ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> زىيالى ياشلارنىڭ تاغ ۋە يېزىلارغا بېرىشى ئېلىمىزنىڭ كەشپىياتىمۇ؟

زىيالى ياشلارنىڭ تاغ ۋە يېزىلارغا بېرىشى ئېلىمىزنىڭ كەشپىياتىمۇ؟

2013-02-22 12:37     كۆرۈلۈشى: 1718 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:      20- ئەسىرنىڭ 40- يىللىرى جوڭگۇدا ئاشلىق قەھەتچىلىكى يۈز بەردى. ماۋزېدوڭ ئاشلىق مەسىلىسىنىڭ ئېغىرلىقىنى چوڭقۇر ھىس قىلىپ، بۇ مەسىلىنى دەرھال ھەل قىلىشنى تەكىتلىدى. 1955- يىلى 4- ئايدا ئىتتىپاق....

     20- ئەسىرنىڭ 40- يىللىرى جوڭگۇدا ئاشلىق قەھەتچىلىكى يۈز بەردى. ماۋزېدوڭ ئاشلىق مەسىلىسىنىڭ ئېغىرلىقىنى چوڭقۇر ھىس قىلىپ، بۇ مەسىلىنى دەرھال ھەل قىلىشنى تەكىتلىدى. 1955- يىلى 4- ئايدا ئىتتىپاق مەركىزىي كومېتىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر سوۋېت ئىتتىپاقىدا زىيارەتتە بولغاندا، بۇ يەردە 1954- يىلى كەڭ كۆلەمدە بوز يەر ئېچىش ھەركىتى ئېلىپ بېرىلغانلىقى، بوز يەر ئېچىش ھەركىتىدە شەھەر ياشلىرىنىڭ بوز يەر ئېچىش سۇبىكتى قىلىنىپ، ھەم ئاشلىق كەمچىل بۇلۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلغانلىقىنى، ھەم شەھەر ياشلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغانلىقىنى، ئىككى يىل ئىچىدە 270 مىڭ ياشنىڭ يۆتكۈلۈپ بوز يەر ئاچقانلىقىنى ئىگىلىگەن.

     ئۇ چاغلاردا ئېلىمىز كۆپ جەھەتلەردە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئۆرنەك ئالاتتى. ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مەركىزىي كومېتىتقا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ تەدبىرىنى دوكلات قىلغان. ماۋزېدوڭ نۆۋەتتىكى ئاشلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا بۇ ئۇسۇلنى قوللانسا مۇۋاپىق بۇلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

     1955- يىلى 8- ئايدا 60 نەپەر بېيجىڭلىق ياش بۇ چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇپ، پىدائىيلار بوز يەر ئېچىش ئەترىتى بۇلۇپ تەشكىللىنىپ، خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ لوبېي ناھىيەسىدىكى چۆل – جەزىرىدە بوز يەر ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. ھەمدە 2- يىلىلا 135 مىڭ كىلوگىرام ئاشلىق، 300 مىڭ كىلوگىرام كۆكتات ھۇسۇل ئالغان. پىدائىيلار بۇ يەرگە ياتاق ۋە ئاشخانا سېلىپ، بوز يەر ئېچىشقا رەسمىي ئاتلانغان. ئارقىدىنلا بېيجىڭدىن 2-، 3- تۈركۈمدە ياش پىدائىيلار بوز يەر ئېچىش ئەترىتى ۋە خاربىن، تيەنجىن، خېبېي، شەندوڭلاردىن كەلگەن 2000 دىن كۆپرەك ياش بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئۈچۈن لوبېي ناھىيەسىگە كەلگەن.

 

 

     شاڭخەيلىك ياشلارمۇ خۇەيخې دەرياسىنىڭ شىمالىغا بېرىپ بوز يەر ئېچىش، ئاشلىق تېرىشنى بەس – بەستە تەلەپ قىلغان. ماۋزېدوڭ ياشلارنىڭ بۇ قىزغىنلىقىغا ئىلھام بىرىپ، كۆپ ئويلۇنىش ئارقىلىق ئۇلارغا جياڭشىغا بارساڭلار بەكرەك مۇۋاپىق دەپ تەكلىپ بەرگەن. بۇنىڭ بىلەن شاڭخەي شەھىرى 96 نەپەر ياشنى تاللاپ، بىر نەپەر مۇئاۋىن شەھەر باشلىقىنىڭ يىتەكچىلىكىدە جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ دې ئەن ناھىيەسىدىكى جيۇشيەن تېغى ئېتىكىگە ئەۋەتكەن.

     بېيجىڭ، شاڭخەيلەرنىڭ تەسىرىدە 1955- يىللىرى، 1956- يىللىرى جېجياڭ ياشلىرى شىنجاڭغا، گۇاڭجۇ ياشلىرى خەينەنگە، جياڭسۇ، سىچۇەن ياشلىرى چىڭخەيگە ئاتلىنىپ، شەھەر ياشلىرىنىڭ تاغ ۋە يېزىلارغا بېرىش مۇقەددىمىسىنى ئاچقان.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 جەمئىي 2 دانە ئىنكاس قالدۇرۇلدى
  1. يىكەنداز
    2013-02-24 13:45 aldirax 

    بۇ باشلىقلار ئادەمنى كىچىك بالىنى باشقۇرغاندەك باشقۇردۇ، بىلمىدىم خەلقنىڭ ساپاسى تۆۋەنمۇ ياكى ئاشۇلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيتى تەرەققىي قىلمىغانمۇ . ھازىرقى ئەمەلدارلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنى كۆرسە ئادەمنىڭ ھەم ئاچچىغى كېلىدۇ ھەم مەسخىرە قىلغۇسى كېلىدۇ. بىچارە مىڭىسى يىگىلەپ قالغانلارغا قاراپ.

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    [جاۋاب]
  2. دىۋان
    2013-02-24 23:08 تۇران تېكىن 

    ھازىرقى باشلىقلارنىڭ بىر قىسمى خۇددى سىياسىي كاللىسى يوق ئەرتىسلەرگىلا ئوخشايدۇ.

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    [جاۋاب]

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter