• 2010-06-09

    قازاقىستان رەئىس جۇمھۇرى (زوڭتوڭى) نازاربايېۋ - [مەشھورلىرىمىز]

    قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىس جۇمھۇرى (زوڭتوڭى) نۇرسۇلتان ئەبىش ئوغلى نازاربايېۋ

     

    نۇرسۇلتان نازاربايېۋ 1940-يىلى 7- ئاينىڭ 6-كۈنى ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ قەشقىلەڭ ناھىيىسى شامالغان يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. 1967-يىلى قاراغاندا مىتاللۇرگىيە كومبىناتى (شىركىتى) گە قاراشلىق يۇقۇرىي تېخنىكا ئوقۇش ئورنىنى پۈتتۈردى. ئىقتىساد پەنلىرى دوكتورى. قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ، خەلق ئارالىق ئىنجېنېرلىك ئاكادىمىيېسىنىڭ، روسسىيە فېدېراتسىسىسى جەمىيەت پەنلىرى ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى. ئەل فارابى نامىدىكى قازاقىستان مەملىكەتلىك مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەخرىي پرافېسسورى. بېلارۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ پەخرىي ئەزاسى. لومونوسوف نامىدىكى موسكۋا دۈلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەخرىي پرافېسسورى.

    1960 - 1969-يىللىرى: قاراغاندا مېتاللۇرگىيە زاۋۇدىدا ئىشلىدى.

     

    1969 - 1973-يىللىرى: قاراغاندا ۋىلايىتىنىڭ تېمىرتاۋ شەھىرىدە پارتىيە ۋە كومسومول (ياشلار ئىتتىپاقى) خىزمەتلىرىدە مەسئۇل بولۇپ ئىشلىدى.

     

    1973 - 1977-يىللىرى: قاراغاندا مېتاللۇرگىيە كومبىناتىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى (شۇجىسى).

     

    1977 - 1979-يىللىرى: قاراغاندا ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى، 2-سېكرېتارى.

     

    1979 - 1984-يىللىرى: قازاقىستان كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى. 1984 -1989-يىللىرى: قازاق س س ر (قازاقىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى) مىنىستېرلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى.

     

    1889 - 1991-يىللىرى: قازاقىستان كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرىنجى سېكرېتارى، بىرلا ۋاقىتتا يەنە 1990-يىلى 2- ئايدىن 4- ئايغىچە قازاق س س ر ئالىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى بولدى.

     

    1990-يىلى 4- ئايدىن باشلاپ قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىس جۇمھۇرى.

     

    1991-يىلى 12- ئاينىڭ 1-كۈنى تۈنجى قېتىم قازاقىستان جۇمھۇر رەئىسىنىڭ ئومۇمىي خەلق سايلىمى ئوتكۈزۈلدى. سايلام نەتىجىسىدە نۇرسۇلتان ئەبىش ئوغلى نازاربايېۋ يۇقۇرى ئاۋاز بىلەن (%98.7) قوللاشقا ئېرىشىپ، غەلىبە قىلدى.

     

    1995-يىلى 4- ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى ئومۇمىي خەلق راي سىناش نەتىجىسىدە نازاربايىۋنىڭ رەئىس جۇمھۇرلۇق ئىمتىيازى 2000-يىلىغا قەدەر ئۇزارتىلدى.

     

    1999-يىلى 1- ئاينىڭ 10-كۈنى ئېلىپ بېرىلغان ئومۇمىي خەلق سايلىمى نەتىجىسىدە ن.نازاربايېف %79.78 ئاۋازغا ئېرىشىپ، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىس جۇمھۇرى بولۇپ قايتا سايلاندى.

     

    2005-يىلى 12- ئاينىڭ 4-كۈنى سايلىغۇچىلارنىڭ 91.5 پىرسەنتلىك قوللاش ئاۋازىغا ئېرىشىپ، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىس جۇمھۇرى بولۇپ قايتا سايلاندى.

     

    نازاربايېۋ جانابلىرى يەنە قازاقىستان خەلقلەر ئاسسامبلېيەسى* (*مىللەتلەر كېڭىشى دېگەن مەنىدە ) نىڭ رەئىسى.

     

    قازاقىستان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئالىي باش قوماندانى.

     

    دۇنيا قازاقلىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى.

    خانىمى - سارا ئالپىس قىزى نازاربايېۋا خەلقئارالىق بالىلار پاراۋانلىق فوندىنىڭ رەھبىرى.

     

    رەئىس جۇمھۇرنىڭ 3 قىزى بار: چوڭ قىزى دارىيغا نۇرسۇلتان قىزى - قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى پارلامېنتى مەجىلىسى*نىڭ ۋەكىلى. (*مەجىلىس : پارلامېنتنىڭ تۇۋەنكى پالاتاسىنى كورسىتىدۇ ). سىياسەت پەنلىرى دوكتورى. ئىككىچى قىزى دىنارا نۇرسۇلتان قىزى - ن.ئې نازاربايىۋ نامىدىكى مائارىپنى قوللاش فوندىغا رەھبەرلىك قىلىدۇ. ئۈچىنجى قىزى ئالىيا نۇرسۇلتان قىزى - سودا-تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.  ئېلىتستروي قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ باشلىقى.

     

    分享到:

    评论

  • بلوگىرلار دەرجىدىن تاشقىرىQQ توپى قۇرۇلدى.
    توپ نامى : Uyghur blog communities
    توپ نومۇرى : 87307510
    توپىمىزدا بىرلا سىز كەم ~!

ئۇيغۇرچىدىن لاتىن يېزىقىغا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن Ctrl+kنى بېسىڭ