• 2012-09-29

    ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنى قۇرۇش جەريانى - [تارىخقا نەزەر]

    بايقىشىمچە، ھازىر بەزىلەر ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنى قۇرۇش جەريانىنى ئەينەن بىلگۈسى كېلىپ، بىراق ھۆججەتلىك يازما ماتېرىيال تاپالماي يۈرگەندەك قىلىدۇ. بۇ ئەھۋالنىڭ ئۇلۇغ مۇتەپەككۈر شائىر ئاباينىڭ: «كۈن كەينىدىن كۈن كېلۇر،بىر كۈن ئارزام ئالغۇزماس. ئوي كەينىدىن ئوي كېلۇر، شامالغا مىنسەڭ يەتكۈزمەس.» دېگىنىدەك، كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى، ئوي – پىكىرنىڭ ئۇلغىيىشى بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئادەملەردە جىددىي تەلەپ بولۇش ئېھتىماللىقى زور. مۇشۇ نۇقتىدىن ئويلىغاندا، بۇ ئىشنىڭ ھەغدالىرى بولغان — قول سېلىپ ئىشلىگەن بىز (ھازىر ھاياتلاردىن: پاتقان سۈگىربايىۋ، چېن شىخۇا، ۋاقاپ مۇخىت، مەن – قۇرمانەلى)دەك كىشىلەر بۇ كەم ئورۇننى تولدۇرماي بىپەرۋالىق قىلىشىمىزنىڭ زۆرۈرىيىتى يوقتەك تۇرىدۇ. شۇڭلاشقا مەن بۇ مەسىلە ھەققىدە — ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنى قۇرۇش جەريانى توغرىسىدا ھۆججەتلىك يازما ماتېرىيال قالدۇرۇپ، تەتقىق قىلغۇچىلار بىلەن بىلىشنى لازىم تاپقانلارغا ياردەم بېرىشنى كۆزلىدىم.

    ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى — ئۇلۇغ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيسىنىڭ ماركىسىزم – لېنىنىزم، ماۋزىدۇڭ ئىدىيسى مىللىي سىياسىتىنىڭ كونكرىت ئىجرا قىلىنغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ۋە مول مېۋىسى بولدى. ئۇ ئۇلۇغ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى باشچىلىقىدا ئازادلىققا، ئەركىنلىككە ۋە تەڭلىككە ئېرىشكەن ئېلىمىز قازاقلىرىنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئۆزىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى ئۆزى باشقۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغانلىقىنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە 1954 – يىلى 11 – ئاينىڭ 28 – كۈنى (؟) غۇلجا شەھىرىدە قۇرۇلۇپ، زور تەنتەنە بىلەن جاكارلاندى ۋە بۇ كۈن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قۇرۇلغانلىقىنىڭ خاتىرە كۈنى قىلىندى. كېيىنرەك يەنى 1954 – يىلى ھەر جەھەتتىن قۇلايلىق بولۇشنى كۆزدە تۇتۇپ، گوۋۇيۈەننىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئوبلاست قۇرۇلغانلىقىنىڭ بايرام كۈنى 9 – ئاينىڭ 1 – كۈنىگە ئۆزگەرتىلدى. ئەمدى بۇ ئىشنىڭ، يەنى ئوبلاست قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئەينى جەريانى تۆۋەندىكىچە:

    1953 – يىلىنىڭ ئاخىرى ۋە 1954 – يىلىنىڭ باشلىرىدا ج ك پ شىنجاڭ بىيۇرۇسى ۋە شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى ۋە ئورۇنلار ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنى قۇرۇش ئىشىنى باشلاپ، ئاۋۋال ئۈرۈمچى، ئىلى، تارباغاتاي، ئالتاي قاتارلىق جايلاردىكى بىر قىسىم رەھبەر ۋە ۋەكىللىك خاراكتىرىگە ئىگە بىر قسىم كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ پىكىر ئېلىشتى. پىكىرلىشىشتە ئاساسەن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنى قانداق دائىرىدە قۇرۇش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى. مەن ئۇ چاغدا شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمەتتە مۇئاۋىن باش كاتىپ ئىدىم. شۇڭلاشقا ئۈرۈمچىدە بۇ ھەقتە ئۆتكۈزۈلگەن پىكىرلىشىش سۆھبەتلىرىگە قاتناشتىم. باشقا جايلاردا بولغان پىكىرلىشىش ۋە سۆھبەتلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىق ئۇقۇپ تۇردۇم. شۇ چاغدىكى چۈشكەن پىكىرلەرنى يىغىنچاقلىغاندا، بىرىنچى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ئىلى، تارباغاتاي، ئالتاي ۋىلايەتلىرى دائىرىسىدە قۇرۇلسا، ئىككىنچى، ئىلى، تارباغاتاي، ئالتاي، ئۈرۈمچى، قۇمۇل (شىمالىي شىنجاڭ) دائىرىسىدە قۇرۇلسا دېگەن ئىككى مەزمۇندىن ئىبارەت بولۇپ، بىرىنچى پىكىردىكى ئادەملەر كۆپ بولدى. بۇ مەسىلە مۇشۇ ئىككى پىكىر ئاساسىدا تۆۋەندىن يۇقىرىغا، يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ پىكىر ئېلىنىپ ئاخىرىدا ئوبلاستنى ئىلى، تارباغاتاي، ئالتاي ۋىلايەتلىرى دائىرىسىدە قۇرۇش ماقۇللاندى. قازاقلار بىر قەدەر زىچ ئولتۇراقلاشقان باشقا جايلاردا، جۈملىدىن، قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ بارىكۆل ناھىيىسىدە، ئۈرۈمچى ۋىلايىتىنىڭ — كېيىنكى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مورى ناھىيىسىدە ئايرىم – ئايرىم قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى قۇرۇلىدىغان بولدى.

    شۇنىڭدىن كېيىن يەنى 1954 – يىلى 3 – ئاينىڭ ئاخىرىدا ج ك پ شىنجاڭ بىيۇرۇسى ئىلى، تارباغاتاي، ئالتاي — ئۈچ ۋىلايەت دائىرىسىدە «شىڭشۇ» ( 行政公署 نىڭ قىسقارتىلمىسى. بۇ جۇمھۇرىيتىمىز قۇرۇلغاندىن كېيىن دەسلەپتە ئۆلكىدىن تۆۋەن، ۋىلايەتتىن يۇقىرى دەرىجىدىكى يەرلىك ھاكىمىيەت ئورگىنى) دەرىجىلىك قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش كومىيىسسىيەسىنى تەسىس قىلىش ھەققىدە قارار قوبۇل قىلدى ھەمدە جىددىي ئىشقا كىرىشىپ، ئوبلاستىنى قانداق بولمىسۇن 1954 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە قۇرۇشنى تەلەپ قىلدى ۋە مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە كونكرېت ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنى قۇرۇش ئىشى رەسمىي كۈنتەرتىپكە قويۇلۇپ، ئوموميۈزلۈك پائال باشلىنىپ كەتتى.

    1954 – يىلى 6 – ئاينىڭ 20 - ، 21 – كۈنلىرى (؟) ج ك پ شىنجاڭ بىيۇرۇسى بىلەن شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىدە «تەڭرىتاغ (تىيانشان) سارىيى» (ھازىرقى «تىيانشان مېھمانخانىسى». ئۇ چاغدا شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمەت مۇشۇ بىنادا ئىدى. ئىلى، تارباغاتاي، ئالتاي ۋىلايەتلىرى دائىرىسىدە «شىڭشۇ» دەرىجىلىك قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنى قۇرۇش ھەققىدە كېڭەش ئۆتكۈزدى. يىغىنغا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە كىشىلىرى ۋە شىنجاڭ ئۆلكىلىك مىللىي تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش كومىسسىيىسىنىڭ ئەزالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 120 كىشى (؟) قاتناشتى.

    يىغىندا 51 كىشىدىن تەركىب تاپقان ئىلى، تارباغاتاي، ئالتاي ئۈچ ۋىلايەت دائىرىسىدە شىڭشۇ دەرىجىلىك قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش كومىسسىيىسىنى تەسىس قىلىش ماقۇللىنىپ پاتقان سۈگىربايىۋ كومىسسىيە باشلىقلىقىغا؛ لى چۈەن، ئابدۇرېھىم ئەيسا، ئەنۋەر جاكۇلىن، نۇسىپقان مۇئاۋىنلىققا؛ قۇرمانەلى ئوسپانوۋ باش كاتىپلىققا بەلگىلەندى.

    يىغىندا يەنە ج ك پ شىنجاڭ بىيۇرۇسىنىڭ بىرىنچى شۇجىسى ۋاڭ ئېنماۋ، تۆتىنچى شۇجىسى ۋە شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەيپىدىن ئەزىزى، شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى ھەم شىنجاڭ ئۆلكىلىك مىللىي تېرىتورىيلىك ئاپتونومىيە قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش كومىسسىيىسىنىڭ باشلىقى بۇرھان شەھىدى، شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گاۋجۇڭچۈن قاتارلىق رەھبەرلەر مىللىي تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قۇرۇش مەسىلىسىنى، جۈملىدىن «شىڭشۇ» دەرىجىلىك قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنى قۇرۇش مەسىلىسىنى مەركەز قىلغان ھالدا مۇھىم سۆزلەر قىلىشتى، كونكرېت يوليۇرۇقلار بېرىپ، ئورۇنلاشتۇرۇشلار ئېلىپ باردى. يىغىندا مۇشۇ ئاساستا ئۆگىنىش، مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى. بۇ جەرياندا پاتقان سۈگىربايىۋ (قازاق)، ئابدۇرېھىم ئەيسا (ئۇيغۇر)، ئەنۋەر جاكولىن(قازاق)، ئەيىلقاير تۆرە (قازاق)، دورجى (موڭغۇل)، ئانا تولى (رۇس)، شاتۇ (شىبە)، ئەنۋەر خانبابا (ئۆزبېك)، ماۋېنشىڭ (خۇيزۇ)، ؟ يىشا (داغۇر)، ئاسالباي (قىرغىز)، پاتىخ ئاللا گارى (تاتار) قاتارلىق كىشىلەر سۆز قىلىشتى. ئۇلار سۆزلىرىدە پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ دوكلاتلىرىنى ئاڭلاش، ئۆگىنىش ئۆزلىرى ئۈچۈن بىر قېتىملىق ياخشى ۋە ئۈنۈملۈك تەربىيە ئېلىش پۇرسىتى بولغانلىقى ۋە ئېلىمىزدە ئاز سانلىق مىللەتلەر زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا مىللىي تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنىڭ قانداق ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى توغرىسىدا روشەن تونۇشقا ئىگە بولغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى. شۇنىڭدەك، بۇ ئىشنىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمىتىمىزنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ھەر جەھەتتىن قىلغان غەمخورلۇقىنىڭ ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى ئۆزى باشقۇرۇش ھوقۇقىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنىڭ دەلىلى ۋە ئىجرا قىلىنىشى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى. شۇ ئاساستا ئۆزلىرىنىڭ قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قۇرۇش ئىشىغا پائال قاتنىشىپ، تېگىشلىك ھەسسە قوشىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

    يىغىن ئىككى كۈن داۋام قىلىپ ئاياغلاشقاندىن كېيىن يەنى 4 – ئاينىڭ 20 – كۈنى ئۈرۈمچى «تىيانشان سارىيى»دا ئىلى، تارباغاتاي، ئالتاي — ئۈچ ۋىلايەت دائىرىسىدە «شىڭشۇ» دەرىجىلىك قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش كومىسسىيىسىنىڭ 1 – قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى. يىغىننى كومىسسىيە باشلىقى پاتقان سۈگىربايۋ باشقۇردى. ئەنۋەر جاكولىن «تەييارلىق كۆرۈش كومىسسىيىسىنىڭ ۋەزىپىلىرى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلىرى ھەققىدە» دېگەن ماۋزۇدا دوكلات بەردى ۋە دوكلات مۇزاكىرە قىلىنىپ ماقۇللاندى. شۇنىڭدەك يىغىندا تەييارلىق كۆرۈش كومىسسىيىسىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرىنى بەلگىلەش ئىشى قارىلىپ، ئاخىرىدا پاتقان سۈگىربايۋ، لى چۈەن، ئابدۇرېھىم ئەيسا، ئەنۋەر جاكۇلىن، نۇسىپقان، نۇر سادىروۋ، جاغدا، قۇرمانەلى ئوسپانوۋ، ئېردە، ئەبىلقايىر تۆرە، ئانا تولى، شاتۇ، ئەلقەم ئەختەم، قانا؟لار دائىمىي ھەيئەت ئەزالىقىغا بەلگىلەندى. چېن شىخۇا، ئابدۇكېرىم ھاجىيوۋ، ۋاقاپ مۇھىتلار مۇئاۋىن باش كاتىپلىققا بەلگىلەندى. تەييارلىق كۆرۈش كومىسسىيىسىنىڭ قارمىقىدا كاتىبات باشقارمىسى، تەشۋىقات – تەرغىبات، تەلىم – تەربىيە باشقارمىسى، تەتقىقات باشقارمىسى، كادىرلار باشقارمىسى، مالىيە باشقارمىلىرىنى قۇرۇش، شۇنىڭدەك يىغىندىن كېيىن تەييارلىق كۆرۈش كومىسسيىسىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە رەسمىي ئىشقا كىرىشىشى قارار قىلىندى.

    شۇ چاغدا ج ك پ شىنجاڭ بىيۇرۇسى تەييارلىق كۆرۈش كومىسسىيىسىنىڭ لى چۈەن، چېن شىخۇا، نۇر سادىروۋ، ئابدۇرېھىم ئەيسا، ئەلقەم ئەختەم، قۇرمانەلى قاتارلىق يەتتە كىشىدىن تەركىب تاپقان پارتىيە گۇرۇپپىسىنى تەستىقلاپ چۈشۈردى. يولداش لى چۈەننى سېكرىتارلىققا بەلگىلىدى.

    شۇنىڭدىن كېيىن يەنى 1954 – يىلى 5 – ئاينىڭ بېشىدا تەييارلىق كۆرۈش كومىسسىيىسىدىكىلەر غۇلجا شەھىرىگە كېلىپ شەھەرنىڭ مەدەنىيەت كوچىسىدىكى 10 – نومۇرلۇق قورۇ (ھازىرقى «ئىلى گېزىتى» ئىدارىسى تۇرغان قورۇ. ئۆز ۋاقتىدا ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئولتۇرۇشىغا ئاتاپ سېلىنغان بىنا)غا ئورۇنلىشىپ، 5 – ئاينىڭ 15 – كۈنىدىن ئېتىبارەن ئىشقا كىرىشتۇق. پاتقان سۈگىربايۋ خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئالتايدا بولغانلىقتىن، خىزمەت ئاساسەن يولداش لى چۈەننىڭ رەھبەرلىكىدە ئېلىپ بېرىلىپ، كونكرېت ئىشلارغا چېن شىخۇا، ۋاقاپ، مەن (قۇرمانەلى) ئۈچەيلەن مەسئۇل بولدۇق. دېمەك، تەييارلىق كۆرۈش ئىشى مۇشۇ ئاساستا كۈنسېرى ئېھتىياجلىق كىشىلەر بىلەن تولۇقلىنىپ، جىددىي ئىشلەندى.

    بۇ جەرياندا ئىشلىنىدىغان ئىشلار:

    بىرىنچى، ھەرمىللەت ئىشچى – خىزمەتچىلىرى بىلەن خەلق ئارىسىغا تەشۋىق – تەرغىب، تەلىم – تەربىيە بېرىش ئىشىنى پۇختا ئىشلەش.

    ئىككىنچى، ئوبلاستنى قۇرۇش يىغىنىدا ھەرمىللەت، ھەر ساھە، ھەر تەبىقە كىشىلىرىدىن ھەر قايسى جايدىن قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر ۋە تەكلىپ قىلىنىدىغان كىشىلەرنىڭ سانىنى سېلىشتۇرۇلغان ھالدا بەلگىلەش ۋە سايلاش؛ يىغىندا بېرىلىدىغان دوكلاتلارنى تەييارلاش؛ يىغىن ئېچىلىدىغان ۋە ۋەكىللەر ياتىدىغان ئورۇنلارنى بەلگىلەپ، لازىملىق كارۋات، يوتقان – كۆرپە، ياستۇققا ئوخشاش نەرسىلەرنى تەييارلاش؛ ئاشخانا، ئامانلىق قوغداش، دوختۇرلۇق پونكىت قاتارلىقلارنى ئورونلاشتۇرۇش.

    ئۈچىنچى، قۇرۇلىدىغان ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمەت خىزمەت بىناسىنىڭ ئورنىنى بەلگىلەپ، قۇرۇش لايىھىسىنى ئىشلەش، بىنا سالىدىغان ئورۇن بىلەن توختام تۈزۈش، مۇشۇ ئاساستا دەرھال ئىشقا كىرىشىپ تېزرەك پۈتتۈرۈش، ئىشخانىلارغا لازىملىق مۈلۈكلەرنى ياسىتىش.

    تۆتىنچى، ئوبلاستىنىڭ قۇرۇلۇش خاتىرىسىگە يۇقىرىدىن ۋە ھەر دەرىجىدىن كېلىدىغان ئەزىز مېھمانلارغا تەقدىم قىلىنىدىغان تارتۇقلارنىڭ تۈرلىرى ، سانىنى مۆلچەرلەپ، بېكىتىپ، ئالدىن تەييارلاش.

    مۇشۇنداق تەييارلىق ئىشلىرى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان چاغدا يەنى 1954 – يىلى 6 – ئاينىڭ 20 – ، ؟ – كۈنلىرى غۇلجا شەھىرىدە تەييارلىق كۆرۈش كومىسسىيىسىنىڭ 2 – قېتىملىق كېڭەيتىلگەن يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا ج ك پ شىنجاڭ بىيورۇسىدىن ؟ جيەنرېن كېلىپ قاتناشتى. يىغىندا ئالدى بىلەن قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش كومىسسىيىسىنىڭ خىزمەت پىلانى ھەققىدە دوكلات بەردى ۋە بۇ دوكلات مۇزاكىرە قىلىنىپ ماقۇللاندى. ئاندىن كېيىن قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنى قۇرۇش يىغىنىغا ھەرمىللەت، ھەر ساھە ۋە ھەر تەبىقە ئادەملىرىدىن، جايلاردىن سايلىنىپ قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر بىلەن تەكلىپ قىلىنىدىغان كىشىلەرنىڭ ئومومىي سانى، ھەر جايدىن كېلىدىغان ئادەملەرنىڭ نىسبىتى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ مەسىلە شىنجاڭ بىيورۇسى بىلەن شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ھەر مىللەت خەلقى ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، تەسىرى بەك كۈچلۈك، بىر مىللەتنىڭ ئۆز ئىچىدىكى ۋە باشقا مىللەتلەر ئارىسىدىكى بىرلىك – ئىتتىپاقلىققا تاقىلىدىغان مۇھىم مەسىلە بولغانلىقتىن، پۇختا، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، كەڭ – كۇشادە مۇزاكىرە قىلىندى. ئاخىرىدا قىسمەن تولۇقلىنىپ ماقۇللاندى.

    بۇ يەردە شۇنى تەكىتلەش لازىمكى، ئۇ چاغدا ئىلى، تارباغاتاي، ئالتاي، بورتالادىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئومومىي سانى 131390 (بىر يۈز ئوتتۇز بىر مىڭ ئۈچ يۈز توقسان؟) بولۇپ، قازاقلار %53.41، ئۇيغۇرلار%25.56 (؟)، خەنزۇلار %19.70 (؟)، موڭغۇللار %4.45، خۇيزۇلار %2.4 (؟)، رۇسلار% (؟)، شىبەلەر% (؟)، قىرغىزلار% (؟)، ئۆزبېكلەر% (؟)، تاتارلار% (؟)، داغۇر% (؟)، مانجۇ% (؟) ۋە باشقىلار% (؟) ئىدى. ( ئومومىي سايلامدىكى سان ؟ مىڭ. دېمەك، ئوموم خەلق سانىدا بىر – بىرىدىن ئاز تولا پەرق قىلىدىغان بىر نەچچە خىل سان بار. مەن ئۆز ۋاقتىدا ئۆزۈم خاتىرىگە ئالغان سان بويىچە ئالدىم – قۇرمانەلى).

    يىغىندا يەنە قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ نامى مۇزاكىرە قىلىندى. بۇ مەسىلە قارىماققا يېنىك ۋە ئاساندەك قىلغان بىلەن ماھىيەتتە سالماقلىق مۇھىم مەسىلە بولغانلىقتىن، كۆپچىلىك ئەتراپلىق كېڭىشىپ، خىلمۇ – خىل لايىھىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆز چۈشەنچىلىرىنى شەرھىيلەپ ئۆتتى. شۇ چاغدا دېيىلگەن پىكىرلەردىن:

    1. ئۈچ قۇلىستاي قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى.

    2. ئالتۇنتاغ قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى.

    3. شىمالىي شىنجاڭ قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى

    4. تىيانشان ئالتاي قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى.

    5. ئالتاي قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى

    6. ئىلى – ئالتاي – تارباغاتاي قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى.

    7. ئى تا ئا قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى

    8. جۇڭغار قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى

    9. جۇڭغارىيە

    10 ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى

    شۇ پىكىرلەرنىڭ بەزىلىرىنى كۆپچىلىك شۇ چاغدىلا قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ، دەپ قارىدى. قالغانلىرىنىڭ ئىچىدىن «ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى» دېگەن تەكلىپنى قوللىغۇچىلارنىڭ سانى كۆپ بولدى. ئاخىرىدا پىكىرلەرنى ج ك پ شىنجاڭ بىيورۇسىغا يوللاپ تەستىقلاتتى. شۇنىڭدىن كېيىن كۆپ ئۆتمەي شىنجاڭ بىيورۇسى مۇزاكىرە قىلىپ كۆرۈپ «ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى» دېگەن پىكىرنى لايىق كۆردى ۋە ئۇنىڭ يۇقىرىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكۈزۈپ بىزگە چۈشۈرۈپ بەردى.

    تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتى جىددىي ئېلىپ بېرىلىپ ئاخىرلىشاي دېگەن چاغدا يەنى 1954 – يىلى 11 – ئاينىڭ 3 – كۈنى غۇلجا شەھىرىدە قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش كومىسسىيىسىنىڭ 3 – قېتملىق يىغىنى ئېچىلدى.

    يىغىندا كومىسسىيىنىڭ تۆت ئايدەك ۋاقىت ئىچىدە ئىشلىگەن ئىشلىرى دوكلات قىلىندى. دوكلات مۇزاكىرە قىلىنىپ، ئاخىرىدا قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنى قۇرۇش تەييارلىق ئىشلىرى ئاساسەن ئىشلىنىپ بولدى. يېقىن كۈنلەر ئىچىدە خەلق ۋەكىللىرى يىغىنى چاقىرىپ، قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنى قۇرۇشقا بولىدۇ، دېگەن مەزمۇندا قارار ماقۇللاندى.

    كومىسسىيىنىڭ مەزكۈر قارارى بويىچە يۇقىرىنىڭ ماقۇللىشى بىلەن 1954 – يىلى 11 – ئاينىڭ 23 – كۈنىدىن 28 – كۈنىگىچە غۇلجا شەھىرىدە ۋەكىللەر يىغىنى ھەم ئوبلاستنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى تەنتەنىلىك ھالدا ئۆتكۈزۈلۈپ، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قۇرۇلدى.

    ۋەكىللەر يىغىنىنىڭ ئومومىي جەريانى تۆۋەندىكىچە:

    1. يىغىندا ئىلى، تارباغاتاي، ئالتاي ۋە بورتالادىن 11 مىللەتتىن تەركىب تاپقان 274 نەپەر سايلانغان ۋەكىل، 47 نەپەر تەكلىپ قىلىنغان ۋەكىل (ئۈرۈمچىدىن — ئۆلكە دەرىجىلىك ئورۇنلاردىن تەكلىپ قىلىنغانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) جەمئىي 321 ۋەكىل قاتناشتى.

    2. يىغىن رەئىسلىرىگە 11 مىللەتتىن تەركىب تاپقان 41 كىشى بەلگىلەندى. بۇلار: پاتقان سۈگىربايۋ (قازاق)، لى چۈەن (خەنزۇ)، لى خۇييۈ (خەنزۇ)، ئابدۇرېھىم ئەيسا (ئۇيغۇر)، نۇسىپقان كۆنباي (قازاق)، ئەنۋەر جاكۇلىن (قازاق)، مەرغۇپ ئىسھاقوۋ (تاتار)، نۇر سادىروۋ (ئۇيغۇر)، جاغدا بابالىكوۋ (قازاق)، ؟ جىياسەن (خەنزۇ)، جاڭ جۈڭتاۋ (خەنزۇ)، قامى قاسىلقان (قازاق)، قۇرمانەلى (قازاق)، ھەنىپە (ئۇيغۇر)، چېن شىخۇا (خەنزۇ)، دورجى (موڭغۇل)، بەتىبە ؟ (قازاق)، ئابدۇمۇتائالى خەلپەم (ئۇيغۇر)، ئەبدۇراھمان ؟(قازاق)، ئەبىلمەجىن (قازاق)، ئابدۇرېھىم ھەسەنوۋ (ئۇيغۇر)، مۇتاش داموللا (قازاق)، گۇڭ شېڭ دالاما (موڭغۇل)، ؟ (قازاق)، ئەخمەت خوجا (ئۆزبېك)، قاناپىيا (قازاق)، شيې پىشاڭ (داغۇر)، دىياكوۋ (رۇس)، باغىزا (قازاق)، تېلىۋقامېت (قازاق)، ئەلىقان قىزىر (قازاق)، مۇھەممەتجان مەخسۇم (ئۇيغۇر)، قاجىتەبى؟ (قازاق)، ۋارىس (قازاق)، قاسىماخۇن (ئۇيغۇر)، ئاسانباي (قىرغىز)لاردىن ئىبارەت.

    يىغىننىڭ ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىغا ئالتە مىللەتتىن تەركىب تاپقان توققۇز كىشى بەلگىلەندى. بۇلار: جاغدا؟ (قازاق)، ياڭ ليېگۇاڭ (خەنزۇ)، ھەسەنوۋ (ئۇيغۇر)، قامى (قازاق)، دورجى (موڭغۇل)، شاتۇ (شىبە)، ماۋېنشېڭ (خۇيزۇ)، باغىزا؟ (قازاق)، ۋارىس (قازاق).

    يىغىننىڭ پىكىر – تەلەپلەرنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىغا تۆت مىللەتتىن تەركىب تاپقان 12 كىشى بەلگىلەندى. ئۇلار: قالى ؟ (قازاق)، چېن شىخۇا (خەنزۇ)، نۇر سادىروۋ (ئۇيغۇر)، كارشا؟ (موڭغۇل)، تۇرسۇن ئاتاۋۇللا (ئۇيغۇر)، ئەلقەم ئەختەم (ئۇيغۇر)، ھەبىبۇللا (ئۇيغۇر)، ھەنىپە (ئۇيغۇر)، ئەلىجان؟ (قازاق)، كامالىددىن (ئۇيغۇر)، جاتۇلسان؟ ( قازاق)، ئەبدىراھمان (قازاق).

    يىغىننىڭ باش كاتىپلىقىغا قۇرمانەلى ئوسپانوۋ، مۇئاۋىن باش كاتىپلىقىغا چىن شىخۇا، ۋاقاپ مۇخىتلار بەلگىلەندى.

    3. يىغىنغا يولداش لى چۈەن رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە بېغىشلىما سۆز قىلدى. ئاندىن كېيىن شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى بۇرھان شەھىدى سۆزگە تەكلىپ قىلىندى. ئۇ سۆزىدە ئوبلاستنى قۇرۇش يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى نامىدىن قىزغىن تەبرىكلىدى. بىر مىللەتنىڭ ئۆز ئىچىدىكى، جۈملىدىن بارلىق مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى بىرلىك – ئىتتىپاقلىقىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەشنى، بۇ جەرياندا مىللەتچىلىك خاھىشلىرىغا، مىللەتچىلىككە، مەيلى چوڭ مىللەتچىلىك، مەيلى يەرلىك مىللەتچىلىك بولسۇن، ھەممىسىگە ھۇشيار بولۇشنى، قارشى تۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. مىللىي تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن قانائەتلىنىپ قالماي، تېگىشلىك سىياسەت بەلگىلىمىلەرنى داۋاملىق، ياخشى ئىجرا قىلىشنىڭ، شۇنداق قىلىپ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت جەھەتلەردە راۋاجلىنىپ تەرەققىي قىلغان مىللەتلەرگە يېتىشىۋېلىشىغا ياردەم بېرىشنىڭ لازىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن پاتقان سۈگىربايۋ شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە ئىلى، تارباغاتاي، ئالتاي (بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋىلايەتلىرىنىڭ بەش يىلدىن بۇيانقى خىزمەت نەتىجىلىرى ۋە بۇندىن كېيىنكى خىزمەت ۋەزىپىلىرى ھەققىدە دوكلات بەردى. يىغىنغا ج ك پ شىنجاڭ بىيورۇسىنىڭ تۆتىنجى شۇجىسى سەيپىدىن ئەزىزى، شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى بۇرھان شەھىدى، شىنجاڭ ئۆلكىلىك ئىقتىسادىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شىڭ تيەنشىڭ، ج ك پ شىنجاڭ بىيورۇسى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەسئەت ئىسھاقوۋ، شىنجاڭ ھەربىي رايون سىياسىي بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى زاھىر ساۋدانوۋ قاتارلىقلار قاتناشتى. ئۇلار قىزغىن كەيپىياتتا تەبرىكلەپ، مۇھىم پىكىر – يوليۇرۇقلارنى بەردى ۋە مۇۋاپىق يار – يۆلەكتە بولدى. شۇنداق قىلىپ يۇقىرىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە خۇشاللىقلىرىنى كونكرېت ئىپادىلەپ، ۋەكىللەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. شۇنىڭدەك يىغىنغا ئۆلكە دەرىجىلىك بىر قانچە ئورۇنلار ۋە جەمئىيەتلەردىن بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، چىڭخەي ئۆلكىسىدىكى خەيشى موڭغۇل – زاڭزۇ – قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى ئاقاي قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى قاتارلىق جايلاردىن 10 نەچچە كىشى قاتنىشىپ، ئورتاق خۇشاللىقلىرىنى، چىن قەلبىدىن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. بۇنىڭدىن تاشقىرى يىغىن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، ج ك پ شىنجاڭ بىيورۇسى، شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى قاتارلىق ئورۇنلاردىن يېتەكچىلىك رولى، ئىلھاملاندۇرارلىق ئەھمىيىتى بار تەبرىك تېلگراممىلار ۋە لەۋھەلەر تاپشۇرۇۋالدى.

    بۇنىڭ ھەممىسى قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ سەمىمىي تىلەكلىرىنى بىلدۈرۈپ، قازاق خەلقىنىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمىتىمىزنىڭ غەمخورلۇقىدا ئاپتونوم ئوبلاستنى قۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى ئۆزى باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئېرىشىپ، قەلبىمىزگە ئىلھام، ھۇجۇدىمىزغا كۈچ – قۇۋۋەت بېغىشلىدى. ئەركىنلىك – تەڭلىك قۇچىقىدىكى ھاياتىغا بولغان رازىمەنلىكى ۋە كەلگۈسى ئىستىقبالىغا بولغان ئۈمىد ئىشەنچىسىنى كۈچەيتتى. بۇ ھال قەلەمكەشلىرىمىزنىڭ ئەمگىكى بىلەن ياراملىق خەۋەر، ياخشى ئوچرېك، «سۆز پادىشاھى» ، «سۆز جەۋھىرى»، شېئىر – قوشاققا ئايلىنىپ، بىپايان دالا – قىرلار ئارىلاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قەلبىگە ئورناپ، ئورتاق خۇشاللىق، كۈچ – قۇۋۋەتكە ئايلاندى.

    4. دوكلار بىلەن تەبرىك سۆزلەردىن كېيىن 2 – 3 كۈن ۋەكىللەر گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ مۇزاكىرە قىلدى. چوڭ يىغىندا سۆزگە چىقىشتى. شۇنىڭدىن كېيىن يەنى 1954 – يىلى 11 – ئاينىڭ 26 – كۈنى يىغىن رەئىسلىرى كېڭىشىپ ئوتتۇرىغا قويغان نامزاتلار ئاساسىدا يوشۇرۇن ئاۋاز بېرىش يولى بىلەن سايلام ئېلىپ بېرىلدى.

    سايلامدا پاتقان سۈگىربايۋ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ باشلىقى، لى خۇييۆ، ئابدۇرېھىم ئەيسا، نۇسىپقان كۆنپايلار ئوبلاستنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئەخمەتقالى سېيتبايۋ باش كاتىپ بولۇپ سايلاندى. شۇ نۆۋەتتە شايماردان ؟ سوت باشلىقلىقىغا، توققۇز مىللەتتىن تەركىب تاپقان 36 كىشى ھۆكۈمەت ئەزالىقىغا سايلاندى. ئۇلار مۇنۇلار:

    لى چۈەن (خەنزۇ)، پاتقان (قازاق)، ئابدۇرېھىم ئەيسا (ئۇيغۇر)، مەرغۇپ (تاتار)، ئىبرايىمباي؟ (قازاق)، جاغدا (قازاق)، ھەسەنوۋ (ئۇيغۇر)، قالى ئاماق؟ (قازاق)، چېن شىخۇا (خەنزۇ)، قۇرمانەلى (قازاق)، تۇرسۇن ئاتاۋۇللا (ئۇيغۇر)، ئېردە (موڭغۇل)، خالق ئوسپان (قازاق)، دورجى (موڭغۇل)، ئوسمان زىيام؟ (ئۇيغۇر)، ئەخمەتقالى (قازاق)، ھاكىمجان ئېليوۋ (ئۇيغۇر)، ئارۇپ (ئۇيغۇر)، نورسىيېك؟ (قازاق)، ماۋېنشېڭ (خۇيزۇ)، ئادالەتخان (ئۇيغۇر)، ؟داۋلەت (قازاق)، ئاناتولى (رۇس)، شاتۇ (شىبە)، ماھىنۇر قاسىم (ئۇيغۇر)، قامى (قازاق)، نۇسىبقان (قازاق)، ئەبىلقايىر تۆرە (قازاق)، ئەبدىراھمان تو؟لوۋ (قازاق)، قاجىننەبى؟ (قازاق)، ئەلىقان قىزىر (قازاق)، مۇقامەتقالى (قازاق)، بۇقارا (قازاق)، شامىر (قازاق)، ئابدۇمۇتائالى خەلپەم (ئۇيغۇر)، مۇھەممەتجان مەخسۇم (ئۇيغۇر)، ئەخمەتخوجا (ئۆزبېك)، بەتىبە تېنبايىۋا؟ (قازاق).

    دېمەك، خەلق ۋەكىللىرىنىڭ ئاۋاز بېرىشى ئارقىلىق «شىڭشۇ» دەرىجىلىك ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت تۇنجى قېتىم سايلاندى.

    1954 – يىلى 11 – ئاينىڭ 28 – كۈنى خەلق ۋەكىللىرى «شىڭشۇ» دەرىجىلىك ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قۇرۇلغانلىقىنى تەنتەنىلىك تەبرىكلەش زور يىغىنى ئۆتكۈزدى. (داۋامى بار)

    ——————————————————————————————————————

    (؟) بەلگىسى قويۇلغان يەرلەرنىڭ ئىزاھاتى : مەزكۈر ماقالە «ئىلى تارىخ ماتېرىياللىرى (9)»نىڭ كۆچۈرۈلمە فوتو نۇسخىسىدىن ئېلىنغان بولۇپ، فوتۇ نۇسخىدىكى سانلىق مەلۇملاتلار ۋە كىشى ئىسىملىرى ئېنىق كۆرۈنمەي قالغان. شۇ سەۋەب خاتا كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئاق قالدۇرۇلدى. ئوقۇرمەنلەردىن ئۆزر سورايمىز.

    ——————————————————————————————————————

    ماقالە تېمىسى: ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنى قۇرۇش جەريانى

    ئاپتورى: قۇرمانەلى ئوسپانوۋ . ئەسلى تىلىدىن ئۇيغۇرچىغا مۆمىن سەپىرى تەرجىمىسى.

    مەنبە: «ئىلى تارىخ ماتېرىياللىرى» 9 – سان (كۆچۈرۈلمە فوتو نۇسخىسى)

    分享到:

ئۇيغۇرچىدىن لاتىن يېزىقىغا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن Ctrl+kنى بېسىڭ