• 2011-03-23

    نەزەر غوجا ئابدۇ سېمەتوف «ئۇيغۇر بالىسى» - [مەشھورلىرىمىز]

    ئۇيغۇر دېمۇكراتىك ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ۋەكىلى،ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ بايراقدارى،تەرەققىيپەرۋەر شائىر،يازغوچى،تارىخچى،ئالىم نەزەر غوجا ئابدۇسەمەتوف(ئۇيغۇر بالىسى) 1887 - يىلى ھازىرقى قازاقىستاننىڭ غالجات يېزىسىدا تۇغۇلۇپ،1951 -يىلى كۈزدە چاپچال ناھىيىسىنىڭ جاغىستاي يېزىسىدا ۋاپات بولغان. نەزەر غوجىنىڭ دادىسى ئابدۇسېمەت ئىلى دىيارىدا تۇغۇلغان بولۇپ، 1860- يىللىرى پارتلىغان ئىلى دىھقانلار قوزغىلىڭىغا ئاكتىپ قاتناشقان. موللا بىلال ئەسەرلىرىنى قوليازما ھالىتىدە كۆپ ئوقۇغان ئىكەن.شۇڭا، ئۇنى ئىلى دىھقانلار قوزغىلىڭى ۋە شۇ مەزگىلدىكى نۇرغۇن تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ شاھىدى دېيىشكە بولىدۇ. نەزەر غوجا دادىسىنىڭ تەسىرىدە كىچىكىدنلا تارىخ ۋە ئەدەبىيەتقە قىزىقىشقا باشلىغان. دادىسى تەرەققىيپەرۋەر كىشى بولغاچقا، نەزەر غوجىنى كىچىكىدىنلا ئىلىمگە ھىرىسمەن قىلىپ تەربىيلىگەن. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى ئۆگىنىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىدىن قاتتىق پەخىرلەنگەن ھەم » ئۇيغۇر» دېگەن ئەسلى نامنى قوللانماي ئۆزلىرىنى يۇرت ياكى باشقا مىللەتلەرنىڭ كەمسىتىپ ئاتايدىغان ناملىرىنى قوللىنىدىغانلىقىدىن بىزار بولۇپ،«ئۇيغۇر« دېگەن نامنى ئومۇملاشتۇرۇش مەقسىتىدە، 1910- يىلى ئۇيغۇر ئىچىدە تۈنجى بولۇپ » ئۇيغۇر بالىسى» تەخەللۇسىنى قوللىنىپ، ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدە مۇھاكىمە ماقالىلىرىنى يېزىشقا باشلىغان. بۇ ماقالىلەر ئەينى چاغدا ئورېنبۇرگدا چىقىدىغان » شورا» ژۇرنىلىغا بېسىلىپ، چاررۇسىيە تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېڭىغا كۈچلۈك تەسىر قىلغان. نەزەر غوجا دەسلەپتە كۆپرەك ئىلى ئۇيغۇرلىرىنى يېزىش بىلەنلا پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى يۇرۇتۇپ بەرگىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنى ئايلىنىپ كېلىش ئارزۇسىدا ۋە يەنە بىر جەھەتتىن دادىسى ئابدۇسېمەت بۇۋاي ۋە تۈت ياشلىق ئوغلى رىزانىڭ ۋاپاتى ئېلىپ كەلگەن قايغولاردىن يېنىكلەش مەقسىتىدە ئىبراھىم پارماش ئىسىملىك سودىگەر تۇغقىنى ۋە باجىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا  1913- يىلى غالجاتتىن جەنۇبىي شىنجاڭغا قاراپ يولغا چىققان. ئۇ مۇزارت داۋىنى ئارقىلىق جەنۇپقا چۈشكەندىن كېيىن ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھالىنى كۆرۈپ ئېچىنغان ھەم شۇ ئاساستا » ئالتە شەھەرگە سەپەر» ناملىق ساياھەت خاتىرىسىنى ۋە » بىزنىڭ تۇرمۇش» ناملىق ماقالىسىنى يېزىپ چىققان.

    ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار  ھەققىدىكى بۇ تەتقىقاتى ۋە » ئۇيغۇر» نامىنى قايتا قوللىنىش ھەققىدىكى تەشەببۇسى شۇ مەزگىلدىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ ئېڭىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن. ئاخىر1921- يىلى3-  ئىيۇندا تاشكەنتدە ئېچىلغان » ئالتە شەھەر-جۇڭغارىيە ئىشچىلىرىنىڭ 1 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قارارىغا بىنائەن، ئالتە شەھەر - جۇڭغارىيە ئىشچىلار ئىتتىپاقى » ئۇيغۇر» ئىتتىاپقىغا ئۆزگەرتىلگەن.شۇ قىتىمقى يىغىندا ئابدۇللا روزىباقىيىۋ كەسكىنلىك بىلەن » تارانچىلار، قەشقەرلىكلەر، ئالتە شەھەرلىكلەر قاتارلىق تۈرلۈك ناملاردا ئاتىلىپ كەلگەن كىشىلەر ئەمىلىيەتتە بىرلا خەلق، يەنى ئۇيغۇرنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن ھەممىسى بىردەك مىللەتنىڭ ئومۇمىي نامى بولغان »ئۇيغۇر» ئاتالغۇسىنى قوللىنىش كىرەك» دەپ كۆرسەتكەن. سوۋېت ئۇيغۇرلىرىنىڭ تەسىردە ئاپتونۇم رايونىمىزدا 1933- يىلى ئاپرېل ئۆزگىرىشىدىن كېيىن شۇ يېغىندىن كېيىن يەنى 1935- يىلى چاقىرىلغان » مىللەتلەر قۇرۇلتىيى» يەنى ئەينى دەۋردە »ئاۋام خەلق قۇرۇلتىيى» دەپ ئاتالغان قۇرۇلتايدا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ نامى رەسمىي ئۇيغۇر دەپ بىكىتىلدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، شۇ قۇرۇلتايدا شېڭ شىسەي تەرىپىدىن تارانچى قەبىلىسى سۇنئىي رەۋىشتە ئايرىم بىر مىللەت قىلىندى. ئۇندىن ئىلگىرى ئۇيغۇرلار ھۈكۈمەت ھۈججەتلىرىدە چەنخۇي (缠回) دەپ ئاتىلىپ كەلگەنىدى. » ئۇيغۇر» نامى رەسمىي بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، » خۇي خۇي»، » خۇيمىن»، » مۇسۇلمان» ، » چەنتۇ» قاتارلىق ئاتالغولارنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇر دېگەن ئاتالغو رەسمىي قوللىنىلدى. دېمەك،«ئۇيغۇر» دىن ئىبارەت بۇ بۈيۈك نامنىڭ قايتا مىللەت بولۇپ ئومۇملىشىدا ئۇيغۇر بالىسىنىڭ تۆھپىسىنىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ.

    تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان يەنە بىر تەرىپى، نەزەر غوجا ئۇيغۇر تىلى سىنتاكىسلىق جۈملە شەكلىگە قوشما جۈملە ۋە مۇرەككەپ قوشما جۈملە شەكىللىرىنى ئۆزلەشتۈرگۈچى پىشۋالارنىڭ بىرى ئىدى. » شەرق ھەقىقىتى» ۋە » قازاق ئېلى» قاتارلىق نەشىرياتلاردا نەشىر قىلىنغان خېلى زور كۆلەملىك ئەدەبىي، سىياسىي، ئىقتىساد، پەن - تېخنىكا كىتاپلىرىنىڭ تىلى نەزەر غوجا تەشەببۇس قىلغان ، ئاساس سالغان، ئۆز ئەمىلىيىتى بىلەن ئۈلگە كۆرسەتكەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ دەسلەپكى شەكلى ئىدى. ئۇ ئۇيغۇر دېمۇكراتىك ئەدەبىياتىدا ئەدەبىي تىلىمىزنى خەلق ئېغىز تىلىغا ئەڭ بۇرۇن يېقىنلاشتۇرغانلارنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يەرلىك شىۋە ۋە ئاغزاكى جانلىق سۆزلەرنىمۇ قوللانغان. شۇڭا ئىزچىل تۈردە ئۇنى ئۇستاز سۈپىتىدە تونۇپ كەلگەن ئابدۇللا روزىباقىيىۋ ئۇنىڭغا يوقرى باھا بېرىپ: » ئۇيغۇر بالىسى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ساھەسىدە بىرىنجى بولۇپ ئىلىم ساھاسىگە يول باشلىغان»، » ئۇيغۇر بالىسىنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرى شېئىرىي جەھەتتىن ئوماقلىق ۋە ئەدەبىي تەسۋىر جەھەتتىن ئەدەبىياتىمىزدا بىرىنجى ئورۇننى ئالىدۇ دېسەك خاتا بولماس. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئەمگەكچى ئۇيغۇرلارغا يىقىندۇر» دېگەنىدى.

    كېيىنكى يازمىمىزدا  ئۇنىڭ « ئىلى دەرياسى» ژورنىلىنىڭ 2011 –يىللىق 1 –سانىغا بېسىلغان «ئىلى ۋىلايىتىنىڭ تارىخى» ناملىق ئەسىرىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمەن . مىللىتىمىزنىڭ تارىخىدىن خەۋەرداش بولۇش ، ئۇنى ئەۋلاتلارغا يەتكۈزۈش ھەممىزنىڭ بۇرچى .

     

     





ئۇيغۇرچىدىن لاتىن يېزىقىغا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن Ctrl+kنى بېسىڭ