• يېڭى قاشتېشى

    خوتەن شەھەر غەربى بېيجىڭ يولى 2- قورۇ «يېڭى قاشتېشى » ژورنىلى تەھرىر بۆلۈمىگە تېگىدۇ.  
    پوچتا نومۇرى: 848000 
    خەنزۇچە ئادرىسى: 

     和田市北京西路2号《新玉文艺》杂志编辑部收   

    邮政编码: 848000 


     
     
    تەڭرىتاغ


     
    شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى شەرقىي شىخۇڭ يولى 52 - نومۇر «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىگە تېگىدۇ  
     پوچتا نومۇرى: 830053 

     خەنزۇچە ئادرىسى: 

    新疆乌鲁木齐市西虹东路52号《天尔塔格》杂志编辑部  

    邮政编码: 830063

  • http://images.china.cn/attachement/jpg/site1000/20100320/00114320c9e60d0eae1004.jpg ئالدى بىلەن كىلىمات توغىرسىدا ئېيتسام، ھاۋارايى شىنجاڭغا قارىغاندا ئۇنچە بەك سوغۇقمۇ ئەمەس، ئەمما قىش ۋاقتى ئۇزۇن، يەنە كېلىپ كۈن-تۈننىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقىنىڭ ئۆزگىرىشى ناھايتى كۆرۈنەرلىك يەنى قىشتا كۈندۈز ۋاقتى ئىنتايىن قىسقا، ئەڭ قىسقا ۋاقىتلاردا بىر نەچچە كۈن كۈندۈزىمۇ قۇياشنى كۆرەلمەسلىك ئادەتتىكى ئىش، بىراق بۇمۇ پۇتۇن قىش داۋاملىشىپ كەتمەيدۇ. بۇ يىل قانداق بولغان خېلسىنكىدا قار بەك كۆپ ياغدى، قار تولا ياغقانلىقىدىن مەخسۇس قار تازلايدىغان ماشىنا ۋە كىرانلار ئالدىراش بولۇپ كەتتى دېسەم مۇبالىغە قىلغان بولمايمەن، قار تۈپەيلىدىن يېقىندا پويىزلارمۇ توختاپ قالغان ۋاقىتلار بولدى. ئاڭلىسام ھۆكۆمەت ئارمىيەدىن ياردەم تەلەپ قىلىۋېتىپتۇ. بىراق قار كۆپ بولغىنى بىلەن ھاۋا سوغاق ئەمەس. ئەڭ سوغاق كۈنلىرى -15 گىرادۇسلار ئەتراپىدا. شىنجاڭدىكى قىشنىڭ سوغۇقىغا قارىغاندا بۇ يەردىكى قىشنى ئىللىق دېسەك بولىدۇ .


  • خۇددى ئۇيغۇرلارنىڭ تاماق يەۋاتقاندا بۇرنىنى ئالماسلىق، باشقىلار بىلەن بىللە تۇرغاندا يەل قويماسلىق (گەرچە ھازىر بەزىلەر بۇنىڭغا ئەمەل قىلمىسىمۇ ئەمما بۇ راست بىزنىڭ ئەنئەنىمىز).. دېگەندەك ئېغىر ئالىدىغان قائىدە-يوسۇنلىرىمىز بولغىنىدەك، ياۋروپالىقلارنىڭمۇ ئۆزىگە چۈشلۇق قائىدىلىرى بولىدىكەن ھەتتا بەزىلىرىگە بىز ئانچە دىققەت قىلمىغاچقا ئۆزىمىزنىڭ ئۇلارنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كەتكىنىمىزنى سەزمەي قالدىكەنمىز.

  • ئاي ناملىرىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى ئاللىقاچان بىرلىككە كەلگەن بولسىمۇ،  ئالاقىدار ھۈكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ دىگەندەك كۈڭۈل بۈلمەسلىكى سەۋەبلىك ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە تا مۇشۇ كەمگىچە ئومۇملاشمىدى، بۇ ھەقىقەتەن ئادەمنى ئىچىندۇرىدۇ.

     تۈۋەندىكىسى ئاي ناملىرىنىڭ ئۇيغۇر، قازاق، تۈرك، قىرغىز، تاتار قاتارلىق بىر قانچە تۈركىي مىللەتلەردە ھازىرىقى ئاتىلىشى

     

  • 1 - ئىيۇن بالىلار بايرىمى كېلىپ قالدى، بالىڭىزنى قانداق ئوينىتاي دەۋاتىسىز؟
    ھەرقايسى دۈلەتلەرنىڭ بالىلار بايرىمىنىڭ قايسى كۈنى بولىدىغانلىقىنى بىلىپ كەتمەيسىز ھەقىچان ، تور ئارىلاۋىتىپ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرنى كۆرۈپ قالدىم ، شۇڭا ئۇدۇللا تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويدۇم.
    1- ئىيۇن خەلقئارا بالىلار بايرىمىنى ھەر قايسى دۈلەتلەر ئورتاق ئۆتكۈزگەندىن باشقا يەنە ھەر يىلى ئاپرىلنىڭ 4 - يەكشەنبە كۈنى بولغان «دۇنيا بالىلار كۈنى»نىمۇ ھەرقايسى دۈلەتلەر ئورتاق ئۆتكۈزىدۇ.
    بۇ ئورتاق ئۆتكۈزىلدىغان بالىلار بايرىمىدىن سىرت ھەر قايسى دۈلەتلەرنىڭ يەنە ئۆز ئالدىغا ئايرىم ئۆتكۈزىدىغان بالىلار بايرىمى كۈنلىرىمۇ بار ، بۇلار تۈۋەندىكىچە :

  • "ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻤﯩﺰ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ، ﺋﻪﯓ ﺋﻪﻗﻠﻠﯩﻖ ﺑﺎﻻ"  ﺑﯘ ﺳﯚﺯ ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺗﺎ ـ ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﻪ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺳﯚﺯﺩﯗﺭ. ﺑﯩﺮ ﭘﯩﺴﺨﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ:"ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺯﯦﻬﻨﻰ ﺋﺎﭘﺌﺎﻕ ﻗﻪﻏﻪﺯﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ، ﺋﯘ ﻗﻪﻏﻪﺯﮔﻪ ﻧﯧﻤﻪ ﻳﯧﺰﯨﻠﺴﺎ، ﺑﺎﻻ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺷﯘ ﻗﻪﻏﻪﺯﮔﻪ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻧﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯗ، ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺯﯦﻬﻨﻰ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺟﯩﻤﺴﺎﻧﻰ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ 80 ﭘﺮﺳﻪﻧﺘﻰ ﺋﺎﺗﺎ ـ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﯘﻫﯩﺘﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﭼﯩﻘﯩﻤﯘ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜﻧﺠﻰ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ ﻫﯧﺴﺎﭘﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺰ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﻩ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﺑﯘ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪﻟﻪﺭﻧﯩﯔ، ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﯨﻨﯩﯔ ﺯﯦﻬﻨﻰ ﯞﻩ ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﻰ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺋﻪﺟﻪﭖ ﺋﻪﻣﻪﺱ.
    ﺋﺎﻧﺎ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﻰ ﺋﯚﺯ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻐﺎ ﻳﯧﯖﻰ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯩﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ، ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻐﺎ ﻣﯧﻬﺮﻯ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻻﺯﯨﻢ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘ ﺑﺎﻻ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﯧﺮﻩﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ، ﻛﯜﻟﯜﺵ، ﻳﺎﻛﻰ ﭘﯜﺕ ـ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﯩﺰﻫﺎﺭ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯗ.

  • لوپنۇر- تار مەنىدىن ئېيتقاندا ، لوپنۇر كۆلىگە ، كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا ، لوپنۇر ئويمانلىقىغا قارتىلغان . لوپنۇر كۆلى تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي قىسمىغا ، چاقىلىق ناھىيىسىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان . ئۇ بۇنىڭدىن تەخمىنەن 55 مىليۇن يىل بۇرۇنقى «تاغ ھاسىل بولۇش ھەركىتى » جەريانىدا چىڭخەي – شىزاڭ ئىگىزلىگى كۆتۈرۈلۇپ چىققاندىن كېيىن تاغ سۇلىرى ۋە تارىم دەرياسىنىڭ قۇيۇلىشىدىن ھاسىل بولغان . خاتىرلەرگە ئاساسلانغاندا  بۇنىڭدىن ئىككى مىليۇن يىل بۇرۇن لوپنۇر كۆلىنىڭ سۇ يۇزى كۆلىمى 20مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، 2000مىڭ يىل بورۇن 5000 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىكەن .  يېقىنقى زاماندا تارىم دەرياسىنىڭ يۇقىرى ۋە تۆۋەن ئېقىنىدا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ  زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلىشى ، نۇرغۇن دېھقانچىلىق مەيدانلىرى ، زاۋۇت - كارخانلارنىڭ قۇرۇلۇشى  ، چوڭ – كىچىك سۇ ئامبارلىرىنىڭ ياسىلىشى  ، دەريا سۇينىڭ قۇرۇپ كىتىشى، تۇپەيلىدىن  لوپنۇر كۆلى سۇ مەنبەسى ئۈزۈلۈپ ، قاقاس شورلۇق ئويمانلىققا ئايلىنىپ قالغان .
      لوپنۇر  رايونىنىڭ كىلىماتى كۈچلۈك  چوڭ قۇرۇقلۇق خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ ، ھاۋا رايى تۇراقسىز . ياز كۈنلىرى بۇ جاي ئوتتەك قىزىپ ، چۈشتە يەر يۇزى تېمپېراتۇرسى 60 – 70 سېلسىيە گېرادۇسقا يېتىدۇ . 6 – 7 ئايلاردا 82 سېلسىيە گېرادۇستىن ئېشىپ كېتىدۇ . كېچىسى تېمپېراتۇرا بىردىنلا تۆۋەنلەپ 0 سېلسىيە گېرادۇس ئەتراپىغا چۈشۈپ قالىدۇ . بۇ يەر بىر« كۇيىقاپ » بولۇپ ، بىر يىلنىڭ يېرىمىدە دېگۇدەك قاتتىق بوران چېقىپ تۇرىدۇ ، يەر يۈزى پۈتۈنلەي شورلۇق بولۇپ  ، ئېگىز – پەس دۆڭلۈك ، ئازگال ۋە يارداڭلار بىلەن قاپلانغان . بوران چىققاندا يەر – جاھاننى  زۇلمەت قاپلاپ كېتىدۇ . قۇم – شېخىللار ئاسماندا ئۇچۇپ يۈرىدۇ  . بۇ يەردە ھەمىشە  تۈرلۈك خىيالى مەنزىرلەر ۋە ئېزىتقۇ كۆرنۈشلەر كۆرۈنۈپ  ، ئادەملەرنى ئازدۇرۇپ ، ئۆلۈم يولىغا باشلايدۇ . شۇڭا گېئولوگلار بۇ يەرنى «سېپىلى يوق ئېزىتقۇ ئوردىسى » دەپ ئاتايدۇ .

  • ﺑﯘ 2001 ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﯨﻴﻪ ﺋﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺘﻮﺗﻰ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﯞﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﭘﻪﻥ-ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ 100 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﻰ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﯩﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ، ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﺎ ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻨﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﯘﭼﻰ ﺋﺎﻟﯩﻢ (1833-1896) ALFRED NOBEL ﺋﻪﻓﻪﻧﺪﻯ ﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻫﺎﻳﺎﺗﻰ ﯞﻩ ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺗﻪﺳﺴﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﻟﮕﻪﻥ . ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺋﯧﻨﮕﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ 231 ﺑﻪﺕ ، ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﯩﻜﻰ ﺑﻪﺯﻯ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﭖ ﻗﻮﻳﺪﯗﻡ !

  •  ﮬﻪﺭﻛﯜﻧﻰ 52 ﻣﯩﯔ ﺑﻮﯞﺍﻕ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ ، 22 ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ ، ﮬﻪﺭ ﻛﯜﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻗﻤﺎ ﻧﻮﭘﯘﺱ 80 ﻣﯩﻠﯩﻴﯘﻧﺪﯨﻦ 100 ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ◄
     
     ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﭼﯩﻘﯩﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﺎﯕﺠﯩﻴﺎﯓ ﭼﻮﯓ ﻛﯚﯞﺭﯛﻛﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻧﻰ ﻳﺎﺳﯩﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ◄

     
     ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰ ﮬﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯩﻤﭙﻮﺭﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺧﺎﻡ ﻧﯧﻔﯩﺖ 800 ﻣﯩﯔ ﺗﯘﯕﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﺪﯗ

     
     ﮬﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ 25 ﻣﯩﯔ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ

     
     ﺩﯨﺌﺎﺑﯩﺖ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﮬﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ 3000 ﻯ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺪﯗ

     
     ﮬﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ 2000 ﺩﯨﻦ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻟﯩﺪﯗ ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ

     
     ﮬﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ 13 ﻣﯩﯔ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯩﯧﺮﻟﯩﻚ ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯘﻕ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ

  •  1.ئاياللار ئىنتايىن سەزگۈر ھەم گۇمانخور كىلىدۇ.ئەرلەردىن تەلەپ قىلىدىغىنىمۇ كۆپرەك بولىدۇ.بىراق سىز سەل ئەقىللىق بولسىڭىز ئۇنىڭ بۇ مىجەزىنى كونتۇرۇل قىلالايسىز،يەنى ئىشىكتىن چىققۇچە ئۇنىڭ مەڭزىگە يىنىك سۇيۇپ خۇشلاشسىڭىز ،ئۆيگە كىرگەندىن كىيىن يىنىك قۇچاغلاپ قويسىڭىز،بۇ ئۇنى قەۋەتلا تەسىرلەندۈرىدۇ؛
     2.ھىچ ئىشتىن ھىچ ئىش يوق ئايالىڭىزغا ھومايماڭ.بىر ئەر ئۈچۈن بۇ بەكمۇ سەت ئىش.چۈنكى سىز ئالدىراش خىزمەت قىلىۋاتقان ۋاقتىڭىزدا ئايالىڭىزمۇ ئوخشاشلا خىزمەت قىلىدۇ،ئىشتىن چۈشكەندىن كىيىن سىز ھاردىم دەپ سافادا ئولتۇرغىنىڭىزدا ،ئۇ يەنىلا ئالدىراش ئۆي ئىشلىرىنى قىلىدۇ؛
     3.ئەرلەر ئۈچۈن خىزمەت بىلەن كەسىپ مۇھىم،ئاياللار ئۈچۈن ئائىلە بىلەن ئەر مۇھىم.شۇڭا ئايالىڭىزنى دوسلىرى ئالدىدا چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ ئۇنى بەكمۇ ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى ئىپادىلەپ تۇرۇڭ؛

  •  جۇڭگولۇقلارنىڭ كىرىمى ئامېرىكىلىقلارنىڭكىگە يەتمەيدۇ، ياپونىيىلىكلەرنىڭكىگىمۇ يەتمەيدۇ، لېكىن ئۇلار پۇل ئامانەت قويۇشقا ئامراق. ئامانەتنىڭ ئۆسۈمىنىڭ قانچىلىك ئاز بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تۆت تەڭگە پۇل تاپسىلا، ئالدى بىلەن بانكىغا ئامانەت قويۇشنى ئويلايدۇ.
     ئامېرىكىلىقلار بۇنىڭغا قارىتا مۇنداق دېيىشىدۇ:
     «پۇل ئامانەت قويۇش-جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا نىسبەتەن ئىشەنچىسى يوقلۇقىنى بىلدۈرىدۇ»؛
     ياپونىيىلىكلەر مۇنداق دېيىشىدۇ:
     «پۇل ئامانەت قويۇشقا ئامراق بولۇشىغا قارىغاندا، جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلىنىدىغان باشقا تۈزۈكرەك سورۇنى يوق بولسا كېرەك»
     لېكىن، جۇڭگولۇقلار ئامېرىكىغا بارسىمۇ، ياپونىيىگە بارسىمۇ تاپقان پۇلىنى ئوخشاشلا ئامانەت قويۇۋېرىدۇ؛
     شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىلىقلار بىلەن ياپونىيىلىكلەر «جۇڭگولۇقلارنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق پۇل ئامانەت قويۇش ئەنئەنىسى بار ئىكەن...» دېگەن قاراشقا كېلىشىدۇ.

  •   خەلقئارادا «تېرورىست»دەپ ئىلان قىلىنىپ،كېيىن دولەت رەئىسى بولغان،ھەتتا نوبىل تىنىچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرى

    1. ياسېر ئەرافات

    تۇلۇق ئىسمى-مۇھەممەت ئابدۇراخمان ئابدۇرائۇف ئەل قۇدۋا ئەل ھۇسەيىن ئارافات. مۇھەممەت ئابدۇراخمان ئوزىنىڭ،ئابدۇرائۇف دادىسىنىڭ،ئارافات چوڭ دادىسىنىڭ ئىسمىدۇر. ئارافات 1929-يىلى8-ئاينىڭ 24-كۇنى مىسىرنىڭ قاھىرە شەھرىدە پەلەستىنلىك بىر كوچمەن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلدى(بەزىلەر ئۇنى قۇددۇستا تۇغۇلدى دەپمۇ يېزىشىدۇ).ئۇنىۋىرسىتىتتا ئوقۇۋاتقان يىللىرىدا(قاھىرە ئۇنىۋىرسىتىتى)1948-يىلى ئەرەپ-ئىسرائىل ئۇرۇشىغا،1949-يىلى گاززە ئۇرۇشىغا قاتناشتى. 1952-1956-يىللىرى ئارسىدا ئۇقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى رەئىسى بولدى.«ياسەر» ئىسمىنى بۇ يىللاردا ئىشلەتتى.ئۇ،پارتىزانلىق ئۇرۇشىغا قاتناشقاندىن باشلاپ«ئابۇ ئاممار»تەخەللۇسىنى قوللاندى.ياسېر ئارافات 1957-يىلى قۇرۇلۇش ئىنجىرى سۇپىتى بىلەن كۇۋەيىتكە كەلدى.كۇۋەيىتتە 1958-يىلى «ئەل پەتىھ»(پەلەستىن ئازاتلىق تەشكىلاتى) نى قۇردى.ھىچبىر ئەرەپ دۆلىتىڭ قوللىشىغا ئىرىشەلمىدى. ئارافات، پەلەستىن خەلقىگە دۇنيانىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىش ئۇچۇن قۇراللىق كۇرەش قىلىشقا باشلىدى ۋە 1964-يىلى ئىئوردانىيەگە كوچۇپ كەلدى.

  • ▲ 1645- يىلى ئولىۋېر كرومۋېل بىر ئاۋاز پەرق بىلەن پارلامېنتتا دۈلەت قوغدىغۇچىسى بولۇپ سايلىنىپ، ئەنگىلىيىنى ئىدارە قىلغان.

    ▲ 1649- يىلى، بىر ئاۋاز پەرق بىلەن بۈيۈك برېتانىيە پادىشاھى چارلىزⅠ نىڭ كاللىسى ئېلىنغان.

    ▲ 1776 -يىلى،ئىنگىلىز تىلى بىر ئاۋاز پەرق بىلەن ئامېرىكىنىڭ دۈلەت تىلى قىلىپ بەلگىلىنىپ، نىمىس تىلى ئەمەلدىن قالغان.

    ▲ 1800 - يىلى، بىر ئاۋاز پەرق بىلەن ئامېرىكا مۇئاۋىن زوڭتوڭى ئان لونپو دۈشمەن بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىپلىنىپ، ئەڭ ئاخىرىدا زوڭتوڭ بولالمىغان.

    ▲ 1845 - يىلىبىر ئاۋاز پەرق بىلەن تېكساس ئامېرىكىنىڭ بىر شتاتى قىلىپ بېكىتىلگەن.

    ▲ 1850 - يىلى ، بىر ئاۋاز پەرق بىلەن ئورىگون ئامېرىكىنىڭ بىر شتاتى قىلىپ بېكىتىلگەن.

  •      ئوتتۇرا شەرق رايۇنىنىڭ نۇپۇسى تەخمىنەن 490مىليون ئەتراپىدا بۇلۇپ، چوڭ-كىچىك مىللەتتىن نەچچە ئونى بار. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مۇسۇلمانلارنى ئاساسى گەۋدە قىلغان ، نۇپۇسى ئون مىليوندىن  ئاشىدىغان مىللەتلەر :

     1- ئەرەبلەر، نوپۇسى تەخمىنەن 280مىليون بۇلۇپ، ئاساسلىغى ئەرەب دۆلەتلىرىگە، يەنى ئەرەب ئىتىپاقىغا ئەزا 22دۆلەتكە تارقالغان.

    2- تۈركلەر، نوپۇسى تەخمىنەن 55مىليون بۇلۇپ ،ئاساسلىغى تۈركىيە ۋە سىپروسقا جايلاشقان.

    3- پارىسلار، نوپۇسى تەخمىنەن 36مىليون بۇلۇپ، ئاساسلىغى ئىراندا، پارىس قولتۇغىدىكى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىگى، كۈۋەيت، قاتار، بەھرەيىن قاتارلىق ئەرەپ دۆلەتلىرىدىمۇ بار.

  •  ئالدى بىلەن #06#* نى يان تېلېفۇنىڭزغا كىرگۈزۈڭ، يانفۇن ئېكرانىدا بىر قاتار سانلار پەيدا بولىدۇ.شۇ سانلارنى ئوڭدىن سولغا سانىغاندا يەتتىنچى ۋە سەككىزىنچى خانىسىنى تۈۋەندىكى سانلارغا سېلىشتۇرسىڭىزيانفۇنىڭزنىڭ سۈپىتىنىڭ قانداقلىقى، قايسى دۈلەتتە ئىشلەنگەنلىكىنى بىلەلەيسىز.

ئارخىۋىم

  • زىيارەتچىلەر :