•    گەرچە چوڭ بولساممۇ جىيەنلىرىم بىلەن بىللە ئويناشنى ناھايىتى ياخشى كۆرىمەن، ئۇلارمۇ ماڭا شۇنداق چىڭ يېپىشىدۇ. بەزىدە تېخى مەھەللىدىكى بالىلارنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ ئويۇن تېخىمۇ قىززىپ كېتىدۇ. يوغانلا بىر قىزنىڭ كىچىك بالىلار بىلەن بىللە ئوينىشى ئەيىب ھېسابلىنىشى مۇمكىن. لېكىن نېمە ئامال؟ سۈپۈرگىنى  قولۇمغا ئەمدى ئېلىشىمغا دەرۋازىدا كەپسىزلەر پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ:
       - ئاچام بارمۇ؟  بىللە ئوينايتتۇق ...
    مېنى ئىزدەپ كىرگەن بۇ بالىلارنىڭ بەزىلىرىنى  تونۇمايمەن.  بەلكىم ئۇلارمۇ ئىسمىمنى بىلمىسە كېرەك، ھەممىسى پەقەت «ئاچا» دەپلا چاقىرىدۇ... بۇ بالىلارچە قىلىقىم ئەيىب ھېسابلانسا شۇنداق بولۇپ تۇرۇپ تۇرسۇن، چۈنكى گېپىمىزنىڭ مۇھىم يېرى بۇ ئەمەس.
       ھېكايە ئېيتىش بىزنىڭ ئويۇنلىرىمىزنىڭ بىرى. بەزىدە ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدىكى كارىۋاتتا ئولتۇرۇپ ھېكايە ئوقۇپ بەرسەم بەزىدە جىيەنلىرىم ئۇخلىغىلى ئۇنىمىغاندا بىر ھېكايىنى ئۆزۈم تۇقۇپلا ئالدىرىماي ئوقۇسام ھەرقانچە كەپسىز بالىمۇ بىردەمنىڭ ئىچىدە بۇخاراغا مېڭىپ بولىدۇ. ئەمدى ھېكايەمنىڭ مەزمۇنىغا كەلسەم، بەزىدە ھايۋانات توغرىسىدىكى بالىلار چۆچەكلىرىنى شۇ ۋاقتىنىڭ ئىچىدە توقۇسام بەزىدە تارىخىمىز، ئەجدادلىرىمىز ھەققىدىكى ئاز-تولا بىلىدىغانلىرىمنى ھېكايە شەكىلدە سۆزلەپ بېرەتتىم

  •    «سىز بۇ كېچە تەنھا ئەمەس».«سالام غۇلجا»،«سۈھبەت ۋە مۇلاھىزە».«ئائىلە»،«بىز كېشىلەر ئارىسىدا» .... قاتارلىق نادىر رادىئو پروگراممىلىرى بىلەن ئىلى خەلقىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىپ كېلىۋاتقان ئىلى خەلق رادىئو ئىستانسىنىڭ 3 خىل تىلدىكى تۈت يۈرۈش ئاڭلىتىشى يېقىندا توردا بىۋاستە ئاڭلىتىشقا باشلىدى . بۇ دىيارىمىزدىكى شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسى ۋە ئۈرۈمچى خەلق رادىئو ئىستانسى توردا بىۋاستە ئاڭلىتىشنى يولغا قويغاندىن كېيىنكى يەنە بىر ۋىلايەت دەرىجىلىك رادىئو ئىستانسىنىڭ توردا بىۋاستە ئاڭلىتىشى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئەمدى سىزمۇ ھىچقانداق رايون چەكلىمىسىگە ئۇچرىماي، ئىلى خەلق رادىئو ئىستانسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشىدىكى نادىر پروگراممىلاردىن توردا تۇرۇپ زوق ئالالايسىز. قىنى كېرىپ ئاڭلاپ بىقىڭ. پات يېقىندا ئىلى تېلېۋىزىيەسىنىڭ پروگراممىلىرىنىمۇ توردىن كۆرەلىشىڭىز مۈمكىن.

  • رايۇنىمىزدا  قوش  تىللىق مائارىپ  يولغا  قويۇلغاندىن  بۇيان ، قوش  تىللىق  مائارىپ  زادى قانچىنچى  سىنىپتىن  باشلاپ  ئىلىپ  بىرىلىشى  كىرەك ؟  قانداق  ئىلىپ  بىرىلىشى  كىرەك ؟دىگەن  مەسىلىدىكى تالاش-تارتىشلار تۇ گىمىدى ،چۇنكى  بۇ  تالاش  تارتىشلارنىڭ  كىلىپ چىقىشىدا  ئەلۋەتتە ھەرخىل  سەۋەپلەر بار . ئەسلىدە قوش  تىللىق   بولۇش دىگەنلىك - ھەربىر  مىللەت  ئوز  ئانا تىلنى  پىششىق  بىلىش  ئاساسىداخەنزۇ تىلىنى  ئۇگىنىش خەنزۇ تىلىغا راۋان بولۇشنى  كورسىتەتتى، لىكىن  ئاساسى  قاتلاملاردىكى بەزى جايلاردا قوش  تىللىق  ئوقو-ئوقۇتۇش  ئىشى بۇ  پىرىنسىپقا زىت  بولۇپ  كەلدى،   ھەرقايسى  جايلارئوز  ئالدىغا قائىدە نىزام  تۈزىۋىلىپ ئوزى بىلگەنچە  ئىش  قىلدى ،ئۇيغۇر  ئوقۇتقۇچىلار  قاتتىق روھى  بىسىمغائۇچراپ ،ئوقوتقۇچىلار  قوشۇنىدا مۇقىمسىزلىق كۆرولدى .

  • تۇغۇلغوسى پەرزەنتىڭىزگە ساپ ئۇيغۇرچە گۈزەل، مەنىلىك ئىسىملارنى قويغىڭىز بارمۇ ؟ تۈۋەندىكى ئىسىملارنى كۆرۈپ بىقىڭ چوقۇم سىزگە يارىغان بىرسى چىقىپ قالىدۇ .

  • ئىلى رايۇنى دېڭىز يۈزىدىن 640~1900 مېتىر ئىگىزلىكتىكى ئىلى ۋادىسىغا جايلاشقان. ئۇنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى شەرقىي مېردىئاننىڭ 80 گرادۇستىن 85 گرادۇسغىچە، شىمالىي پاراللېلنىڭ 42~45گرادۇسغىچە بولغان ئارىلىققا توغرا كېلىدۇ. ئىلى رايۇنىنىڭ تەبىئىي يەر تۈزۈلۇشى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ شىمال، جەنۇب شەرق تەرەپلىرى ھەيۋەتلىك ئېگىز تاغلار بىلەن ئورالغان. غەرب تەرىپى سىبىرىيىگە مەيدىسىنى ئېچىۋەتكەن. ئىلنىڭ ئۈچ تەرىپىنى ئوراپ تۇرغان بۇ تاغلار قىش كۈنلىرى جۇڭغار ئويمانلىقىدىن كېلىدىغان قۇرۇق سوغۇق ئېقىمىنى، ياز كۈنلىرى تارىم ئويمانلىقىدىن كېلىدىغان قۇرۇق ئىسسىق ھاۋا ئېقىمىنى توساپ تۇرىدۇ. غەرب—سىبىرىيە تەرەپتىن كېلىدىغان مۆتىدىل، نەم ھاۋا ئېقىمى بۇ رايۇنغا ھېچ توسالغۇسىز كىرىپ، مول يامغۇر–يېشىن پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭ نەتىجىسىدە بۇ رايۇندا مۆتىدىل ۋە نەمخۇش ھاۋا كىلىماتى شەكىللەنگەن.

    ئىلىنىڭ ھاۋا كىلىماتى ئاساسەن نەم ھاۋاغا تەۋە بولغانلىقتىن بۇ ھاۋا كىلىماتىنى چوڭقۇرراق چۈشىنىش ئۈچۈن پەسىللەرنىڭ ئۆزگىرىشچان ھاۋا كىلىماتىنى ۋە بۇ پەسىللەردە پەيدا بولىدىغان پەيدا بولىدىغان كېسەللىكەرنى چۈشىنىپ، سالامەتلىكنى ئاسراش زۆرۈر. ئىلىدا تۆت پەسىل روشەن ھالدا پەرقلىنىدۇ. پەسىللەر ئۆز ۋاقتىدا باشلىنىپ، ئۆز ۋاقتىدا ئاخىرلىشىدۇ. كۈندۈزى ئىسسىق، كېچىسى سالقىن، يامغۇر–يېشىن كۆپ بولىدۇ. قىشتا سوغۇقنىڭ تەسىرى ئېغىر بولىدۇ.

  • مەشرەپ — ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنى ھەم قائىدە–يوسۇن تەشەببۇس قىلىنىدىغان سورۇنى، شۇڭا ئۇيغۇرلاردا «بالاڭنى ئاۋۋال مەكتەپكە بەر، كېيىن مەشرەپكە» دەيدىغان ھېكمەت بار. مەكتەپ ئىنسان بالىسىغا تەپەككۈرىنى ئاچىدىغان بىلىم ئۆگىتىدۇ. مەشرەپ بولسا ئەدەب–ئەخلاق، قائىدە–تەرتىپ، ئولتۇرۇش–قوپۇش، مېھمانلارغا قانداق داستىخان سېلىش، مېھمان كۈتۈش، ئۇزىتىش، چوڭلارنى ھۆرمەت قىلىش، كىچىكلەرنى ئىززەتلەش، كىشىنىڭ ھەققىنى يېمەسلىك، ئىجتىمائىي سورۇنلاردا ئادەمگەرچىلىككە ئەھمىيەت بېرىش، ھالال ئەمگەك ئارقىلىق ئاددىي–ساددا تۇرمۇش كەچۈرۈش، ئاتا–ئانىنى ھۆرمەت قىلىش، ئىقتىسادچىل بولۇش قاتارلىق نۇرغۇن مەزمۇنلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ساز چالالايدىغان، ناخشا ئېيتالايدىغان، ئۇسسۇل ئوينىيالايدىغان، زېھنى ئۆتكۈر، ئەقىللىق، خۇش ئاۋاز قىلىپ تەربىيىلەش بىلەن بىرگە ئۇلارنى ئەل–جامائەتكە، يۇرتىغا بولغان مەسئۇلىيەتكە يېتەكلەيدۇ.

  • «خەنزۇ بازىرى»نىڭ ئەينى چاغلاردىكى ئەڭ ئاۋات بۆلىكى ئانچە بەك چوڭ بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇ مۇشۇ يەردە تۇغۇلۇپ، مۇشۇ يەردە ئۆسكەن تىيەنجىنلىك بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ قەلبىگە مەڭگۈ ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان ئىنتايىن بۈيۈك، بىباھا گۆھەر جاي ھېسابلىنىدۇ.
    يەن لىڭ ماقالىسىدا مۇنداق بايان قىلىدۇ: «ھازىر غۇلجا سودا سارىيى ئىشخانىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان، «خەنزۇ بازىرى»دا ئۆسۈپ چوڭ بولغان شۈي نىڭ بىزگە ئۆزىنىڭ بالىلىق چاغلىرىنى ئەسلەپ سۆزلەپ بەرگىنىدە كۆزلىرى ھاياجاندىن نۇرلىنىپ كەتتى.
    ئۇ گۆدەك چېغىدا «خەنزۇ بازىرى» ئۆكتەبر كوپراتىپىنىڭ بالىلار باغچىسىدا ئۆسۈپ چوڭ بولغان. شۈي نىڭنىڭ مومىسى ئالتە ياش ۋاقتىدا ئاتا–ئانىسى، ئاكا–ھەدىلىرى بىلەن بىر چوڭ مەپىلىك برىچكا ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ 6–ئايدا تىيەنجىندىن غۇلجىغا يەتكەن ئىكەن.
    20–ئەسىرنىڭ 50–يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرى، پۈتۈن جەمئىيەت قاينام–تاشقىنلىق سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشقا ئاتلانغان مەزگىل ئىدى. ئۇ چاغلاردا ھازىرقى ئاھالىلەر كومىتېتى «مەھەللە ھۆكۈمەت» دەپ ئاتىلاتتى. «مەھەللە ھۆكۈمەت»نىڭ پۇقرالار ئارىسىدىكى ئابرويى بەكمۇ يۇقىرى ئىدى. مەھەللىداشلار ئۇنىڭدىن باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك چوڭ ھۆكۈمەتلەرنى تونۇمايتتى ھەتتا بىلمەيتتى. «مەھەللە ھۆكۈمەت» كاتتىبېشى بىر بۇيرۇق چۈشۈرسە ئەر–ئايال، قېرى–ياش دېمەي بىراقلا جەڭگە ئاتلىناتتى. ئىشسىز ئائىلە ئاياللىرى ھەتتا پۇتىنى بوغۇۋالغان قېرى مومايلارمۇ ھېچقانداق ھەق ئالماي خۇشال–خورام ھالدا خالىسانە ئىجتىمائىي ئەمگەكلەرگە قاتنىشاتتى. مومايلار ئامانلىق قوغداش خىزمىتىگە بەكمۇ ھېرىسمەن ئىدى. ئۇلار، بۇ خىزمەتنى تولۇپ–تاشقان غەيرەت–شىجائىتىگە تولىمۇ كوچىلاپ گەپ سوراشقا ئامراق ئەزمىلىكىنى قوشۇپ، بەجانىدىللىق بىلەن ئاشۇرۇپ ئورۇنلايتتى. مەھەللە كوچىلىرىنى قېدىرىپ ئارىلاپ يۈرگەن بىكارتەلەپ يوچۇن كىشىلەرگە مۇشۇ مومايلار تېتىيتتى. ئۇ چاغلاردىكى «خەنزۇ بازىرى»نىڭ ئېرىق–ئۆستەڭلىرىدە ئاستى كۆرۈنۈپ تۇرغۇدەك سۈزۈك سۇ ئاقاتتى. كوچا–كويلارغا قويۇق تال–سۆگەتلەر سايە تاشلاپ تۇراتتى. ئۇيغۇر مەھەللىداشلارنىڭ بىر–بىرى بىلەن بەسلەشكەندەك چىرايلىق گۈل–چېچەكلەر ھۆپپىدە ئېچىلغان قورۇلىرىدا قۇشلار سايراپ، كېپىنەكلەر پەرۋاز قىلاتتى. ھەركۈنى سەھەردە سۈبھى بىلەن تەڭ كوچىلارغا سۇ سېپىلىپ سۈپۈرۈپ تازىلىناتتى. قالايمىقان ئەخلەت، يۇندا تۆكۈش ئەدەبسىزلىك ھېسابلىناتتى. بۇ مەھەللىدىكى كىشىلەر ئۇزۇن يىل بىرگە ئارىلىشىپ ئۆتكەچكە تىل توسالغۇسى يوق دېيەرلىك ئىدى. ئۇيغۇرلارمۇ خەنزۇچىنى چۈشىنەتتى، خەنزۇلار ئۇيغۇر تىلىدا راۋان سۆزلىيەلەيتتى. قوشنىلار مەيلى قايسى مىللەت، قايسى ئۇرۇق جەمەتىدىن بولسۇن بەئەينى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىجىل–ئىناق ئۆتەتتى.

  •  
         ئىلى دىيارى قەدىمدىن تارتىپ يېرى كەڭ، سۈيى مول، دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق ئاساس قىلىنغان مۇنبەت زېمىن. ئورمانچىلىق ۋە باغۋەنچىلىك - زېمىننىڭ ئاۋات بولۇش ئامىللىرىنىڭ بىرى. ئىلى ۋادىسى ھۈنەر، ھېكمەت، ئەدەبىيات - سەنئەت بەرپا قىلىنغان تارىخىي زېمىن بولغانلىقى بىلەنمۇ مەشھۇر. بۇ باياشات زېمىندا ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاتار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەر ئېجىل- ئىناق بىللە ياشاپ كەلگەن.
           تارىخىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تاتارلار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا 19 -ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىدىن باشلاپ كۆچۈپ كېلىشكە باشلىغان. غۇلجا شەھىرى شىنجاڭ بويىچە تاتارلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان جاي. ۋ. ۋ. رادلوف 1862 - يىلى ئىلىغا كەلگەندە بۇ يەردە تاتارلارنىڭ كۆپلۈكىنى، ئۇلارنىڭ سودا بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى، ھەر مىللەت خەلقى بىلەن ئىنتايىن ئىناق ياشاپ، ئەركىن ئازادە، كۆڭۈللۈك ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرگەنىدى(«تاتارلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» 1988-يىلى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى).
      1882 - يىلدىكى مەلۇماتقا قارىغاندا، ئىلى ۋىلايىتىدە 1900 دىن ئارتۇق تاتار بولۇپ، ئۇلار غۇلجا، موڭغۇلكۈرە، قورغاس، نىلقا، تېكەس، توققۇزتارا، كۈنەس ۋە باشقا ناھىيىلەرگە تارقالغان. تاتارلارنىڭ كۆپلۈكى جەھەتتە غۇلجا شەھىرىدىن قالسا چۆچەك 2 - ئورۇندا تۇرىدۇ. تاتارلار دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقتىن باشقا سودا بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئۇلار مەرىپەت سۆيگۈچى خەلق ھېسابلىنىدۇ.

  • 1988-يىلى قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى ( بىشكەك) شەھرىدە تۈركشۇناسلارنىڭ پۈتكۈل سايۇزلۇق 5-نۆۋەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا چىڭغىز ئايتماتوۋ سۆزگە چىقپ مۇنداق دىگەن: << ھازىرقى ۋاقىتتا تۈركشۇناسلىقتىكى چوڭ كەمچىلىكنىڭ بىرى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ ئالىملىرى تىل-ئەدەبىيات،تارىخ ۋە يازما يادىكارلىقلارنى تەكشۈرگەندە يۈسۈف بالاساغۇنى( يۈسۈف خاس ھاجىپ) ۋە مەھمۇد كاشغەرىينى، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ھەم ئۇلاردىن كېيىن يېزىلىپ قالغان يادىكارلىقلارنى ئاساسەن ئۆز خەلقىگە مەنسۇپ قىلىپ كورسەتكۈسى كېلىدۇ. ئۇلار بۇ ئىككى بۈيۈك ئالىمنى ھەممە تۈركىي تىللىق خەلىقلەرگە مەنسۇپ،شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇ خەلىقلەر ئۆز يازما ئەدەبىياتىنى شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ تەرەقىي ئەتتۈرۈپ كەلمەكتە ،دەپ تەكىتلىمەكچى بولىشىدۇ. ئەمما مىنىڭ پىكىرىمچە بۇ ئىككى ئالىم ھەممىدىن ئاۋال ئۇيغۇر خەلقىگە مەنسۇپ، ئاندىن باشقا تۈركىي تىللىق خەلىقلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ يازما ئەدەبىياتىنى ئۇيغۇرلاردىن كېيىن باشلىغان، دېسەك توغرا بولىدۇ.بۇ پىكىر ئورخۇن،يەنسەي يازما يادىكارلىقلىرىغىمۇ مۇناسىۋەتلىك. ئورخۇن،يەنسەيدىن تېپىلغان قەدىمقى تۈرك ۋە ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىنى مەكتەپ ئوقۇش قوراللىرىغا كىرگۈزۈش كېرەك ،ئەمما ھازىر ھەممە ئالىملار ئۆز خەلقىنىڭ مەدەنىيىتىنى ئەڭ قەدىمىي قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتقانلىغىدىن تۈركشۇناسلىقتا پروۋىنتسىئالىزىمتىن كۆپ زىيان تارتىش بايقالماقتا>>.

  • ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي (مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتىدىن)

    بۇ يىل – مىلادىيە 2008 – يىلى بىرلەشكەن دۈلەتلەر تەشكىلاتى پەن – مائارىپ ، مەدەنىيەت ئورگىنى قارار ماقۇللاپ، مەھمۇد كاشغەرىينى ئۆز ئىچىگە ئالغان 67 ئالىمنى دۇنيا مىقياسىدا خاتىرلەشكە چاقىردى. مۇشۇ ئەھمىيەتتىن ئېلىپ ئىيتقاندا ، بۇ يىل «مەھمۇد كاشغەرىي يىلى»دۇر.نەقەدەر شاراپەت دېسەڭ ئەرزىيدۇكى،پەخىرلەن بۇنىڭدىن كاشغەرىي ئېلى...!

    مەھمۇد كاشغەرىي كىمدۇر؟ بىرلەشكەن دۈلەتلەر تەشكىلاتى ئۇ زاتنى قانداق بىلىدىغاندۇ؟ بۇ 2008 – يىلنىڭ «مەھمۇد كاشغەرىي يىلى»بولۇشنى كىم ئىلتىماس قىلغاندۇ؟ بۇنىڭدىن سۆيۈنۈشكە، شادلىنىشقا ۋە تېرىسىگە پاتمىغۇدەك بولۇپ ھاياجانلىنىشقا كىملەر ئەڭ ھەقلىقتۇر؟!

    1-    سۇئال:مەھمۇد كاشغەرىي كىمدۇر؟

    جاۋاب:«مەھمۇد كاشغەرىي ئېلىمىزنىڭ 11 – ئەسىردە ئۆتكەن ئۇيغۇر ئالىمى، تىلشۇناس، ئالەمشۇمۇل نادىر ئەسەر ‹تۈركى تىللار دىۋانى›نىڭ ئاپتۇرىدۇر. بۇنىڭدىن 100 يىل ئىلگىرى، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز زىمىنىدا، مەھمۇد كاشغەرىيدىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئەدىب، ئالىم تۇغۇلۇپ، مەشھۇر‹تۈركى تىللار دىۋانى›دۇنياغا كەلگەن. ئوتتۇرا ئاسىيا دۈلەتلىرىنىڭ تارىخى،جۇغراپىيىسى،مىللىي ئۈرب- ئادىتى،ئىجتىمائىي تۇرمۇشى ۋە ئەدەبىيات – سەنئىتىنى تەتقىق قىلدىغان قامۇس‹تۈركىي تىللار دىۋانى›- ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ گۈللەنگەنلىكى ۋە تەرەققى قىلغانلىقىنىڭ مول نەتىجىسى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە قوشقان زور تۈھپىسى، شۇنداقلا دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى جۇلالىق مەرۋايىتتۇر»(ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرلەش بويىچە مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا قىلغان سۆزىگە قارالسۇن.)

  •      ھەممىمىزگە مەلۇم، چاقچاق—ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ ھەجىۋىي تۈرىگە مەنسۇپ بولغان بىر خىل ئاممىباب ژانىر. چاقچاقنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ مەزمۇنى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان ھالدا پەيدا بولىدىغان ئۈنۈملۈك ئىدىيىۋى تەربىيە ۋە ئېستېتىك زوق، كۈچلۈك كومىدىيىلىك تۈس ۋە شۇ ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن جاراڭلىق كۈلكىدىن ئىبارەت. چاقچاق توغرىسىدا سۆز بولغاندا بىز ئىختىيارسىز ھالدا ئىلى چاقچاقچىلىرى ھەققىدە گەپ ئاچماي تۇرالمايمىز. ئىلى چاقچاقلىرى ئۇيغۇر خەلق چاقچاقلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ۋە ئۇنىڭ مۇقەررەر راۋاجى. ئىلى چاقچاقلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇش بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى زىچ. يەنە بىر تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇ تۇرمۇشتىن كېلىدۇ ۋە تۇرمۇشقا قايتىدۇ. ئىلى دىيارىدا ياشىغان ۋە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان خەلق چاقچاقچىلىرىنىڭ ھەممىسى خەلق ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان. سۆزىمىزنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە بىز بۇيەردە، ئىلىدىن ئىبارەت بۇ مۇنبەت زېمىندا ۋە ئۇنىڭ ئەۋزەل مەنىۋى مۇھىتىدا ياشاپ، ئىجاد قىلىپ ئۆتكەن كىشىلىك پەزىلىتى دۇرۇس، چاقچاقچىلىق ئىستىلى ساغلام، ھوسۇلى مول بولغان قۇربان، ئىسمائىل، باۋخان كور، غوپۇر دىڭخۇلۇ، تۇرسۇن تېيىپ، زوردۇن شىبە، جانى يولداشوپ، موللا مەتيار خەلپىتىم، ياقۇپبەك پوچى....قاتارلىق ئاتاقلىق چاقچاقچىلارنى ئاتاپ كۆرستىشىمىز مۈمكىن. ھالبۇكى، ئەنە شۇلارنىڭ ئىچىدىكى تىپىك، ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە بولغان، كەڭ خەلق ئاممىسى تەرىپىدىن زامانىمىزدىكى ھايات نەسرىدىن ئەپەندى دەپ نام ئالغان شەخس —ھېسام قۇرباندۇر.

     

  • داۋۇتجان ناسىر 1939–يىلى غۇلجا شەھىرىنىڭ مويكا مەھەللىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئاتىسى ناسىر ئاكا خۇشپېئىل، ناخشىچى ئادەم بولۇپ، ھارۋىكەشلىك قىلاتتى. داۋۇتجان كىچىكىدىنلا دادىسىغا ئەگىشپ مەشرەپ، ئولتۇرۇشلارغا بېرىپ ناخشا–ساز تىڭشاشنى ياخشى كۆرەتتى. ناسىر ئاكا ھارۋا ھەيدەپ يىراق سەپەرلەرگە چىققاندا، ناخشىغا خۇمار بۇ ئوغلىنىمۇ بىللە ئېلىۋېلىشنىمۇ ئۇنتۇمايتتى. داۋۇتجان ئەگرى–توقاي ھارۋا يوللىرىدا چايقىلىپ ئولتۇرۇپ، ئاپتاپلىق دالىدا چورۇقلىشىۋاتقان تورغايلارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالغىنىچە دادىسى ئېيتقان ناخشىلارنىڭ ئاھاڭىنى تەكرارلايتتى. ئۇزاق ئۆتمەي قۇشنا–قۇلۇملارغا ئۇنىڭ ئاۋازىنىڭ سازلىقى مەلۇم بولدى. مەھەللىدىكى مومايلار ئۇنى تۇتىۋېلىپ «ئانام–ئانام»نى ئېيتقۇزۇشقا خۇشتار ئىدى. ناخشىنىڭ مۇڭىدىن ئۇلار كۆز يېشى قىلشاتتى. چوڭ كىشلەر داۋۇتجاننى كۆرسە: «قېنى داۋۇتجان، خانلەيلۇنغا بىر توۋلىۋەتكىنە...ھە، ئەمدى سادىر ناخشىسىغا ... » دەپ، قويۇپ بەرمەيتتى.

  • زېمىستان كۆرمىگەن بۇلبۇل (پەريادەي، زالىم يارەي، ئاھ يارەي)

    باھارنىڭ قەدرىنى بىلمەس (پەريادەي)

    جاپانى چەكمىگەن ئادەم (پەريادەي، زالىم يارەي، ئاھ يارەي)

    ۋاپانىڭ قەدرىنى بىلمەس (پەريادەي)

    مەن باغىڭغا كىرمەسمەن،

    ئانارىڭنى ئۈزمەسمەن.

    ئەمدى كەلدىم ئەقلىمگە

    نادان بىلەن يۈرمەسمەن.

  •  سەنەم–ئۇسسۇل پەدىلىرىنىڭ ناخشا بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن بىر خىل سەنئەت شەكلى بولۇپ، مىلودىيىلىرىنىڭ ئۆزگىرىشچان ۋە لېرىكىلىقى، ئاھاڭلىرىنىڭ بىر–بىرىگە ئۇلىنىپ بىر–بىرىگە يۈرۈشلىشىشى، رېتىم–ئۇدارلىرىنىڭ بالداقمۇ–بالداق شوخلىشىپ بېرىشى قاتارلىق قۇرۇلمىسى بىلەن ئۇسسۇلچىلارنىڭ ماھارىتىنى ئالاھىدە جارى قىلىشىغا زېمىن ھازىرلاپ بېرىپلا قالماستىن، سورۇن ئەھلىنىڭ ئىستېتىك زوقلىنىشىنى ۋايىغا يەتكۈزىدۇ. «ئىلى سەنىمى» ۋىسال تەشنالىقى بىلەن ھىجران قايغۇلىرى يامراپ تۇرغان مۇھەببەت قوشاقلىرى ۋە ئۇلارغا ماسلاشقان ئاھاڭلارنىڭ بىرلىشىشىدىن بارلىققا كەلگەن شوخ ئۇسسۇل پەدىلىرىنىڭ مۇجەسسەملەشكەن نامايەندىسىدۇر. ئۇ ئۆز ئىچىدە ئىككى يۈرۈشكە ئايرىلغان 24 ئۆزگىرىشلىك ئۇسسۇللۇق ناخشىدىن تەركىب تاپقان. ھەربىر يۈرۈشى ئىچىدىكى ئاھاڭ ۋە تېكسىت ئۆزگىرىشلىرى ئۆزىگە خاس ئۇسسۇل شەكلىنى يارىتىش ئارقىلىق سەنەم قۇرۇلمىلىرىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى تەرەققىياتىنى نامايەن قىلدى. «ئىلى ئون ئىككى مۇقامى»دا «چەبىيات» ۋە «مۇشاۋرەك»تىن ئىبارەت ئىككى مۇقامدىلا سەنەم بار. چەبىيات مۇقامىغا كىرگۈزۈلگەن يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن سەنەم ناخشىلىرى 12 ئۆزگىرىشتىن تەركىب تاپقان.

  • 1. ﺩﻭﻻﻥ » ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﺳﯚﺯ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ " ﺩﻭﻻﻧﻐﯩﺪ " ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ، ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﺵ ؛
     
     
    2.
    « ﺩﻭﻻﻥ » ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯ " ﺩﯙﯞﯨﻠﻪﻥ " ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﺩﯨﻦ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، " ﺩﯙﯞﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﻪ " ، " ﺗﻮﭖ - ﺗﻮﭖ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﻪ " ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯘﺭ ، ﺋﯘﻻﺭ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﯩﺪﯗﺭ ، ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﺵ ؛
     
     
    3. « ﺩﻭﻻﻥ » ﺳﯚﺯﻯ " ﺗﯘﺭﺍﻥ " ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﺑﯘﺯﯗﭖ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ، ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺵ . ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻗﺎﺭﺍﺷﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭ : ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺗﯜﺭﻙ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻜﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭘﻪﺭﻏﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺳﯩﺒﯩﺮﯨﻴﯩﮕﯩﭽﻪ ، ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻦ ﺳﻪﺩﺩﯨﭽﯩﻦ ﺳﯧﭙﯩﻠﯩﮕﯩﭽﻪ ﺳﻮﺯﯗﻟﻐﺎﻥ ﻛﻪﯓ ﺩﯨﻴﺎﺭﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ " ﺗﯘﺭﺍﻥ ﺯﯦﻤﯩﻨﻰ " ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻣﺪﯨﻜﻰ " ﺗﯘﺭﺍﻥ " ﺳﯚﺯﻯ ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋﯚﺗﯜﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻠﻪﺭ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ " ﺩﻭﻻﻥ " ﻏﺎ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﮔﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ ، ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺩﻭﻻﻧﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﻪﻧﺴﯘﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ، ﺩﻩﭖ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻧﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯨﺪﯗ .

ئارخىۋىم

  • زىيارەتچىلەر :