• 2011-03-22

    نەزەرغوجا ئابدۇسەمەت ( ئۇيغۇر بالىسى ) - [مەشھورلىرىمىز]

    نەزەرغوجا ئابدۇسەمەت ( ئۇيغۇر بالىسى )

    مەھمۇت زەئىدى

     

    ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېقىنقى زامان مەدەنىيەت تارىخىدا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان كىشىلەر ئاز ئەمەس. 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن 20- ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىغىچە ياشىغان ۋە ئىجادىيەت بىلەن شوغۇللانغان نەزەرغوجا ئابدۇسەمەت ئوغلى ( ئۇيغۇر بالىسى ) ئەنە شۇلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ 1887- يىلى يەتتەسۇ تەۋەسىدىكى غالجات يېزىسى ( ھازىر قازاقىستان تەۋەسىدە ) دا ئوقۇمۇشلۇق ئائىلىدە تۇغۇلغان. 20- ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىنى دۇنياغا تونۇتقان، ئۆز ھاياتىدا بەدىئىي ئىجادىيەت ۋە تارىخشۇناسلىق جەھەتتە ئۇنتۇلغۇسىز تۆھپە ياراتقان تالانت ئېگىسى ئىدى.

     نەزەرغوجىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەر ئىدى. ئۇنىڭ ئاتىسى ۋە بوۋىسى ئىلى دىيارىدا ياشىغان. ئاتىسى 1864- يىلى پارتلىغان ئىلى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ ئاكتىپ قاتناشچىسى بولغان، بۇ قوزغىلاڭ شۇ يىللاردا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىرىنىڭ چىرىك سىياسىتىگە قارشى كۆتۈرۈلگەن. ئەلاخان سۇلتان، موللا بىلال ( نازىم )، ئابدۇرۇسۇل بەگ، سادىر پالۋان قاتارلىق ۋەتەنپەرۋەر ئىنقىلابچىلار بىلەن زامانداش ۋە سەپداش ئىدى. 1871- يىلى چار روسىيە ئىلى سۇلتانلىقىنى تاجاۋۇز قىلىپ بېسىۋېلىپ كېيىن چىڭ سۇلالىسىغا قايتۇرۇپ بەردى. بۇ چاغدا بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىر تەرەپتىن چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن قورققانلىقتىن، يەنە بىر تەرەپتىن روسىيە ۋە يۇرت چوڭلىرىنىڭ قىزىقتۇرۇشى بىلەن، يەتتەسۇ تەۋەسىگە كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان. ئەنە شۇ كىشىلەر ئىچىدە ئابدۇسەمەت ئاكىمۇ يەر - زېمىن، قورۇ - جايلىرىنى تاشلاپ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن يەتتەسۇغا كۆچكەن.
    قالدى مىڭ جاپا بىلەن،
    قۇرغان باغۇ-بوستانلار.
    يۇرت مەلىدىن ئايرىلدۇق،
    يۈرەكتە قالدى ئارمانلار.
    دېگەن ناخشا - قوشاقلار ئەنە شۇ چاغلاردا پەيدا بولغانىدى.

    ئابدۇسەمەت ئاكا كۆچۈپ بارغاندىن كېيىن، ئەمدىلا 5 - 6 ياشقا كىرگەن ئوغلىنى ساۋاتلىق قىلدى ۋە ئۇنىڭغا تارىخىي ۋەقە، ھىكايىلارنى سۆزلەپ بەردى، ئەسلى يۇرتىنىڭ ئىلى دەرياسى بويلىرىدا ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىپ، ئۇنىڭدا ئۆز يۇرتىغا نىسبەتەن مىھر - مۇھەببەت پەيدا قىلدى. كېيىن نەزەرغوجا سادىر پالۋان، نوزۇگۇم قاتارلىقلارنىڭ قوشاقلىرىنى ئۆگەندى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ تارىخ، ئەدەبىيات ساھەسىدە مول بىلىمگە ئىگە بولدى. ئۇ مىللىتىمىزنىڭ ئەسلىدىكى مىللەت نامىنى قوللانماي قەشقەرلىك، تۇرپانلىق، ئالتەشەھەرلىك دەپ ئاتاشتەك ئەھۋالىنى تۈگىتىپ، قەدىمقى ئۇيغۇر نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەقسىتىدە «ئۇيغۇر بالىسى» تەخەللۇسى بىلەن 1911- يىلى «شۇرا» ژۇرنىلىغا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ « قۇتادغۇبىلىك» داستانىنى تونۇشتۇردى. بۇ ئىش باشقىلارنى ئاجايىپ قىزىقتۇردى، بۇنىڭ بىلەن « ئۇيغۇر بالىسى»نىڭ ئامما ئارىسىدا ئابرويى تېخىمۇ ئۆستى.

    ئۇيغۇر بالىسى «تارانچى تۈركلىرىنىڭ تارىخى» ناملىق ئەسەر يېزىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى، بۇ تارىخنىڭ ئۆزىمىزدە سېستېمىلىق تەتقىق قىلىنمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ بۇ رىسالىسى 1922- يىلى ئالمۇتا شەھىرىدە نەشر قىلىنغانىدى، ئۇنىڭ بۇ رىسالىسى ۋە « نوزۇگۇم» پوۋېستىنىڭ ئالمۇتىدا بېسىلغان نۇسخىسى ھازىر تاتارىستاننىڭ قازان لېنىن نامىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ كۈتۈپخانىسىدا ساقلانماقتا. ئاپتور بۇ رىسالىسىنىڭ مۇقەددىمىسىدىلا مىللەت تارىخىنى ھەر بىر كىشىنىڭ بىلىشى شەرت ئىكەنلىكىنى، باشقا مىللەتلەر ۋە چەت ئەللىكلەر ئۇيغۇر تارىخىنى بىلىش ئۈچۈن ئالتە شەھەر چۆللىرىنى كېزىپ، تۇرپان ھەم قۇمۇل خارابىلىرىنى كولاپ، يەر تېگىدىن چىققان ھەر خىل نەرسىلەردىن تارىخىي مەلۇماتلارغا ئېرىشىپ، ئۇنى ئالەمگە تونۇشتۇرىۋاتقاندا، ئۆزىمىزنىڭ تارىخىمىزنى بىلىشكە، يېزىشقا كىرىشمىگەنلىكىمىزنىڭ ئۆزى بولمىغۇر ئىش ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان.
    ئۇيغۇر بالىسى ئۆز ئەسىرىدە ھازىرقى شىنجاڭنىڭ مىلادىدىن كېيىنكى تارىخىي ئەھۋالى ئۈستىدە كونكرېت توختالغاندىن سىرت، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىنىڭ 5 -، 7 - ئەسىرلەردىكى ئەھۋالى، 8 - ئەسىردىكى ئۇيغۇر خانلىقى ۋە بۇ خانلىقنىڭ ئىلى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، 9 - ئەسىردىكى قەشقەرنى پايتەخت قىلىپ قۇرۇلغان قاراخانىلار خانلىقى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاتارلىقلار ھەققىدىمۇ ئېنىق مەلۇمات بەرگەن.
    نەزەرغوجا ئابدۇسەمەت ( ئۇيغۇر بالىسى ) 1914 - يىلى «بىزنىڭ تۇرمۇش» تېمىسىدا ماقالە يېزىپ، 1913 - يىلى جەنۇبىي شىنجاڭدا ئۆزىنىڭ كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىنى تەپسىلى تونۇشتۇرۇپ، بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئىنتايىن نامرات ئىكەنلىكىنى، كۈن كەچۈرۈش بەكمۇ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ، خۇراپاتلىق پاتقىقىغا چوڭقۇر پېتىپ، زاماندىن خەۋەرسىز قالغانلىقىنى ... يازىدۇ. ئۇ يەنە ئاقسۇ بىلەن قەشقەرنى سېلىشتۇرۇپ، «ئاقسۇدىكى ئەھۋال كىشىنى تولىمۇ ئېچىندۇرىدۇ، قەشقەر بىر ئاز تەرەققى قىلغان، بۇ يەردە مۇسابايوۋلار، ئابدۇقادىر داموللام قاتارلىق كىشىلەر يېڭى مەكتەپ مائارىپىنى يولغا قويغانلىقىدىن، خەلق ئويغىنىشقا باشلىغان، لېكىن بۇ ئەھۋال خەلقنى مۇنقەرزلىكتىن قۇتقۇزالمايدۇ» دەپ يازىدۇ ۋە خەلقنى نادانلىقتىن، خۇراپاتلىقتىن قۇتقۇزۇشقا ھەر تەرەپتىن يېتىشكەن بىلىملىك كىشىلەرنىڭ بولۇشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ بۇ ماقالىسىدا يەنە شۇ يىللاردا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئۆز ئەجدادىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقى، « مىللىتىڭ نىمە؟» دەپ سورىسا « مەن چەنتو» دەپ نادانلارچە جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ، ئۇيغۇر خەلقىنى ئۆز نەسەبلىرىنى بىلىۋېلىشقا ئۈندەيدۇ. شۇنىڭدەك ئۇ «چىنى تۈركىستان سارتلىرىنىڭ تارىخى ھەققىدە» ناملىق ماقالە يېزىپ، «شۇرا» ژۇرنىلىنىڭ-1911 يىللىق 20 - سانىدا ئېلان قىلغان. ئۇيغۇر بالىسى يەنە 1911 - يىلى «شۇرا» ژۇرنىلىنىڭ 13 - سانىدا « تارانچىلاردا مۇئەللىم ۋە مەكتەپ مەسىلىسى قانداق؟ » دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلغان. بۇنىڭدا يېڭىچە مەكتەپ مائارىپىنىڭ ئاھالىنى ئويغىتىشتىكى رولىنى، كونا مەكتەپ مائارىپىدىكى ئوقۇتۇشنىڭ سەۋەنلىكلىرى، دوگما، قارىلارچە تەربىيىلەشنى تەنقىد قىلغان. ئۇ بۇ ماقالىسىدا يەنە مۇسابايوۋلارنىڭ غۇلجىدا مائارىپقا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى مەدھىلەپ، مۇشۇنداق زاتلارنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا چىقىشىنى ئۈمىد قىلغان.
    ئۇيغۇر بالىسىنىڭ ئەسەرلىرى 1910 - يىلدىن 1918 - يىلغىچە قازان شەھىرىدە قازان شەھىرىدە نەشر قىلىنغان « شۇرا» ۋە « تىل يارىش» قاتارلىق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە تارىخىي تېمىدىكى ئەسەرلەردىن « چىنى تۈركىستان سارتلىرىنىڭ مىللىي تارىخى ھەققىدە بىر رىجە »، « مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئىلىم تارقىتىش ھەققىدە مۇلاھىزە »، « مىللىي تارىخقا دائىر تۈرلۈك مەسىلىلەر » قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. بۇ ئەسەرلەر ئەينى يىللاردا ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ زور قىزىقىشىنى قوزغىغان. ئۇنىڭ بۇ ئەسەرلىرىدە نۇقتىلىق ھالدا شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئۆرۈپ - ئادەتلىرى يېزىلغان بولۇپ، ھەر قايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىغان .

     





ئۇيغۇرچىدىن لاتىن يېزىقىغا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن Ctrl+kنى بېسىڭ