-
2012-09-29
ﺗﻪﺷﻠﻪﭘﻜﯩﮕﻪ ﺗﯧﺰ ﺳﯩﺰﻣﺎ (شېئىر) - [ئەدەبىيات - سەنئەت]
باغرىڭ ئىللىق ،ئىسمىڭ مەشھۇر تەشلەپكە،
قىسمەتلىرىڭ داستان بولغان تەشلەپكە.
سەندە ئاجىز، سەندە مىسكىن توپلىنىپ،
ھەم بايلىرىڭ مەغرۇر يۈرگەن تەشلەپكە.
****
تاشلانغانلار سەندە تاپتى ئىسسىق جاي،
خارلانغانغا كۈنلۈك بولغان تەشلەپكە.
بەختى قاچقان مۇساپىرلار تۈركىمى،
ئەگىز سۇدەك ھەريان ئاققان تەشلەپكە.
***
سېنى كۆرسەم كۆزلىرىمدىن ئاقار ياش،
ئەۋلاتلىرىم تىنەپ يۈرگەن تەشلەپكە.
ئۇلۇغلارنىڭ ئۇلۇغلىرى ئانىلار،
پايپاق سېتىپ مۈدرۈپ يۈرگەن تەشلەپكە.
***
شۇ ئانىلار كۆزلىرىدە نادامەت،
پىغان بىلەن رىسقى تىلەر تەشلەپكە.
گاھى ئۇنتۇپ پەزىلەتنى ئېسىللار،
بىر -بىرىگە قاتتىقلىقتن تەشلەپكە.
***
سەندە كۈرمىڭ نارسىدىلەر تېنىگەن،
مۇھتاجلىقتىن يانچۇق كولاپ تەشلەپكە.
پەرۋاسىزدۇر قەلىبلىرى قەھرىتان،
باھار ئاڭا يات بولغاچقا تەشلەپكە.
***
سەن بولغانتىڭ بىر زامانلار ئاجايىپ،
سودا -سېتىق مەۋج ئۇرۇپ تەشلەپكە.
مەرىپەتنىڭ ئوچىقىدىن ئوت ئېلىپ،
جاھالەتكە ئوت ياققانتىڭ تەشلەپكە.
***
شۇ ئوتلارنىڭ ئۇچقىنىنى بەرسەڭچۇ،
نادانلىققا تۇترۇق قىلساق تەشلەپكە.
خاسىيەتلىك يېغىن يېغىپ چاچسىكەن،
تىلىگەنگە بەخىت -ئىقبال تەشلەپكە.
***
مەن بولغۇم بار خاسىيەتلىك قالىغاچ،
باھار كەلدى دەپ توۋلاشقا تەشلەپكە.
مۇساپىرنىڭ لاپىسىدا ئۇگىلاپ،
بولمىغاندا چۆچەك ئېيتسام تەشلەپكە.
***
شۇندا مېنىڭ بۇ يۈرىگىم ئۆرتەنمەس،
قەدىرسىزگە ھەمراھ بولسام تەشلەپكە.
چۈشلىرىمدە ھەم بولسىمۇ ئاي ئۈزۈپ،
ئايسىزلارغا بەرسەم دەيمەن تەشلەپكە.
(ﺗﻪﺷﻠﻪﭘﻜﻪ – ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺷﻪﮬﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﺎﺯﯨﺮﻯ)
ئاپتور: ﺳﻪﻳﺪﯗﻟﻼﻡ ﺯﯗﻧﯘﻥ
历史上的今天:
ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنى قۇرۇش جەريانى 2012-09-29«قوزا خۇشخۇي» دىن تۇغۇلغان ئويلار 2012-09-29ياۋروپالىقلارنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرى 2010-09-29
评论