ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم ھالقا

يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم ھالقا

2012-05-14 11:54     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم ھالقا – يېزا، كەنت  كادىرلىرىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش       تۇرغۇن تۇردى         سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى دېھقانلار. يېزا – بازارلاردىكى ....

يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم ھالقا – يېزا، كەنت

 كادىرلىرىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش

 

    تۇرغۇن تۇردى

 

      سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى دېھقانلار. يېزا – بازارلاردىكى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى – دېھقانلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى باشلامچى، دېھقانلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى ھاللىق تۇرمۇشقا يېتەكلەشتىكى غوللۇق كۈچ ھېسابلىنىدۇ. سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، كەنت كادىرلىرىنىڭ ساپاسى تۆۋەن، تەدبىر بەلگىلەش ئىقتىدارى ئاجىز، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق بولماسلىقتەك مەسىلىلەر بارغانسېرى گەۋدىلىنىشكە باشلىدى ۋە بۇ مەسىلىلەر سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىدىكى ھەل قىلىنمىسا بولمايدىغان مۇھىم مەسىلە بولۇپ قالدى.

     سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىدا چوقۇم مەدەنىيەت ساپاسى يۇقىرى، دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىك، باقمىچىلىق پەن – تېخنىكا بىلىملىرىدىن خەۋىرى بار ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى قوشۇنى بولۇشى، بۇ قوشۇن دېھقان – چارۋىچىلارنى بېيىش يولىغا ھەقىقىي باشلىيالايدىغان، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرالايدىغان بولۇشى كېرەك ئىدى. بىراق، ھازىر بەزى جايلاردىكى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى تۆۋەن، يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسىنى ئەتراپلىق ئۆگەنمىگەن بولغاچقا، بىر قىسىم سەۋىيەلىك ياش دېھقانلار ئۆزلىرىنىڭ يەرلىرىنى ھۆددە بېرىپ ياكى يەردىن بىراقلا ۋاز كېچىپ، شەھەرلەرگە كىرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىشنى تاللىۋالدى. يېزا – بازارلاردىكى ئىلغار پىكىرلىك ياشلارنىڭ بىرقىسمى ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ، بىر قىسمى ھەربىي سەپكە قاتنىشىپ يېزىدىن ئايرىلدى. شۇ ۋەجىدىن، يېزىلاردىكى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان دېھقانلارنىڭ كۆپ قىسمى ياشانغانلار ۋە ئاياللار بولۇپ قالدى. بىلىملىك، ياراملىق كىشىلەرنىڭ كۆپلەپ سىرتقا ئېقىپ كېتىشى يېزىلاردىكى ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ. بەزى كەنتلەردە كەنت كومىتېتىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان ئىختىساسلىق خادىم تېپىلماسلىق، ھەتتا يوق بولۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، چوقۇم ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى قوشۇنىنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئۇلار ئارقىلىق دېھقانلارنى يېتەكلەپ، يۇقىرى ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىش لازىم.

     يېزا – بازارلاردىكى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى ياشلاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ياش، ئىقتىدارلىق بولۇشى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ جانلىقلىقى ۋە ھاياتىي كۈچىنىڭ قانداق بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ. ئەمما، ھازىر بەزى جايلاردىكى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى قوشۇنىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىدىن قارىغاندا، قېرىلىشىش، قۇرۇلما مۇۋاپىق بولماسلىق مەسىلىسى گەۋدىلىك بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا، كەنت كادىرلىرىنى ياشلاشتۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە تەرەققىيات ئىستىقبالى بار باقمىچىلىق ئائىلىلىرىدىكى ياشلارنى، سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان ياشلارنى، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ياشلارنى، ئالىي، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزۈپ، يۇرتىغا قايتقان ئىسىتۇدېنتلارنى نۇقتىلىق تەربىيەلەش ئوبيېكتى قىلىپ، ئۈزۈلدۈرمەي يېڭى قان يېتىشتۈرۈپ ۋە كۆپەيتىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ھاياتىي كۈچى ۋە ئاۋانگارت – نەمۇنىلىك رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇشى ۋە كۈچەيتىشى لازىم.

     كەنت كادىرلىرىنى تەربىيەلەش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، تەپەككۇرىنى يېڭىلاپ، دېھقانلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش لازىم. ھازىر، بىرقىسىم كەنت كادىرلىرىدا ئىش بېجىرگەندە سىياسەتتىن چەتنەپ كېتىش، باشقۇرۇشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلماسلىق، خىزمەتتە ئۆز بېشىمچىلىق قىلىش ئەھۋالى مەۋجۇت. بۇنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىرى كەنت ئەمەلدارلىرىنىڭ يەر، تۇرالغۇ تەقسىماتى، پىلانلىق تۇغۇت جەرىمانىسى، يەر ھۆددىگەرلىكى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئالدى بىلەن ئۆز ئائىلىسىدىكىلەر ۋە ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنى ئويلىشىپ، قولىنى ‹‹ئىچىگە ئىگىشى››دە گەۋدىلەندى. شۇڭا، كەنت پارتىيە ياچېيكا شۇجىسىنى تاللاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، يېزا – بازارلىق پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن ياكى ناھىيە، شەھەرگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار ۋە ئىلغار كەنتلەردىن تاللاش، جەمئىيەتتىن ئاشكارا خادىم قوبۇل قىلىش، ئالىي، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزگەن ئىستۇدېنتلاردىن تاللاش ئارقىلىق، كەنت ياچېيكا شۇجىسىنى تاللاپ چىقىپ، ئىقتىدارلىق ياشلارنىڭ باشلامچىلىق رولىدىن پايدىلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا، ياچېيكا شۇجىسىنىڭ نەمۇنىلىك، نازارەتچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئىدىيە، ئەخلاق ساپاسىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.

     كەنت كادىرلىرىنىڭ يېتەكلەش، باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش لازىم. يېزىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، دېھقانلارنى بېيىتىشتىكى ھالقىلىق مەسىلە – كەنت ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ دېھقانلارنى يېتەكلەپ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان – ھازىرلىمىغانلىقىدا. ھازىر، بىرقىسىم كەنت كومىتېتلىرىنىڭ باشقۇرۇلۇشى چېچىلاڭغۇ، كوللېكتىپ ئىگىلىكنىڭ ئاساسىي ئاجىز. بۇنداق كەنت كومىتېتىنىڭ دېھقانلارنى يېتەكلىيەلىشى ئاسان ئەمەس، بەزى كەنتلەرنىڭ ئاز – تولا جۇغلانما مەبلىغى بولسىمۇ، بىراق كەنت كادىرلىرى دېموكراتىيەگە ئەمەس، بەلكى تەجرىبىسىگە تايىنىپ، قارىغۇلارچە ئىش قىلىۋاتىدۇ. سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى دېھقانلار، ئەگەر دېھقانلارنىڭ قىزغىنلىقى ۋە ئىجادچانلىقى قوزغىتىلمىسا، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. شۇڭا، يېزا – بازارلاردىكى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ دېھقانلارنى يېتەكلەپ، ئىقتىسادنى يۈكسەلدۈرۈش ئىقتىدارى ۋە دېموكراتىك باشقۇرۇش، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش لازىم. ئەگەر كەنتلەرنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى ئاجىز، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئۇيۇشقاق بولمىسا، دېموكراتىك سايلام، دېموكراتىك تەدبىر، دېموكراتىك باشقۇرۇش ۋە دېموكراتىك نازارەتچىلىك كەمچىل بولسا، كەنت ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىپ دېھقانلارنى بېيىشقا يېتەكلەشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. پەقەت كوللېكتىپ ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇپ، كەنت ئىقتىسادىنى يۈكسەلدۈرگەندىلا، يېزا – بازارلارنىڭ قىياپىتىنى يېڭىلاپ، دېھقانلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، كىرىمىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ؛ دېموكراتىك سايلام، دېموكراتىك تەدبىر، دېموكراتىك باشقۇرۇش ۋە دېموكراتىك نازارەتچىلىكتە چىڭ تۇرغاندىلا، باشقۇرۇشنىڭ تەڭپۇڭسىز بولۇشىدىن ساقلىنىپ، يېڭىدىن يولغا قويۇلىۋاتقان بەلگىلىمىلەرنىڭ ئەل قەلبىگە مايىللىقىنى كۈچەيتىپ، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇشنى تېزلەتكىلى بولىدۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter