ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ۋاقىتنىڭ قىممىتى ۋە بىز

ۋاقىتنىڭ قىممىتى ۋە بىز

2012-08-21 10:16     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:  مۇھەممەت ساۋۇت        دەۋر تەرەققىياتىنىڭ تومۇرىنى توغرا تۇتۇپ، ھەر بىر كۈن ۋە ھەر بىر مىنۇتنى قەدىرلەپ، ئۆزىگە توغرا دىياگنوز قويالىغان كىشىلەرلا بۈگۈننى يارىتىپ، ئەتىگە ئۇل سالالايدۇ، مەنىلىك ئ....

 مۇھەممەت ساۋۇت

 

     دەۋر تەرەققىياتىنىڭ تومۇرىنى توغرا تۇتۇپ، ھەر بىر كۈن ۋە ھەر بىر مىنۇتنى قەدىرلەپ، ئۆزىگە توغرا دىياگنوز قويالىغان كىشىلەرلا بۈگۈننى يارىتىپ، ئەتىگە ئۇل سالالايدۇ، مەنىلىك ئۆتكەن تۈنۈگۈنىنى پەخىرلىك تۇيغۇدا ئەسلىيەلەيدۇ. بىر كۈن، بىر ئاي، بىر يىلدا نېمە ئىشلارنى قىلدىم؟ قىلغان ئىشلىرىمنىڭ ئۈنۈمى زادى قانچىلىك؟ ئۇنىڭ ئەھمىيىتى بارمۇ – يوق؟ دېگەندەك سوئاللارغا تىنىمسىز جاۋاب ئىزدەپ، ھەر بىر مىنۇتنى قەدىرلەپ، ئۆمۈر خامانلىرىنى شانلىق نەتىجىسىنىڭ ئالتۇن چەشلىرى بىلەن تولدۇرۇش ھەر بىر ئادەمنىڭ مەجبۇرىيىتى، ئەلۋەتتە.

     ئەجدادلىرىمىز ‹‹ۋاقتىڭ كەتتى – بەختىڭ كەتتى››، ‹‹ۋاقىت ھايات، ۋاقىت مەۋجۇتلۇق›› دېگەن ھېكمەتلىرى ئارقىلىق ۋاقىتنى قەدىرلىشىمىزنىڭ تەخىرسىز مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە قەيت قىلغان. لېكىن ئالتۇننىڭ نەرقىنى كاسات قىلىدىغان بۇ ھېكمەتلەر يۈرىكىمىزدە تازا چوڭقۇر يىلتىز تارتمىدىمۇ – قانداق، ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىشتا بىز ‹‹چىمپيون››بولۇۋاتىمىز. ۋاقىت ئىسراپچىلىقى جەھەتتىكى رېئاللىقنى سىنچى كۆز بىلەن كۆزىتىش ھاجەتسىز. بىز ۋاقىتقا مۇئامىلە قىلىشتا ھايات بىلەن ۋاقىتنىڭ باراۋەرلىكىنى، ئۈنۈملۈك قىلىنغان ئەمگەكلا ھاياتنى ھەقىقىي مەنىگە ئىگە قىلالايدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز لازىم. فرانكىلىن‹‹جېنىڭنى ئەزىزلەمسەن؟ ئۇنداق بولسا ۋاقتىڭنى ئىسراپ قىلما، چۈنكى ۋاقىت جاننى تەشكىل قىلغۇچى ماتېرىيال›› دېگەن. بىر كۈننىڭ ئاخىرلاشقانلىقى ھاياتنىڭ بىر كۈن خورىغانلىقىدۇر. ۋاقىت قارىشىمىزنىڭ سۇسلۇقى، ئاجىزلىقى تۈپەيلى بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قالدۇرىدىغان، ئۆزىمىز قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى كېيىنكىلەرگە يۈكلەپ قويىدىغان ئەھۋال كۆپلىرىمىزدە خېلىلا ئېغىر. تەرەققىيات سۈرئىتى بۇرۇنقىدەك ئېزىلەڭگۈلۈككە ئەمەس، چاپچىپ تۇرغان ھالەتكە كۆچكەن بۈگۈنكى دەۋردە شۈبھىسىزكى بىر كۈنلۈك كېچىكىش مىڭ كۈنلۈك كېچىكىشكە، بىر يىللىق كېچىكىش مىڭ يىللىق كېچىكىشكە باراۋەر كېلىدۇ. رۇسلاردىكى ‹‹بىر سائەت ئەقىل تاپماي قايمۇقساڭ، بىر ئەسىر ئەخمەق بولىسەن›› دېگەن ھېكمەتنىڭ ۋەزنى تولىمۇ ئېغىر. مەدەنىيەتلىك ئەل ۋە خەلقلەرنىڭ ماھىيەتلىك بەلگىسى ۋاقىتنى زايا قىلماسلىق ئۈچۈن پويىزدىمۇ ئۇنىۋېرسىتېتلارنى قۇرۇش، ۋاقىتقا رىئايە قىلماسلىقنى زور ئەخلاقسىزلىق، چاكىنا ئىللەت دەپ قاراش، ھەر كۈنى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى ئالدىن پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. شۇڭا، ئۇلار پەن – تېخنىكا تەتقىقاتى، خىزمەت، سودا، تۇرمۇشنى گۈزەللەشتۈرۈش يولىدا مىنۇت – سېكۇنتنىمۇ قولدىن بەرمەي تىرىشىۋاتقاننىڭ ئەكسىچە، كوچا – كويلاردا بوش، بىكارچىلىقتىن لاغايلاپ يۈرۈشلىرىمىز، تىنىمسىز چاقىرىلىۋاتقان مېھماندارچىلىقلاردا تۈننى تاڭغا ئۇلاپ تەننى زەئىپلەشتۈرۈپ، ئەقىلنى خۇنۈكلەشتۈرۈپ، نادانلاشقان بىمەنە قىلىقلىرىمىزدىن پەخىرلىنىشلىرىمىز، بىر پۈتۈن ھاياتقا قارىتا ئېنىق نىشان تاللىماسلىقىمىز… ۋاقىت ئىسراپخورلۇقىمىزنىڭ ئەينى دەلىلى.

     بىر كۈنى مەن مەلۇم يېزا باشلىقىدىن ئەھۋال ئىگىلىمەكچى بولدۇم. ئۇنىڭ ئىشخانىسىدا خېلى ئۇزاق ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن، بىر بولۇڭدا دۆۋىلىنىپ قالغان گېزىت – ژۇرناللارغا كۆزۈم چۈشتى. گېزىت – ژۇرناللارنى بىر – بىرلەپ ۋاراقلاشقا باشلىدىم. كۆرۈۋېتىپ كۆڭلۈم بىر قىسما بولدى. چۈنكى گېزىتلەرنىڭ ئالدىغا بىر يىل بولغان بولۇپ، پوچتالىيون باغلاپ ئەكىرگەن پېتى ئىكەن. مەن يېزا باشلىقىدىن:

     ـ سىز گېزىت – ژۇرنال ئوقۇمامسىز؟ دەپ سورىدىم.

     ئۇنى ئوقۇيدىغانغا نەدە ۋاقىت، يېزا دېگەندە ئىش تولا، بەزىدە كېچىلىرىمۇ ئۇيقۇ يوق، ھەتتا تاماق يېيىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالىدىغان گەپ.

     ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ‹‹ھەقىقەتەن خەلقنىڭ غېمىنى يەيدىغان باشلىقكەن›› دېگەن تونۇشقا كەلدىم. لېكىن بۇ قايىللىقىم ئۇزاققا بارمايلا يوقالدى. چۈشلۈك تاماق بىر كەنت كادىرىنىڭ ئۆيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، مەنمۇ ئۇلارغا ئەگىشىپ باردىم، تاماقلار بىرەر قۇر يېيىلگەندىن كېيىن، داستىخانغا نەچچە بوتۇلكا ھاراق تىكلىنىپ، قارتا ئويۇنى قىزىپ كەتتى…

     قارتا ئويناشقا ۋاقىت چىققان يەردە گېزىت – ژۇرناللارنى ئوقۇشقا ۋاقىت چىقماسمۇ؟ سىياسەت، ئۇچۇردىن خەۋەردار بولماي تۇرۇپ، ‹‹دېھقانلارنىڭ ئىشى ئۈچۈن باشنى قاشلىغۇدەك ۋاقىت يوق›› دېيىش يالغانچىلىققۇ؟ تەكىتلەش زۆرۈركى، ۋاقىت جان، ۋاقىت پۇل ۋە بايلىق دېمەكتۇر. بىز ئەنە شۇ قىممەتلىك ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىپ زادى نېمىگە ئېرىشمەكچى؟ ئەلۋەتتە ھاياتىمىزغا، ئۆمرىمىزگە قەست قىلماقچى! ئادەمنىڭ ئۆمرى بەك قىسقا. شۇ قىسقىغىنە ئۆمۈرنى قەدىرلىمىسەك، ئادەملىكىمىزگە يۈز كېلەلەيمىزمۇ؟ لۇشۈن ‹‹ھايات ۋاقىتنى بىرلىك قىلىدۇ، باشقىلارنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىش، بايلىقنى دەپ باشقىلارنىڭ جېنىغا زامىن بولغان بىلەن باراۋەر. ئۆزىڭىزنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىش ئاستا خاراكتېرلىك ئۆزىڭىزنى ئۆلتۈرۈۋېلىشتۇر›› دەپ ۋاقىتنى قەدىرلەش ھەققىدە ئىبرەتلىك چۇقان سالغانىدى.

     بىزدىكى ھېسسىياتچانلىق، قىزىققانلىق ھەم ۋاقىت بىلەن ھىسابلاشمايدىغان ‹‹دوستانە››لىك شۇ قەدەر ئىللىق ۋە مېھىرلىك بولسىمۇ، ئۇ ئۈنۈمنى مەقسەت قىلغان رىقابەتلىك جەمئىيەتتە ئۆزىمىزگە ئېغىر زىيان سالماقتا. ناۋادامېھمان بولۇش، كۈتۈش، ھاراق ئىچىش، قارتا ئويناش…لارغا سەرپ قىلغان ۋاقتىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ ھالىنى ئوڭشاشقا، كىتاب – گېزىت ئوقۇپ، پەن – تېخنىكا ئۆگىنىشكە، بازار ئىزدەشكە، ئىگىلىكىمىزنى كېڭەيتىشكە، سودا يوللىرىنى ئېچىشقا، بالىلىرىمىزنى تەربىيەلەشكە، بىر – بىرىمىز بىلەن ھەمكارلىشىشقا سەرپ قىلساق، ھالىمىز ھازىرقىدىن ئاسمان – زېمىن پەرق قىلغان بولاتتى.

     ئامېرىكىنىڭ ‹‹فورد›› ئاپتوموبىل شىركىتىدە چوڭ تىپتىكى بىر ئېلېكتىر ماشىنىسىدىن كاشىلا چىقىپ، گېرمانىيەلىك مۇتەخەسسىسنى ئۇنىڭ كاشىلىسىنى تېپىشقا تەكلىپ قىلىپتۇ. مۇتەخەسسىس ماشىنىنى ئىككى كۈن تەكشۈرگەندىن كېيىن، بور بىلەن ماشىنىنىڭ قېپىغا سۇس سىزىق سىزىپ، شىركەت دىرېكتورىغا ‹‹مۇشۇ يەرنى ئېچىپ سىزىق بويلاپ ئىچىدىكى كاتوشكىدىن 16 ئورامنى كېمەيتسەڭلارلا ‹‹كاشىلا ئوڭشىلىدۇ›› دەپتۇ. كىشىنى تىت – تىت قىلغان مەسىلە ئاخىرى ھەل بوپتۇ. ئىش ھەققى توغرىسىدا سۆزلەشكەندە، مۇتەخەسسىس 10مىڭ دوللار بېرىشنى تەلەپ قىلىپتۇ. دىرېكتور ‹‹بىر تال سىزىق سىزىشنىڭ قىممىتى قانداقمۇ 10مىڭ دوللار بولسۇن؟›› دېگەندە، مۇتەخەسسىس قىزىقارلىق قىلىپ ‹‹بىر تال سىزىق سىزغىنىم بىر دوللار، قەيەرگە سىزىشنى ئېنىقلاشقا كەتكەن ۋاقتىم ۋە زېھنىم 9999دوللارغا يارايدۇ›› دەپتۇ.

     بۇ مىسالدىن ۋاقىتنىڭ ئادەمگە بىلىم بېرىپلا قالماي، ئەقىل – پاراسەت، كۈچ – قۇۋۋەت ۋە بايلىق يارىتىپ بېرەلەيدىغانلىقىنى چۈشىنەلەيمىز. بىر ئادەم، بىر مىللەتتىكى ۋاقىت قارىشى، ۋاقىت ئۇقۇمى شۇ ئادەم، شۇ مىللەتنىڭ تەربىيە كۆرگەن مەدەنىي ئادەم، مەدەنىي مىللەت ئىكەنلىكىنىڭ بەلگىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن شەخسى ئەخلاق ۋە مىللەت ئەخلاقىنىڭ مۇھىم مەزمۇنىدۇر.

     كونىلار ‹‹قازاندا نېمە بولسا چۆمۈچكە شۇ چىقىدۇ›› دەپتىكەن، بىزنىڭ ئىدىيەمىز قانداق بولسا ھەرىكىتىمىزمۇ شۇنداق بولىدۇ. شۇڭا ھەر بىر مىنۇت – سېكۇنتنى قەدىرلەپ، ۋاقىت قارىشىمىزنى يېڭىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بۇ رىقابەتلىك يېڭى دەۋرنىڭ تەقەززاسى.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter