•                سىز توي قىلغىلىمۇ ھەش- پەش دېگۈچە ئىككى يىلمۇ بولاي دەپ قالدى، سىزنىڭ خوشاللىقىڭىز ۋە ئۈمۈدىڭىز بولغان پەرزەنتىڭىزمۇ تۇغۇلدى، سىز كېچە – كۈندۈز ئۈمۈد قىلغان ، ھەم تىلىگەن ئۇ  ئوغۇل پەرزەنت، ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن سىزگە نىسىپ بولمىدى، بەلكى ئاللاھ سىزگە ئۇماق بىر قىز ئاتا قىلغان ئىدى، ئاللاھنىڭ بۇ نېئمىتى ، ئايالىڭىزنى بۈلەكچىلا خوش قىلغان ئىدى، لېكىن ئايالىڭىز بۇ نېئمەتكە شۈكۈر قىلىشنى ، بۇ نېممەت بەدىلىگە ئاللاھقا لايىقىدا ئىبادەت قىلىپ،  ئاللاھقا بولغان شۈكرانىسىنى بىلدۈرۈشنى ئەسلا بىلمەيتى، ئەلۋەتتە بۇدرۇققىنا بۇ  گۈزەل بوۋاق، سىزنىڭمۇ  بارچە مېھرىڭىزنى بېرىشىڭىزگە مۇيەسسەر بولغان ئىدى .

  •   http://i292.photobucket.com/albums/mm27/awral/ilyabehtiya.jpg    ئىليار بەختىيار، قازاقىستان ئالمۇتا ئوبلاستى ئۇيغۇر رايۇنىغا قاراشلىق چوڭ ئاچنوقا يېزىسىدا،1932-يىلى تۇغۇلغان .
    1957-
    يلى قازاقىستان ئاباي نامىدىكى پېداگوگىكا ئىنىستىتونىڭ تىل-ئەدەبيات فاكۇلتىتنى تاماملاپ، كىيىن يەنە موسكىۋادىكى ئىككى يىللىق ئالىي ئەدەبىيات كۇرسىدا ئوقۇغان . ئۇنىڭدىن كىيىن «ئوقۇتقۇچى»، «يازغۇچى» نەشىرياتىدا ۋە رادىئو - تېلۋېزيە كومتىتىدا مۇھەرىر بولغان . ئىليا بەختىيانىڭ 1955-يىلى ،تۇنجى شېئىرلار توپلىمى «دوسلارغا سوۋغا»،1982-يىلى تاللانغان شېئىرلار توپلىمى «ھايات داۋانلىرى» نەشىر قىلىنغان. شائىر ئىليا بەختىيا 1988-يىلى56 يېشىدا ۋاپات بولغان.تۈۋەندە ئۇنىڭ نەمۇنىلىك شىئىرلىرىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق

  • ۋاقىت ئالدىراڭغۇ ساقلاپ تۇرمايدۇ،

    时间太匆忙,一点也不肯停留,

    يىللار شۇ ۋاقىتنىڭ ئەڭ چوڭ يورغىسى..

    岁月便是时间的最快脚步。

    ئاققان سۇلار، ئاتقان تاڭلار قايتىلانمايدۇ،

    湍急的流水,破晓的黎明依然清晰,

    يورغا يىللار ۋاقىتنىڭ ئەڭ چوڭ ئوغرىسى.

    疾驰的岁月却是窃取寿命的小偷。

    ئوغىرلاپ قاچىدۇ ئارقىغا باقماي،

    窃取后,头也不回地,

    بىر- بىرىنى قوغلىشىپ، يورغىلىشىپ،

    一个追着一个,匆忙逃走。

    ياشلىق بېغىدا بولبۇللار قانات قاقماي،

    在青春的花园里听不到黄莺拍姻,

    يوپۇرماقلار قويۇلىدۇ پۇرلىشىپ.

    树叶枯萎凋零,树枝变成秃头。

    ياشلىق ئادەمنىڭ زىلۋا بىر چېغى،

    青春是人们最美妙的季节,

    تولىمۇ قىسقا ئۇنىڭ ئۆمىرى بىراق.

    然而它又是何等短暂。

    يىرتىلسا كالىندارنىڭ بىر ۋارىقى،

    当你撕掉日历上的一页,

    ياشلىق گۈلىدىن تۈكۈلىدۇ، بىر يوپۇرماق.

    便会预感到青春的花朵凋蒋了一瓣。

    يىللار شامىلى يەلپۈنىدۇ، ئىزلار كۆمۈلىدۇ،

    岁月之风在瓢舞,落叶掩盖了大地,

    يوپۇرماقسىز ياغاچ بىچارە بولىدۇ قاخشال...

    落了叶的树显得格外可怜……

    يىللار سېخ، قورۇق كەلمەيدۇ، ئەكىلىپ بېرىدۇ،

    岁月那么慷慨地给姑娘们带来了皱纹,

    قىزلارغا قورۇق، ئەرلەرگە ساقال.

    给男子们带来了、满面的胡须。

  • بالاڭ ئازسا،ئاھ ئۇرما ،يول تاپىدۇ بىر كۈنى ،
    ئامان بولسا ، ئۇلارمۇ پۇل تاپىدۇ بىر كۈنى .
    خاتا باسقان قەدەملەر قالدۇرغاندا قاتاردىن ،
    ئۆزى ماڭغان چاتقالغا ئوت ياقىدۇ بىر كۈنى.

  •  ئۈرۈمچى،بىر مەركىزى شەھەر، يازدا بەكمۇ چىرايلىق بۇلۇپ كېتىدۇ، قىشتا قار ياغقان كۈنى ئاپپاق قارلىرى بىلەن چىرايلىق ، بىراق ئەتىسىلا ئاپپاق قارلار ئىس-تۈتەك سەۋەبىدىن قارا رەڭگە ئۆزگىرىپ قالىدۇ، ئۈرۈمچىدىكى خەلقئارا چوڭ بازار، دۆڭكۆۋرۈك،سەنشىخاڭزا، يەنئەن يولى ئەتراپىدىكى كونسۇل كوچىسى، چوڭ مەسجىت(ياڭخاڭ مەسجىت، نوغاي مەسجىتى، بەيتۇلمەئىمۇر مەسجىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ئالدى قاتارلىق جايلار ھەقىقەتەنمۇ ئادەمگە بىر خىل روھى ئۇزۇق بولىدىغان، باشقا شەھەرلەردە كۈرۈشكە مۇمكىن بولمايدىغان، نازۇ- نىمەتلەرنىڭ ئەنئەنىسى ۋە ھازىرقى زامان ئۇسلۇبى بىرلەشكەن، قانداق بىر خىل تاماقنى يەيمەن دىسىڭىز يىيەلەيدىغان، كۆڭلىڭىز نىمىنى تارتسا شۇ خىل يىمەكلىكلەرنى تاپقىلى بولىدىغان ئاجايىپ بىر دۇنيا، بۇ جايدا ھازىرقى زاماندا مودا كىيىنگەنلەرنىمۇ، ئەنئەنىۋى كىيىم كەيگەنلەرنىمۇ ئىشقىلىپ ھەر خىل ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇچرىتالايسىز، بىرەرسى بىلەن ئۇچراشماقچى بولسىڭىزمۇ مۇشۇ يەردىن تاپالايسىز ۋە ئۇچرىتالايسىز، ھالال مېھنىتى ۋە ئاددى ساددا، قىزغىنلىقى بىلەن سودا قىلىۋاتقانلار، بىر كويغا ئۈچ،بەش كويغا ئۈچ دەپ توۋلاپ تۇرۇپ سودا قىلىۋاتقانلارنى پەقەت مۇشۇ جايدىلا كۈرۈشىڭىز مۇمكىن....

  • بىر ئايال ئېرىدىن سورىدى:

    - ئەگەر مەن ئاپىڭىز بىلەن بىللە سۇغا چۈشۈپ كەتسەم،سىز ئاۋۋال كىمنى قۇتۇلدۇرىسىز؟

    - مەن سۇ ئۈزۈشنى بىلمىسەم!- دىدى ئەر چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ.

    - ئەگەر سۇ ئۈزۈشنى بىلسىڭزچۇ؟- سورىدى ئايال.

    - سىز ئۆزىڭىز سۇ ئۈزۈشنى بىلىسىزغۇ؟ مەن ئەلۋەتتە ئاپامنى قۇتۇلدۇرىمەن - دە.

    - ئەگەر مەنمۇ سۇ ئۈزۈشنى بىلمىسەمچۇ؟

    - سىز سۇ ئۈزۈشنى بىلمەي تۇرۇپ بىر مۇماينى دەريا بويىغا نىمە دەپ ئاپىراتتىڭىز؟ - دىدى ئەر.

  •  

    ئانا ھېلىمۇ ئېسىمدە،ئون سەككىز ياشقا كىرگەن يىلىم يىراققا سەپەرگە چىققىنىمدا قولۇمنى چىڭ تۇتىۋىلىپ قويۇپ بەرمىگىنىڭ؛كوچىنىڭ شاماللىق دۇقمۇشىدا تۇرۇپ جاھاندىكى بارلىق ئانىلارغا ئوخشاش ئۇنى،بۇنى قايتا تاپىلاپ كەتكىنىڭ.

    شەرىقتىن چىققان قوياش دەل-دەرەخلەرنى ئالتۇن نۇرىغا چۈمۈلدۈرگەنگە،قۇشلار شاختىن-شاخقا قونۇپ ناخشا ئىيتقانغا قەدەر،جېنىم ئانا،قولۇمنى قويۇپ بەرمەي چىڭ تۇتۇپ تۇرغاندىڭ.

    مەن ماڭماڭچى بولغان ھايات سەپىرىمدە،مىنى نۇرغۇن خېيىمخەتەرنىڭ كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى،ئۇ يولدا نۇرغۇن خەتەرلىك ھاڭلار،نۇرغۇن ئاچا يوللار ئۇچرايدىغانلىقىنى،ھەر بىر ئاچا يولنىڭ ئاغزىغا كېلىپ قاياققا مېڭىشىمنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ قالغىنىمدا، قايسى تەرەپكە كەتكەن يولدا ئاياق ئىزى كۆپ بولسا، شۇ تەرەپكە مېڭىشىمنى تاپىلىغاندىڭ.

  • نوزۇگۇم!   
     سېنى چاقىرسام 
     قومۇشلار تىترەپ كەتتى،  
     يالا ڭئاياق پۇتلىرىمغا تېكەن پاتتى.  
     سەن يېنىمغا كەلدىڭ،   
     قولۇڭدىكى پىچاقنى قولۇمغا بەردىڭ .  
     چۇۋۇلغان چاچلىرىمىز،   
     يىرتىلغان كۆينىكىمىز....   
     سوغۇق شامالدا يەلپۈندى.
     كۆزلىرىمىز يىراقلارغا تەلپۈندى.  

  •       مەلۇم بىر كۈنى سەھەردە ئىدارىگە ئالدىراش كېتىۋاتسام يولدا بىر يېقىن تونۇشۇم ئۇچىراپ قالدى، ئۇنىڭ ساقاللىرى ئۆسۈپ ،قاپاقلىرى ئىشىپ كەتكەن تۇرقىغا قاراپ:
     
     -ئاداش ئاخشام كۆپ ئىچىۋالدىڭمۇ نىمە؟ دەپ سورىدۇم...ئۇ بىردەم جىم تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن...تۇيۇقسىزلا
     
     -ياق ! خوتۇننى قويىۋېتەيمىكىن... دەيدۇ...مەن سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئولتۇرمايلا قائىيدە بويىچە ئۇنىڭغا ئاجىرىشىشنىڭ زىيىنى توغرىسىدا ئىديىۋىي خىزمەت ئىشلىگىلى تۇردۇم...بىراق ئۇ ئاڭلايدىغاندەك ئەمەس.
     
     -بولدى! بولدى... ئانداق پەسكەش خوتۇن بىلەن ئۆي تۇتالمىغۇدەكمەن.  ئۇ...  ئۇ .... ھەي دوستۇم ساڭا دېيىشتىن نومۇس قىلىمەن،نومۇس...ئۇ  پاسكىنا توردا بىر ى بىلەن مۇھەببەتلىشىپتۇ...بۇ ماڭا قىلىنغا ن ھاقارەت بىلەمسەن! دېگىنىچە كۆز قارچۇقلىرىدا ياش ئەگىپ كەتتى.

  • «نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى»نى قايتا ئوقۇپ

    «نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى»نى قايتا ئوقۇپ، لەتىپىلەردىكى باي-غوجاملارنى خېلى ئىنساپلىق پومېشچىكلاركەن، دېگەن ئويغا كېلىپ قالدىم. ئۇلار ئەپەندىمنىڭ ھەر قېتىم كولدۇرلىتىشىغا ئۇچرىغاندا، بىر بولسا ئۆزىنىڭ يولسىزلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ، بىر بولسا، نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي داڭقېتىپ قالىدۇ، يەنە بىر بولسا، قۇيرۇقىنى قىسىپ غىپپىدە تىكىۋېتىش بىلەن بولدى قىلىدۇ. نېمىشقا ئەپەندىمنى ئىتلىرىغا تالاتمايدۇ؟ نېمىشقا «ئاق» ياكى «قارا گۇرۇھ»تىكى بۇرادەرلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ ئۇنىڭ ئەدىپىنى بەرمەيدۇ؟ نېمىشقا قاتىل ياللاپ ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتمەيدۇ؟ نېمىشقا ئۇنىڭ تىلىنى كېسىۋەتمەيدۇ؟ نېمىشقا تۈرلۈك بېسىملار بىلەن ئۇنى دەرياغا سەكرەپ ئۆلۈۋېلىشقا مەجبۇر قىلمايدۇ؟! ئەمەلىيەتتە، ئاشۇ باي غوجاملارمۇ ئەينى چاغدا پۇل ۋە ھوقۇقى بار، قولىنى نەگە سۇنسا يېتىدىغان مۆتىۋەرلەردىن ئىدىغۇ!

    قرىغاندا، ھازىرقى باي غوجاملار ئۇلاردىن كۆپ «ئىقتىدارلىق»تەك قىلامدۇ قانداق؟! (ئاپتورى: ليۇ تىڭتىڭ)

  •  مەرىكە - مۇراسىملىرىمىزدىكى ھەشەمەتچىلىك ھەققىدە ئىككى ئېغىز گەپ; ]% V8 z, k6 U& j
         ھەشەمەتلىك رېستوراندا «چوڭ چاي» ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى. يىگىت تەرەپ باشلاپ كەلگەن ئون ئۈستەللىك مېھمانغا قىز تەرەپ ھەمراھ قىلىپ چاقىرغان ئون ئۈستەللىك مېھمان ھەمداستىخان بولۇپ يەپ - ئىچمەكتە ئىدى... بىر چاغدا ساھىبخانا تەرەپ رېستوراننىڭ قاق ئوتتۇرىسىغا تۆت ئۈستەلنى جۈپلەپ تىزىپ، «ساندۇق ئاچتى»نى باشلىدى.
        
    قائىدە بويىچە ئاۋۋال ئوغۇل تەرەپ ساندۇق ئاچتى، ساندۇق ئېچىشقا رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان ئايال گەپدان ئىدى. تەبرىك ۋە تەكەللۇپ سۆزلىرىنى قاملاشتۇرۇپ سۆزلەيتتى. تويلۇق بۇيۇملارنى كىمئارتۇق قىلىپ ساتماقچى بولغاندەك، بېشىدىن ئېگىز كۆتۈرۈپ، ماختاپ ھارمايتتى. « مانا بۇ كورىيىنىڭ نوركا پەلتۇسى، ئىتالىيىنىڭ خۇرۇم پەلتۇسى، تۈركىيىنىڭ ئابايىسى، شۋېتسارىيىنىڭ ئالتۇن سائىتى، مانا ماۋۇ بىلەزۈكى، 300مىسقال، مانا ماۋۇ زەنجىرى، بۇمۇ 300مىسقال، مانا ماۋۇلار 80مىسقاللىقتىن تۆت دانە ئۈزۈكى... » ئايال تويلۇق زىبۇ - زىننەت ۋە كىيىم - كىچىكلەرنى بىرمۇ - بىر تونۇشتۇرۇپ ماختىدى. ھەتتا ئۇ ماختىمىغان قىزنىڭ ئىچ كىيىملىرىمۇ قالمىدى. ئاندىن يىگىتنىڭ ئاتا - ئانىسى ئوغلىغا ئېلىپ بەرگەن 90كۋادرات مېتىرلىق يېڭى ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى ئۇزاققىچە پۇلاڭلىتىپ، يىگىت تەرەپنىڭ جەمئىيەتتىكى ئابرۇي - ئىناۋىتى ھەققىدە ماختاندى. كېيىن توينىڭ ئاشسۈيىگە ئاتالغان 30مىڭ يۈەن نەق پۇلنى سىنغا ئېلىۋاتقان يىگىتنىڭ قولىدىكى تېلېكامىراغا توغرىلاپ شارىلدىتىپ ۋاراقلاپ كۆرسەتتى...

  •  

    مۇھەممەتجان راشىدىن
     
     ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﻛﯧﺘﯩﺸﺴﻪﯓ، ﯻﺶ ھﻪﻗﻘﯩﯖﺪﯨﻦ ﺗﯘﺗﯩﻤﻪﻥ،
     ﻗﺎﻳﺴﯩﯔ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﻛﯧﭽﯩﻜﺴﻪﯓ، ﺋﯩﺶ ھﻪﻗﻘﯩﯖﺪﯨﻦ ﺗﯘﺗﯩﻤﻪﻥ.
     ﻛﯧﭽﯩﻜﻤﻪﻣﺴﻪﻥ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﻪ، ﻳﯧﺘﯩﯟﻩﺭﺳﻪﯓ ﭼﯩﺮﻣﯩﺸﯩﭗ،
     ﺑﯩﺮ ﻛﺎﺭﯞﺍﺗﺘﺎ ﻳﯧﺘﯩﺸﺴﺎﯓ، ﺋﯩﺶ ھﻪﻗﻘﯩﯖﺪﯨﻦ ﺗﯘﺗﯩﻤﻪﻥ.
     
     ﺟﺎﻥ ﻳﯧﺮﻯ ﺑﺎﺭ ﯪﺩﻩﻣﻨﯩﯔ، ﯮﺧﺸﺎﺭ ﯪﯕﺎ ﻣﺎﯪﺷﻤﯘ،
     ﯮﻧﺪﯨﻦ ﻗﯘﺳﯘﺭ ﺗﯧﭙﯩﺸﺴﺎﯓ، ﺋﯩﺶ ھﻪﻗﻘﯩﯖﺪﯨﻦ ﺗﯘﺗﯩﻤﻪﻥ.
     ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﯲﺯﮔﻪ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻧﯩﯔ، ﯪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﯜﻣﻪﻧﻤﯩﯔ...!
     ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻴﺘﯩﺸﺴﺎﯓ، ﺋﯩﺶ ھﻪﻗﻘﯩﯖﺪﯨﻦ ﺗﯘﺗﯩﻤﻪﻥ.

  • مۇھەممەتجان راشىدىن
     

    قالار دەريا، قالار كېچىلەر،
    بۇ دۇنيادىن كېتەرمىز بىر كۈن.
    قالار قەلئە، قالار پۈتۈكلەر،
    بۇ دۇنيادىن كېتەرمىز بىر كۈن.


    باھار باقى ئەمەس باغلارغا،
    قايتالماسمىز ياشلىق چاغلارغا.
    ئوخشىمايمىز مەڭگۈ تاغلارغا،
    بۇ ئالەمدىن كېتەرمىز بىر كۈن.

  • ana ئانا

    دۇنيادىكى بارلىق جاپاكەش،مىھرىبان،سۆيۈمۈلۈك ئانىلىرىمىزنىڭ بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن

    «ئانا» دېگەن بۇ ئىسىم تىلغا ئىلىنسىلاكۆز ئالدىمدا دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ، ئەڭ جاپاكەش ئىنسان نامايەن بولىدۇ. چۇنكى دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مەرتىۋىمۇ ئانا مىھرىبانلىقى ئالدىدا ھەيرانۇ _ ھەستۇر .

    ئانا قوياش ، ئۇنىڭ مېھرى _ تەپتى ھىچقاچان سوۋۇمايدۇ . ئانا بىر قولى بىلەن بۆشۇكنى تەۋرەتسە ، يەنە بىر قولى بىلەن دۇنيانى تەۋرىتىدۇ .

    ئانا ___ ئۇ بىر ئۇلۇغ زات ، ئۇنىڭ دىلى ئاغرىسا ، زېمىن تىتىرەيدۇ . ئۇنىڭ ئاچچىق سوزى بىزنىڭ ئاچچىق كۆزىمىزنى ئاچىدۇ .شۇڭا شان _ شەرەپ تاجىنى ئىزدىمەي ، ئانىنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەش بەرھەقتۇر .
    دۇنيا تار بىلىنگەن تەختىردىمۇ ، ئانا مېھرى يەنىلا كەڭ . ئانا مېھرى تەپتىگە ھېچ نەرسە توغرا كەلمەيدۇ . پەرزەنت ئۇچۇن ئانا قوينىدىنمۇ ياخشى ، يىقىملىق ۋە سويۇملۇك جاي يوق .دۇنيادىكى ھېچ بىر گۇل ئانىنىڭ بالىغا قىلغان تەبەسسۇمىدىن چىرايلىق ئەمەس. ئانىنىڭ ئەجىرى بەدىلىگە ھېچ نەرسە تەڭ ئەمەدس . ئانا مېھرىبانلارنىڭ مېھرىبانى . ئۇلۇغلرنىڭ ئۇلىغى . ئۇ قىنىمىزغا قان ، قانىتىمىزغا قانات ، جىنىمىزغا جاندۇر . پەخىرلىنىشگە توغرا كەلسە ئۇنىڭغا قىلغان خىزمىتىمىزدىن پەخىرلىنەيلى . ئۇنىڭ كۆزىدىن ئاققان ياش ___ بىزنىڭ يۇركىمىزدىن تامغان قان ، چۇنكى يۇرەكنى بىزگە ئانا ئاتا قىلغان ئەمەسمۇ !؟ ئانا مېھرى ئۇلۇغ ، ئۇ ناھايىتى غۇۋا ۋە ئاجىز ھالدا ئەكىس ئەتكەن تەقدىردىمۇ بالا قەلبىنى ئىللىتالايدۇ ۋە ساپلاشتۇرالايدۇ  .

  • ئانامغا

    5-ئاينىڭ11–كۈنى(يەكشەنبە)دىكى ئانىلار بايرىمىغا بىغىشلاندى

    ئى ئانا ،سەن ئۇلۇغ ،سۆيۈملۈك قۇياش،5
    ئۈمىدىڭ نۇرلىرى قەلبىڭگە تۇتاش  
    رەڭ ئالغاچ بۇ جاھان سېنىڭ بەھرىڭدىن ،
    پەرىلەر جىلۋىسى ھەمراھتۇر سىرداش . J


    ۋاپانىڭ شەربىتى سېنىڭ باغىرىڭدا ،
    مېھىرنىڭ يالقۇنى گۈزەل جىسمىڭدا .
     
    پەپىلەپ ئۆستۇردۈڭ سۈت بېرىپ ماڭا،
    ئارزۇلاپ سۆيۈشۈڭ ھامان يادىمدا .

ئارخىۋىم

  • زىيارەتچىلەر :