ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ئىستىل ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشتۇرۇش كېرەك

ئىستىل ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشتۇرۇش كېرەك

2013-09-13 10:40     كۆرۈلۈشى: 1226 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: تاۋ يەنفېي      ئاممىۋى لۇشيەن پارتىيەمىزنىڭ جان تومۇرى ۋە تۈپ خىزمەت لۇشيەنى. 17- ئىيۇل، يولداش جاڭ چۈنشيەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالى....

تاۋ يەنفېي

     ئاممىۋى لۇشيەن پارتىيەمىزنىڭ جان تومۇرى ۋە تۈپ خىزمەت لۇشيەنى. 17- ئىيۇل، يولداش جاڭ چۈنشيەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا: پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇش ئاپتونوم رايونىمىزدا ئومۇمىيەت خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە، بۇ پائالىيەتنى يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە ياخشى روھىي ھالەت بىلەن ياخشى ئۇيۇشتۇرۇپ ۋە قانات يايدۇرۇپ، پائالىيەتنىڭ ئۈنۈمىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، دېدى.

     پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مەقسىتى پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش، ئەينەككە قاراش، ئۈستىبېشىنى تۈزەشتۈرۈش، يۇيۇنۇش، كېسەل داۋالاش ئارقىلىق، پارتىيەنى، پارتىيە قوشۇنىنى پاكلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى، ساپلىقىنى باشتىن – ئاخىر ساقلاشتىن ئىبارەت.

     بۇنىڭدىن ئىلگىرى مەركەز ‹‹سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە›› چىقىرىپ، يىغىن، زىياپەتلەرنى كۆرۈنەرلىك ئازايتىپ، ئالىي يىمەك – ئىچمەك كەسىپلىرىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، ئاممىغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئېسىل ئىستىلىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش غەيرىتى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تىرىشىش ئىرادىسىنى، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش جاسارىتىنى ھېس قىلدۇردى. ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹ئون تۈرلۈك بەلگىلىمە››سى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل بولۇپ، ئاممىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

     ئەمما، بىز شۇنى چۈشىنىشىمىز كېرەككى، ئىستىل ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ھەقىقىي مەنىدىكى ئۇزاققا سوزۇلغان، ئاتاكىغا ھۇجۇم قىلىدىغان ئۇرۇشتۇر، سەللا بىخەستەلىك قىلىنسا، ھەر خىل ناتوغرا ئىستىللار قايتىدىن باش كۆتۈرىدۇ. ھازىر، ئىسراپخورلۇق خاھىشلىرى توسۇلغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما يوشۇرۇن ھەشەمەتچىلىك خاھىشلىرى يېڭىدىن باش كۆتەرمەكتە. مەسىلەن، بىر ھېساباتقا بىر قانچە تالون كېسىدىغان، ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ – ئىچىدىغان زىياپەتلەرنى ئىدارە ئاشخانىلىرى ياكى شەخسىي سورۇنلارغا ئۇيۇشتۇرىدىغان، مىنېرال سۇ بوتۇلكىسىغا ماۋتەي ھارىقى، خۇڭتاشەن تاماكا قۇتىسىغا مۈشۈك ئېيىق تاماكىسىنى قاچىلايدىغان خاھىشلار پەيدا بولماقتا، دېمەك بەلگىلىمىدىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان نۇرغۇن يېڭى چارىلەر بارلىققا كەلمەكتە.

     تەجرىبىلەر بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، ئىستىل مەسىلىسى جاھىل ۋە تەكرارلىنىش خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، تۇتسا ياخشىلىدىغان، قويۇۋەتسە باش كۆتۈرىدىغان خاھىشتۇر. بىز بۇ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىدىن قارىغۇلارچە ئۈمىدلەنمەسلىكىمىز، خىزمەتنى يېرىم يولدا توختىتىپ قويماسلىقىمىز كېرەك. خىزمەتنى ئۇزاققىچە بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، ئىستىل ئۆزگەرتىش كۈرىشىنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇپ، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلىگەندىلا، ئاندىن ناتوغرىلىقنى تۈزەتكىلى، پارتىيەنىڭ ئېسىل ئىستىلىنى ھەرىكىتىمىزگە سىڭدۈرۈپ، ئادىتىمىزگە ئايلاندۇرغىلى، ئۇنى ئۇزاققىچە يولغا قويىدىغان ۋە باشتىن – ئاخىر ئەمەل قىلىدىغان قىممەت يۈزلىنىشىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.

     ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇشتا ‹‹دائىم›› ۋە ‹‹ئۇزاق››لىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىستىل قۇرۇلۇشىدا دائىم تۇتۇش، ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئامما ئىستىل ئۆزگەرتىشنى ئالقىشلاش بىلەن بىللە يەنە ئۇنى كۆزىتىدۇ ھەم ئۇنىڭ ‹‹شامال›› بولۇپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. ۋەزىيەتكە ئۇيغۇنلىشىپ، باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇتۇپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش – تەربىيەنى كۈچەيتىپ، پىكىرلەرنى قوبۇل قىلىپ، مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىپ، تەنقىدنى قانات يايدۇرغاندىلا، ئاممىۋى لۇشيەن ۋە ئېسىل ئىستىل يولىدا مېڭىش بارلىق پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئاكتىپ ئېڭى ۋە ھەرىكەت قىبلىنەماسىگە ئايلىنىدۇ. ‹‹دائىم›› ۋە ‹‹ئۇزاق››لىقنى بىرلەشتۈرگەندىلا، قىسمەن كىشىلەرنىڭ ‹‹قىسقا مۇددەتلىك ھەرىكەت›› ۋە ‹‹شامال›› دەيدىغان قارىشىنى تۈگەتكىلى بولىدۇ.

     ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇشتا، ئۈنۈملۈك نازارەتكە تايىنىش كېرەك. نازارەت قىلىش ۋە پاش قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش، تەپتىش ۋە مەمۇرىي تەپتىش تارماقلىرى فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كىرلەرنى بايقاش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، ئوچۇق ۋە يوشۇرۇن تەكشۈرۈش، دائىملىق تەكشۈرۈش، ئارىلاپ تەكشۈرۈش قاتارلىق كۆپ خىل نازارەت قىلىش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش كېرەك. نازارەت قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق ئاممىنىڭ، جامائەتچىلىكنىڭ نازارەت قىلىشىغا مەدەت بېرىپ، ئىستېرېئولۇق نازارەت سىستېمىسىنى ئورنىتىش كېرەك.

     ئىستىل ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇشتا چوقۇم قاتتىق تۈزۈم ئورنىتىش، بەلگىلىمىنى تەگكىلى بولمايدىغان يۇقىرى بېسىملىق توكقا ئايلاندۇرۇش كېرەك. خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرى بايقالسا، تەپتىش تارماقلىرى دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، تولۇق تەكشۈرۈپ، تۈزۈم بىلەن ئويناشقۇچىلارغا بەدەل تۆلىتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ‹‹بەلگىلىمە››دىن ئېھتىيات قىلسىلا، ئاندىن ئۆزىنى دۇرۇس تۇتۇپ، سۆز – ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىدۇ – دە، ‹‹بەلگىلىمە›› شۇنىڭ بىلەن چوڭقۇر ئەمەلىيلىشىپ، ئاممىنىڭ رايىنى قولغا كەلتۈرۈپ، كۈچنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، زور نەتىجە يارىتىشقا تۈرتكە بولىدۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter

مىكرو بلوگىم _ سىزمۇ ئەگىشىڭ