ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> تۆۋەن كاربونلۇق ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۈش توغرىسىدا

تۆۋەن كاربونلۇق ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۈش توغرىسىدا

2012-05-25 12:29     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: (شىنجاڭ گېزىتى ماقالىسى)        ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان پارتىيە مەركىزىي كومېتىتى ۋەزىيەتنى چوڭقۇر كۆزىتىپ، قايتا – قايتا تەكىتلىگەن مۇھىم....

(شىنجاڭ گېزىتى ماقالىسى)

 

     ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان پارتىيە مەركىزىي كومېتىتى ۋەزىيەتنى چوڭقۇر كۆزىتىپ، قايتا – قايتا تەكىتلىگەن مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك مەسىلە بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئىقتىسادىي قانۇنىيەتنى تونۇشىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىككە يەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

     بىرىنچى، شىنجاڭدا ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش شارائىتى ھازىرلاندى

     شىنجاڭنىڭ پەۋقۇلئاددە جۇغراپىيەلىك ئورنى ۋە ئىقتىسادىي شارائىتى تۈپەيلىدىن سانائەتلىشىش، شەھەر – بازارلىشىش مۇساپىسى مەملىكەت بويىچە ئارقىدا قالدى، ئەمما شىنجاڭ تېخىمۇ زور تەرەققىيات پۇرسىتى ۋە تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە. شىنجاڭنىڭ سانائەتلىشىش ۋە شەھەر – بازارلىشىشىنى دەسلەپكى باسقۇچتىن باشلىشىمىز ئۇچۇر دەۋرى شارائىتىدا؛ دۆلەتنىڭ شەرقىي رايونىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسى، غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش ئىستراتېگىيەسى، شەرقىي رايوندىكى كونا سانائەت بازىلىرىنى گۈللەندۈرۈش ۋە ئوتتۇرا قىسىم رايونىنى قەد كۆتۈرگۈزۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش شارائىتىدا؛ ئىچكىرى ئۆلكىلەر بولۇپمۇ دېڭىز ياقىسىدىكى ئۆلكىلەر كۆپ يىللىق ئەنئەنىۋى سانائەتلىشىش، شەھەر – بازارلىشىش تەرەققىياتىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن غايەت زور مۇھىت بەدىلى ئاچچىق ساۋاقلىرىغا ئىگە بولغان شارائىتتا؛ مەملىكەت بويىچە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈۋاتقان شارائىتتا؛ مەركەز ‹‹شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇپ ۋە گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىپ، چېگرانى مۇستەھكەملەش›› ئىستراتېگىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇۋاتقان شارائىتتا يولغا قويۇلدى. مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھالقىما تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئايلانما ئىگىلىكنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، تەرەققىياتنى تېزلىتىشنى شىنجاڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ مۇھىم يولى قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

     بۇلار ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ ئەينى چاغدىكى سانائەتلىشىش شارائىتىدىن پەرقلىنىدۇ، مۇشۇنداق يېڭىچە شارائىت ۋە يېڭىچە تەرەققىيات قارىشى يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭ يېڭىچە سانائەتلىشىشنى يولغا قويۇپ، ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مەبلەغ ياردىمىگە ئىگە بولۇپلا قالماي، مۇھىمى قاراش، ئىدىيە، سىياسەت، ئىختىساسلىقلار ۋە پەن – تېخنىكا جەھەتلەردە قوللاشقا ئېرىشتى. شۇڭا ھازىر تەرەققىي قىلغان ئۆلكىلەرنىڭ ئىلغار پەن – تېخنىكىسى، ئۇچۇر تېخنىكىسى بىلەن سانائىتىمىزنى قوراللاندۇرۇپ، شەھەر – بازارلىرىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىچكىرى ئۆلكىلەر ۋە تەرەققىي قىلغان ئۆلكىلەرنىڭ يېڭىچە سانائەتلىشىش، شەھەر – بازارلىشىش يولىدا ئېرىشكەن مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىش ۋە ئۆرنەك قىلىش، ئەنئەنىۋى سانائەتلىشىش، شەھەر – بازارلىشىش باسقۇچىدىن تېز ھالقىپ، تېخىمۇ تېز سۈرئەت بىلەن يېڭىچە سانائەتلىشىش، شەھەر – بازارلىشىش باشقۇچىغا قەدەم قويۇپ، كېيىن تەرەققىي قىلىش ئۈستۈنلۈكى ۋە يېتىشىۋېلىش يوشۇرۇن كۈچىنى ھازىرلىدۇق.

     شۇڭا بىز يېڭى ۋەزىيەتتە قاراشنى ئۆزگەرتىپ، قۇرۇلمىلارنى سەرخىللاشتۇرۇپ، تۆۋەن كاربونلۇق ۋە ئايلانما ئىگىلىكتىن ئىبارەت يېڭىچە سانائەتلىشىش، شەھەر – بازارلىشىش ۋە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا مېڭىشىمىز كېرەك.

     ئىككىنچى، تۆۋەن كاربونلۇق ۋە ئايلانما ئىگىلىك شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشتە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ

     تۆۋەن كاربونلۇق ۋە ئايلانما ئىگىلىك زور سىستېما بولۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە چېتىلىدۇ، تۇرمۇشنىڭ ھەممە تەرىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تۆۋەن كاربونلۇق ۋە ئايلانما ئىگىلىك سانائەت ئاساس قىلىنغان ئىككىنچى كەسىپتىن ‹‹سەرپىيات تۆۋەن، مەھسۇلات كۆپ، بۇلغىما ئاز، تەكرار پايدىلىنىش كۆپ بولۇش››نى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ بىرىنچى كەسىپتىن تۆۋەن كاربونلۇق ۋە ئايلانما ئىگىلىك ئەندىزىسى بويىچە سېلىنمىنى ئازايتىپ، خىمىيەۋى ئوغۇت ۋە زەھەرلىك دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىشلىتىشنى كېمەيتىپ ياكى ئىشلەتمەي، يېشىل ئىشلەپچىقىرىشنى يولغا قويۇپ، دېھقانچىلىق تاشلاندۇقلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەشنى تەلەپ قىلىدۇ. شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تۆۋەن بۇلغىمىلىق مۇھىتتا شەكىللەنگەن ‹‹يېشىل›› سۈپەت ئۈستۈنلۈكىگە ئىگە، ئەگەر سانائەتلەشتۈرۈش مۇۋاپىق بولمىسا، نۇرغۇن ئىجتىمائىي مەسىلىلەر پەيدا بولۇپلا قالماي، بەلكى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بايلىقىنىڭ ‹‹يېشىل››لىقى تەسىرگە ئۇچرايدۇ؛ ئۇ يەنە ئۈچىنچى كەسىپتىن تېجەشلىك بولۇپ، ئىسراپچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، مۇھىت بۇلغىنىشىنى ئازايتىپ، ئۇنى ‹‹ئىس – تۈتەكسىز سانائەت›› كە ئايلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.

     شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئايلانما ئىگىلىك ئوخشىمىغان ئۈچ خىل ئۇلىنىش قاتلىمىغا ئىگە. بىرىنچىسى كىچىك ئايلانما قاتلىمى بولۇپ، كارخانا پاكىز ئىشلەپچىقىرىش تەلىپى بويىچە قوللانغان لايىھە ۋە تېخنىكىلار، ئورناتقان يېڭى ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپلىرى تۈرلۈك سەرپىيات ۋە بۇلغىما چىقىرىش مىقدارىنى ئىلغار ئۆلچەم ئىجازىتى دائىرىسىدە چەكلىشى كېرەك. بۇ، تۆۋەن كاربونلۇق ۋە ئايلانما ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئاساسى. ئىككىنچىسى رايون دائىرىسىدىكى ئوتتۇرا ئايلانما قاتلىمى. باغچىلاشقان سانائەت رايونى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى قاتارلىق سانائەتئىشلەپچىقىرىش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش رايونلىرىدا، ئىلگىرىكى كەسىپلەرنى تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلىنى تەدرىجىي ئۆزگەرتىپ، ئېكولوگىيەلىك كەسىپ زەنجىرى تەلىپى بويىچە، ئۆز ئارا باغلىنىشلىق ئېكولوگىيەلىك كەسىپ زەنجىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، كارخانا ۋە كەسىپلەرنىڭ تاشلاندۇقلىرى، ئېنېرگىيەلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، تەكرار ئىشلىتىپ، تاشلاندۇقلارنىڭ تاشلىۋېتىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

     شىنجاڭدا بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدە تەسىر كۈچى ۋە رىقابەت كۈچى زور نېفىت تەبىئىي گاز سانائىتى بازىسى، ئېغىر خىمىيە سانائىتى بازىسى، يېشىل يېمەكلىك سانائىتى بازىسى، يېنىك توقۇلما سانائىتى ۋە يېڭى تېخنىكا سانائىتى بازىسى قاتارلىق بەش چوڭ بازىنى تېزدىن قۇرۇپ چىقىش كېرەك. بۇ زور ئىستراتېگىيەلىك سىياسەتلەر كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدۇ. ئەمما شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، بۇ تۈۋرۈك كەسىپلەر ۋە ئالاھىدە كەسىپلەرنىڭ كۆپ قىسمى بازار ئېھتىياجلىق بولغان يۇقىرى بۇلغىما، يۇقىرى سەرپىياتلىق كەسىپلەردۇر. شۇڭا بىز ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوقۇم ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى مۇشۇ جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرنى ئۆرنەك قىلىپ، ئەنئەنىۋى سىزىقلىق ئىقتىسادىي ئەندىزىلەرنى كېمەيتىپ، تۆۋەن كاربونلۇق ۋە ئايلانما ئىگىلىك تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تۈرلۈك سانائەت بازا قۇرۇلۇشلىرىمىزغا يېتەكچىلىك قىلدۇرۇپ، سانائەت بازىلىرىمىزنى تەدرىجىي يېشىل بازىغا ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك.

     ئۈچىنچى، تۆۋەن كاربونلۇق ۋە ئايلانما ئىگىلىك ئىدىيەسىنى زور ئىستراتېگىيەلەرگە سىڭدۈرۈش كېرەك

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى تېز ئاشتى، ئەمما ئىچكىرىدىكى تەرەققىي قىلغان ئۆلكىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، تەرەققىياتىمىز يەنىلا يىرىك ئېشىش باسقۇچىدا تۇرماقتا. ئورۇنلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدىكى ئېنېرگىيە، خام ماتېرىيال، سۇ بايلىقى سەرپىياتى ۋە بۇلغىما چىقىرىش كۆرسەتكۈچى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى. ئېكولوگىيەلىك قۇرۇلۇشتا مۇھىتنى ئاسراش، بۇلغىما چىقىرىشنى كېمەيتىش، بايلىقتىن قايتا پايدىلىنىش قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ زور پەرق بار. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەگەر شىنجاڭنىڭ سانائەتلىشىشى تەرەققىي قىلغان رايونلارنىڭ كونا كەسىپ زەنجىرىنى كۆچۈرۈپ كېلىش، تەرەققىي قىلغان رايونلاردىن دەۋردىن قالغان تېخنىكا ياكى دەسلەپكى باسقۇچتا تۇرۇۋاتقان كارخانىلارنى يۆتكەپ كېلىش بولسا، ئۇ چاغدا شىنجاڭنىڭ تېخنىكىسى، كەسپى مەڭگۈ قالاق ھالەتتە قالىدۇ. شۇڭا بىز قاراشنى ئۆزگەرتىپ، شىنجاڭ مەملىكەت كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئۇلانما رايونى، ئېنېرگىيەنى ئۇلاش رايونى دەيدىغان خاتا قاراشنى، شۇنداقلا شىنجاڭ تۆۋەن كاربونلۇق، ئايلانما ئىگىلىك تەرەققىياتىغا ئاز قالدى دەيدىغان خاتا قاراشنى تۈگىتىشىمىز كېرەك. بولمىسا شىنجاڭ بىلەن تەرەققىي قىلغان رايونلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىكېمەيتىش قىيىنغا چۈشىدۇ.

     شۇڭا شىنجاڭنىڭ سانائەتلىشىش، شەھەر – بازارلىشىش ئەندىزىسىنى تاللاشتا، كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئېشىپ كېتىش ئالاھىدىلىكى گەۋدىلىنىشى كېرەك. مەركەزنىڭ شىنجاڭغا قاراتقان ئەۋزەل سىياسىتى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئۈستۈنلۈكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى تۆۋەن كاربونلۇق ۋە ئايلانما ئىگىلىك تەرەققىيات ئەندىزىلىرىنى دادىل كىرگۈزۈپ، ئەگرى يولنى ئاز مېڭىپ، نەتىجىلەرنى كۆپلەپ قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ سانائەتلىشىش، شەھەر – بازارلىشىشىنى ھەقىقىي تۈردە ئىلمىي تەرەققىي قىلىش ئۆلچىمىدە يولغا قويۇپ، ‹‹تۆۋەن كاربونلۇق قېزىش، يۇقىرى ئۈنۈمدە پايدىلىنىش، بۇلغىمىنى ئازايتىش، تەكرار ئىشلىتىش››تەك ئادەم بىلەن تەبىئەت، ئىقتىساد بىلەن جەمئىيەت ماس تەرەققىي قىلىدىغان ئەندىزىنى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم يولى ۋە ۋاسىتىسى قىلىشىمىز كېرەك.

     بۇلارنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەر قارىشىنى ئۆزگەرتىشى، تۆۋەن كاربونلۇق ۋە ئايلانما ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىدىيەسىنى شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك زور ئىستراتېگىيەلىك سىياسەتلىرىگە سىڭدۈرۈشى كېرەك.

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter