• 2011-04-01

    نوكىيا symbian نىڭ ئەسلى كودېنى ئېچىۋەتتى - [كومپيۇتېر ۋە ئىنتېرنېت]

     

    نوكىيا 1-ئاپرېل  شىركەت بلوگى ئارقىلىق symbian سىستېمىسىنىڭ ئەسلى كودېنى ئېچىۋەتكەنلىگىنى رەسمىي جاكارلىدى. ئەمدىلىكتە بارلىق شىركەتلەر ۋە شەخسىي قوللانچىلار بۇ كودلارنىڭ ئىشلىتىش ھوقوقىغا بىمالال ئېرىشەلەيدۇ. ھازىرغىچە كۆپ قىسىم سىمبىيان سىتېىمىلىرىنىڭ ئەسلى كودى شىركەت تور بىكىتىغا يوللانغان بولۇپ، قالغانلىرى يېقىن مەزگىلگىچە يوللىنىدۇ.

    نوكىيا ئەقلىفۇن بۆلۈمىنىڭ مەسئول خادىمى Petra Sderling نىڭ بىلدۈرىشىچە، نوكىيا تەرەپ سىمبىيان سىتېمىسىنىڭ ئەسلى كودى ۋە تېخنىكىلىرىنى ئامالنىڭ بارىچە يېڭى يانفون سىستېمىسىدە قوللىنىدىكەن. سىمبىياننىڭ بارلىق كودلىرى بىرقانچە ھەپتە ئېچىدە تورغا يوللىنىپ بولۇنىدىكەن.

    مەلۇم بولغىنىدىكىدەك ، نوكىيا تەرەپ بۇ يىل 2 – ئايدا مىكرو سوفت بىلەن ھەمكارلىشىپ، بۇندىن كېيىن ئىشلەپچىقىرىدىغان نوكىيا ئەقلىفونلىرىدا  Windows Phone 7  يانفون سىتېمىسىنى كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. نوكىيا تەرەپنىڭ بىلدۈرىشىچە، نوكىيا سىمبيان يانفونلىرىغا قارىتا نەشىر يېڭىلاشنى توختىدىكەن،لېكىن تېخنىكىلىق قوللاشنى يەنىلا داۋاملاشتۇردىكەن . مۆلچەرنىشىچە، نوكيانىڭ Windows Phone   يانفونلىرى بۇ يىل ئاخىرىدا ياكى كېلەر يىلنىڭ باشلىرىدا بازارغا سېلىنىشى مۈمكىنكەن.

    ئەمدى سىمبيان سىستېمىلىرىنى بىمالال ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشقا ئىمكانىيەت يارىتىلىپتۇ ، ئوت يۈرەك ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ بۇ ئىشنى بالدۇراق قولغا ئېلىشىغا تىلەكداشمىز.

     

     

     





ئۇيغۇرچىدىن لاتىن يېزىقىغا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن Ctrl+kنى بېسىڭ