-
2011-04-01
نوكىيا symbian نىڭ ئەسلى كودېنى ئېچىۋەتتى - [كومپيۇتېر ۋە ئىنتېرنېت]
نوكىيا 1-ئاپرېل شىركەت بلوگى ئارقىلىق symbian سىستېمىسىنىڭ ئەسلى كودېنى ئېچىۋەتكەنلىگىنى رەسمىي جاكارلىدى. ئەمدىلىكتە بارلىق شىركەتلەر ۋە شەخسىي قوللانچىلار بۇ كودلارنىڭ ئىشلىتىش ھوقوقىغا بىمالال ئېرىشەلەيدۇ. ھازىرغىچە كۆپ قىسىم سىمبىيان سىتېىمىلىرىنىڭ ئەسلى كودى شىركەت تور بىكىتىغا يوللانغان بولۇپ، قالغانلىرى يېقىن مەزگىلگىچە يوللىنىدۇ.
-
ئەقلىفۇن(ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلېفۇن)لارغا بولۇپمۇ Symbian سىستېمىسىدىكى ئەقلىفۇنلارغا ئۆزىڭىز خالىغان ئۇيغۇرچە فۇنت ياكى باشقا فۇنتلارنى قاچىلاش ياكى ئۆزگەرتىشنى بىلمەي تىڭىرقاپ قالدىڭىزمۇ ؟ ئۇنداقتا بۇ تېمىغا نەزەرىڭزنى ئاغدۇرۇڭ.
ئەقلىفۇنغا فۇنت قاچىلاش ئۈچۈن سىزدە ئىككى شەرت ھازىرلانغان بولىشى كىرەك ، بىرى قاچىلايدىغان فۇنت يەنە بىرى فۇنت قوزغىتىش دىتالى FontRouter . يانفۇن ئۇيغۇرچە فۇنتلىرىدىن ھازىر بار بولغىنى Uyghur-CJK1 فۇنتى،Uyghur Ali فۇنتى،Uyghurphone فۇنتى قاتارلىقلار بار، بۇ فۇنتلارنى ئالاقىدار تور بەتلەردىن تاپالايسىز.فۇنت قوزغىتىش دىتالى FontRouter نى سىز Baidu,Google لارئارقىلىق چۈشۈرەلەيسىز. خوش، بۇ ئىككى شەرتنى ھازىرلاپ بولغان بولسىڭىز ئەمىسە قاچىلاشنى باشلاپ كەتتۇق.