• 2010-05-31

    ھەرقايسى دۈلەتلەرنىڭ بالىلار بايرىمى كۈنىنى بىلەمسىز؟ - [تەرمىلەر]

    1 - ئىيۇن بالىلار بايرىمى كېلىپ قالدى، بالىڭىزنى قانداق ئوينىتاي دەۋاتىسىز؟
    ھەرقايسى دۈلەتلەرنىڭ بالىلار بايرىمىنىڭ قايسى كۈنى بولىدىغانلىقىنى بىلىپ كەتمەيسىز ھەقىچان ، تور ئارىلاۋىتىپ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرنى كۆرۈپ قالدىم ، شۇڭا ئۇدۇللا تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويدۇم.
    1- ئىيۇن خەلقئارا بالىلار بايرىمىنى ھەر قايسى دۈلەتلەر ئورتاق ئۆتكۈزگەندىن باشقا يەنە ھەر يىلى ئاپرىلنىڭ 4 - يەكشەنبە كۈنى بولغان «دۇنيا بالىلار كۈنى»نىمۇ ھەرقايسى دۈلەتلەر ئورتاق ئۆتكۈزىدۇ.
    بۇ ئورتاق ئۆتكۈزىلدىغان بالىلار بايرىمىدىن سىرت ھەر قايسى دۈلەتلەرنىڭ يەنە ئۆز ئالدىغا ئايرىم ئۆتكۈزىدىغان بالىلار بايرىمى كۈنلىرىمۇ بار ، بۇلار تۈۋەندىكىچە :
    1- ياپۇنىيە بىر يىلدا 3 قىتىم بالىلار بايرىمى ئۆتكۈزىدۇ،يەنى 3-ئاينىڭ 3 - كۈنى قىزبالىلار بايرىمى، 5-ئاينىڭ 5 -كۈنى ئوغۇلبالىلار بايرىمى ، 357 بايرىمى (يەنى 3 ياش، 5 ياش ، 7 ياشلىق بالىلارغا بىغىشلانغان) .
    2- كولۇممبىيە : 7 -ئاينىڭ 4 - كۈنى.
    3 - برازىلىيە: 8-ئاينىڭ 15 -كۈنى.
    4- كورىيە : 5 -ئاينىڭ 5 -كۈنى.
    5 - شىۋتسىيە : 8 - ئاينىڭ 7 -كۈنى.
    6 - رۇسىيە : خەلقئارا بالىلار بايرىمى مۇشۇ دۈلەتتە مەيدانغا كەلگەن.
    7- ھىندىستان : 11- ئاينىڭ 14 -كۈنى.
    8 - ئىسلام دۈلەتلىرى : رامزاننىڭ 14 -كۈنى.
    9 - سىنگاپور : 10 -ئاينىڭ 1 -كۈنى .
    10 - ئەنگىلىيە : 7 -ئاينىڭ 14 -كۈنى .
    11 - ھىندونىزىيە : 7 -ئاينىڭ 23 - كۈنى .
    12 - كوبا : 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى .
    13 - تۈركىيە : 4 - ئاينىڭ 23 - كۈنى.
    تايلانت : 1 -ئاينىڭ 2 - شەنبە كۈنى .

    分享到:

ئۇيغۇرچىدىن لاتىن يېزىقىغا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن Ctrl+kنى بېسىڭ