• 2010-06-25

    خەلق پۇلىنىڭ كۇرسى ئۆسسە پۇقرالارغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ - [خاتىرەم]

    بىر دۆلەت پۇلىنىڭ كۇرسىنىڭ ئۆسۈشى ياكى چۈشىشى شۇ دۆلەتنىڭ دۆلەت كۈچىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. يېقىندىن بويان ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى كۆپلىگەن غەرب دۆلەتلىرى خەلق پۇلىنىڭ كۇرسىنى ئۆستۈرۈش توغرىلىق ھەدەپ دۆلىتىمىزگە بېسىم ئىشلىتىۋاتىدۇ،دۆلىتىمىز ئۆز دۆلەت مەنپەئەتىنى قوغداش نۇقتىسىدىن بۇنىڭغا قارشى چىقىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا خەلق پۇلى كۇرسىنىڭ ئۆسۈشى بىز ئاۋام پۇقرالارغا زادى قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ ؟ كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىسى ئانچە ئېنىق بولمىسا كېرەك ، تۆۋەندە ھېس قىلغانلىرىمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.
    مېنىڭچە خەلق پۇلى كۇرسىنىڭ ئۆسۈشى پۇقرالارغا ھېچقانداق زىيان كەلتۈرمەيدۇ، ئەكسىچە پايدىسى كۆپ بولىشى مۇمكىن . پايدىسى تۆۋەندىكىچە :
    1- خەلق پۇلى بىلەن چەتئەلدىن ئىمپورت قىلىنغان تاۋارلارنى سېتىۋېلىش باھاسى تۆۋەنلەيدۇ، دۆلەت ئېچى مال باھاسى تۆۋەنلەيدۇ. مەسىلەن چەتئەللەردىن ئىمپورت قىلىنغان ماشىنا، ئېلېكتىر ئەسۋابلىرىنىڭ باھاسى خەلق پۇلىنىڭ كۇرسىنىڭ ئۆسۈشى بىلەن زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ ،سىز ئاز پۇل خەجلەپلا چەتئەل ماللىرىنى ئالالايسىز، بۇنىڭغا ماس ھالدا دۆلەت ئىچى تاۋارلىرىمۇ بۇ رىقابەتكە بەرداشلىق بېرەلمەي باھاسىنى چۈشۈرىدۇ. بىز پۇقرالار بۇنىڭدىن كۆپ نەپكە ئېرىشىمىز.
    2- پۇقرالارنىڭ چەتئەلگە ساياھەتكە چىقىش تەننەرخى تۆۋەنلەيدۇ. سىز ئاز پۇل خەجلەپ نۇرغۇن جايلارغا ساياھەتكە بارالايسىز.
    3- جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ چەتئەللەرگە مەبلەغ سېلىشىغا پايدىلىق.
    4- دوللار ساقلايدىغانلارنىڭ يېنىدا ئېلىپ يۈرىدىغان دوللىرى كۆپرەك بولىدۇ (چاقچاق ھە)
    ئەمدى زىيىنىغا كەلسەك، ئەلۋەتتە زىيىنى چوڭ بولىدۇ، چۈنكى دۆلىتىمىز ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىلارنى مەركەز قىلغان، ئېكسپورتنى ئاساس قىلغان دۆلەت . دۆلىتىمىز مۇشۇ زور ئەرزان ئەمگەك كۈچى بايلىقى ئارقىلىق ئىشلەپچىقارغان تاۋارلىرىنى چەتئەللەردە باشقا دۆلەت تاۋارلىرىدىن زور دەرىجىدە تۆۋەن باھادا سېتىش ئارقىلىق پايدا ئىلىپ كېلىۋاتىدۇ. مانا بۇ ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن خەلق پۇلىنىڭ كۇرسىنى ئۈستۈرۈش توغرىلىق جۇڭگوغا قاتتىق بېسىم ئىشلىتىۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبى بولىشى مۇمكىن. خەلق پۇلنىڭ كۇرسى ئۈستى دېگەنلىك دۆلەت ئىچى ئەمگەك تەننەرخى ئۈستى دېگەنلىك بولىدۇ ، ئۇنداق بولغانىكەن جۇڭگو تاۋارلىرى چەتئەللەرگە ئىلگىرىكىدەك تۆۋەن باھادا چىقالمايدۇ ، بۇ مۇقەررەر ھالدا ئىكىسپورتنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. جۇڭگونىڭ نۇرغۇن ئېكسپورت كارخانىلىرى رىقابەتكە بەرداشلىق بېرەلمەي تاقىلىپ كېتىشى مۇمكىن ،بۇنىڭغا ماس ھالدا دۆلەت ئىچىدە ئىشسىزلىق تىخىمۇ كۆپىيىشى ،مۇقىمسىزلىق ئامىللىرى تىخىمۇ ئىششى مۇمكىن.
    يەنە بىر تەرەپتىن جۇڭگو دۇنيا بويىچە تاشقى پرىۋۇت زاپىسى ئەڭ كۆپ دۆلەت،شۇنداقلا دۇنيا بويىچە ئامېرىكا دۆلەت زايومىنى ئەڭ كۆپ سېتىۋالغان دۆلەت. خەلق پۇلى كۇرسىنىڭ ئۆسۈشى مۇقەررەر ھالدا تاشقى پروئۇت زاپىسىنى تۈۋەنلىتىۋىتىدۇ.
    مىنىڭ ھېس قىلغانلىرىم مۇشۇنچىلىك، يەنە تولۇقلايدىغانلارنىڭ ۋە باشقىچە پىكىردە بولغانلارنىڭ ئۆز قاراشلىرىنى ئىنكاس شەكلىدە قويۇپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
    分享到:

ئۇيغۇرچىدىن لاتىن يېزىقىغا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن Ctrl+kنى بېسىڭ