھبىتى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئورناتتى. مەركەز باشقۇرۇدىغان رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنى يىللىق باھالاش خىزمىتىنى ئۇدا ئۈچ يىل ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇردى. دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىگە خىلاپ ئەھۋاللارنى قەتئىي تۈزەتتى.

 

رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلمىسى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، ئومۇمىي

ساپاسى ئۆستۈرۈلدى

 

     نۆۋەت ئالماشتۇرۇش رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشىدىكى پايدىلىق پۇرسەت. جايلار رەھبەرلىك بەنزىسىنى سەپلەش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ‹‹بىرىنچى قول›› نى سايلاپ تەيىنلەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش، تەيىنلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئايال كادىرلار، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى، پارتىيە سىرتىدىكى كادىرلارنى تاللاپ سەپلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرىنىڭ يېشى، كەچۈرمىشى، ئارتۇقچىلىقى، خاراكتېرىنى ئۆزئارا تولۇقلايدىغان مۇۋاپىق قۇرۇلمىنى شەكىللەندۈرۈپ، رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئونۋېرىسال ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتتى.

     جايلار مۇنەۋۋەر، ئەلالىرىنى تاللاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەڭ مۇنەۋۋەر، ئەڭ مۇۋاپىق كادىرنى پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ رەسمىي ۋەزىپىلىك ئىش ئورنىغا تەيىنلەشكە تىرىشتى. ئاساسىي قاتلامدا رەھبەرلىك قىلىش كەچۈرمىشىگە ئەھمىيەت بەردى، يەرلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ رەسمىي ۋەزىپىدىكى رەھبەرلىرى ئادەتتە تۆۋەن دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا رەسمىي ۋەزىپىلىك خىزمەت ئۆتىگەن كادىرلار ئارىسىدىن تاللاپ ئۆستۈرۈلدى. ‹‹بىرىنچى قول››نى تەربىيەلەش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلدى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى ھەر يىلى شەھەر (ۋىلايەت، ئوبلاست، ئايماق)لىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ رەسمىي ۋەزىپىدىكى باشلىقلىرى ۋە ناھىيە (شەھەر، رايون، خوشۇن) باشلىقلىرى بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىسىنى مەخسۇس تېمىدا ۋە ۋەزىپىگە تەيىنلىنىش جەھەتتە تەربىيەلىدى. ‹‹بىرىنچى قول››نىڭ يېتىلىش قانۇنىيىتى ۋە تەربىيەلەش يولى ئۈستىدىكى تەتقىقاتنى كۈچەيتتى.

     ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش، ئۆستۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇردى. ‹‹ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش، ئۆستۈرۈش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدا پىكىر››نى بېسىپ تارقاتتى. ‹‹مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى ئۆستۈرۈپ سەپلەش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى››نى تارقىتىپ، ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك، مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى، مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىك، ۋالىي، شەھەر باشلىقى دەرىجىلىك كادىر ۋە ناھىيە دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىدىكى رەسمىي ۋەزىپىدىكى ئوخشاش بولمىغان كادىرلارنى سەپلەش تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

     ئايال كادىرلار، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى، پارتىيە سىرتىدىكى كادىرلارنى تەربىيەلەش، ئۆستۈرۈشنى كۈچەيتتى، ئايال كادىرلارنىڭ سانىمۇ كۆرۈنەرلىك ئاشتى. ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى ئۆستۈرۈپ سەپلەشكە ئەھمىيەت بەردى، غەربىي قىسىم ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىن كادىرلارنى داۋاملىق ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا ئەۋەتتى.

     رەھبەرلىك بەنزىسى ئىلمىي سەپلەندى. بىرىنچىدىن، ياش قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇردى. مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى ئۆستۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىللە، ئاددىيغىنا ھالدا ۋەزىپىگە تەيىنلەش يېشىنى قاتلاممۇقاتلام قىسقارتىشنىڭ ئالدىنى ئالدى. ‹‹ناھىيە، يېزا رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىش يېشىنى قاتلاممۇقاتلام قىسقارتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا پىكىر››نى بېسىپ تارقىتىپ، ناھىيەلىك، يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى رەھبەرلىك بەنزىسى ياش قۇرۇلمىسىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىدى. ئىككىنچىدىن، كەچۈرمىش قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇردى. رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرىنىڭ كەسپىي بىلىمىنى يۈرۈشلەشتۈرۈش بىلەن رەھبەرلىك تەجرىبىسىنى ئۆزئارا تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرىدىن مۇناسىپ كەسپىي بىلىمنى ھازىرلاپ، ئۆزى مەسئۇل بولغان خىزمەتنىڭ ماھىرى بولۇشنى تەلەپ قىلدى. ئۈچىنچىدىن، مەنبە قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇردى. ئاساسىي قاتلام ۋە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىدىن مۇنەۋۋەر كادىرلارنى تاللاپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ رەھبەرلىك ئورگانلىرىغا تولۇقلاش، ئاساسىي قاتلامدا ئىككى يىلدىن ئارتۇق خىزمەت قىلىش تارىخى بولغان خادىملار ئىچىدىن مەمۇرلۇققا ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىش، پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئورگانلىرىدىكى ئاساسىي قاتلامدا خىزمەت قىلىش تارىخى يوق ياش كادىرلارنى ئاساسىي قاتلامغا تاللاپ ئەۋەتىپ، ئۇلارنى تەربىيەلەپ چىنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، يېزا، دۆلەت كارخانىلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، شۇنداقلا باشقا ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردىن مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى پىلانلىق تاللاپ پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى رەھبەرلىك بەنزىسىگە كىرگۈزدى.

     كادىرلارنى ئالماشتۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈردى. يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان، ھەر يىلى مەملىكىتىمىزدىكى پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئورگانلىرىدىكى كادىرلارنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش مىقدارى 270 مىڭ – 400 مىڭغىچە بولۇپ، مەملىكىتىمىزدىكى پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى كادىرلار ئومۇمىي سانىنىڭ %5ىنى ئىگىلىدى.

      بىرىنچىدىن، ھالقىلىق ئىش ئورنىدا نۇقتىلىق ئالماشتۇرۇلدى. ھاكىم دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرىنى ئالماشتۇرىدىغان نۇقتىلىق ئوبيېكت قىلدى، يېڭىدىن ئۆستۈرۈلگەن يەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرى (مەمۇرىي تەپتىش تارماقلىرى)، تەشكىلات بۆلۈمى، سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسى، ج خ تارماقلىرىنىڭ رەسمىي ۋەزىپىدىكى رەھبەرلىك بەنزىسىدىكى ئەزالىرىنى باشقا جايدا ۋەزىپىگە تەيىنلەشنى يولغا قويدى.

      ئىككىنچىدىن، تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس ئالماشتۇردى. ئىختىساسلىق كادىرلارنى تاللاپ شىزاڭ، شىنجاڭ، چىڭخەيگە ياردەم بېرىش، ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تاللاپ دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇشى، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، شاڭخەي دۇنيا كۆرگەزمىسى، ۋېنچۇەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى بولغان رايونغا ئەۋەتتى. ئەرزىيەت خىزمەت ئورنىغا ۋەزىپە بىلەن چېنىقىش، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى كادىرلارنى غەربىي رايون، شەرقىي شىمالدىكى كونا سانائەت بازىسى ۋە كونا ئىنقىلابىي رايونلاردا ۋەزىپە بىلەن چېنىقىش، غەربىي قىسىم ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى كادىرلارنى مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، ئىقتىسادى نىسبەتەن تەرەققىي تاپقان رايونلاردا ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا ئەۋەتتى.

      ئۈچىنچىدىن، ئاساسىي قاتلامدا دەرىجە بويىچە ئالماشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بەردى. 2010–يىلىدىن بۇيان، ئۇدا ئۈچ يىل مەركەز ئورۇنلىرى بىلەن ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر قوش يۆنىلىشلىك ئالماشتۇرۇپ ۋەزىپىگە تەيىنلەشنى مەركەزلەشتۈرۈپ قانات يايدۇرۇپ، مەھكىمە، ئىدارە باشلىقى دەرىجىلىك كادىردىن جەمئىي 251 كىشىنى ئالماشتۇردى.

      تۆتىنچىدىن، توساقلارنى ئېچىپ توغرا يۆنىلىشلىك ئالماشتۇردى. رايون، تارماق، مۇھىم كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ئارىسىدىكى كادىر ئالماشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كادىرلارنىڭ نورمال يۆتكىلىش يولىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇردى.

 

نۇقتىلىق باشقۇرۇش يولغا قويۇلۇپ، تۈزۈلمە مېخانىزىمىدا

يېڭىلىق يارىتىلدى

 

     جايلار كادىرلارنى ماكرولۇق باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردى، كادىرلارنى باشقۇرۇش سىستېمىلاشتى، تۈرلىشىش، ئىنچىكىلىشىش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلدى.

     ۋىلايەت، ئوبلاست، ئايماقلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىدىكى رەسمىي ۋەزىپىدىكى كادىرلارنى نۇقتىلىق باشقۇردى. ‹‹شەھەر (ۋىلايەت، ئوبلاست، ئايماق)لىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىدىكى رەسمىي ۋەزىپىدىكى كادىرلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشكە دائىر بىر قانچە بەلگىلىمە››نى بېسىپ تارقىتىپ، ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەر شەھەر، ۋىلايەت، ئوبلاست، ئايماقلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ رەسمىي ۋەزىپىدىكى رەھبەرلەر قوشۇن قۇرۇلۇشىنى ئۈنۈملۈك كۈچەيتتى. يېڭىدىن تەيىنلەنگەن شەھەر، ۋىلايەت، ئوبلاست، ئايماقلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ رەسمىي ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلەرنى تەربىيەلەش تۈزۈمىنى ئورناتتى ھەم بۇ تۈزۈمنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا بىۋاسىتە مەسئۇل بولدى، شەھەر، ۋىلايەت، ئوبلاست، ئايماقلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرىدىكى رەسمىي ۋەزىپىدىكىلەرنى ئالاھىدە ئەھۋالدا تەڭشەشنى مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ قوشۇلۇشىغا سۇنۇش تەلەپ قىلىندى. تۇنجى قارارلىق شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىدىكى رەسمىي ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلەرنى تەربىيىلەش كۇرسى ئاچتى.

     ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىلىرىنى نۇقتىلىق باشقۇردى. ‹‹ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىسى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا بىر قانچە بەلگىلىمە›› قاتارلىق ھۆججەتلەرنى بېسىپ تارقىتىپ، ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىسىنى ئۆستۈرۈش، تەيىنلەشنى تەرتىپ بويىچە ئۆلكە دەرىجىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش، ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىسىنىڭ يەرلىك ئاساسىي قاتلامدا رەھبەرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان كەچۈرمىشى بولۇش، ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىسىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش بويىچە تەربىيەلەشنى مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى بىر تۇتاش تەشكىللەپ يولغا قويۇش، ناھىيىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ناھىيىلىك پارتكومنىڭ ئومۇمىي كېڭەيتىلگەن يىغىنى دائىرىسىدە خىزمىتى ھەم پاك – دىيانەتلىك بولۇش ئەھۋالىدىن دوكلات بېرىش، ئۆلكە دەرىجىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتى كۆزىتىش خىزمىتىنى ناھىيەگە ئۇزارتىش قاتارلىق 20 نۇقتىلىق باشقۇرۇش تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىسىنى نۇقتىلىق باشقۇرۇش تۈزۈم سىستېمىسى شەكىللەندى.

     يېزا، بازارلىق پارتكوم شۇجىلىرىنى نۇقتىلىق باشقۇردى. ‹‹يېزا، بازارلىق پارتكوم شۇجىسى قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا پىكىر›› نى بېسىپ تارقىتىپ، يېزا، بازارلىق پارتكوم شۇجىسى نامزاتىنى ناھىيەلىك پارتكومنىڭ ئومۇمىي كېڭەيتىلگەن يىغىنى ۋە پۈتۈن ناھىيەدىكى رەھبىرىي كادىرلار يىغىنى دائىرىسىدە دېموكراتىك كۆرسىتىش، يېزا، بازارلىق پارتكوم شۇجىسى ئادەتتە بىر نۆۋەتلىك ۋەزىپىسىنى تولۇق ئادا قىلىش، يېزا، بازارلىق پارتكوم شۇجىسىنى تەربىيەلەشكە شەھەرلىك پارتكوم ئاساسلىق مەسئۇل بولۇش، يېزا، بازارلىق پارتكوم شۇجىسىغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئاسراش، يېزا، بازارلىق پارتكوم شۇجىسىنى باھالاش چارىسىنى بېكىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، كۈندىلىك نازارەت قىلىش ۋە ۋەزىپە ئۆتىگەن مۇددىتىدىكى ئىقتىسادىي مەسئۇلىيىتىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشنى كۈچەيتىش قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

 

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى)

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter