ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىدىيە–ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئىنتايىن مۇھىم

پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىدىيە–ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئىنتايىن مۇھىم

2013-02-01 12:22     كۆرۈلۈشى: 1490 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: ئىمىنقارى قەييۇم، رەيھانگۈل ئەمەت      پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىدىيە – ئەخلاق قۇرۇلۇشى پارتىيەمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە سىياسىي ئۈستۈنلۈكى. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىدىيە – ئەخلاقى پارتىيەنىڭ ئوبرازىغا،....

ئىمىنقارى قەييۇم، رەيھانگۈل ئەمەت

     پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىدىيە – ئەخلاق قۇرۇلۇشى پارتىيەمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە سىياسىي ئۈستۈنلۈكى. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىدىيە – ئەخلاقى پارتىيەنىڭ ئوبرازىغا، كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىللىقىغا، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ھايات – ماماتىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك. چۈنكى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تايانچ كۈچى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىدىيە – ئەخلاقىنىڭ قانداقلىقى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىدىيە – ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئاساسىدا ئۇلارنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، شۇنداقلا يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ جىددىي تەلىپىدۇر.

     1. نۆۋەتتە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىدىيە – ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە يولۇقۇۋاتقان مەسىلىلەرگە سەل قاراشقا بولمايدۇ.

     ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، پارتىيە ئەزالىرى بولۇپمۇ، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار ئارىسىدا ئىدىيە – ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى بوشاشتۇرۇپ قويۇش، شۇنداقلا ئۇنىڭغا سەل قاراشتەك ئىللەتلەر كۆرۈلۈشكە باشلىدى.

     بىرىنچى، ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر قاتار چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەر كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىدىيە – ئەخلاقىغا تەسىر كۆرسەتتى. ھازىر ئېلىمىز چوڭقۇر ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش دەۋرىدە تۇرماقتا. ئۇنىڭ گەۋدىلىك ئىپادىلىرى يېزا ئىگىلىك مەدەنىيىتىدىن سانائەت مەدەنىيىتىگە ئۆزگەرمەكتە، پىلانلىق ئىگىلىكتىن بازار ئىگىلىكىگە ئۆزگەرمەكتە، قالاق، بېكىنمە ھالەتتىكى جەمئىيەتتىن تېخىمۇ ئىلغار بولغان، ئېچىۋېتىلگەن جەمئىيەتكە ئۆزگەرمەكتە. قىسقىسى، ئىجتىمائىي قۇرۇلمىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولماقتا. بۇنداق ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەر پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىدىيە – ئەخلاق، غايە – ئېتىقادىغا بەلگىلىك خىرىسلارنى ئېلىپ كەلدى. ئاساسلىقى، بىرىنچىدىن، ئىقتىسادىي تەركىب ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتنىڭ كۆپ خىللىشىشى پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار قوشۇنىنىڭ قىممەت قارىشى ۋە كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىغا تەسىر كۆرسەتتى. ئىككىنچىدىن، ئىجتىمائىي قاتلاملارنىڭ كۆپ خىللىشىشى ئوخشاش بولمىغان مەنپەئەت پەرقىنى چوڭايتىۋەتتى. بۇ پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنىڭ ئىدىيە – ئەخلاق كۆز قارىشىدىمۇ چوڭقۇر گەۋدىلەندى. ئۈچىنچىدىن، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى شارائىتىدا پارتىيە ئەزالىرىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىدىمۇ ئۆزگىرىش بولدى. پىلانلىق ئىگىلىك دەۋرىدە ئىجتىمائىي قاتلاملارنىڭ قۇرۇلمىسى ئاددىي بولۇپ، ئىجتىمائىي قاتلاملار ئىشچىلار، دېھقانلار ۋە زىيالىيلاردىنلا تەركىب تاپاتتى. ئەمما، بازار ئىگىلىكى شارائىتىدا، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەركىبلەر كۆپ خىللىشىپ، ئىجتىمائىي قاتلاملارنىڭ مۇرەككەپلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇنىڭ بىلەن جەمئىيەتتە ئوخشاش بولمىغان كەسىپلەر ئوتتۇرىسىدىكى مەنپەئەت پەرقىنى زورايتىۋەتتى.

     ئىككىنچى، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىشى كىشىلەرگە سىياسىي، ئىدىيە، ئەخلاق، ئېتىقاد قاتارلىق جەھەتلەردە بەلگىلىك تەسىرلەرنى كۆرسەتتى. ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىشى ئېلىمىزنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىدىيە – ئەخلاق قۇرۇلۇشىنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىغىمۇ بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتتى. بىرىنچىدىن، پۇل مۇئامىلە كاپىتالىنىڭ يەر شارى مىقياسىدا تېز سۈرئەتتە كېڭىيىشى بىلەن پۇلپەرەسلىك، ماددىي مەنپەئەتكە بېرىلىش، راھەتپەرەسلىك، بىيۇروكراتلىق، باشباشتاقلىق ئىللەتلىرى پۈتكۈل جەمئىيەتكە يامراپ، ئېلىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئەخلاقىغا كەسكىن خىرىس ۋە زىددىيەتلەرنى ئېلىپ كەلدى. ئىككىنچىدىن، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىشى ۋە ئۇچۇرنىڭ يەرشارىلىشىشى ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتلەر ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىغا تەسىر كۆرسىتىپ، مەدەنىيەت ۋە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ كۆپ خىللىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇنداق ئەھۋال ئاسانلا ئاز ساندىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىدىيە – ئەخلاق جەھەتتىكى تەۋرىنىش، يۈكسەك غايىدىن ئۈمىدسىزلىنىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىغا گۇمانى قاراشلاردا بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.

     ئۈچىنچى، ئەخلاق تەربىيەسىنى ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا، ئەمەلىيەتكە ماسلاشتۇرالماسلىقتەك ئەھۋاللار ساقلانماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيە ئەزالىرىغا بولغان ئەخلاق تەربىيەسىدە بەزىبىر خاتالىقلار سادىر بولماقتا. يەنى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىۋاتقان، بازار ئىگىلىكى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇلۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئەخلاق تەربىيەسى بىلەن سىياسىي تەربىيە ئارىلاشتۇرۇۋېتىلمەكتە؛ ئەخلاق تەربىيەسى ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىن يىراقلاشماقتا ياكى ئايرىۋېتىلمەكتە، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىدىيەسى ئەمەلىيەتتىن يىراقلاشماقتا. بۇنىڭ بىلەن ئەخلاق تەربىيەسى ئۆزىنىڭ تېگىشلىك رولى ۋە ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرالمايۋاتىدۇ.

     2. تۈرلۈك تەدبىر ئارقىلىق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىدىيە – ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش لازىم.

     پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىدىيە – ئەخلاق قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلە ۋە يېڭى زىددىيەتلەرنى توغرا تونۇش شۇنداقلا ئەستايىدىل ھەل قىلىش پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ۋەزىپە. نۆۋەتتە، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىدىيە – ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە تۆۋەندىكى تەرەپلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش لازىم.

     بىرىنچى، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىدىيە – ئەخلاق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش لازىم. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىدىيە – ئەخلاق سەۋىيەسى يالغۇز پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنىڭ شەخسى پەزىلىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، بەلكى پارتىيەنىڭ پۈتكۈل ئوبرازىغا مۇناسىۋەتلىك زور مەسىلە. شۇڭا، بىرىنچىدىن، ئۆگىنىش ئارقىلىق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىدىيە – ئەخلاق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش لازىم. ئىككىنچىدىن، پارتىيە ئەزاسى ۋە كادىرلارنى ماركسىزملىق دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى ۋە قىممەت قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەش لازىم.

    ئىككىنچى، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق پارتىيەلىك كادىرلارغا بولغان نازارەتچىلىك، چەكلەش مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش لازىم. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىدىيە – ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە پارتىيەلىك كادىرلارغا بولغان نازارەتچىلىك، چەكلەش مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، بىرىنچىدىن، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىدىيە – ئەخلاق، ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. ئىككىنچىدىن، نازارەتچىلىك مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. ئۈچىنچىدىن، مۇكاپاتلاش – جازالاش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئىدىيە – ئەخلاق سەۋىيەسىنى تۈرلۈك ئىلمىي باھالاش مېخانىزمى بىلەن بىرلەشتۈرۈش لازىم.

     ئۈچىنچى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىدىيە – ئەخلاق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش لازىم. يېڭى تارىخىي دەۋردە، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىدىيە – ئەخلاق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى. شۇڭا، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىدىيە – ئەخلاق سېپىنى مۇستەھكەملەش لازىم. پەقەت پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار ماركسىزملىق دۇنيا قاراش ۋە سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزغاندىلا، ئۇلارنىڭ سوتسىيالىزم ۋە كوممۇنىزمغا بولغان ئېتىقادىنى ھەقىقىي تۈردە كۈچەيتكىلى بولىدۇ.

     تۆتىنچى، ئىلمىي بولغان ئىدىيە – ئەخلاق تەربىيە سىستېمىسىنى تۇرغۇزۇش لازىم. ئەخلاق ئىنسانلارنىڭ ماددىي ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى جەريانىدا شەكىللەنگەن بولغاچقا، ئەخلاق تەربىيەسى رېئال ئىجتىمائىي تۇرمۇش بىلەن زىچ باغلانغان. شۇڭا، پارتىيە ئەزالىرىغا بولغان ئىدىيە – ئەخلاق تەربىيە سىستېمىسىنى تۇرغۇزۇش لازىم. رېئال ئەمەلىي تۇرمۇشتا ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ مۇۋاپىق بولغان مەنپەئىتىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە قوغداش ئاساسىدا پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنى پارتىيە ۋە خەلق مەنپەئىتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى مەڭگۈ ئونتۇماسلىقتەك ئىلمىي ئىدىيە – ئەخلاق تەربىيەسىگە ئىگە قىلىش؛ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىدىيە – ئەخلاق ساھەسىدە كۆرۈلگەن يېڭى مەسىلىلەرنى ئۆز ۋاقتىدا چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرنى دەل ۋاقتىدا توغرا بىر تەرەپ قىلىش لازىم.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter