Ralph Lauren Canada ;One is to choose a plain colour of Polo,ralph lauren outlet such as Black, Navy or White - ralph lauren canadaselecting a colour of garment on which your corporate logo colours will look good when embroidered.ralph lauren canada outlet This can sometimes be preferable to buying an off-the-shelf garment in an unusual shade because fashions change and just because yourpandora canada company's shade of lime green is in vogue today this may not be the case in two years time.http://www.cefrank.com.au Manufacturers of off-the-shelf Tiffany Sale'stock' garments tend to change their ranges from time to michael kors outlet uktime and may choose to drop a colour if it is no longer considered popular.cheap burberry Ask your supplier and they should be able to tell you which colours Cheap Pandora Charmsare likely to remain available or which are in doubt.The second option,www.rvaq.ca if you have a sufficiently large requirement, is to have a Polo Shirt manufactured for your staff uniform in a bespoke colour. Manufacturing a bespoke embroidered Polo Shirt, opens up a wealth of possibilities regarding colour matching to your main corporate colour, Tiffany Saleembroidery branding, trims & detailing but this option is usually only viable from 300 to 500 pieces for a single colour garment or 1,000 Cheap Tiffany Salepieces upwards for more complex designs.
ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> جۇڭگونى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش

جۇڭگونى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش

2014-10-25 12:14     كۆرۈلۈشى: 1368 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: جۇڭگونى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلىنايلى  (يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ  دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك  ئىلگىرى سۈرگەنلى....

جۇڭگونى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلىنايلى

 (يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ

 دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك

 ئىلگىرى سۈرگەنلىكى توغرىسىدا)

     ئالتۇن كۈز، ئۆكتەبىردە دۇنيانىڭ نەزەرى بېيجىڭغا مەركەزلەشتى. بېيجىڭدا ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4- ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىش ئالدىدا تۇراتتى. روشەن دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ‹‹دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش›› دېگەن سۆز تۇنجى قېتىم پارتىيەنىڭ مەركىزىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنى تارىخىدا مەركىزىي ئورۇنغا قويۇلدى.

     پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ‹‹قوش 100 يىللىق›› كۈرەش نىشانىنى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى جۇڭگو ئارزۇسى ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ‹‹دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش››تىن ئىبارەت پۈتۈن پارتىيەنىڭ بۇ ئىستراتېگىيەلىك تاللىشىنى زىچ چۆرىدەپ، قانۇن ئىدارە قىلىش روھىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىش نەزەرىيىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى بويىچە قانۇن ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش يولىغا پۇختا قەدەم باستى.

     ئېچىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنى پارتىيەمىزنىڭ قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتىنىڭ خۇلاسىسى بولۇپ، ‹‹دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش››نىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچقۇسى.

     دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ دەۋر تېمىسى

     «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇشتا، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك».

     تارىخنىڭ تەرەققىياتى جۇڭگونىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشىگە ۋاقىت ھازىرلاپ بەردى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدا دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى تۈپ تەدبىرى، قانۇن بويىچە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئاساسىي ئۇسۇلى ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

     يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، دەۋر يۈكلىگەن بۇرچنى زىممىسىگە ئالدى، ‹‹دۆلەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى خەلققە مەنسۇپ، دېگەن ئاساسىي قانۇن ئېڭىدە چىڭ تۇرۇش›› تىن، ‹‹قانۇن چىقىرىشتا ئىلمىيلىشىش، دېموكراتىيەلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش››غىچە؛ ‹‹قانۇن ئەمەلىي تەرەققىياتقا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلىدۇ›› دىن، ‹‹ئومۇمەن زور ئىسلاھاتلاردا قانۇن ئاساس قىلىنىش›› غىچە؛ ‹‹ئاممىغا ھەر بىر ئەدلىيە دېلوسىنىڭ ئادىللىقىنى ھېس قىلدۇرۇش››…تىن ئىبارەت بىر قاتار زور مۇھىم ئىدىيەۋى ھۆكۈملەر دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى، پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنى تۈپ پىرىنسىپقا ئىگە قىلدى. ھازىرقى جۇڭگونىڭ ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ‹‹ۋاقىت جەدۋىلى›› تەتۈر ساناق باسقۇچىغا قەدەم قويدى، ھالبۇكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيەتتىكى نۇرغۇن يېڭى تېمىلارغا دۇچ كەلدى.

     30 يىلدىن كۆپرەك ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى ‹‹يېڭى نورمال ھالەت››كە قەدەم قويۇپ، يىرىك تەرەققىيات باسقۇچىدىن ئىلمىي تەرەققىيات باسقۇچىغا يۈزلەندى. ئەمدى قانۇن ئارقىلىق كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنى قوغلىشىش خاھىشىغا خاتىمە بېرىش؛ ئىسلاھات چوڭقۇرلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى، ئەمدى قانۇن ئارقىلىق تېخىمۇ قېلىپلاشقان، ئىسلاھاتنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرۈش؛ جەمئىيەت ‹‹تىپ ئۆزگەرتىش مەزگىلى››گە قەدەم قويدى، ئەمدى قانۇن ئارقىلىق ھازىرقى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ مۇرەككەپلىكى بىلەن تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇللىرىنىڭ ئاددىيلىقى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى پەسەيتىش كېرەك…

     پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى ئېچىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، 2012- يىلى 12- ئايدا باش شۇجى شى جىنپىڭ پايتەختتىكى ھەر ساھە زاتلىرى بىلەن ھازىر يولغا قويۇلىۋاتقان ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم سىياسىي تەرەققىيات يولىدا تەۋرەنمەي مېڭىپ، سوتسىيالىستىك سىياسىي تۈزۈمنىڭ ئۆز – ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇشنى، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەت، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان ھۆكۈمەت، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان جەمئىيەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قۇرۇش مۇھىم ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

     گوۋۇيۈەن قانۇن – تۈزۈم ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يۈەن شۇخۇڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹ئىككىدە چىڭ تۇرۇش›› قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان جۇڭگو قۇرۇشنىڭ باش ئورۇنلاشتۇرمىسىدۇر.

     بۇ باش ئورۇنلاشتۇرما ئاساسىدا پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىر قاتار نەزەرىيەۋى بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم ئىدىيەسىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتتى ۋە مۇكەممەللەشتۈردى.

     «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم سىياسىي تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇشتا، مۇھىمى پارتىيە رەھبەرلىكىدە، خەلقنىڭ ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇشىدا، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك».

     «ئاساسىي قانۇن دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇشتا ئالدى بىلەن دۆلەتنى ئاساسىي قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش؛ قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە ئالدى بىلەن ئاساسىي قانۇن ئارقىلىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك».

     «خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە، جەزمەن دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. خەلق دېموكراتىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، جەزمەن دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغداپ، دېموكراتىيەنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قانۇنلاشتۇرۇش، بۇ خىل تۈزۈم ۋە قانۇننىڭ رەھبەرلەرنىڭ ئۆزگىرىشى، رەھبەرلەرنىڭ كۆز قارىشى ۋە دىققەت – نەزەرىنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن ئۆزگەرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك».

     بۇ مۇھىم بايانلار ھەم شۇنچە يىللاردىن بۇيان پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسى بىلەن بىر – بىرىنى تولۇقلاپ كەلدى، ھەم يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى خىرىس، يېڭى ۋەزىپىلەر ئالدىدىكى ئىجادىي تەرەققىياتلارغا تاقابىل تۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى.

     يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات دۇچ كەلگەن قىزىق نۇقتا، مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، ئاممىنىڭ ساداسىغا پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى.

     18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 4- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ‹‹قانۇن چىقىرىش ئومۇمىي پىلانىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن چىقىرىشنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قانۇن چىقىرىش، قانۇننى ئۆزگەرتىش، قانوننى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇن چىقىرىشنىڭ ئىلمىيلىقى، دېموكراتىيەلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، قانۇننىڭ قاراتمىلىقى، ۋاقىتچانلىقى، سىستېمىلىقلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك››.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ‹‹قانۇن بولسىمۇ تايانماسلىق، قانۇننى ئىجرا قىلىشتا قاتتىق بولماسلىق، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى سۈرۈشتۈرمەسلىكتەك ھادىسىلەرنى قەتئىي تۈزىتىپ، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىش، ھوقۇق بىلەن قانۇننى بېسىش، شەخسىي غەرەز بىلەن قانۇننى بۇزۇش مەسىلىلىرىنى قەتئىي تۈزەپ، ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىگە دەخلى – تەرۇز قىلىشنى قاتتىق چەكلەش كېرەك››.

     مەركەزنىڭ سىياسىي – قانۇن خىزمىتى يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:‹‹پارتىيەمىزنىڭ سىياسىتى بىلەن دۆلەتنىڭ قانۇنى خەلقنىڭ تۈپ ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن بولۇپ، ماھىيەتتە بىردەكلىككە ئىگە بولغان بولىدۇ. پارتىيەنىڭ سىياسىتى دۆلەت قانۇنىغا باشلامچىلىق قىلىدۇ ۋە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، ئۇ قانۇن چىقىرىشنىڭ ئاساسىي ۋە قانۇننى ئىجرا قىلىش، قانۇننى يۈرگۈزۈشكە مۇھىم يېتەكچىلىك قىلىدۇ».

     مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە، ھەم نەزەرىيە قاتلىمى جەھەتتە چوڭقۇر ئويلىنىپ، ھەم قانۇن چىقىرىش، قانۇننى ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش، قانۇنغا رىئايە قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇپ، سىستېمىلىق ئىلگىرى سۈرۈش، مۇھىم نۇقتىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى نامايان قىلدى.

     دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، جۇڭخۇا زېمىنىدىكى جانلىق ئەمەلىيەت

     «ئىلمىي قانۇن چىقىرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا رىئايە قىلىش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتە، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەت، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان ھۆكۈمەت، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان جەمئىيەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قۇرۇلۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز بەرپا قىلىش كېرەك».

     ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ سىگنالىنى چالدى. ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا زۆرۈر بولغان ‹‹بۆسۈش›› نىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ‹‹قانۇن چىقىرىش››ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشىنى سىنايدىغان ئۆلچەم بولۇپ قالدى.

     باش شۇجى شى جىنپىڭ 2014- يىلى 28- فېۋرال مەركەزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 2- قېتىملىق يىغىنىدا تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: زور ئىسلاھاتلارنىڭ ھەممىسىدە ئاساس قىلىنىدىغان قانۇن بولۇشى كېرەك. ئىسلاھات جەريانىدا قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى ۋە قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ يېتەكچىلىك قىلىش ۋە تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئالاقىدار قانۇن چىقىرىش خىزمەتلىرىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش يولىدا ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

     پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرى قانۇننى‹‹چىقىرىش، ئۆزگەرتىش، ئەمەلدىن قالدۇرۇش››خىزمەتلىرىنى نۇقتىلىق قانات يايدۇرۇپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ كۈچلۈك سىگنالىنى ياڭراتتى، شۇنداقلا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ‹‹ئىسخېمىسى››غا ئاساسەن سىجىل ئىلگىرى سۈرۈلۈشنى قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

     پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پائال، مۇقىم، تەرتىپلىك يولغا قويۇش، پىشىپ يېتىلگەنلىرىنى ئاۋۋال يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسلىق زىددىيەت ۋە نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ھۆكۈمەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈردى.

     تۈركۈم – تۈركۈملەپ مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈلدى، سودا – سانائەتچىلەرنى تىزىملاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى؛ ‹‹ھوقۇقنى ئېنىقلاش تىزىملىكى›› بەس – بەستە ئېلان قىلىندى، مەمۇرىي كەسپىي خاراكتېرلىك ھەق ئېلىش ئازايتىلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى ئاساسىدا، مەمۇرىي ئورۇنلاشنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلدى.

     يېقىندىن بۇيان، شې شياڭلىن، جاۋ زۇخەي قاتارلىق كىشىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ناھەق، خاتا دېلولارنىڭ ئاشكارىلىنىشى بىلەن كىشىلەر ئەدلىيەنىڭ ئادىللىق مەسىلىسىگە يەنە دىققەت قىلىشقا باشلىدى. ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى تېزلىتىش پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئىشلىرىنىڭ كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈلدى.

     يېرىم ئەسىردەك داۋاملاشقان ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمى تارىخ سەھنىسىدىن چېكىنىپ چىقىپ، ناھەق، خاتا دېلو بېجىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان تۈزۈم ۋە بەلگىلىمە كۆپلەپ چىقىرىلىپ، ئەرزىيەت ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە ئاخىرلاشتۇرۇش تۈزۈمى تۇرغۇزۇلدى، سوتلاش تەرتىپىنى ئاشكارىلاش، ھۆكۈمنامىنى ئاشكارىلاش، ئىجرا قىلىش ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ سۇپا قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، جازا مۇددىتىنى قىسقارتىش، قويۇپ بېرىش، كېپىلگە بېرىپ كېسەل داۋالىتىش تەرتىپى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، خاتا دېلو بېجىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۈزىتىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى… پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى بولۇپمۇ، ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، ئەدلىيە تۈزۈلمىسى مېخانىزمى ئىسلاھاتىدا بىر قاتار تەدبىرلەر يولغا قويۇلۇپ، ئومۇمىيەتنى كۆزلەپ پىلانلاپ، تولۇق پىلانلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىي مەسىلىلەر ھەل قىلىندى.

     پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنى، خەلق ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇشنى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم يېتەكچى فاڭجېن ھېسابلىنىدۇ.

     باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى: پارتىيە ئومۇمىيەتنى ئىگىلەش، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ رەھبەرلىك يادرولۇق رولىنى ماسلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئاساسىي ئىستراتېگىيەسى ۋە قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىي ئۇسۇلىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى قانۇنىي تەرتىپلەر ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئىرادىسىگە ئايلاندۇرۇشقا ماھىر بولۇش كېرەك.

     دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا ئالدى بىلەن پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى باشقۇرۇش كېرەك. بۇ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئاڭلىق زىممىسىگە ئېلىشى، شۇنداقلا دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپىدۇر.

     قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى ۋە قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشقا ماھىر بولۇش كېرەك. بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ئىدىيەسى ھېسابلىنىدۇ. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ئىچىدىكى قانۇن – نىزاملارنى ئېنىقلىدى، 1978- يىلىدىن بۇيان چىقىرىلغان پارتىيە ئىچىدىكى قانۇن – نىزام ۋە قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنىڭ %40 ى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىندى. بۇلتۇر 5- ئايدا پارتىيە ئىچىدىكى ‹‹قانۇن چىقىرىش قانۇنى›› ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى قانۇن – نىزاملارنى بېكىتىش نىزامى›› ۋە ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى قانۇن – نىزام ۋە قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى ئەنگە ئالدۇرۇش بەلگىلىمىسى›› ئېلان قىلىندى.

     دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ داغدام يولى

     «دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي ئىستراتېگىيەسى قىلىشتا، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ ئاساسىي ئۇسۇلى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگونى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

     بۈگۈن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت زور مۇھىم مەسىلە مۇزاكىرە قىلىنىدۇ، دۆلەتنى باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە دۆلەتنى باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى قانۇن بويىچە ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يۆنىلىشى ئايدىڭلاشتۇرۇلىدۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش يولى كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولىدۇ.

     جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش نەزەرىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش – جۇڭگونى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ تۈپ تەلىپى.

     مۇكەممەل بولغان قانۇننى قېلىپلاشتۇرۇش سىستېمىسى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى يولغا قويۇش سىستېمىسى، قانۇن بويىچە قاتتىق ئىدارە قىلىش – نازارەت قىلىش سىستېمىسى، قانۇن بويىچە كۈچلۈك ئىدارە قىلىش كاپالەت سىستېمىسى، مۇكەممەل بولغان پارتىيە ئىچى قانۇن – بەلگىلىمە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش جۇڭگونى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تۈزۈمىنىڭ ئۇل تېشى؛

     دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ھۆكۈمەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، جەمئىيەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇننى ئىلمىي چىقىرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا رىئايە قىلىش جۇڭگونى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ يولى.

     دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتە، جەزمەن ئاساسىي قانۇننىڭ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغداپ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان سوتسىيالىستىك دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك.

     ئاساسىي قانۇن دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ئەلنى ئەمىن تاپقۇزۇشنىڭ باش نىزامنامىسى. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىنىڭ يادرولۇق ئىدىيەسى، ئاساسلىق مەزمۇنى، ئاساسىي تەلىپى بولۇپ، ئاساسىي قانۇندا ئېتىراپ قىلىنغان ۋە گەۋدىلەندۈرۈلگەن.

     دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا ئالدى بىلەن دۆلەتنى ئاساسىي قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كېرەك، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ ئاچقۇچى ئاساسىي قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتۇر.

     پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇننى بېكىتىشتە، پارتىيە ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن دائىرىسى ئىچىدە ھەرىكەت قىلىشى كېرەك. ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇندىن ھالقىيدىغان ئالاھىدە ئىمتىيازى يوق، گېپىنى قانۇن ئورنىغا قويۇشىغا، ھوقۇق بىلەن قانۇننى بېسىشىغا، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ قانۇننى بۇزۇشىغا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ.

     ئاساسىي قانۇننىڭ جېنى، نوپۇزىمۇ يولغا قويۇشتا

     باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېنىق قىلىپ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك نازارەت قىلىش ئورگانلىرى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنى نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىش مېخانىزمى ۋە تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا خىلاپ قىلمىشلارنى قەتئىي تۈزىتىشى كېرەك.

     دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتە، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەپەككۇر يولىنى قوللىنىپ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، پائال ئىزدىنىپ ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەقىقىي ھەرىكەتكە كېلىش كېرەك.

      ئىلمىي قانۇن چىقىرىش، قانۇننى ئىجرا قىلىشتا قاتتىق بولۇش، ئەدلىيەنى ئادىل يۈرگۈزۈش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا بوي سۇنۇش ھەم مۇرەككەپ، ھەم چوڭ سىستېما قۇرۇلۇشىدۇر. دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ھەر بىر كونكرېت نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدا سىناقتىن ئۆتكۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ.

     ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدا: ‹‹ئىلمىي بولغان قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشى كۆرسەتكۈچى سىستېمىسى ۋە باھالاش ئۆلچىمىنى ئورنىتىش كېرەك›› دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

     دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتە، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىش، ئۈلگە قىلىش، ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا ئۇيغۇن كېلىدىغان قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش يولىنى تېپىپ چىقىش كېرەك.

     باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 18- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە، ‹‹قائىدە – يوسۇن ۋە قانۇننى بىرلەشتۈرۈش، ئەخلاقىي تەربىيەنى ئاساس، جازانى قوشۇمچە قىلىش››تىن ئىبارەت جۇڭگونىڭ قەدىمكى زامان دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى مېغىزلىق مەزمۇنىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

     بىر دۆلەت ئۈچۈن ئېيتقاندا، باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارى شۇ دۆلەتنىڭ تارىخىي ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. جۇڭگونىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن جۇڭگو زېمىنىدا ئۆزىمىزگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يول ۋە ئۇسۇلنى تېپىپ چىقىش ئۈستىدە ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ.

     پۇقرالار ئۈچۈن ئېيتقاندا، قانۇن، قائىدە – يوسۇن، ئەخلاق قاتارلىق قائىدىلەرگە رىئايە قىلىشتا، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، ئەركىن، باراۋەر، ئادىل بولۇش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى سۆيۈش، كەسىپنى قەدىرلەش، سەمىمىي، دوستانە بولۇشتىن ئىبارەت سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى قەلبىگە پۈكۈشى، ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

     دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا، مۇھىمى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، قانۇن ھەممىدىن ئۈستۈن بولۇش، ئادىل، ھەققانىي بولۇش، تەرتىپكە ھۆرمەت قىلىش، كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش روھىنى يېتىلدۈرۈش؛ قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش روھىنى يېتىلدۈرۈشتە، كىشىلەر ئارىسىدا قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا بولغان ئېتىقادنى شەكىللەندۈرۈپ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

     قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان جۇڭگو قۇرۇش – جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئىچكى تەلىپى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ۋە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان داغدام يول. يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە ۋە پۈتۈن مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان جۇڭگونىڭ تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىنى ياراتقۇسى.

     (شىنخۇا ئاگېنتلىقى بېيجىڭ، 19 – ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى)



无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter