Ralph Lauren Canada ;One is to choose a plain colour of Polo,ralph lauren outlet such as Black, Navy or White - ralph lauren canadaselecting a colour of garment on which your corporate logo colours will look good when embroidered.ralph lauren canada outlet This can sometimes be preferable to buying an off-the-shelf garment in an unusual shade because fashions change and just because yourpandora canada company's shade of lime green is in vogue today this may not be the case in two years time.http://www.cefrank.com.au Manufacturers of off-the-shelf Tiffany Sale'stock' garments tend to change their ranges from time to michael kors outlet uktime and may choose to drop a colour if it is no longer considered popular.cheap burberry Ask your supplier and they should be able to tell you which colours Cheap Pandora Charmsare likely to remain available or which are in doubt.The second option,www.rvaq.ca if you have a sufficiently large requirement, is to have a Polo Shirt manufactured for your staff uniform in a bespoke colour. Manufacturing a bespoke embroidered Polo Shirt, opens up a wealth of possibilities regarding colour matching to your main corporate colour, Tiffany Saleembroidery branding, trims & detailing but this option is usually only viable from 300 to 500 pieces for a single colour garment or 1,000 Cheap Tiffany Salepieces upwards for more complex designs.
ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> زوراۋان–تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرەيلى

زوراۋان–تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرەيلى

2014-08-20 12:25     كۆرۈلۈشى: 1361 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: بىرنىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، دۈشمەنگە بىرلىكتە قارشى  تۇرۇپ، زوراۋان–تېررورچىلارغا قەتئىي  ئەجەللىك زەربە بېرىش كېرەك  (ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى،  ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى: نۇ....

بىرنىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، دۈشمەنگە بىرلىكتە قارشى

 تۇرۇپ، زوراۋان–تېررورچىلارغا قەتئىي

 ئەجەللىك زەربە بېرىش كېرەك

 (ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى،

 ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى: نۇر بەكرى)

     ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتىگە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈۋاتقان، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان يېڭى ۋەزىيەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدا يەكەن ‹‹28- ئىيۇل››، قەشقەر ‹‹30- ئىيۇل›› ئېغىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈز بەردى. بۇ، بىزگە شىنجاڭدىكى بۆلگۈنچىلىك ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۇرەككەپلىكى، ئۆتكۈرلۈكىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىشىمىز كېرەكلىكىنى، قەتئىي پوزىتسىيە، كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، جاھىللىق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىپ، جان ھەلقۇمىدا تۇرۇۋاتقان زوراۋان – تېررورچىلارغا كەسكىن تاقابىل تۇرۇپ ھەم قاتتىق قول بولۇپ، ئۇلارغا قەتئىي ئەجەللىك زەربە بېرىشىمىز كېرەكلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتتى.

     يەكەن ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن ‹‹28- ئىيۇل›› زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى چېگرا ئىچى ۋە چېگرا سىرتىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئۆز ئارا تىل بىرىكتۈرگەن، كۆپ ئادەم قاتناشقان، تەشكىللىك، ئالدىن، ئەتراپلىق پىلانلانغان، خاراكتېرى قەبىھ ئېغىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھۇجۇمى دېلوسى بولۇپ، زوراۋان – تېررورچىلار ھەددىدىن زىيادە ئېشىپ، قەبىھ ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان سالدى. زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ رەزىل قىلمىشى ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيلىككە قارشى رەزىل ماھىيىتىنى يەنە بىر قېتىم ئېچىپ بەردى. 30- ئىيۇل ئەڭ قەبىھ ئۈچ زوراۋان ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئىمامى جۈمە تاھىر داموللامغا زىيانكەشلىك قىلىپ، قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ يوق، قىلچە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى بولمىغان، مۇسۇلمانلارنىڭ ھۆرمىتىگە ۋە ياخشى كۆرۈشىگە سازاۋەر بولغان ياشانغان كىشىنى تەلۋىلەرچە چېپىپ ئۆلتۈرۈپ، جۈمە تاھىر داموللامنىڭ جېنىغا زامىن بولدى. بۇ زوراۋان – تېررورچىلار سادىر قىلغان يەنە بىر ئىنسان قېلىپىدىن چىققان، ۋەھشىي جىنايەت ھېسابلىنىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما، دىن ساھەسىدىكى زاتلار، دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى ئامما ‹‹28- ئىيۇل›› ۋە ‹‹30- ئىيۇل›› زوراۋان – تېررورچىلار سادىر قىلغان رەزىل قىلمىشنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى، ئۇلار پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تېررورچىلارنى قانۇننىڭ جازاسىغا تارتىشىنى ئۈمىد قىلدى ھەم دۈشمەنگە بىرلىكتە قارشى تۇرۇپ، زوراۋان – تېررورچىلارغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش، ئۇلارنى قاتتىق جازالاش ئورتاق ئارزۇسىنى بىلدۈردى. ھازىرقى كەسكىن ھەم مۇرەككەپ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىيىتىدە بىز جەزمەن قانۇننىڭ نوپۇزى، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، جۇڭخۇا مىللەتلەرنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغداش بايرىقىنى باشتىن – ئاخىر ئېگىز كۆتۈرۈپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قارار ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

     بىرىنچى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، ئىدىيە تونۇشىمىز ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

     قىسقىغىنە ئىككى كۈندە، قەشقەر ۋىلايىتىدە ‹‹28- ئىيۇل››، ‹‹30- ئىيۇل›› زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى كەينى – كەينىدىن يۈز بەردى، دېلونىڭ خاراكتېرى قەبىھ، تەسىرى ئىنتايىن يامان بولدى. كەسكىن ھەم مۇرەككەپ كۈرەش ۋەزىيىتى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتىگە دائىر ‹‹ئۈچ مەزگىللىك قاتلىنىش›› ھۆكۈمىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە تامامەن ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتىگە دائىر ھۆكۈمى ۋە خىزمەت تەلىپىنىڭ تامامەن توغرا ئىكەنلىكىنى تولۇق چۈشەندۈردى. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقى يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويۇپ، يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ھەر مىللەت كادىرلىرى، ئامما مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ زور تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلدى. بۇ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش بوشلۇقىنى زور دەرىجىدە كىچىكلەتتى، شۇڭا ئۇلار غالجىرلىشىپ قايتا ھۇجۇمغا ئۆتتى، چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەر تىل بىرىكتۈرۈپ، تېررورلۇق ھۇجۇمىنى پىلانلىدى، قەبىھ ۋەقەدىن پايدىلىنىپ يامان تەسىر پەيدا قىلدى، ئۇلار مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئارقىلىق ۋەتەننى پارچىلاش سۇيىقەستىگە يەتمەكچى بولدى. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار چوقۇم بىز دۇچ كېلىۋاتقان تېررورلۇققا، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ كەسكىن ۋەزىيىتى ۋە زىممىمىزگە يۈكلەنگەن مۈشكۈل بۇرچنى چوڭقۇر تونۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە مەركەزنىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتىگە بولغان ئومۇمىي ھۆكۈمى، شۇجى جاڭ چۈنشيەننىڭ ھازىرقى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىگە قويغان ئېنىق تەلىپى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ كۈچەش نۇقتىسى، كۆزلەش نۇقتىسىنى پۇختا ئىگىلەپ، دۈشمەن ئەھۋالى ئېڭى، كۈلپەت ئېڭى ۋە مەسئۇلىيەت ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۈكسەك ھوشيارلىقنى ساقلاپ، ھەرۋاقىت ياخشى تەييارلىق كۆرۈپ، خىرىسقا تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى كۈچەپ قوغدىشىمىز كېرەك. شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، پاكىتنى ئاساس قىلىش، قانۇننى ئۆلچەم قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، زوراۋان – تېررورچىلارغا قانۇن بويىچە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، ئىجتىمائىي ھەققانىيلىق ۋە ئادىللىقنى، ئاممىنىڭ بەختى ۋە خاتىرجەملىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

     ئىككىنچى، قەتئىي كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، زوراۋان – تېررورچىلارغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇشىمىز كېرەك.

     شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا، ئۇزاققىچە جاپالىق جەڭ قىلىشقا تەييارلىق كۆرۈشىمىز كېرەك. مەركەزنىڭ زوراۋان – تېررورچىلارغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى بىزنىڭ ۋاقىت ۋە تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز ئۈچۈن چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر. قاقشاتقۇچ زەربە بېرىشتە، زەربە بېرىش نەزەردە تۇتۇلۇپ، توغرا ھەم قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، زوراۋان – تېررورچىلارغا خەلق دېموكراتىيەسى دىكتاتۇرىسىنىڭ تۆمۈر مۇشتىنىڭ تەمىنى تېتىتىپ قويۇشتۇر. ئىككى ئايلىق قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش ئۈنۈمىدىن قارىغاندا، زوراۋان – تېررورچىلارغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىدە باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، زوراۋان – تېررورچىلار ‹‹قورشاش، قوغلاش، توسۇش›› ئىچىدە قالدى، مەخسۇس ھەرىكەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمى كۆرۈلۈشكە باشلىدى، ئىجتىمائىي ۋەزىيەت ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى. بىراق سەگەكلىك بىلەن شۇنى ئېنىق كۆرۈشىمىز كېرەككى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› مەغلۇپ بولغىنىغا تەن بەرمەي ئۆلۈم ئالدىدا تىركىشىشى مۇقەررەر، شۇڭا مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە، ھەرقانداق يوچۇق ۋە ئاجىز ھالقىلارنىڭ بولۇشىغا بولمايدۇ. بىز چوقۇم ‹‹28- ئىيۇل››، ‹‹30- ئىيۇل›› قاتارلىق زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسىدىن ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، دۈشمەن ئەھۋالى قارىشى ۋە كۈلپەت ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ‹‹خەۋپ – خەتەر كۆز ئالدىمىزدىلا، زوراۋان – تېررورچىلار يېنىمىزدىلا›› دەيدىغان ئاڭنى تۇرغۇزۇپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىلەرنى يېتەكچى قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھوشيارلىقنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، مۇداپىئەنى كۈچەيتىپ، تەدبىرلەرنى ئەتراپلىق تۈزۈپ، يوشۇرۇن خەۋپنى ئەڭ زور چەكتە يوقىتىشىمىز كېرەك. زوراۋان – تېررورچىلارنى پاش قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇۋىسىنى چۇۋۇپ، ئۇلارنى تولۇق يوقىتىشىمىز كېرەك.

     ئۈچىنچى، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ ئەمەلىي خەۋپىنى قەتئىي يوقىتىشىمىز كېرەك.

     دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىپ يامرىشى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەمەلىي خەۋپ بولۇپ، دىنلار ئىناقلىقىغا نىسبەتەن ئەڭ چوڭ تەھدىت ھېسابلىنىدۇ. ‹‹دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسى بىر كۈن يوقىتىلمىسا، شىنجاڭدا مەڭگۈ خاتىرجەملىك بولمايدۇ››. جۈمە تاھىر داموللام ۋەتەننى، دىننى سۆيىدىغان تونۇلغان دىنىي زات بولۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بىلەن باشتىن – ئاخىر بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى ئاممىنى ھەق ئېتىقاد تۇرغۇزۇشقا تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېتەكلەپ، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قارشى تۇرۇپ، نورمال دىنىي تەرتىپنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى ئاممىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى ئاممىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى، جۈمە تاھىر داموللام دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما ئارىسىدا زور ئىناۋەتكە ۋە مۇھىم تەسىرگە ئىگە. جۈمە تاھىر داموللام زىيانكەشلىككە ئۇچراشتىن ئون كۈن ئاۋۋال بىر ياش ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتنى مەخسۇس چاقىرىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا: ‹‹مەن ياشىنىپ قالدىم، سالامەتلىكىم بارغانسېرى ناچارلىشىپ كېتىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن مەن يەنىلا ئازراق بولسىمۇ قۇربىم يەتسىلا، ۋەتەننى ۋە دىننى سۆيۈپ، دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىمەن. ھازىر، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسى جەمئىيەتكە ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى ئاممىغا بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىدىغان زەھەرلىك ئۆسمە بولۇپ قالدى، سىلەر جەزمەن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنى تەلتۆكۈس يوقىتىش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى ئاممىنى ھەق يول، ھەق ئېتىقاد، شۇنداقلا بەخت ۋە خاتىرجەملىككە قايتىدىن ئېرىشتۈرۈشىڭلار كېرەك››، دەپ تاپىلىغان. مانا مۇشۇنداق بىر ئەخلاق – پەزىلەتلىك، ھەققانىيەتتە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى ئاممىغا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن مۇلازىمەت قىلغان ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان، ئادىمىيلىكىنى يوقاتقان زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ رەھىمسىز زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىدى. بۇ، تېررورچىلارنىڭ ياۋۇز ۋە ئىسلام دىنى ئەقىدىسىدىن چەتنىگەن ساختا ماھىيىتىنى ئىسپاتلاپلا قالماي، يەنە تېررورچىلارنىڭ ھەققانىيەت ساداسىدىن قورقىدىغان ئاجىز، زەئىپ ئالاھىدىلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ جىنايى سۇيىقەستى تېررورلۇق كەيپىياتى پەيدا قىلىش بولۇپ، تېخىمۇ چوڭ ئىش تۇغدۇرماقچى. بىز زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ قەبىھ ماھىيىتى ۋە ياۋۇز قارا نىيىتىنى جەزمەن ئېنىق تونۇپ، زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ رەزىل قىلمىشلىرىنى تولۇق ئېچىپ تاشلاپ، دۈشمەننىڭ جىنايى سۇيىقەستىنى قەتئىي بىتچىت قىلىشىمىز كېرەك. دىن ئەسەبىيلىرىنىڭ تېررورلۇق، زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى تەشەببۇس قىلىپ، ھەتتا ئادەم قېلىپىدىن چىقىپ، بىگۇناھ ئاممىنى قالايمىقان ئۆلتۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىغا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزۈپ، ئىسلام دىنىنىڭ تىنچلىقنى تەشەببۇس قىلىپ، زوراۋانلىققا قارشى تۇرىدىغان ئاساسىي دىنىي ئەقىدىسىدىن پۈتۈنلەي چەتنەپ كېتىشىگە ھازىرقى دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ قانۇنى يول قويمايدۇ. بىر قاتار زوراۋانلىق، تېررولۇق دېلولىرىدىن دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ ‹‹ئىدىيەنى بۇرمىلاپ قايمۇقتۇرۇش››، شايكا توپلاش، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشىنىڭ تۈپ ئامىلى ئىكەنلىكى، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنىڭ بىزنىڭ ئالدىمىزغا قويۇلغان بىر تۈرلۈك تەخىرسىز، ئۇزاق مۇددەتلىك ھەم مۇھىم خىزمەت ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. بىز قانۇنلۇق دىنىي پائالىيەتلەرنى قوغداپ، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى چەكلەپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىپ، سىڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇپ، جىنايەتكە زەربە بېرىپ، دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. يېتەكلەش ۋە توسۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، ھەرتەرەپلىمە تەدبىر قوللىنىپ، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنى نورمال دىندىن ئايرىۋېتىپ، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنى قەتئىي چەكلىشىمىز ۋە زەربە بېرىشىمىز كېرەك. زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتى پەيدا قىلىدىغان تەشكىلات ئاساسىنى چوڭقۇر قېزىپ يىمىرىپ تاشلاپ، دىندىن پايدىلىنىپ مىللىي بۆلگۈنچىلىك تەرغىب قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋە دىن ئەسەبىيلىكىگە قۇتراتقۇلۇق قىلغان قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا جەزمەن قانۇن بويىچە زەربە بېرىشىمىز كېرەك.

     تۆتىنچى، ئاممىغا تولۇق تايىنىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش خەلق ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىشىمىز كېرەك.

     يېقىندا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىدە ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن تېررورلۇق، زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قوللىشى، شۇنداقلا خەلقنىڭ قوراللىق كۈچلەرگە ماسلىشىپ زوراۋان – تېررورچىلارنى بىرلىكتە بويسۇندۇرۇشى ۋە تۇتۇشىدەك پاكىت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پەقەت خەلق قارشى تۇرۇشقا، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلسىلا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغدايدىغان ئاسماندا تور، يەردە قاپقان ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ 1- ئاۋغۇستتا، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قاراقاش ناھىيەسىدىكى 30 مىڭدىن ئارتۇق ئاممىنىڭ ئۆزلۈكىدىن زوراۋان – تېررورچىلارنى قورشاپ تۇتۇشقا قاتنىشىشى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قوللايدىغان باتۇرلۇقى ۋە ئىرادىسىنى نامايان قىلىپ، ئىجتىمائىي توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ياخشى ئاساسنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ زوراۋان – تېررورچىلار بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىش ئىشەنچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداش ئىرادىسىنى نامايان قىلدى. بۇ، خەلق ئۇرۇشىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان پارتىيەمىزنىڭ غالىب جەڭ قىلىشتىكى گۆھىرى ئىكەنلىكىنى، خەلقنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ئەڭ ئىشەنچلىك ئاساس ۋە ئەڭ قۇدرەتلىك كۈچ ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. زوراۋان – تېررورچىلار ئاللىقاچان ‹‹ئۇر – ئۇرغا قالغان چاشقان››غا ئايلاندى. پۈتۈن خەلقنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش ئۇرۇشى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئاڭلىق تونۇشى ۋە ئورتاق ھەرىكىتىگە ئايلاندى. بىز پارتىيەمىزنىڭ ئاممىۋى خىزمەت ئىشلەشتىكى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىغا تولۇق ئىشىنىپ، ئاممىغا تايىنىپ، ئاممىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش خەلق ئۇرۇشى قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغدايدىغان ئاسماندا تور، يەردە قاپقان ھاسىل قىلىشىمىز كېرەك.

     بەشىنچى، سىياسىي ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە ئۈلگە بولۇشىمىز كېرەك.

     ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلار ھازىرقى پەۋقۇلئاددە، كەسكىن، مۇرەككەپ بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش ۋەزىيىتى ئالدىدا سىياسىي ئۆلچەمنى چىڭىتىپ، سىياسىي ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك، مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئىزچىل يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىقنى ساقلاپ، مەركەزنىڭ مۇھىم سىياسەت، فاڭجېنلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي، تولۇق ئىجرا قىلىپ، مەركەزنىڭ ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغدىشى كېرەك. بولۇپمۇ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋە ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىرىگە قارىتا، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە كۈرەش قىلىشقا، پوزىتسىيەسىنى بىلدۈرۈشكە جۈرئەت قىلىپ، شۇ ۋاقىت، شۇ ئورۇندا قەتئىيلىك بىلەن ۋەزىيىتى كەسكىن، مۇرەككەپ ئالدىنقى بازىغا بېرىشى، ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشى ئېغىر بولغان بىرىنچى سەپكە ئاتلىنىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەت رەھبىرىي كادىرلىرى ئۆزىنىڭ بىرىنچى سالاھىيىتىنىڭ كومپارتىيە ئەزاسى، بىرىنچى مەسئۇلىيىتىنىڭ پارتىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، بىرىنچى ئەخلاقىنىڭ پارتىيەگە سادىق بولۇش ئىكەنلىكىنى ھەر ۋاقىت ئېسىدە مەھكەم ساقلاپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەردە پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىشى، تونۇشى ئېنىق، پوزىتسىيەسى قەتئىي، ھەرىكىتى كەسكىن بولۇشى كېرەك. دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش جەھەتتە چوقۇم مەسئۇل بولۇشقا جۈرئەت قىلىپ، دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، مەيدانى مۇستەھكەم، بايرىقى روشەن ھالدا ياخشى ئۈلگە بولۇشى؛ بولۇپمۇ دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىگە قارىتا يۈكسەك ھوشيارلىقنى ساقلاپ، بىپەرۋالىق قىلماسلىقى كېرەك.

     ھازىرقى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرەش ۋەزىيىتى كەسكىن ۋە مۇرەككەپ. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما تەستە قولغا كەلگەن مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى ياخشى ۋەزىيىتىنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىشى كېرەك. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىغۋاغا ئىشەنمەي، ئىغۋا تارقاتماي، ئىغۋا توقۇماي، يامان غەرەزلىك كىشىلەرنىڭ قۇترىتىشى ۋە قايمۇقتۇرۇشىغا ئۇچرىماي، كۈچلۈك ئاكتىپ كۈچ توپلاپ، جەمئىيەتنىڭ تىنچ – ئىناقلىقىنى ئورتاق قوغداپ، شىنجاڭدا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى!

     مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى



无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter