-
2008-06-16
ئولىمپىك مەشئىلى شىنجاڭدا - [جاھان يېڭىلىقلىرى]
ئەسلىدىكى مەشئەل يەتكۈزۈش پىلانى بويىچە، ئولىمپىك مەشئىلى چوڭچىڭدىن شىزاڭ ۋە چىڭخەيگە يەتكۈزۈلۈپ ئاندىن شىنجاڭغا يەتكۈزۈلەتتى، پىلاندا ئۆزگىرىش بولغانلىقتىن شىنجاڭدىكى مەشئەل يەتكۈزۈش 17-ئىيۇندىن19 ئىيۇنغىچە ئۈرۈمچى قەشقەر شىخەنزە سانجىدا 3كۈن ئىلىپ بېرىلىدۇ.ئولىمپىك مەشئىلى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب- شىمالىنى كېسىپ ئۆتىدۇ،ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئاسىيانىڭ كىندىكى - ئۈرۈمچى، يىپەك يولىدىكى قەدىمىي يۇرت- قەشقەر ، ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش شەھىرى- شىخەنزە، تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدىكى مەرۋايىت شەھەر سانجىلاردا يەتكۈزىلىدۇ. ئومۇمىي مۇساپە 3000 كلومىتىردىن ئاشىدۇ.
شىنجاڭدىكى 3 كۈنلۈك مەشئەل يەتكۈزۈشكە جەمئى 624 نەپەر مەشئەلچى قاتنىشىدۇ بۇ مەشئەلچىلەر دۈلەت ئىچىدىكى داڭلىق زاتلاردىن بولۇپلا قالماي، شىياڭگاڭ تەيۋەنلىك قىرىنداشلار ، ئامېرىكا ، گىرمانىيىدىن كەلگەن چەتئەللىك زاتلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شىنجاڭنىڭ ئاز سانلىق مىللەت رايونى ئىكەنلىگى كۈزدە تۇتۇلۇپ 377 نەپەر ئۇيغۇر ، قازاق ، تاجىك قاتارلىق 13 مىللەتنىڭ ۋەكىللىرىمۇ مەشئەلچىلىككە قاتناشقان. بۇنىڭ ئىچىدە «جۇڭگو بوكىس شاھى» دەپ نام ئالغان ئابدۇشۈكۈر ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ شىنجاڭدا يەتكۈزۈشتىكى باش مەشئەلچى بولۇپ سايلاندى.
-
2008-05-16
ھەرقايسى دۈلەتلەرنىڭ دۈلىتىمىزنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىگە قىلغان ئىئانىسى - [جاھان يېڭىلىقلىرى]
1. سەئۇدى ئەرەبىستان : 50 مىللىيون ئامېرىكا دوللىرى نەق پۇل ۋە 10 مىلليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ماددىي ئەشيا.
2. ياپۇنىيە : 500 مىلليون ياپۇنىيە يېنىلىق جىددى ياردەم ۋە 10 مىلليون دوللارلىق ماددى ئەشيا.
3. رۇسسىيە: 4 تۈركۈمگە بۈلۈپ ماددىي ئەشيا ئەۋەتىشىنى پىلانلىغان بولۇپ ھازىرچە 2 تۈركۈمدىكى ماددى ئەشيالار كېلىپ بولغان.
4. نۇرۋىگىيە: 20 مىللىيون كورۇنا ( تەخمىنەن 4 مىلليون ئامېرىكا دوللىرىغا باراۋەر).
5. ئەنگىلىيە: 1 مىللىيون فۇندستېرلىڭ
6. ئىسپانىيە: 1 مىلليون ياۋرو
-
ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشچە ،5-نۆۋەتلىك <<ئاقسۇ كۈسەن مەدەنيەت ساياھەت بايرىمى>> ئاۋات ۋە شايار ناھىيلىردە ئۆتكۈزۈلدىكەن. بۇقېتىمقى ساياھەت بايرىمى 5 ئاي ئەتراپىدا داۋاملىشىدىغان بولۇپ،18-ماي ئاۋات ناھىيسىدە ئېچىلىش مۇراسىمى،16-ئۆكتەبىر شايار ناھىيسىدە يېپىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدىكەن. يېپىلىش مۇراسىمىدا شايار ناھىيسىنىڭ بۇقېتىمقى ساياھەت بايرىمىغا ئاتاپ تەييارلىغان <<ئالتۇن كۈز. تارىم توغراقلىقى >>باش تېمىسىدىكى بىر يۈرۈش مەدەنىيەت - سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدىغان بولۇپ ،پائالىيەتتە يېقىندا يېڭىدىن بايقالغان شايار ناھىيسىدىكى <<دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئىپتىدائى توغراقلىق>>نى ساياھەت قىلىش ۋە ئۇنى دۇنيا جېننىس رېكورتىغا ئىلتىماس قىلىش ، يېڭىدىن پۈتكەن شايار-ئالار تاشيولىدا قاتناش باشلاش،شىنجاڭ خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى ،پەلەك شاھى ئادىل ھوشۇرنىڭ يېڭىدىن پۈتكەن شىنجاڭ بويچە ئەڭ ئۇزۇن كۆۋرۈك <<شايار تارىم دەريا چوڭ كۆۋرۈكى>>دىن ئۆتۈش....قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدىكەن.