• بايقىشىمچە، ھازىر بەزىلەر ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنى قۇرۇش جەريانىنى ئەينەن بىلگۈسى كېلىپ، بىراق ھۆججەتلىك يازما ماتېرىيال تاپالماي يۈرگەندەك قىلىدۇ. بۇ ئەھۋالنىڭ ئۇلۇغ مۇتەپەككۈر شائىر ئاباينىڭ: «كۈن كەينىدىن كۈن كېلۇر،بىر كۈن ئارزام ئالغۇزماس. ئوي كەينىدىن ئوي كېلۇر، شامالغا مىنسەڭ يەتكۈزمەس.» دېگىنىدەك، كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى، ئوي – پىكىرنىڭ ئۇلغىيىشى بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئادەملەردە جىددىي تەلەپ بولۇش ئېھتىماللىقى زور. مۇشۇ نۇقتىدىن ئويلىغاندا، بۇ ئىشنىڭ ھەغدالىرى بولغان — قول سېلىپ ئىشلىگەن بىز (ھازىر ھاياتلاردىن: پاتقان سۈگىربايىۋ، چېن شىخۇا، ۋاقاپ مۇخىت، مەن – قۇرمانەلى)دەك كىشىلەر بۇ كەم ئورۇننى تولدۇرماي بىپەرۋالىق قىلىشىمىزنىڭ زۆرۈرىيىتى يوقتەك تۇرىدۇ. شۇڭلاشقا مەن بۇ مەسىلە ھەققىدە — ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنى قۇرۇش جەريانى توغرىسىدا ھۆججەتلىك يازما ماتېرىيال قالدۇرۇپ، تەتقىق قىلغۇچىلار بىلەن بىلىشنى لازىم تاپقانلارغا ياردەم بېرىشنى كۆزلىدىم.

    ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى — ئۇلۇغ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيسىنىڭ ماركىسىزم – لېنىنىزم، ماۋزىدۇڭ ئىدىيسى مىللىي سىياسىتىنىڭ كونكرىت ئىجرا قىلىنغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ۋە مول مېۋىسى بولدى. ئۇ ئۇلۇغ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى باشچىلىقىدا ئازادلىققا، ئەركىنلىككە ۋە تەڭلىككە ئېرىشكەن ئېلىمىز قازاقلىرىنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئۆزىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى ئۆزى باشقۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغانلىقىنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە 1954 – يىلى 11 – ئاينىڭ 28 – كۈنى (؟) غۇلجا شەھىرىدە قۇرۇلۇپ، زور تەنتەنە بىلەن جاكارلاندى ۋە بۇ كۈن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قۇرۇلغانلىقىنىڭ خاتىرە كۈنى قىلىندى. كېيىنرەك يەنى 1954 – يىلى ھەر جەھەتتىن قۇلايلىق بولۇشنى كۆزدە تۇتۇپ، گوۋۇيۈەننىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئوبلاست قۇرۇلغانلىقىنىڭ بايرام كۈنى 9 – ئاينىڭ 1 – كۈنىگە ئۆزگەرتىلدى. ئەمدى بۇ ئىشنىڭ، يەنى ئوبلاست قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئەينى جەريانى تۆۋەندىكىچە:

    1953 – يىلىنىڭ ئاخىرى ۋە 1954 – يىلىنىڭ باشلىرىدا ج ك پ شىنجاڭ بىيۇرۇسى ۋە شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى ۋە ئورۇنلار ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنى قۇرۇش ئىشىنى باشلاپ، ئاۋۋال ئۈرۈمچى، ئىلى، تارباغاتاي، ئالتاي قاتارلىق جايلاردىكى بىر قىسىم رەھبەر ۋە ۋەكىللىك خاراكتىرىگە ئىگە بىر قسىم كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ پىكىر ئېلىشتى. پىكىرلىشىشتە ئاساسەن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنى قانداق دائىرىدە قۇرۇش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى. مەن ئۇ چاغدا شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمەتتە مۇئاۋىن باش كاتىپ ئىدىم. شۇڭلاشقا ئۈرۈمچىدە بۇ ھەقتە ئۆتكۈزۈلگەن پىكىرلىشىش سۆھبەتلىرىگە قاتناشتىم. باشقا جايلاردا بولغان پىكىرلىشىش ۋە سۆھبەتلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىق ئۇقۇپ تۇردۇم. شۇ چاغدىكى چۈشكەن پىكىرلەرنى يىغىنچاقلىغاندا، بىرىنچى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ئىلى، تارباغاتاي، ئالتاي ۋىلايەتلىرى دائىرىسىدە قۇرۇلسا، ئىككىنچى، ئىلى، تارباغاتاي، ئالتاي، ئۈرۈمچى، قۇمۇل (شىمالىي شىنجاڭ) دائىرىسىدە قۇرۇلسا دېگەن ئىككى مەزمۇندىن ئىبارەت بولۇپ، بىرىنچى پىكىردىكى ئادەملەر كۆپ بولدى. بۇ مەسىلە مۇشۇ ئىككى پىكىر ئاساسىدا تۆۋەندىن يۇقىرىغا، يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ پىكىر ئېلىنىپ ئاخىرىدا ئوبلاستنى ئىلى، تارباغاتاي، ئالتاي ۋىلايەتلىرى دائىرىسىدە قۇرۇش ماقۇللاندى. قازاقلار بىر قەدەر زىچ ئولتۇراقلاشقان باشقا جايلاردا، جۈملىدىن، قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ بارىكۆل ناھىيىسىدە، ئۈرۈمچى ۋىلايىتىنىڭ — كېيىنكى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مورى ناھىيىسىدە ئايرىم – ئايرىم قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى قۇرۇلىدىغان بولدى

  • باغرىڭ ئىللىق ،ئىسمىڭ مەشھۇر تەشلەپكە،

    قىسمەتلىرىڭ داستان بولغان تەشلەپكە.

    سەندە ئاجىز، سەندە مىسكىن توپلىنىپ،

    ھەم بايلىرىڭ مەغرۇر يۈرگەن تەشلەپكە.

    ****

    تاشلانغانلار سەندە تاپتى ئىسسىق جاي،

    خارلانغانغا كۈنلۈك بولغان تەشلەپكە.

    بەختى قاچقان مۇساپىرلار تۈركىمى،

    ئەگىز سۇدەك ھەريان ئاققان تەشلەپكە.

    ***

    سېنى كۆرسەم كۆزلىرىمدىن ئاقار ياش،

    ئەۋلاتلىرىم تىنەپ يۈرگەن تەشلەپكە.

    ئۇلۇغلارنىڭ ئۇلۇغلىرى ئانىلار،

    پايپاق سېتىپ مۈدرۈپ يۈرگەن تەشلەپكە


  •    گەرچە چوڭ بولساممۇ جىيەنلىرىم بىلەن بىللە ئويناشنى ناھايىتى ياخشى كۆرىمەن، ئۇلارمۇ ماڭا شۇنداق چىڭ يېپىشىدۇ. بەزىدە تېخى مەھەللىدىكى بالىلارنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ ئويۇن تېخىمۇ قىززىپ كېتىدۇ. يوغانلا بىر قىزنىڭ كىچىك بالىلار بىلەن بىللە ئوينىشى ئەيىب ھېسابلىنىشى مۇمكىن. لېكىن نېمە ئامال؟ سۈپۈرگىنى  قولۇمغا ئەمدى ئېلىشىمغا دەرۋازىدا كەپسىزلەر پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ:
       - ئاچام بارمۇ؟  بىللە ئوينايتتۇق ...
    مېنى ئىزدەپ كىرگەن بۇ بالىلارنىڭ بەزىلىرىنى  تونۇمايمەن.  بەلكىم ئۇلارمۇ ئىسمىمنى بىلمىسە كېرەك، ھەممىسى پەقەت «ئاچا» دەپلا چاقىرىدۇ... بۇ بالىلارچە قىلىقىم ئەيىب ھېسابلانسا شۇنداق بولۇپ تۇرۇپ تۇرسۇن، چۈنكى گېپىمىزنىڭ مۇھىم يېرى بۇ ئەمەس.
       ھېكايە ئېيتىش بىزنىڭ ئويۇنلىرىمىزنىڭ بىرى. بەزىدە ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدىكى كارىۋاتتا ئولتۇرۇپ ھېكايە ئوقۇپ بەرسەم بەزىدە جىيەنلىرىم ئۇخلىغىلى ئۇنىمىغاندا بىر ھېكايىنى ئۆزۈم تۇقۇپلا ئالدىرىماي ئوقۇسام ھەرقانچە كەپسىز بالىمۇ بىردەمنىڭ ئىچىدە بۇخاراغا مېڭىپ بولىدۇ. ئەمدى ھېكايەمنىڭ مەزمۇنىغا كەلسەم، بەزىدە ھايۋانات توغرىسىدىكى بالىلار چۆچەكلىرىنى شۇ ۋاقتىنىڭ ئىچىدە توقۇسام بەزىدە تارىخىمىز، ئەجدادلىرىمىز ھەققىدىكى ئاز-تولا بىلىدىغانلىرىمنى ھېكايە شەكىلدە سۆزلەپ بېرەتتىم

  •                سىز توي قىلغىلىمۇ ھەش- پەش دېگۈچە ئىككى يىلمۇ بولاي دەپ قالدى، سىزنىڭ خوشاللىقىڭىز ۋە ئۈمۈدىڭىز بولغان پەرزەنتىڭىزمۇ تۇغۇلدى، سىز كېچە – كۈندۈز ئۈمۈد قىلغان ، ھەم تىلىگەن ئۇ  ئوغۇل پەرزەنت، ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن سىزگە نىسىپ بولمىدى، بەلكى ئاللاھ سىزگە ئۇماق بىر قىز ئاتا قىلغان ئىدى، ئاللاھنىڭ بۇ نېئمىتى ، ئايالىڭىزنى بۈلەكچىلا خوش قىلغان ئىدى، لېكىن ئايالىڭىز بۇ نېئمەتكە شۈكۈر قىلىشنى ، بۇ نېممەت بەدىلىگە ئاللاھقا لايىقىدا ئىبادەت قىلىپ،  ئاللاھقا بولغان شۈكرانىسىنى بىلدۈرۈشنى ئەسلا بىلمەيتى، ئەلۋەتتە بۇدرۇققىنا بۇ  گۈزەل بوۋاق، سىزنىڭمۇ  بارچە مېھرىڭىزنى بېرىشىڭىزگە مۇيەسسەر بولغان ئىدى .

  • خۇددى ئۇيغۇرلارنىڭ تاماق يەۋاتقاندا بۇرنىنى ئالماسلىق، باشقىلار بىلەن بىللە تۇرغاندا يەل قويماسلىق (گەرچە ھازىر بەزىلەر بۇنىڭغا ئەمەل قىلمىسىمۇ ئەمما بۇ راست بىزنىڭ ئەنئەنىمىز).. دېگەندەك ئېغىر ئالىدىغان قائىدە-يوسۇنلىرىمىز بولغىنىدەك، ياۋروپالىقلارنىڭمۇ ئۆزىگە چۈشلۇق قائىدىلىرى بولىدىكەن ھەتتا بەزىلىرىگە بىز ئانچە دىققەت قىلمىغاچقا ئۆزىمىزنىڭ ئۇلارنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كەتكىنىمىزنى سەزمەي قالدىكەنمىز.

  •   http://i292.photobucket.com/albums/mm27/awral/ilyabehtiya.jpg    ئىليار بەختىيار، قازاقىستان ئالمۇتا ئوبلاستى ئۇيغۇر رايۇنىغا قاراشلىق چوڭ ئاچنوقا يېزىسىدا،1932-يىلى تۇغۇلغان .
    1957-
    يلى قازاقىستان ئاباي نامىدىكى پېداگوگىكا ئىنىستىتونىڭ تىل-ئەدەبيات فاكۇلتىتنى تاماملاپ، كىيىن يەنە موسكىۋادىكى ئىككى يىللىق ئالىي ئەدەبىيات كۇرسىدا ئوقۇغان . ئۇنىڭدىن كىيىن «ئوقۇتقۇچى»، «يازغۇچى» نەشىرياتىدا ۋە رادىئو - تېلۋېزيە كومتىتىدا مۇھەرىر بولغان . ئىليا بەختىيانىڭ 1955-يىلى ،تۇنجى شېئىرلار توپلىمى «دوسلارغا سوۋغا»،1982-يىلى تاللانغان شېئىرلار توپلىمى «ھايات داۋانلىرى» نەشىر قىلىنغان. شائىر ئىليا بەختىيا 1988-يىلى56 يېشىدا ۋاپات بولغان.تۈۋەندە ئۇنىڭ نەمۇنىلىك شىئىرلىرىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق

  • ئاي ناملىرىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى ئاللىقاچان بىرلىككە كەلگەن بولسىمۇ،  ئالاقىدار ھۈكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ دىگەندەك كۈڭۈل بۈلمەسلىكى سەۋەبلىك ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە تا مۇشۇ كەمگىچە ئومۇملاشمىدى، بۇ ھەقىقەتەن ئادەمنى ئىچىندۇرىدۇ.

     تۈۋەندىكىسى ئاي ناملىرىنىڭ ئۇيغۇر، قازاق، تۈرك، قىرغىز، تاتار قاتارلىق بىر قانچە تۈركىي مىللەتلەردە ھازىرىقى ئاتىلىشى

     

  • بىر دۆلەت پۇلىنىڭ كۇرسىنىڭ ئۆسۈشى ياكى چۈشىشى شۇ دۆلەتنىڭ دۆلەت كۈچىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. يېقىندىن بويان ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى كۆپلىگەن غەرب دۆلەتلىرى خەلق پۇلىنىڭ كۇرسىنى ئۆستۈرۈش توغرىلىق ھەدەپ دۆلىتىمىزگە بېسىم ئىشلىتىۋاتىدۇ،دۆلىتىمىز ئۆز دۆلەت مەنپەئەتىنى قوغداش نۇقتىسىدىن بۇنىڭغا قارشى چىقىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا خەلق پۇلى كۇرسىنىڭ ئۆسۈشى بىز ئاۋام پۇقرالارغا زادى قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ ؟ كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىسى ئانچە ئېنىق بولمىسا كېرەك ، تۆۋەندە ھېس قىلغانلىرىمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.
    مېنىڭچە خەلق پۇلى كۇرسىنىڭ ئۆسۈشى پۇقرالارغا ھېچقانداق زىيان كەلتۈرمەيدۇ، ئەكسىچە پايدىسى كۆپ بولىشى مۇمكىن . پايدىسى تۆۋەندىكىچە :
  •    نۇرسۇلتان نازاربايېۋ 1940-يىلى 7- ئاينىڭ 6-كۈنى ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ قەشقىلەڭ ناھىيىسى شامالغان يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. 1967-يىلى قاراغاندا مىتاللۇرگىيە كومبىناتى (شىركىتى) گە قاراشلىق يۇقۇرىي تېخنىكا ئوقۇش ئورنىنى پۈتتۈردى. ئىقتىساد پەنلىرى دوكتورى. قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ، خەلق ئارالىق ئىنجېنېرلىك ئاكادىمىيېسىنىڭ، روسسىيە فېدېراتسىسىسى جەمىيەت پەنلىرى ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى. ئەل فارابى نامىدىكى قازاقىستان مەملىكەتلىك مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەخرىي پرافېسسورى. بېلارۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ پەخرىي ئەزاسى. لومونوسوف نامىدىكى موسكۋا دۈلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەخرىي پرافېسسورى.

  • 1 - ئىيۇن بالىلار بايرىمى كېلىپ قالدى، بالىڭىزنى قانداق ئوينىتاي دەۋاتىسىز؟
    ھەرقايسى دۈلەتلەرنىڭ بالىلار بايرىمىنىڭ قايسى كۈنى بولىدىغانلىقىنى بىلىپ كەتمەيسىز ھەقىچان ، تور ئارىلاۋىتىپ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرنى كۆرۈپ قالدىم ، شۇڭا ئۇدۇللا تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويدۇم.
    1- ئىيۇن خەلقئارا بالىلار بايرىمىنى ھەر قايسى دۈلەتلەر ئورتاق ئۆتكۈزگەندىن باشقا يەنە ھەر يىلى ئاپرىلنىڭ 4 - يەكشەنبە كۈنى بولغان «دۇنيا بالىلار كۈنى»نىمۇ ھەرقايسى دۈلەتلەر ئورتاق ئۆتكۈزىدۇ.
    بۇ ئورتاق ئۆتكۈزىلدىغان بالىلار بايرىمىدىن سىرت ھەر قايسى دۈلەتلەرنىڭ يەنە ئۆز ئالدىغا ئايرىم ئۆتكۈزىدىغان بالىلار بايرىمى كۈنلىرىمۇ بار ، بۇلار تۈۋەندىكىچە :

  • ۋاقىت ئالدىراڭغۇ ساقلاپ تۇرمايدۇ،

    时间太匆忙,一点也不肯停留,

    يىللار شۇ ۋاقىتنىڭ ئەڭ چوڭ يورغىسى..

    岁月便是时间的最快脚步。

    ئاققان سۇلار، ئاتقان تاڭلار قايتىلانمايدۇ،

    湍急的流水,破晓的黎明依然清晰,

    يورغا يىللار ۋاقىتنىڭ ئەڭ چوڭ ئوغرىسى.

    疾驰的岁月却是窃取寿命的小偷。

    ئوغىرلاپ قاچىدۇ ئارقىغا باقماي،

    窃取后,头也不回地,

    بىر- بىرىنى قوغلىشىپ، يورغىلىشىپ،

    一个追着一个,匆忙逃走。

    ياشلىق بېغىدا بولبۇللار قانات قاقماي،

    在青春的花园里听不到黄莺拍姻,

    يوپۇرماقلار قويۇلىدۇ پۇرلىشىپ.

    树叶枯萎凋零,树枝变成秃头。

    ياشلىق ئادەمنىڭ زىلۋا بىر چېغى،

    青春是人们最美妙的季节,

    تولىمۇ قىسقا ئۇنىڭ ئۆمىرى بىراق.

    然而它又是何等短暂。

    يىرتىلسا كالىندارنىڭ بىر ۋارىقى،

    当你撕掉日历上的一页,

    ياشلىق گۈلىدىن تۈكۈلىدۇ، بىر يوپۇرماق.

    便会预感到青春的花朵凋蒋了一瓣。

    يىللار شامىلى يەلپۈنىدۇ، ئىزلار كۆمۈلىدۇ،

    岁月之风在瓢舞,落叶掩盖了大地,

    يوپۇرماقسىز ياغاچ بىچارە بولىدۇ قاخشال...

    落了叶的树显得格外可怜……

    يىللار سېخ، قورۇق كەلمەيدۇ، ئەكىلىپ بېرىدۇ،

    岁月那么慷慨地给姑娘们带来了皱纹,

    قىزلارغا قورۇق، ئەرلەرگە ساقال.

    给男子们带来了、满面的胡须。

  • "ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻤﯩﺰ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ، ﺋﻪﯓ ﺋﻪﻗﻠﻠﯩﻖ ﺑﺎﻻ"  ﺑﯘ ﺳﯚﺯ ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺗﺎ ـ ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﻪ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺳﯚﺯﺩﯗﺭ. ﺑﯩﺮ ﭘﯩﺴﺨﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ:"ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺯﯦﻬﻨﻰ ﺋﺎﭘﺌﺎﻕ ﻗﻪﻏﻪﺯﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ، ﺋﯘ ﻗﻪﻏﻪﺯﮔﻪ ﻧﯧﻤﻪ ﻳﯧﺰﯨﻠﺴﺎ، ﺑﺎﻻ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺷﯘ ﻗﻪﻏﻪﺯﮔﻪ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻧﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯗ، ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺯﯦﻬﻨﻰ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺟﯩﻤﺴﺎﻧﻰ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ 80 ﭘﺮﺳﻪﻧﺘﻰ ﺋﺎﺗﺎ ـ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﯘﻫﯩﺘﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﭼﯩﻘﯩﻤﯘ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜﻧﺠﻰ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ ﻫﯧﺴﺎﭘﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺰ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﻩ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﺑﯘ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪﻟﻪﺭﻧﯩﯔ، ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﯨﻨﯩﯔ ﺯﯦﻬﻨﻰ ﯞﻩ ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﻰ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺋﻪﺟﻪﭖ ﺋﻪﻣﻪﺱ.
    ﺋﺎﻧﺎ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﻰ ﺋﯚﺯ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻐﺎ ﻳﯧﯖﻰ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯩﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ، ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻐﺎ ﻣﯧﻬﺮﻯ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻻﺯﯨﻢ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘ ﺑﺎﻻ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﯧﺮﻩﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ، ﻛﯜﻟﯜﺵ، ﻳﺎﻛﻰ ﭘﯜﺕ ـ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﯩﺰﻫﺎﺭ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯗ.

  • لوپنۇر- تار مەنىدىن ئېيتقاندا ، لوپنۇر كۆلىگە ، كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا ، لوپنۇر ئويمانلىقىغا قارتىلغان . لوپنۇر كۆلى تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي قىسمىغا ، چاقىلىق ناھىيىسىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان . ئۇ بۇنىڭدىن تەخمىنەن 55 مىليۇن يىل بۇرۇنقى «تاغ ھاسىل بولۇش ھەركىتى » جەريانىدا چىڭخەي – شىزاڭ ئىگىزلىگى كۆتۈرۈلۇپ چىققاندىن كېيىن تاغ سۇلىرى ۋە تارىم دەرياسىنىڭ قۇيۇلىشىدىن ھاسىل بولغان . خاتىرلەرگە ئاساسلانغاندا  بۇنىڭدىن ئىككى مىليۇن يىل بۇرۇن لوپنۇر كۆلىنىڭ سۇ يۇزى كۆلىمى 20مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، 2000مىڭ يىل بورۇن 5000 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىكەن .  يېقىنقى زاماندا تارىم دەرياسىنىڭ يۇقىرى ۋە تۆۋەن ئېقىنىدا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ  زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلىشى ، نۇرغۇن دېھقانچىلىق مەيدانلىرى ، زاۋۇت - كارخانلارنىڭ قۇرۇلۇشى  ، چوڭ – كىچىك سۇ ئامبارلىرىنىڭ ياسىلىشى  ، دەريا سۇينىڭ قۇرۇپ كىتىشى، تۇپەيلىدىن  لوپنۇر كۆلى سۇ مەنبەسى ئۈزۈلۈپ ، قاقاس شورلۇق ئويمانلىققا ئايلىنىپ قالغان .
      لوپنۇر  رايونىنىڭ كىلىماتى كۈچلۈك  چوڭ قۇرۇقلۇق خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ ، ھاۋا رايى تۇراقسىز . ياز كۈنلىرى بۇ جاي ئوتتەك قىزىپ ، چۈشتە يەر يۇزى تېمپېراتۇرسى 60 – 70 سېلسىيە گېرادۇسقا يېتىدۇ . 6 – 7 ئايلاردا 82 سېلسىيە گېرادۇستىن ئېشىپ كېتىدۇ . كېچىسى تېمپېراتۇرا بىردىنلا تۆۋەنلەپ 0 سېلسىيە گېرادۇس ئەتراپىغا چۈشۈپ قالىدۇ . بۇ يەر بىر« كۇيىقاپ » بولۇپ ، بىر يىلنىڭ يېرىمىدە دېگۇدەك قاتتىق بوران چېقىپ تۇرىدۇ ، يەر يۈزى پۈتۈنلەي شورلۇق بولۇپ  ، ئېگىز – پەس دۆڭلۈك ، ئازگال ۋە يارداڭلار بىلەن قاپلانغان . بوران چىققاندا يەر – جاھاننى  زۇلمەت قاپلاپ كېتىدۇ . قۇم – شېخىللار ئاسماندا ئۇچۇپ يۈرىدۇ  . بۇ يەردە ھەمىشە  تۈرلۈك خىيالى مەنزىرلەر ۋە ئېزىتقۇ كۆرنۈشلەر كۆرۈنۈپ  ، ئادەملەرنى ئازدۇرۇپ ، ئۆلۈم يولىغا باشلايدۇ . شۇڭا گېئولوگلار بۇ يەرنى «سېپىلى يوق ئېزىتقۇ ئوردىسى » دەپ ئاتايدۇ .

  • ﺑﯘ 2001 ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﯨﻴﻪ ﺋﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺘﻮﺗﻰ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﯞﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﭘﻪﻥ-ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ 100 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﻰ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﯩﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ، ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﺎ ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻨﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﯘﭼﻰ ﺋﺎﻟﯩﻢ (1833-1896) ALFRED NOBEL ﺋﻪﻓﻪﻧﺪﻯ ﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻫﺎﻳﺎﺗﻰ ﯞﻩ ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺗﻪﺳﺴﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﻟﮕﻪﻥ . ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺋﯧﻨﮕﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ 231 ﺑﻪﺕ ، ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﯩﻜﻰ ﺑﻪﺯﻯ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﭖ ﻗﻮﻳﺪﯗﻡ !

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكوم تورداشلار دىدار غەنىمەت!!!

    شىنجاڭدا تور ئۈزۈلگەن 10 ئايدىن ئوشۇق ۋاقىتدىن بېرى ، خۇددى ئىنتايىن مۇھىم بىر نەرسەمدىن ئايرىلىپ قالغاندەك، ئاشىقلار يىراققا كەتكەن مەشۇقىنى تەققازالىق بىلەن كۈتكەندەك ھىسىياتتا بولۇپ تورنىڭ ت...

ئارخىۋىم

  • زىيارەتچىلەر :