• ئۇيغۇر دېمۇكراتىك ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ۋەكىلى،ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ بايراقدارى،تەرەققىيپەرۋەر شائىر،يازغوچى،تارىخچى،ئالىم نەزەر غوجا ئابدۇسەمەتوف(ئۇيغۇر بالىسى) 1887 - يىلى ھازىرقى قازاقىستاننىڭ غالجات يېزىسىدا تۇغۇلۇپ،1951 -يىلى كۈزدە چاپچال ناھىيىسىنىڭ جاغىستاي يېزىسىدا ۋاپات بولغان. نەزەر غوجىنىڭ دادىسى ئابدۇسېمەت ئىلى دىيارىدا تۇغۇلغان بولۇپ، 1860- يىللىرى پارتلىغان ئىلى دىھقانلار قوزغىلىڭىغا ئاكتىپ قاتناشقان. موللا بىلال ئەسەرلىرىنى قوليازما ھالىتىدە كۆپ ئوقۇغان ئىكەن.شۇڭا، ئۇنى ئىلى دىھقانلار قوزغىلىڭى ۋە شۇ مەزگىلدىكى نۇرغۇن تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ شاھىدى دېيىشكە بولىدۇ. نەزەر غوجا دادىسىنىڭ تەسىرىدە كىچىكىدنلا تارىخ ۋە ئەدەبىيەتقە قىزىقىشقا باشلىغان. دادىسى تەرەققىيپەرۋەر كىشى بولغاچقا، نەزەر غوجىنى كىچىكىدىنلا ئىلىمگە ھىرىسمەن قىلىپ تەربىيلىگەن.

ئارخىۋىم

  • زىيارەتچىلەر :