ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيىسىدىن قىسقىچە تەسىرات

ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيىسىدىن قىسقىچە تەسىرات

2014-03-31 12:28     كۆرۈلۈشى: 11,487 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: راخمان مامۇت      رايۇنىمىزدا قانات يايدۇرۇلىۋاتقان ئىككىنجى تۈركۈمدىكى ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيىسى پائالىيىتىنىڭ ئۈگۈنىش باسقۇچىدا، تۈرلىك ئۇسۇللار ۋە ھەر خىل شەكىللەر ئارقىلىق، ئاممىۋى لۇشيەن ھەقق....

راخمان مامۇت

     رايۇنىمىزدا قانات يايدۇرۇلىۋاتقان ئىككىنجى تۈركۈمدىكى ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيىسى پائالىيىتىنىڭ ئۈگۈنىش باسقۇچىدا، تۈرلىك ئۇسۇللار ۋە ھەر خىل شەكىللەر ئارقىلىق، ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى بىلىملەرنى ئۈگۈنۈپ، ئاز بولمىغان مەزمۇنلارنى ئىگەللىۋالدىم. بولۇپمۇ دەسلەپكى قەدەمدە ئاممىۋى لۇشيەننىڭ مەزمۇنى، ماھىيىتى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم.

     2013- يىلى 6- ئاينىڭ 18- كۈنى مەركەز چاقىرغان پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنى بويىچە تەربىيەلەش ۋە ئۇنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتى خىزمەت يىغىنى ئېچىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ، مەۋقەنى پارتىيەنىڭ كۆرەش مۇساپىسى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش بۇرچىغا، شۇنداقلا ئىككى 100 يىللىق نىشانغا ۋە جۇڭگو ئارزۇسىغا قويۇپ، ئاممىۋى لۇشيەننىڭ پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىدا ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر شەرھىلەپ، بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر بايان قىلىپ، پارتىيە بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ قان بىلەن گۆشتەك يېقىن مۇناسىۋىتىنى ساقلاشقا ئەمەلىي يول ۋە نىشان كۆرسىتىپ بەردى.

     ئۈگۈنىش ئارقىلىق، ئاممىۋى لۈشيەن – جۇڭگو كومۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىنقىلاپ ۋە قۇرۇلۇش تەجرىبىلىرىنىڭ يەكۈنى، پارتىيىنىڭ ئىلمىي رەھبەرلىك ئۇسۇلى، تارىخىي ماتېرىيالىزمنىڭ جانلىق ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى يەنىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم.

     ئاممىۋى لۈشىيەننىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى جەھەتتە: ھەممىدە ئاممىنى ئويلاش، ھەممىدەئاممىغا تايىنىش، ئاممىدىن ئېلىپ، ئاممىغا قايتۇرۇش ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئىچىدە ھەممىدە ئاممىنى ئويلاش – پارتىيىنىڭ ئاممىۋى لۈشىيەنىنىڭ تۈپ چىقىش نوقتىس، ھەممىدەئاممىغا تايىنىش – پارتىيىنىڭ ئاساسلىق خىزمەت شەكلى، ئاممىدىن ئېلىپ، ئاممىغا قايتۇرۇش – پارتىيىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىك ئۇسۇلى ۋە خىزمەت ئۇسۇلى ھەقىقىي تونۇپ يەتتىم.

     خەلق ئاممىسىغا ۋەكىللىك قىلىش، خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش – ئاممىۋى لۇشىيەننىڭ ماھىتى ئىكەنلىكى ھەققىدىكى تونۇشۇم يەنىمۇ ئايدىڭلاشتى.

     ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيىسى پائالىيىتىنى ئەمەلىيەتكە، يەكۈنلەنگەن تەجرىبىلەرگە بىرلەشتۈرۈپ ئۈگۈنىش ئارقىلىق، نۆۋەتتە ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيىسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ۋە ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئەكەنلىكىنىمۇ چوڭقۇر چۈشۈنۈپ يەتتىم.

     بىرىنچىدىن، يېڭى دەۋردە پارتىيىنىڭ ئاممىۋى لۈشىيەنىدە چىڭ تۇرۇش – پارتىيىنىڭ ھاكىمىيەت ئورنىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. پارتىيىمىزنىڭ 90 نەچچە يىللىق تارىخنى ئەسلىسەك، پارتىيىمىز قۇرۇلغان چاغدىكى 50 نەچچە پارتىيە ئەزاسى بار تەشكىلاتتىن بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە 80 مىليۇندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى بار بولغان دۇنيا بويىچە 1- چوڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەگە ئايلاندى. بۇنىڭدا يەنىلا خەلق ئاممىسىنىڭ قوللىشى ۋە ھىمايە قىلىشىغا تاياندى. بىز دائىم «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى بولىمىسا جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىقى، جۇڭگۇ خەلقىنىڭ ئازاتلىقى بولمايتى» دەيمىز، ئەمما يەنە ئەكسىچە قىلىپ ئېيتقاندا جۇڭگۇ خەلقىنىڭ قوللىشى ۋە ھىمايە قىلىشى بولمىسا جۇڭگۇ كومپارتىيىسىنىڭ بۈگۈنكى مۇۋاپىقيىتىمۇ بولمىغان بولاتتى.

     ئىككىنچىدىن، يېڭى دەۋردە پارتىيىنىڭ ئاممىۋى لۈشىيەنىدە چىڭ تۇرۇش – پارتىيىمىزنىڭ تەرەققىيات داۋامىدىكى ئۆزىدە مەۋجۈت بولۇپ تۇرغان مەسىلىلەرنى ئېچىپ تاشلاش ۋە ھەل قىلىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، نۆۋەتتە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى ياخشى بولۇۋاتىدۇ دىيىشكە بۇلىدۇ. پارتىيە بىلەن ئامما، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىمۇ ياخشى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق خىزمەتلىرىدە باتۇرلارچە كۈرەش قىلىپ، ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا تۆھپە قوشۇپ، ھەقىقەتەنمۇ ئاممىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇنى كۆرۈشىمىز كېرەككى، دۇنيا ئەھۋالى، دۆلەت ئەھۋالى، پارتىيە ئەھۋالىدىكى زور ئۆزگىرىشلەرگە ئاساسەن، روھى بوشاپ كېتىش خەۋپى، ئىقتىدارى يېتىشمەسلىك خەۋپى، ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋپى، پاسسىپ، چىرىكلىشىش خەۋپىنىمۇ يوق دىگىلى بولمايدۇ. بۇ مەسىلىلەر ئەمەلىيەتتە، ئاممىدىن ئايرىلغانلىقىنىڭ ئىپادىسى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كادىرلاردا ئاممىنىڭ ئەھۋالىنى، ئارزۇسىنى چۈشەنمەيدىغان ئەھۋال كىلىپ چىقىپ، ئاساسلىقى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق، راھەتپەرەسلىك ۋە ئىسراپچىلىقتىن ئىبارەت تۆت خىل ئىستىلدا مەركەزلىك گەۋدىلەندى.

     ئۈچىنچىدىن، يېڭى دەۋردە پارتىيىنىڭ ئاممىۋى لۈشىيەنىدە چىڭ تۇرۇش- كەلگۈسىدىكى جۇڭگو ئارزۇسى (جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى) نى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ چىقىش يولى. «جۇڭگوئارزۇسى» نىڭ ماھىيىتى – جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى يەنى، دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى، خەلقنىڭ بەخت – سائادەتلىك بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش. مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا، جۇڭگو خەلقىنى تېخىمۇ باي – باياشات، تېخىمۇ ئازادە تۇرمۇش كەچۈرگۈزۈش، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئەركىنلىگى ۋە تەرەققىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى بالدۇرۇراق دۇنيادىكى ئەڭ تەرەققىي قىلغان مىللەتكە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت. مۇشۇنداق بىر بۈيۈك ئارزۇنى  ئەمەلگە ئاشۇرۇش-مۇقەررەر ھالدا ئاممىۋى لۈشىيەندە چىڭ تۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.

     دىمەك، پارتىيمىز خەلىققە يېقىندىن تايىنىپ، يېڭى دىمكۇراتىك ئىنقىلاپنى تاماملاپ، مىللىي مۇستەقىللىقنى ۋە خەلىقنىڭ ئازادلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇردى؛ پارتىيمىز خەلىققە يېقىندىن تايىنىپ، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاپنى تاماملاپ، سوتسىيالىستىك ئاساسى تۈزۈمنى ئورناتتى؛ پارتىيمىز خەلىققە يېقىندىن تايىنىپ، ئىسلاھات ئېچىۋىتىشتىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ ئىنقىلاپنى ئېلىپ بېرىپ، جوڭگۇچە سوتسىيالىزىمنى بەرپا قىلدى، داۋاملاشتۇرىدى ۋە راۋاجلاندۇردى. شۇڭا ئاممىۋى لۇشىيەندە چىڭ تۇرۇش – پارتىيىمىزنىڭ ھاكىمىيەت ئاساسىنى مۇستەھكەملەشتە ئىنتايىن مۇھىم.

     بىز پەقەت ئاممىۋى لۈشيەندە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قوللىشى ۋە ھىمايىسىنى قولغا كەلتۈرەلىسەكلا، ئاندىن ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىمىزنى كۈچەيتىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش بۇرچىمىزنى ئادا قىلىپ، دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى، خەلىقنىڭ بەخىت سائادەتلىك بولۇشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter