ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> بالىلار تەربىيەسىدە بۆشۈكنىڭ رولى

بالىلار تەربىيەسىدە بۆشۈكنىڭ رولى

2012-12-15 4:35     كۆرۈلۈشى: 1530 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: ئىمىنجان كېرىم ئاق شەھىرى      بۆشۈك ئىجتىمائىي مەدەنىيىتىمىزدە تارىخىي ئۇزاق، قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش ئەھمىيىتى چوڭ بولغان خاس قىممەتلىك مەدەنىيەتلىرىمىزنىڭ بىرى. بۈشۈكتە بالا تەربىيەلەشنىڭ رولى ئ....

ئىمىنجان كېرىم ئاق شەھىرى

     بۆشۈك ئىجتىمائىي مەدەنىيىتىمىزدە تارىخىي ئۇزاق، قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش ئەھمىيىتى چوڭ بولغان خاس قىممەتلىك مەدەنىيەتلىرىمىزنىڭ بىرى. بۈشۈكتە بالا تەربىيەلەشنىڭ رولى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، خەلقىمىزدە ئۇ بالىلارنىڭ تەربىيەلىنىش مەكتىپى، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش ماكانى، خاتىرجەم ئۇخلايدىغان ئارامگاھى دەپ قارىلىپ كەلگەن. شۇڭا، ئەجدادلىرىمىز ئىلگىرىلا بوۋاقلارنىڭ ساغلام، ئەقىللىق، پاكىز، تەنرۇس، بىخەتەر چوڭ بولۇشى ئۈچۈن بۆشۈكنى كەشىپ قىلغان.

      بۆشۈكنىڭ لايىھەلىنىشى ئۆزگىچە بولۇپ، تولىمۇ سىپتا ياسىلىدۇ، ئو تېپىلغۇسىز ھۈنەر – سەنئەت بۇيۇمى بولۇپ، ئۇنىڭغا خەلقىمىزنىڭ ئويمىچىلىق، بوياقچىلىق قاتارلىق قول ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى مۇجەسسەملەشكەن، بۆشۈك ياساشتا ياغاچ ئاساسلىق ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭغا ھېچقانداق مىخ ئىشلىتىلمەيدۇ.

     بۆشۈككە بوۋاقلارنى بۆلەشتە يەنە زۆرۈر بولغان بۇيۇملار ئىشلىتىلىدۇ. ئوۋدا، چوغا (شۈمەك)، جاك(كۈلتۈك)، قول تارتقۇ، تىز لاتىسى قاتارلىقلار بوۋاقنى بۆلەشتە ئىشلىتىلىدۇ. ئوۋدا بۆشۈكنىڭ ساندۇقسىمان قىسمىغا، بوۋاقلارنىڭ ئاستىغا سېلىنىدىغان تۆشەك بولۇپ، ئوۋدىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جاك(كۈلتۈك) قاچىسىنىڭ ئاغزىچىلىك تۆشۈك ئېچىلغان بولۇپ، ئۇ يەردىن بوۋاقنىڭ سۈيىدىكى چوغا (شۈمەك) ئارقىلىق، چوڭ تەرىتىنى بىۋاسىتە جاكقا چۈشىدۇ. ئوغۇل – قىز بوۋاقنىڭ جوغا(شۈمىكى)شەكىل جەھەتتىن پەرقلىنىدۇ. قىز بوۋاقنىڭ چوغىسى ئادەتتە ئۇستىخاندىن(ھايۋاناتلار سۆڭىكىدىن) باشسىز قىلىپ ياسىلىدۇ. ئوغۇل بوۋاقلارنىڭ چوغىسى غاڭزا شەكلىدە ياغاچتىن ياسىلىدۇ. بۆشۈكتە يەنە ئىككى دانە تاڭغۇچ بولۇپ، ئۇنىڭ بىرسىدە بوۋاقلارنىڭ پۇتى، يەنە بىرسىدە بوۋاقنىڭ كۆكرەك قىسمى قوللىرى قوشۇلۇپ تېڭىلىدۇ. تىز لاتىسى بوۋاقنىڭ ئىككى تىزىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قىستۇرۇلىدۇ.

     بوۋاقلارنى بۆشۈككە بۆلەپ بېقىشتا يۇقىرىقى بۇيۇملارنىڭ ھەر بىرسىنىڭ رولى ئىنتايىن چوڭ. ئوۋدا بوۋاقلارنى يازدا ئىسسىقتىن، قىشتا سوغۇقتىن ساقلايدۇ ھەم بوۋاقلار يۇمشاق ياتىدۇ، جوغا(شۈمەك)، جاك(كۈلتۈك) بوۋاقلارنىڭ ئاستىنىڭ مەينەت ۋە ھۆل بولۇپ كېتىشىدىن ساقلايدۇ. تىز لاتىسى ئىككى تىز ئارىسىغا قىستۇرۇلۇپ بوۋاقنىڭ پۇتىنىڭ تۈز، ساغلام يېتىلىشىگە خىزمەت قىلىدۇ. قول تاتقۇ بىلەن بوۋاقلارنىڭ پۇت – قۇلى مەھكەم تېڭىپ قويۇلغاچقا، ئۇ بوۋاقنى ئۇيان – بۇيان ھەرىكەتلىنىپ بۆشۈكتىن يىقىلىپ چۈشۈشتىن ساقلايدۇ. بۆشۈكنىڭ پۇتلىرى يايسىمان بولۇپ، ئۇنى تەۋرەتمەك ئاسان، ئۇيغۇر ئانىلىرى قولىدا يىڭنە ئىشى قىلغاچ پۇتى بىلەن بۆشۈكنى تەۋرىتىدۇ، بۆشۈكتە ياتقان بوۋاق ئاسانلا ئۇخلاپ قالىدۇ. بۆشۈكنىڭ ئىككى بېشى گۈللۈك بالداق بىلەن چېتىلىدۇ. بالداقتىن تۇتۇپ بۆشۈكنى يۆتكىگىلى ئۇنىڭغا پەردە ياپقىلى ۋە ھەر خىل ئويۇنچۇقنى ئېسىپ بالىلارنى ياتقۇزۇپ قويۇپ ئويناتقىلى بولىدۇ.

     بۆشۈكتىكى بوۋاقلارنى ئېمىتىش قولايلىق بولۇپ، ئانىلار بۆشۈككە يۆلىنىپ تۇرۇپ بالا ئېمىتكەندە، كېچىدە ئۇيقۇلۇقتا بوۋاقنىڭ بېسىلىپ كېتىشنىڭ ۋە ئېمىتكەندە تۇنجۇقۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. بۆشۈكنىڭ بېشىغا ئېسىپ قويغان ھەر خىل ئويۇنچۇق ئارقىلىق بوۋاقلارنىڭ زېھنىنى ئاچقىلى بولىدۇ. يەنە ئانىلار بۆشۈك بېشىدا ئولتۇرۇپ بالىلارغا ئەللەي ناخشىسى ياكى چۆچەك ئېيتىپ بېرىدۇ. بۆشۈك ۋە بۆشۈك مەدەنىيىتى چوڭقۇر مەزمۇنغا ئىگە بولۇپ، قىسمەن ئەڭ ئىپتىدائىي مائارىپ تۈسىنى ئالغان. بالىلار تۇغۇلغاندىن كېيىن تۇنجى تەربىيەنى بۆشۈكتە ئانىلاردىن ئالىدۇ. ئانىلارنىڭ بۆشۈك بېشىدا ئولتۇرۇپ ئېيتقان ھەر بىر ناخشىسى ۋە ھېكايە – چۆچەكلىرى بوۋاقلار ئۈچۈن جانلىق دەرسلىك ۋە بىلىم ھېسابلىنىدۇ. ئومۇمەن، بۆشۈكنىڭ بالا بېقىش ۋە بالا تەربىيەلەشتىكى رولى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، بالىلار بۆشۈكتە ساغلام، پاكىز، بىخەتەر، زېھنىي ئوچۇق، ئەقىللىق ۋە قورقماس، جاسارەتلىك ئۆسۈپ يېتىلىدۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter