-
ئىليار بەختىيار، قازاقىستان ئالمۇتا ئوبلاستى ئۇيغۇر رايۇنىغا قاراشلىق چوڭ ئاچنوقا يېزىسىدا،1932-يىلى تۇغۇلغان .
1957-يلى قازاقىستان ئاباي نامىدىكى پېداگوگىكا ئىنىستىتونىڭ تىل-ئەدەبيات فاكۇلتىتنى تاماملاپ، كىيىن يەنە موسكىۋادىكى ئىككى يىللىق ئالىي ئەدەبىيات كۇرسىدا ئوقۇغان . ئۇنىڭدىن كىيىن «ئوقۇتقۇچى»، «يازغۇچى» نەشىرياتىدا ۋە رادىئو - تېلۋېزيە كومتىتىدا مۇھەرىر بولغان . ئىليا بەختىيانىڭ 1955-يىلى ،تۇنجى شېئىرلار توپلىمى «دوسلارغا سوۋغا»،1982-يىلى تاللانغان شېئىرلار توپلىمى «ھايات داۋانلىرى» نەشىر قىلىنغان. شائىر ئىليا بەختىيا 1988-يىلى56 يېشىدا ۋاپات بولغان.تۈۋەندە ئۇنىڭ نەمۇنىلىك شىئىرلىرىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق -
2008-04-16
مۇھەممەتجان راشىدىن ۋە ئۇنىڭ ئەدەبىي ھاياتى - [ئەدەبىيات - سەنئەت]
خەلقپەرۋەر، ئوت يۈرەك شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن1940- يىلى 6- ئاينىڭ 15- كۈنى غۇلجا ناھىيىسىنىڭ ئونياريۈزى يېزىسى يۇقۇرى ئونيار كەنتىدە دۇنياغا كەلدى. 1954- يىلىغىچە شۇ يېزىدا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكىچە ئوقۇدى. 1955- يىلىدىن 1958- يىلىغىچە ئۈرۈمچىدىكى سابىق شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك تېھنىكومىدا ئوقۇدى. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن، 1965- يىلى 10- ئايغىچە چاپچال ناھىيەلىك ئۇرۇكچىلىق پۇنكىتى ۋە خەلق ھۆكۈمىتى قاتارلىق ئورۇنلاردا كەسپىي ۋە مەمۇرىي خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. 1968- يىلى 8- ئايغىچە غۇلجا ناھىيە ئونياريۈزى يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىدى. شۇ يىلدىن تارتىپ تاكى 1983- يىلنىڭ بېشىغا قەدەر «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچىراپ تۈرمە ھاياتىنى بېشىدىن كەچۈردى. 1983- يىلى ئاقلىنىپ چىقىپ، 1989- يىلى 11- ئايغىچە غۇلجا ناھىيىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپتە تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ۋە ڭلمىي مۇدىرلىق خىزمىتىنى ئىشلىدى. 1990- يىلدىن تارتىپ ھازىرغىچىلىك كەسپىي يېزىقچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە.