• يېڭى قاشتېشى

    خوتەن شەھەر غەربى بېيجىڭ يولى 2- قورۇ «يېڭى قاشتېشى » ژورنىلى تەھرىر بۆلۈمىگە تېگىدۇ.  
    پوچتا نومۇرى: 848000 
    خەنزۇچە ئادرىسى: 

     和田市北京西路2号《新玉文艺》杂志编辑部收   

    邮政编码: 848000 


     
     
    تەڭرىتاغ


     
    شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى شەرقىي شىخۇڭ يولى 52 - نومۇر «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىگە تېگىدۇ  
     پوچتا نومۇرى: 830053 

     خەنزۇچە ئادرىسى: 

    新疆乌鲁木齐市西虹东路52号《天尔塔格》杂志编辑部  

    邮政编码: 830063

  • ئۇيغۇر دېمۇكراتىك ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ۋەكىلى،ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ بايراقدارى،تەرەققىيپەرۋەر شائىر،يازغوچى،تارىخچى،ئالىم نەزەر غوجا ئابدۇسەمەتوف(ئۇيغۇر بالىسى) 1887 - يىلى ھازىرقى قازاقىستاننىڭ غالجات يېزىسىدا تۇغۇلۇپ،1951 -يىلى كۈزدە چاپچال ناھىيىسىنىڭ جاغىستاي يېزىسىدا ۋاپات بولغان. نەزەر غوجىنىڭ دادىسى ئابدۇسېمەت ئىلى دىيارىدا تۇغۇلغان بولۇپ، 1860- يىللىرى پارتلىغان ئىلى دىھقانلار قوزغىلىڭىغا ئاكتىپ قاتناشقان. موللا بىلال ئەسەرلىرىنى قوليازما ھالىتىدە كۆپ ئوقۇغان ئىكەن.شۇڭا، ئۇنى ئىلى دىھقانلار قوزغىلىڭى ۋە شۇ مەزگىلدىكى نۇرغۇن تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ شاھىدى دېيىشكە بولىدۇ. نەزەر غوجا دادىسىنىڭ تەسىرىدە كىچىكىدنلا تارىخ ۋە ئەدەبىيەتقە قىزىقىشقا باشلىغان. دادىسى تەرەققىيپەرۋەر كىشى بولغاچقا، نەزەر غوجىنى كىچىكىدىنلا ئىلىمگە ھىرىسمەن قىلىپ تەربىيلىگەن.

  • ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېقىنقى زامان مەدەنىيەت تارىخىدا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان كىشىلەر ئاز ئەمەس. 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن 20- ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىغىچە ياشىغان ۋە ئىجادىيەت بىلەن شوغۇللانغان نەزەرغوجا ئابدۇسەمەت ئوغلى ( ئۇيغۇر بالىسى ) ئەنە شۇلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ 1887- يىلى يەتتەسۇ تەۋەسىدىكى غالجات يېزىسى ( ھازىر قازاقىستان تەۋەسىدە ) دا ئوقۇمۇشلۇق ئائىلىدە تۇغۇلغان. 20- ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىنى دۇنياغا تونۇتقان، ئۆز ھاياتىدا بەدىئىي ئىجادىيەت ۋە تارىخشۇناسلىق جەھەتتە ئۇنتۇلغۇسىز تۆھپە ياراتقان تالانت ئېگىسى ئىدى.

ئارخىۋىم

  • زىيارەتچىلەر :