• 2010-08-31

    قازاقىستان ئۇيغۇر شائىرى ئىليا بەختىيا شىئىرلىرىدىن - [ئەدەبىيات - سەنئەت]

     

    ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش
    *********************


    يىغىپ يۈرگەن دۇنياسىنى تويغا دەپ،
    تۆكۈۋىتىدۇ مىھمان كەلدى ئۆيگە دەپ.
    دىسەڭ ئەگەر چۈشەنمەستىن: بۇ قانداق؟
    بىلىپ قويغىن، ئۇيغۇر دېگەن مۇشۇنداق.

    ئۇيغۇرلارنىڭ قولى ئالتۇن، كۆڭلى گۈل،
    باغ-باراقسان ئۇلار تۇرغان دەشتى - چۆل.
    دوستقا دېگەن مىھرى ئوچۇق، كۆڭلى ئاق،
    بىلىپ قويغىن، ئۇيغۇر دېگەن مۇشۇنداق.

    ئەتە-ئاخشام ئىشىكىنى ئىلمايدۇ،
    قۇلۇپ سالماس، قىزغىنىشنى بىلمەيدۇ.
    چۈشەنمەستىن دىسەڭ ئەگەر: بۇ قانداق؟
    بىلىپ قويغىن، ئۇيغۇر دېگەن مۇشۇنداق.

    كۆچەت تىكىپ، سايە بولسۇن دەيدۇ ئۇ،
    ئۇ سايىدا ئۆزى ئولتۇرسا مەيلىغۇ.
    دوست - بۇرادەر كۆڭلى تويسا شۇ باغقا،
    مەن قاتارغا قوشۇلدۇم دەر شۇ ۋاقتا.

    قايغۇ چۈشسە تەڭ بۆلۈشۈپ ئالىدۇ،
    بىرسى كۈلسە، ئۇنىڭ كۆڭلى قانىدۇ.
    قېرىنداشتىن ئارتۇق كۆرۈپ خوشنىنى،
    ئاتىسىدەك تىڭشايدۇ يار - دوستىنى.

    جاپارىڭمۇ؟ ئۇ جاپادىن قورقمايدۇ،
    ئاغرىپ قالساڭ ئەڭ ئاۋال شۇ يوقلايدۇ.
    دەردىڭ بولسا ئالىدۇ تەڭ بۆلۈشۈپ،
    شاتلىق كۈنى ئولتۇرىدۇ كۈلۈشۈپ.

    ناخشا - سازسىز، مەشرەپسىز ئۇ يۈرمەيدۇ،
    سەن كۈلمىسەڭ، ئۇ ئېچىلىپ كۈلمەيدۇ.
    سەن ئېگىلسەڭ، ئۇ سۇنىدۇ سەن ئۈچۈن،
    ھە، سەن سۇنساڭ ئۇ ئۆلىدۇ سەن ئۈچۈن.

    ئۇيغۇر دېگەن ياخشىلىققا يارالغان،
    بىلىم - ئىلمى جاھانغىمۇ تارالغان،
    ئوق ئورنىدا ھەمىشەم گۈل ئۈنسۇن دەپ.
    ئەمگەك قىلار ئىنسان ئامان بولسۇن! دەپ.

    ★★★
    (1975 -
    يىلى)
    ★★★


    ***********************
    ئەتىمالىم، ھايات شۇنداق ئوخشايدۇ
    ***********************


    ھايات - غەلۋىر، ھەممىمىزنى تاسقايدۇ،
    بىرسى كۈلۈپ، بىرسى يىغلاپ قاخشايدۇ.
    بەخت دېگەن كەلمەيدىكەن ئۆزىدىن،
    ئەتىمالىم، ھايات شۇنداق ئوخشايدۇ.

    بىرلىرى بار ئويلىمايدۇ، ئۇخلايدۇ.
    ياخشىلىقنى - يامانلىقنى ئۇقمايدۇ.
    بىرلىرىنىڭ چىچىلا بار، ئەقلى يوق،
    ئەتىمالىم، ھايات شۇنداق ئوخشايدۇ.

    ئەمدى بىرى ئەمگەك تەرىن تۆكمەيدۇ،
    ئەمما لېكىن سىزدىن ياخشى كۆكلەيدۇ.
    ھەر بەندىدە بىردىن تالانت بار ئىكەن،
    ئەتىمالىم، ھايات شۇنداق ئوخشايدۇ.

    بىرلىرى بار ئەجەلدىنمۇ قورقمايدۇ،
    مەقسىتىگە يەتكەندىلا توختايدۇ.
    «
    بەش قول بىردەك يارالماپتۇ ئەسلىدە»
    ئەتىمالىم، ھايات شۇنداق ئوخشايدۇ.

    ★★★
    (1974 -
    يىل)
    ★★★


    ***********************
    تۇغۇلغان يەر توغرىسىدا
    ***********************
     

    مۇشۇ يەردە تۇغۇلدۇم مەن ھەم ئۆستۈم.
    مۇشۇ يەردە دەسلەپ كۆردۈم يەر ئۈستىن.
    مۇشۇ يەردە دوست قەدرىنى بىلىپ مەن،
    مۇشۇ يەردە ئەمگەك سۆيۈپ تەر تۆكتۈم.

    دەسلەپ كۆردۈم مۇشۇ يەردە كۈن نۇرىن.
    دەسلەپ تەردىم مۇشۇ يەرنىڭ گۈللىرىن.
    مۇشۇ يەردە قەدرىن بىلدىم كەتمەننىڭ،
    مۇشۇ يەردە تاۋلاندى ھەم قوللىرىم.

    پۇتقا كىرگەن مۇسۇ يەرنىڭ تىكىنى.
    كۆتەردىم مەن مۇشۇ يەرنىڭ يۈكىنى.
    مۇھەببىتى قانات بولۇپ قەلبىمگە،
    مۇشۇ يەردىن ئالدىم يۈرەك ئوتىنى.

    كۈلكىنىمۇ مۇشۇ يەردىن بىلىمەن.
    يىغىنىمۇ مۇشۇ يەردىن بىلىمەن.
    ياخشى بولاي، يامان بولاي، ئەيتاۋۇر،
    مۇشۇ يەرنىڭ مەنمۇ بىر تال گۈلىمەن.

    ئاچچىقنىمۇ مۇشۇ يەردىن بىلىمەن.
    تاتلىقنىمۇ مۇشۇ يەردىن بىلىمەن.
    ھاياتىمغا ئالتۇن قوزۇق مۇشۇ يەر،
    مەن شۇنىڭدىن تومۇر تارتىپ كېلىمەن.

    ★★★
    (1966 –
    يىل)
    ★★★


    *******
     ئادەم
    *******


    بىلمەيمىز ئادەمنى قەدەمدە،
    بىلىشكە تالاي يىل كىرەكقۇ.
    چۈنكى-ئۇ مۇقەددەس ئادەمدە،
    بىلىشكە بولمايدۇ سوراپمۇ.
     
    بىلمەيسەن سىرىنى سوراپمۇ،
    ئادەم ئۇ - مۇرەككەپ ئەسلىدە.
    ئاددى بىر ئادەمنىڭ ئۆزىمۇ،
    مۇقەددەس ئادەمنىڭ نەسلىدە.

    ئۆمۈرگە ياخشىلىق ئەپكىلىپ،
    گۈلنىمۇ شۇ ئادەم تېرىپتۇ.
    «
    ھەممىگە مەن خوجا» دەپ كېلىپ،
    ھاياتقا گۈزەللىك بېرىپتۇ.

    شۇ ئادەم ئۆلۈمدىن يىرگىنەر،
    بىراق ئۇ قاچمايدۇ ئۆلۈمدىن.
    ئادەمنى شۇ ئادەم ئۆلتۈرەر،
    ئەقىلدە ئوق ياساپ تۆمۈردىن.

    ئادەملەر تۇغۇلسۇن، كۆپ ئۆلمەي،
    يېنىڭدا، يېقىندا، يىراقتا،
    ئادەمنىڭ نامىنى بۇلغىماي
    چىن ئادەم بول دېگەن تەلەپ بار.

    ★★★
    (1966 -
    يىل)
    ★★★


    ***********************
    ئانا تىلىم - دانا تىلىم
    ***********************


    ئۇلۇغ ئانىنىڭ يۈرەك سۆزىنى
    ئاڭلىدىم دەسلەپ ئانا تىلىمدىن.
    كۆردۈم ئەس كىرىپ ھايات كۆزىنى
    مېنى چوڭ قىلغان دانا تىلىمدىن.

    ئوقۇدۇم مەنمۇ «ئا»، «ب»دىن باشلاپ،
    ئىلىم تەمىنى تېتىپ بىلىمدىن.
    ئۆمۈر يۈكىنى ئالدىم ھاپاشلاپ.
    رەھمەت ئانا تىل، رەھمەت دىلىمدىن !

    ئانا تىلىمنىڭ مۇڭلۇق ئەللىيى
    تەۋرىتىپ مېنى بۆشۈكتە ياتتىم.
    ئات ياتسا ئېلىپ غولنىڭ تېلىنى
    كېپىنەك قوغلاپ سەيلىتىپ كەتتىم.

    جاھاندا تەڭكەش كېلەر ئۇنىڭغا
    ئارتۇق تىل بارمۇ قەدىردە شۇنچە.
    چۈنكى شۇ تىلدا ئانا ۋەتەنگە
    مۇھەببىتىمدىن تىزىمەن ئۈنچە.
    *****************

     
    قىزلارغا بىر سۆز بار
    *******************

    "شائىر ئاكام ئۇنتۇپ قالدى بىزنى"دەپ ،

    قىزلار رەنجىپ يۈرەمدىكىن بىزگىمۇ ؟
    كېچە-كۈندۈز شېئىر يازغان سىزنى دەپ ،
    ئۇنتامدىغان،شېئىر دىگەن قىزدىغۇ!؟
     
    ئاسماندا كۈن،باغلاردا گۈل تۇرسىمۇ ،
    گۈزەللىك،نۇر ،ئىلھام دىگەن سىلەردە.
    شېئىر يېزىپ چاچلارغا ئاق كىرسىمۇ ،
    شائىر دىلى ۋىسال ئىزلەپ تۈنەردە.
     

    مەن ئويلايمەن شېئىر بىلەن قىز بىر دەپ ،

    شېئىر دىلنىڭ، قىز ھاياتنىڭ سۆلىتى.
    ھەر ئىككىسى يۈرەك ئوتى ،مۇھەببەت ،
    ھە ،مۇھەببەت شائىرلارنىڭ دۆلىتى.
     

    "شائىر ئاكام ئۇنتۇپ قالدى بىزنى"دەپ،

    قىزلار رەنجىپ يۈرەمدىكىن بىزگىمۇ ؟

    راستىن ئېيتساق ،شائىر بولغان سىزنى دەپ ،

    تۇنجى شېئىر ئاگىنالى سىزدىغۇ !؟

    分享到:

ئۇيغۇرچىدىن لاتىن يېزىقىغا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن Ctrl+kنى بېسىڭ