• 2010-09-29

    فىنلاندىيە تەسىراتلىرى - [تەرمىلەر]

    ھەر قېتىم ساۋاغداش كونا دوستلار بىلەن پاراڭلاشقاندا كۆپىنچە ھاللاردا قىزىقىش تۈپەيلىدىن فىنلاندىيە قانداقراقكەن دېگەندەك سوئاللارغا دۇچ كېلىمەن. بۇگۈن ئازراق بىكار ۋاقتىمنى چىقىرىپ بۇ يەردە فىنلاندىيە توغىرسىدىكى تەسراتىمنى ئانچە-مۇنچە كوتۇلداپ باقاي.

    ئالدى بىلەن كىلىمات توغىرسىدا ئېيتسام، ھاۋارايى شىنجاڭغا قارىغاندا ئۇنچە بەك سوغۇقمۇ ئەمەس، ئەمما قىش ۋاقتى ئۇزۇن، يەنە كېلىپ كۈن-تۈننىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقىنىڭ ئۆزگىرىشى ناھايتى كۆرۈنەرلىك يەنى قىشتا كۈندۈز ۋاقتى ئىنتايىن قىسقا، ئەڭ قىسقا ۋاقىتلاردا بىر نەچچە كۈن كۈندۈزىمۇ قۇياشنى كۆرەلمەسلىك ئادەتتىكى ئىش، بىراق بۇمۇ پۇتۇن قىش داۋاملىشىپ كەتمەيدۇ. بۇ يىل قانداق بولغان خېلسىنكىدا قار بەك كۆپ ياغدى، قار تولا ياغقانلىقىدىن مەخسۇس قار تازلايدىغان ماشىنا ۋە كىرانلار ئالدىراش بولۇپ كەتتى دېسەم مۇبالىغە قىلغان بولمايمەن، قار تۈپەيلىدىن يېقىندا پويىزلارمۇ توختاپ قالغان ۋاقىتلار بولدى. ئاڭلىسام ھۆكۆمەت ئارمىيەدىن ياردەم تەلەپ قىلىۋېتىپتۇ. بىراق قار كۆپ بولغىنى بىلەن ھاۋا سوغاق ئەمەس. ئەڭ سوغاق كۈنلىرى -15 گىرادۇسلار ئەتراپىدا. شىنجاڭدىكى قىشنىڭ سوغۇقىغا قارىغاندا بۇ يەردىكى قىشنى ئىللىق دېسەك بولىدۇ.

    فىنلاندىيەدىكى كىشىلەر توغىرلىق توختالساق، فىنلاندىيە 5 مىليون نوپوسىنىڭ ئاساسلىق قىسمى فىنلار. فىنلار توغىرلىق تەسىراتىمنى ناھايتى ياخشى دېسەم ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ. بۇ خەلق سەل جىمغۇر بولغىنى بىلەن ئاقكۆڭۈل ھەم ئىنتايىن راستچىل دەپ تەرىپلىنىشكە ھەقلىق. كۆپ قىسىم خەلقى جۇڭگولۇقلارنى كەمسىتمەيدۇ. سىزنىڭ قەيەردىن كەلگەن بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر سىزگە ئىنتايىن قىزغىن ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ. بىراق ئانچە ئۆز ئىچىگە ئېلىپمۇ كەتمەيدۇ. مېنىڭچە بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى فىنلارنىڭ ئانا تىلى فىن تىلىنى بىرىنجى تىل قىلىپ قوللىنىپ كېلىۋاتقانلىقىدا. ئۆتكەندە ئالىي مەكتەپكە بېرىپ قاراپ باقسام بۇلار ھەتتا مەكتەپ پۈتتۈرۈش ئىلمىي ماقالىسىنىمۇ فىن تىلىدا يازىدىكەن. شۇڭلاشقا گەرچە ياشلارغا ئالىي مەكتەپ ۋە خىزمەت ئورۇنلىرىدا ئېھتىياجغا قاراپ ئېنگىلىز تىلى شىۋىت تىلى قاتارلىق تىللارنى بىلىش تەلىپى قويۇلسىمۇ، كۆپ قىسىم كىشىلەر ئېنگىلىز تىلىدا راۋان ئەمەس. بۇنداق بولغاچقا ئەلۋەتتە ئۆزى راۋان سۆزلىشەلمەيدىغان كىشى بىلەن ئالاقە قىلىشنى خالاپ كەتمەيدۇ.

    ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئېيتساق، فىنلاندىيەدىكى تۇرمۇشنى راھەت ھەم باياشات دېسەك بولىدۇ. فىنلاندىيەنىڭ تەرەققىي تاپقان دۆلەت دېگەن نامىغا قاراپ بۇ يەردە 6 قەۋەتتىن ئېگىز بىنالارنىڭ ئازلىقى، كوچىلاردىكى كونا كىيىم-كېچەك دۇكانلىرىنىڭ شۇنچىلىك ئاۋاتلىقىغا ھەم دوقمۇش-دوقمۇشتىن تاپقىلى بولدىغانلىقىغا قاراپ ھەيران بولماي تۇرالمايسىز. شۇنداق، فىنلاندىيە باياشاتلىقنى تەبىئىي مۇھىت بىلەن بىللە قوغداشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان دۆلەت. كىشىلەرنىڭ مۇھىتنى قوغداش ئېڭىنىڭ يۇقىرلىقى تۈپەيلىدىن بۇ يەردە ھەر قانداق بىر خىل ئىسراپچىلىقنى ناھايتى ئاز ئۇچرىتىسىز. مەسلەن، ئەخلەتخانىدا ھەممە كىشىلەر ئەخلەتنى كام دېگەندە بەش خىل تۈرگە ئايرىپ تاشلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئەخلەتنىڭ مۇۋاپىق يوسۇندا بىر تەرەپ قىلىنىپ قايتا ئىشىلتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. كونا كىيىم – كېچەكلەر پاكىز دېزىنفىكسىيە قىلىنىپ ئەرزان باھادا يوقسۇللارغا سېتىپ بېرىلىدۇ. recycle دېگەن سۆز بۇ دۆلەتتە خۇددى بىر ئەخلاق دېگەن بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرىدىغان سۆز دېسەك بولىدۇ.

    فىنلاندىيەدە مائارىپ پۈتۈنلەي ھەقسىز. ئەگەر سىز فىنلاندىيەدە A ۋىزا بىلەن تۇرۇۋاتقان بولسىڭىز، مائارىپ ھەقسىز بولۇپلا قالماي يەنە ئۆگىنىش ئارقىلىق مەلۇم تۇرمۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشەلەيسىز. ئەگەر دۇنيادا يەنە بىكارغا چۈشلۈك تاماق بار دېسەك، ئۇ چوقۇم فىنلاندىيەدە دېسەك بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلىق كارتىسى بولۇش سىزگە ئاز بولمىغان ئىمتىيازلاردىن بەھرىمەن بولۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ. مەسلەن باشقىلار ئايلىق قاتناش كارتىسىغا 40 ياۋرو تۆلىسە سىز پەقەت 20 ياۋرو تۆلەيسىز. باشقىلار سىرتتىن بىر ۋاق تاماقنى 7.5 ياۋروغا يېسە سىز پەقەت 2 ياۋروغا يەيسىز. باشقىلار 700 ياۋرو خەجلەپ ئولتۇرغان ئۆيگە سىز پەقەت 400 ياۋرو بىلەن ئېرىشەلىشىڭىز مۇمكىن. شۇنداق تۇرۇقلۇق يالغان ئوقۇغۇچىلىق كارتىسى ياساپ ساتىدىغان جاينى ھېچيەردىن تاپقىلى بولمايدۇ.

    فىنلاندىيەدە تۇرمۇش تىنچ ھەم جىمجىت، شۇنداق تۇرۇقلۇق ئازراقلا ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىپ قالسىڭىز جىمجىتلىقنى خالايدىغان قوشنىڭىزنىڭ ئەسكەرتىش باغاقچىسىنى تاپشۇرۇۋېلىشىڭىز مۇمكىن. بۇ يەردە مۇسۇلمانلارمۇ خېلى بار. مۇسۇلمانچە يېمەكلىك دېگەنلەردىن غەم قىلمىسىمۇ بولىدۇ. فىنلاندىيە ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىدىغان دۆلەت ھەمدە قانداق قىلىپ بىلىمنى پۇلغا ئايلاندۇرۇشنى بىلىدىغان دۆلەت. ئەگەر سىزنىڭ يېتەرلىك بىلىمىڭىز بولسا، ئۇنى پۇلغا ئايلاندۇرۇپ باياشات تۇرمۇش كەچۈرمەكچى بولسىڭىز فىنلاندىيەگە كېلىڭ.

    فىنلاندىيەنىڭ يەنە بىر تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان يېرى شۇكى جىنايەت سادىر قىلىش نىسپىتى ئىنتايىن تۆۋەن. بۇ يەردە كۇنلۈكىڭىزنى كوچىنىڭ مەلۇم يېرىدە ئۇنتۇپ قېلىپ ئىككى ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن يەنە شۇ جايدىن تېپىۋېلىشىڭىز مۇمكىن. ھەتتا فىنلاندىيەدىكى كۈندە ھاراق ئىچىپلا يۈرىدىغان مەستلەرمۇ شۇنداق يوۋاش ھەم ئەدەپلىك بولغانلىقىدىن ئاغزىدىن كەچۈرۈڭ دېگەن گەپنى چۈشۈرمەيدۇ.

    فىنلاندىيەلىكلەر تەنھەركەتنى بەك ياخشى كۆرىدۇ. دۆلەتنىڭ ھەممە يېرىدە ھەر خىل تەنھەركەت زاللىرى ۋە مەيدانلىرىنى كۆرىسىز. ياز كۈنلىرى ياپيېشىل چىملانغان كەڭتاشا ھەقسىز پۇتبول مەيدانلىرىنى ھەر جايدىن تېپىش مۇمكىن. فىنلاندىيەلىكلەرنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تەنھەركەت تۈرلىرى قىشتا. چاڭغا، مۇز تېيىلىش، مۇز توپ.. قاتارلىق، نايىك، ئادىداس دېگەندەك ھەر خىل داڭلىق ماركىلىق تەنھەركەت كىيىملىرى ۋە جابدۇقلىرىنى خېلى ئەرزان ئالغىلى بولىدۇ.

    ھازىرچە يادىمغا كەلگىنى موشۇنچىلىككەن، ئىشقىلىپ ئەسكەرتىپ قوياي. يازغانلىرىم پەقەت فىنلاندىيە قاتارلىق شىمالىي ياۋروپاغا قىزىققۇچىلارغا چۈشەنچە بېرىش ئۈچۈن. ھېچكىمنى يۇرتنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە قىزىقتۇرغىنىم ئەمەس.

    +++++++++++++++++

    مەنبە: كۆمۈش ئوق بلوگى

     





ئۇيغۇرچىدىن لاتىن يېزىقىغا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن Ctrl+kنى بېسىڭ