• 2010-05-20

    يىللارغا جاۋاب (给岁月的答复) - [ئەدەبىيات - سەنئەت]

    يىللارغا جاۋاب

    给岁月的答复

    لۇتپۇللا مۇتەللىپ

    鲁特普剌·穆塔里甫

     

    ۋاقىت ئالدىراڭغۇ ساقلاپ تۇرمايدۇ،

    时间太匆忙,一点也不肯停留,

    يىللار شۇ ۋاقىتنىڭ ئەڭ چوڭ يورغىسى..

    岁月便是时间的最快脚步。

    ئاققان سۇلار، ئاتقان تاڭلار قايتىلانمايدۇ،

    湍急的流水,破晓的黎明依然清晰,

    يورغا يىللار ۋاقىتنىڭ ئەڭ چوڭ ئوغرىسى.

    疾驰的岁月却是窃取寿命的小偷。

    ئوغىرلاپ قاچىدۇ ئارقىغا باقماي،

    窃取后,头也不回地,

    بىر- بىرىنى قوغلىشىپ، يورغىلىشىپ،

    一个追着一个,匆忙逃走。

    ياشلىق بېغىدا بولبۇللار قانات قاقماي،

    在青春的花园里听不到黄莺拍姻,

    يوپۇرماقلار قويۇلىدۇ پۇرلىشىپ.

    树叶枯萎凋零,树枝变成秃头。

    ياشلىق ئادەمنىڭ زىلۋا بىر چېغى،

    青春是人们最美妙的季节,

    تولىمۇ قىسقا ئۇنىڭ ئۆمىرى بىراق.

    然而它又是何等短暂。

    يىرتىلسا كالىندارنىڭ بىر ۋارىقى،

    当你撕掉日历上的一页,

    ياشلىق گۈلىدىن تۈكۈلىدۇ، بىر يوپۇرماق.

    便会预感到青春的花朵凋蒋了一瓣。

    يىللار شامىلى يەلپۈنىدۇ، ئىزلار كۆمۈلىدۇ،

    岁月之风在瓢舞,落叶掩盖了大地,

    يوپۇرماقسىز ياغاچ بىچارە بولىدۇ قاخشال...

    落了叶的树显得格外可怜……

    يىللار سېخ، قورۇق كەلمەيدۇ، ئەكىلىپ بېرىدۇ،

    岁月那么慷慨地给姑娘们带来了皱纹,

    قىزلارغا قورۇق، ئەرلەرگە ساقال.

    给男子们带来了、满面的胡须。

    بىراق، يىللارنى تىللاش توغرا كەلمەيدۇ،

    但是,不能咒骂岁月,

    مەيلى، ئكتىۋەرسۇن ئۆزىنىڭ يولى...

    让它流过去吧,这是它必然的规律

    ئادەملەرمۇ ۋاقىتنى قولدىن بەرمەيدۇ،

    人们不会放松时间,

    چۆللەرنى بوستان قىلغان ئادەملەر قولى.

    把戈壁变为绿洲的还是人们的取手。

    يىللارنىڭ قوينى كەڭ، پۈرسىتى نۇرغۇن،

    岁月的胸襟辽阔,机会无穷,

    تاغدەك ئىشلار يىللار بىلەن ئۆرە تۇرىدۇ.

    山一般重大的事还是在岁月里耸立。

    قاراپ باق، ئاخشامقى بۇۋاق كېچىككىنە تۇرسۇن،

    你瞧,昨夜还那么幼小的婴儿,

    تۈنۈگۈن ئكمىلەپ، ھە... بۈگۈن مېڭىپ يۈرىدۇ.

    啊,今天他就会站起来走路了!

    كۆرەشچان بالىلار قوغلىشىپ يىللار،

    战斗的人们追随着战斗的岁月,

    كۈرەش نەۋرىلىرىنى چوقۇم تاپىدۇ.

    一定会留下他战斗的子孙;

    ئاخشام بەخت ئۈچۈن قۇربان بولغانلار،

    昨晚为幸福而牺牲的烈士墓上,

    قەبرىسىنى يادلاپ گۈللەر ياپىدۇ.

    明天一定会布满悼念他的花丛。

    مەيلى ساقالا قىلسا قىلسۇن يىللار،

    尽管岁月给我带来了胡须,

    مەنمۇ تاۋلىنىمەن يىللار قوينىدا،

    但我会在岁月的怀抱里锻炼自己。

    ئىجادىم شىئىرىمنىڭ ئىز تامغىسى بار،

    在我面前败走的每个岁月里,

    ئالدىمدىن قېچىپ ئۆتكەن ھەر يىل بوينىدا.

    早已铭刻了我的创作——不朽的诗篇。

    قېرىماسمەن كۈرەشنىڭ كەسكىن چېغىدا،

    在斗争最激烈的时候我不会衰老,

    شىئىرىم يۇلتۇز بولۇپ يانار ئالدىمدا.

    我的诗,象天空的繁星在我面前闪耀。

    ئۆلۈم پەستە قىلىش، كۈرەشنىڭ داۋانلىق تېغىدا، 

    我时时不能忘记,坚韧,果敢就是胜利,

    چىدام غەيرەتنىڭ يەڭگىنى ھەر دەم يادىمدا.

    在斗争重重的陡坡上,死亡对我是何等渺小。

    ئېسىلارمەن مىلتىق ئېتىپ تاۋلانغان قولغا،

    我要跟射手们牵起手来,

    يېپىشارمەن بايراق بىلەن ئالغا ئاتلانغان يولغا.

    在前进的道路上紧紧地跟随旗手。

    كغرەش باياۋانىدا ھارماسمەن ئەسلا،

    在战斗的疆场上始终不显出疲倦,

    يېڭىش بىلەن كېلىپ چېقىمىز كەڭ يولغا.

    我要走遍一切走向胜利的道路。

    يىللار مەيدەڭنى تۇتۇپ قاقاھلاپ كۈلەم،

    岁月,你到得意地擂胸狂笑,

    ئالدىڭىڭدا قىزىرىشتىن ئاتوق كۆرىمەن ئكلۈمنى.

    在你面前我宁肯断头,绝不受你凌辱。

    قېرىتىمەن دەپ ئارتوقچە كۈڭۈل بۈلمە،

    你别为了催我衰老而过分地枉费心机,

    ئاخىرقى جەڭگە ئاتاپ قويارمەن ئوغلۇمنى.

    我会把我的儿子许给最后的战斗。

    يىللار دېڭىزى دولقۇنلوق بولساڭمۇ،

    岁月之海,尽管你的浪涛那样汹涌起伏,

    ئوپقۇنلىرىڭنى يارىدۇ بىزنىڭ كاراپ.

    我们的舰队一定会突破你的浪头。

    يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن قورقۇتۇپ باقساڭمۇ،

    尽管你以飞快的速度想恫吓我们,

    ئىجات يىللارنى قىرىتىدۇ دەپ بېرىمىز جاۋاب!

    但是创造必定会使你衰老——这就是我们对你的答复!

    分享到:

ئۇيغۇرچىدىن لاتىن يېزىقىغا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن Ctrl+kنى بېسىڭ