• ﺑﯘ 2001 ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﯨﻴﻪ ﺋﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺘﻮﺗﻰ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﯞﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﭘﻪﻥ-ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ 100 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﻰ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﯩﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ، ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﺎ ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻨﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﯘﭼﻰ ﺋﺎﻟﯩﻢ (1833-1896) ALFRED NOBEL ﺋﻪﻓﻪﻧﺪﻯ ﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻫﺎﻳﺎﺗﻰ ﯞﻩ ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺗﻪﺳﺴﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﻟﮕﻪﻥ . ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺋﯧﻨﮕﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ 231 ﺑﻪﺕ ، ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﯩﻜﻰ ﺑﻪﺯﻯ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﭖ ﻗﻮﻳﺪﯗﻡ !

  •   خەلقئارادا «تېرورىست»دەپ ئىلان قىلىنىپ،كېيىن دولەت رەئىسى بولغان،ھەتتا نوبىل تىنىچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرى

    1. ياسېر ئەرافات

    تۇلۇق ئىسمى-مۇھەممەت ئابدۇراخمان ئابدۇرائۇف ئەل قۇدۋا ئەل ھۇسەيىن ئارافات. مۇھەممەت ئابدۇراخمان ئوزىنىڭ،ئابدۇرائۇف دادىسىنىڭ،ئارافات چوڭ دادىسىنىڭ ئىسمىدۇر. ئارافات 1929-يىلى8-ئاينىڭ 24-كۇنى مىسىرنىڭ قاھىرە شەھرىدە پەلەستىنلىك بىر كوچمەن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلدى(بەزىلەر ئۇنى قۇددۇستا تۇغۇلدى دەپمۇ يېزىشىدۇ).ئۇنىۋىرسىتىتتا ئوقۇۋاتقان يىللىرىدا(قاھىرە ئۇنىۋىرسىتىتى)1948-يىلى ئەرەپ-ئىسرائىل ئۇرۇشىغا،1949-يىلى گاززە ئۇرۇشىغا قاتناشتى. 1952-1956-يىللىرى ئارسىدا ئۇقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى رەئىسى بولدى.«ياسەر» ئىسمىنى بۇ يىللاردا ئىشلەتتى.ئۇ،پارتىزانلىق ئۇرۇشىغا قاتناشقاندىن باشلاپ«ئابۇ ئاممار»تەخەللۇسىنى قوللاندى.ياسېر ئارافات 1957-يىلى قۇرۇلۇش ئىنجىرى سۇپىتى بىلەن كۇۋەيىتكە كەلدى.كۇۋەيىتتە 1958-يىلى «ئەل پەتىھ»(پەلەستىن ئازاتلىق تەشكىلاتى) نى قۇردى.ھىچبىر ئەرەپ دۆلىتىڭ قوللىشىغا ئىرىشەلمىدى. ئارافات، پەلەستىن خەلقىگە دۇنيانىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىش ئۇچۇن قۇراللىق كۇرەش قىلىشقا باشلىدى ۋە 1964-يىلى ئىئوردانىيەگە كوچۇپ كەلدى.

ئارخىۋىم

  • زىيارەتچىلەر :