-
2010-05-31
ھەرقايسى دۈلەتلەرنىڭ بالىلار بايرىمى كۈنىنى بىلەمسىز؟ - [تەرمىلەر]
1 - ئىيۇن بالىلار بايرىمى كېلىپ قالدى، بالىڭىزنى قانداق ئوينىتاي دەۋاتىسىز؟
ھەرقايسى دۈلەتلەرنىڭ بالىلار بايرىمىنىڭ قايسى كۈنى بولىدىغانلىقىنى بىلىپ كەتمەيسىز ھەقىچان ، تور ئارىلاۋىتىپ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرنى كۆرۈپ قالدىم ، شۇڭا ئۇدۇللا تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويدۇم.
1- ئىيۇن خەلقئارا بالىلار بايرىمىنى ھەر قايسى دۈلەتلەر ئورتاق ئۆتكۈزگەندىن باشقا يەنە ھەر يىلى ئاپرىلنىڭ 4 - يەكشەنبە كۈنى بولغان «دۇنيا بالىلار كۈنى»نىمۇ ھەرقايسى دۈلەتلەر ئورتاق ئۆتكۈزىدۇ.
بۇ ئورتاق ئۆتكۈزىلدىغان بالىلار بايرىمىدىن سىرت ھەر قايسى دۈلەتلەرنىڭ يەنە ئۆز ئالدىغا ئايرىم ئۆتكۈزىدىغان بالىلار بايرىمى كۈنلىرىمۇ بار ، بۇلار تۈۋەندىكىچە : -
2009-04-22
نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن «تېرورىست»لار - [تەرمىلەر]
خەلقئارادا «تېرورىست»دەپ ئىلان قىلىنىپ،كېيىن دولەت رەئىسى بولغان،ھەتتا نوبىل تىنىچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرى
1. ياسېر ئەرافات
تۇلۇق ئىسمى-مۇھەممەت ئابدۇراخمان ئابدۇرائۇف ئەل قۇدۋا ئەل ھۇسەيىن ئارافات. مۇھەممەت ئابدۇراخمان ئوزىنىڭ،ئابدۇرائۇف دادىسىنىڭ،ئارافات چوڭ دادىسىنىڭ ئىسمىدۇر. ئارافات 1929-يىلى8-ئاينىڭ 24-كۇنى مىسىرنىڭ قاھىرە شەھرىدە پەلەستىنلىك بىر كوچمەن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلدى(بەزىلەر ئۇنى قۇددۇستا تۇغۇلدى دەپمۇ يېزىشىدۇ).ئۇنىۋىرسىتىتتا ئوقۇۋاتقان يىللىرىدا(قاھىرە ئۇنىۋىرسىتىتى)1948-يىلى ئەرەپ-ئىسرائىل ئۇرۇشىغا،1949-يىلى گاززە ئۇرۇشىغا قاتناشتى. 1952-1956-يىللىرى ئارسىدا ئۇقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى رەئىسى بولدى.«ياسەر» ئىسمىنى بۇ يىللاردا ئىشلەتتى.ئۇ،پارتىزانلىق ئۇرۇشىغا قاتناشقاندىن باشلاپ«ئابۇ ئاممار»تەخەللۇسىنى قوللاندى.ياسېر ئارافات 1957-يىلى قۇرۇلۇش ئىنجىرى سۇپىتى بىلەن كۇۋەيىتكە كەلدى.كۇۋەيىتتە 1958-يىلى «ئەل پەتىھ»(پەلەستىن ئازاتلىق تەشكىلاتى) نى قۇردى.ھىچبىر ئەرەپ دۆلىتىڭ قوللىشىغا ئىرىشەلمىدى. ئارافات، پەلەستىن خەلقىگە دۇنيانىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىش ئۇچۇن قۇراللىق كۇرەش قىلىشقا باشلىدى ۋە 1964-يىلى ئىئوردانىيەگە كوچۇپ كەلدى.