• 2008-04-14

    بلوگىڭزغا ئەپچىل سۆز قالدۇرۇش دەپتىرى قوشۇۋىلىڭ - [كومپيۇتېر ۋە ئىنتېرنېت]

        blogbus  نى ئىشلىتىش جەريانىدا ئۇنىڭ utf-8 ئۆلچىمىنى ئىشلىتىشى، بلوگ كودىنى ئۆزىنىڭ ئىھتىياجىغا قاراپ خالىغانچە ئۆزگەرتىپ ئىشلەتكىلى بولدىغانلىقى شۇنداقلا بەزى ئوت يۈرەك تورداشلارنىڭ ئۇنىڭ بلوگ بەت يۈزىنى ئاللىقاچان ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ ، ناھايىتى نورمال ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، مەندىمۇ بۇنى ئىشلىتىپ بىقىش ئىستىكى قوزغالدى ، شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ blogbus دىن «ئابرال» نامىدا بىر بلوگ ئىلتىماس قىلىپ ھازىر ئىشلىتىۋاتقان ئۇشبۇ بلوگۇمنى قۇرۇپ چىقتىم . دەرۋەقە blogbus نى ئىشلىتىش جەريانىدا ئۇنىڭ سۈرئىتىنىڭ ھەقىقەتەن تىز، قوللىنىشچانلىقى ناھايىتى يوقۇرى بولۇشتەك ئارتوقچىلىقى مىنى بەكلا خوش قىلىۋەتتى.

         blogbus تەمىنلىگەن بلوگنىڭ ھەممە ئىقتىدارى مىنى بەك رازى قىلغان بولسىمۇ ، لېكىن ئۇنىڭدا سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىنىڭ يوقلىقى كۆڭلۈمنى بىر ئاز يېرىم قىلغان ئىدى، تەلىيىمگە  يارىشا تور ئارلاۋىتىپ دەل مەن ئىزدىگەن، بلوگلاردا ئىشلىتىشكە بولدىغان http://www.cbox.ws تور بېكىتى تەمىنلىگەن  HTML كودىنى قوللايدىغان سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىنى كۆرۈپ قالدىم، ھەمدە تېزىملىتىپ كېرىپ بلوگۇمدا)ئوڭ تەرەپتىكى( سىلەر كۆرۈۋاتقان ناھايىتى ئەپچىل. ئىشلىتىش قولاي بولغان سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىنىڭ HTML كودىغا ئىرىشتىم، ئاندىن ئۇنى blogbus نىڭ باشقۇرۇش ئورنىدىن، HTML كودىنى قىستۇردىغان بۆلىكىگە ئۇلاپ قويدۇم، شۇنىڭ بىلەن مانا بۇ سۆز قالدۇرۇش دەپتىرى بلوگۇمدا پەيدا بولدى.  http://www.cbox.ws  تور بىكىتى سىز ئىشلەتكەن بلوگنىڭ ئۇسلۇبىغا ئاساسەن قىزىل، يېشىل، كۆك، سۈسۈن قاتارلىق ئوننەچچە خىل رەڭدىكى سۆز قالدۇرۇش دەپتىرى بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ ، سىز ئىشلەتكەن بلوگ ئۇسلۇبقا ماس كېلىدىغان ئۇسلۇبتىكى سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىنى تاپالىشىڭىزدا گەپ يوق . قىنى دوستۇم سىزمۇ بلوگۇڭىزغا بىرنى ئىلتىماس قىلىۋىلىڭ . http://www.cbox.ws/getone.php بۇنى بېسىپ تېزىملىتىڭ

    分享到:

    评论

  • بۇ ئۇسۇل ھازىر ئىشلىمەمدۇ؟
    تۇزۇكرەك بىر تولۇق ئۇيغۇرچىلاشقان ئۇسلۇبمۇ چۇشۇرەلمىدىم چۇشۇرگەنلىرىم ئىشلىمىدى؟
    ماڭا يول كۆرسەتسىڭىز بوپتىكەن.
    http://Uqkunxah.Blogbus.com/

ئۇيغۇرچىدىن لاتىن يېزىقىغا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن Ctrl+kنى بېسىڭ